نۇسرەت غەنى

ئورنى Wikipedia
نۇسرەت غەنى

Nus Ghani

شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1972-يىلى كەشمىر
مىللىتى
ئېتىقاد
ھازىر تۇرۇۋاتقان ئورنى ئەنگىلىيە
كەسپى سىياسەتچى

نۇسرەت غەنى (لاتىنچە: Nus Ghani) خانىم،ئەنگىلىيە 1972- يىلى پاكىستان ئىشغالىيىتىدىكى كەشمىردە تۇغۇلغان بولۇپ كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ئەنگىلىيە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ۋە بېرمىنگام شەھرىدە ئۆسۈپ، ئوقۇپ چوڭ بولغان. ئىككى ئۇنۋېرستىتنى پۈتتۈرگەن. 2010- يىلدىن ئېتىبارەن سىياسى ھاياتىنى باشلاپ،2015-يىلى ئەنگىليە پالامېنتىغا كىرگەن.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپلا پارتىيەسىگە مەنسۇپ بولغان پارلامېنت ئەزاسى. ئۇ ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بېرى، ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىپلەپ كەلگەنلىگى سەۋەپلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا نۇسرات گانى خانىمغا، باشقا 8 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋە تەتقىقات خادىملىرى ۋە قانۇنچىلار بىلەن بىرلىكتە جازا بەرگەن ئىدى. ئەمما، خىتاينىڭ بۇ جازاسى ئۇنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن چېكىندۈرەلمىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ قېتىم ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا "ئىرقى قىرغىنچىلىق" قارارىنىڭ ئېلىنىشىدا نۇسرات گانى خانىمنىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن زور بولدى.

ئۇيغۇرلارنى قوللىشى[تەھرىرلەش]

نۇسرات گانى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش، خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىغىنى دادىللىق بىلەن پاش قىلىش ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھەققانىيەت جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۈيۈملۈك دوستى ۋە قەھرىمانىغا ئايلاندى! ئۇنىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئۇيغۇر ئەتلىسىنى سارى قىلىپ سېلىپ نۇتۇق سۆزلىگەندىكى ئاشۇ گۈزەل سىماسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىگە نەقىش بولۇپ ئويۇلدى!

نۇسرات غانى خانىم ھازىرغىچە بىزنى كۈچلۈك قوللاپ كەلگەن باشقا غەرپلىك سىياسەتچىلەردىن مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. بىرى كۆچمەن، يەنە بىرى مۇسۇلمان ئايال.

مەن تۈنۈگۈندىن بېرى، ئەگەر نۇسرات گانى پاكىستاندا ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە مۇشۇ كۈندە پاكىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان بولسا ھازىرقىدەك بىزنى قوللىيالىشى مۈمكىن بولارمىدى؟ دىگەننى ئويلۇدۇم. مەنچە ناتايىن.

نۇسرات گانىنى، ھەققانىيەت ئۈچۈن، ئىنسانلىق ئۈچۈن، بىزدەك زۇلۇم چەككەنلەر ئۈچۈن تىك تۇرالايدىغان روھ ۋە جاسارەتكە ئىگە قىلغان ئامىل،ئۇنىڭ ئادالەتسۈيەر پەزىلىتىدىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ دەل ئنگىلىيەدە يىلتىز تارتقان غەرپچە ئىنسانپەرۋەرلىك،دېمگۇراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى قىممەت قارىشىدۇر! بۇ بىز ئۈچۈن پولاتتەك پاكىتقا ئايلاندى. بۇنى كۆرمەسلىك، چۈشەنمەسلىك ياكى چۈشۈنۈشكە تىرىشماسلىق بىخۇتلۇق، نادانلىقتۇر!

 يەنە شۇنداقمۇ ئويلاپ باقايلى، ئەگەر نۇسرات گانى خانىم، سەئۇدى ئەرەبىستاندا،ياكى "ئاياللارنىڭ ئورنى قازان بېشىدا،ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ۋەزىپىسى  بالا تۇغۇش، ئېرىنى كۈتۈش ..."دەپ  قارايدىغان تالىبان ياكى دائىش دۆلىتىدە (ئەگەر مەۋجۇت بولغان تەقدىردە) ياشاپ قالغان بولسا، سىياسەتچى بولالىشى، ئەرلەر بىلەن باراۋەر دۆلەت ئىشلىرىغا ئارلىشالىشى،ئادالەت ئۈچۈن، ئىزىلگەنلەر ئۈچۈن سەھنىلەردە سۆزلىيەلىشى مۈمكىنمىتى؟! ئەسلا مۈمكىن ئەمەستى! بۇنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ!!

شۇڭا ئاخىردا مىللەتداشلىرىمغا دەيدىغىنىم، ئۇيغۇر مىللىتى بىر تەرەپتىن،تولىمۇ خەتەرلىك بىر كىرزىس ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز،يەنە بىر تەرەپتىن، ھۆرلۈككە ئېرىشىشنىڭ تارىخى ۋە بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتلىرىنىمۇ كۆرگەندەك بولۇۋاتىمىز. شۇڭا ھەر ئىشتا ھۇششار بولۇشىمىز، ئەقىللىق بولۇشىمىز، كىم بىلەن بىللە تۇرۇش،كىملەردىن يىراق تۇرۇشنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللى ئۇسۇل ئەمىليەتكە قاراش، يۈز بېرىۋاتقان رىئاللىققا يۈزلىنىش، خام خىيالغا، ئەمەلگە ئاشمايدىغان غايىلەرگە بېرىلمەسلىكىمىز لازىم. بىزنىڭ يەنە خاتالىشىدىغانغا پۇرسىتىمىز قالمىدى، ئەمدى يەنە خاتالاشساق بىزنى كۈتۈۋاتقىنى ئۈزۈل- كېسىل گۇمران بولۇش!

  • 2021- يىل، 23- ئاپرىل
  • سەمەت ئابلا، نورۋېگىيە

ھاياتى[تەھرىرلەش]

باشقىلار[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى