نېمىس تىلى

ئورنى Wikipedia
نېمىسچە Deutsch
مارتىن لۇتىر تەرىپىدىن نېمىسچەگە تەرجىمە ئىنجىلنىڭ كەڭ تارقىلىشى ھازىرقى زامان نېمىسچىسىنىڭ شەكىللىنىشگە ياردەمدە بولغان.
تارقىلىشى ياۋروپا
تېگى

نۇڧۇسى

نېمىسلار

95 مىلىيون (2010)

تىل ئائىلىسى
دەۋىرلەر
  • قەدىمكى ئىنگىلىزچە
  • ئوتتۇرا ئىگىلىزچە
  • دەستلەپكى زامانىۋىي ئىنگلىزچە
  • ئىنگىلىزچە
يېزىغى لاتىن ئەلىڧبەسى (نېمىس ئەلىڧبەسى)
رەسمىي تىل ياۋروپا ئىتتىپاقى (رەسمىي تىل)

________________

گېرمانىيە

ئاۋستىرىيە

شۋېتسىيە

لىختېنشتېين

ليۇكسېمبۇرگ

بېلگىيە

ئىتالىيە (جەنۇبىي ترولىندە)

نېمىسچىنىڭ دۇنيادىكى تارقىلىشى
نېمىسچىنىڭ ياۋروپادىكى تارقىلىشى

نېمىس تىلى ياكى نېمىسچە (Deutsch; قەدىمكىسى Nemçeceھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمسى گېرمان تىل ئائىلىسىگە تەۋە ۋە خەلقئارالىق چوڭ تىلدۇر. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي تىللىرىدىن بىرى ۋە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تىلى. بولۇپمۇ، گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە، لىختېنشتېين، ليۇكسېمبۇرگ، شۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ زور كۆپچىلىكى، ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىي تىرول رايونى، بېلگىيەنىڭ شەرقىي كانتونلىرى، پولشا ۋە رۇمىنىيەنىڭ بەئزى رايونلىرى ۋە ڧرانسىيەنىڭ ئالساس-لورېن رايونىدا قوللىنىلماقتا. شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەردىن بەئزىلىرىگە خاس كونا مۇستەملىكىلەردە (م: نامىبىيە، جەنۇبىي ئافرىقا دېگەندە) دىققەتكە سازاۋەر مىقداردا نېمىسچە سۆزلەشكۈچى نۇپۇس باردۇر. تۈرلۈك شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىدە نېمىسچە سۆزلەشكۈچى ئاز سانلىقلار ھەم باردۇر. بۇلاردىن روسىيە، ۋېنگرىيە ۋە سلوۋېنىيە قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. شۇنداقلا شىمالىي ئامېرىكانىڭ (بولۇپمۇ ئا ق ش)، لاتىن ئامېرىكانىڭ ئارگېنتىنا ۋە برازىلىيەنىڭ بەئزى رايونلىرىدا نېمىسچە سۆزلىشىلىدۇ. نېمىسچىدە ڧرانسۇزچىدىن ئۆتكەن كەلىمىلەر ھەم باردۇر.

38 دۆلەتتە تەخمىنەن 120 مىلىيون كىشى تەرىپىدىن سۆزلىشىلىدىغان نېمىسچە، بولۇپمۇ گېرمانىيە، ئاۋستىرىيە ۋە شۋېتسىيەدە ئىشلىتىلىدۇ. تۈركىيەدە 25 مىڭ ئەتراپىدا نېمىس ياشايدۇ. بۈ گۇرۇپ كونا تەبىر بىلەن "Bosporus-Deutsche" ("بوغازئىچى نېمىسلىرى") ۋە ئاق دېڭىز رايونىدا ياشىغۇچى نېمىسلاردىن تەشكىل تاپماقتا.

نېمىس ئەلىڧبەسى ۋە تەلەڧڧۇزى[تەھرىرلەش]

ھەرڧ خ.ت بويىچە تاۋۇش ئۇيغۇرچە تاۋۇش خ.ت بويىچە تەلەڧڧۇز ئۇيغۇرچە تەلەڧڧۇز
Aa a/ɑ ئا ɑˑ ئاا
Bb b ب beˑ بېغ
Cc ʦ تس ʦeˑ تسېغ
Dd d د deˑ دېغ
Ee ɛ/e ئې ئېغ
Ff f ڧ ɛf ئېڧ
Gg ɡ گ ɡeˑ گېغ
Hh h ھ ھا
Ii ɪ/i ئى ئىى
Jj j ي jɔt يوت
Kk k ك kɑˑ كا
Ll l ل ɛl ئېل
Mm m م ɛm ئېم
Nn n ن ɛn ئېن
Oo ɔ/o ئو\ئوو ئوو
Pp p پ peˑ پېغ
Qq k ق kuˑ كۇ
Rr ʀ غ ɛʀ̥ ئېر
Ss s/z س\ز ɛs ئېس
Tt t ت teˑ تېغ
Uu ʊ/u ۇ\ئۇۇ ئۇ
Vv f ا faɔ̹ ڧاۇ
Ww v ۋ veˑ ۋېغ
Xx ks كس ɪks ئىكس
Yy y ئۈ ˈyp.sɪ.ˌlɔn ئۈپسىلون
Zz ʦ تس ʦɛt تېست
Ää ɛ ې
Öö ø ئۆ
Üü y ئۈ
ß ss سس ɛs ʦɛt ئېس تېست

جۈپ ۋە ئالاھىيدە تاۋۇشلار[تەھرىرلەش]

ھەرڧ بىرلىكى سۆز ئىچىدە خ.ت بويىچە تەلەڧڧۇز ئۇيغۇرچە تەلەڧڧۇز ئىزاھاتلار
au ھەر دائىم aɔ̹ ئاۋ  
äu g.oy eu     ئوي  
b ئاخىرىدا p پ  
ch ئاخىرىدا x ھ ئەن كەلىمىلىرى بىلەن (مەسلەن: machen, Kuchen)
ch ئاخىرىدا ç خ كىچىكلىتىشلەر بىلەن (مەسلەن: Mädchen, Kuhchen) ۋە بەئزى رەۋىشلەر بىلەن (مەسلەن: ich, mich) قوللىنىلىدۇ
d ئاخىرىدا t ت  
dsch ھەر دائىم ʤ تس ئاز كۆرۈلىدۇ
en ئاخىرىدا ə̆n ئىن پىئېلنىڭ ئاخىرىقى قوشۇمچىسىغا ئوخشاش
er باشتا ɛɐ ئېغا  
er ئاخىرىدا ɐ ئېغ  
eu ھەر دائىم ɔʏ ئوي  
g ئاخىرىدا k ك  
h سوزۇق تاۋۇستىن كېيىن ◌ˑ غ *يەنى، تېخىمۇ ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇش
ie ھەر دائىم ئى  
ng ئاخىرىدا ŋ ڭ  
r سوزۇق تاۋۇستىن كېيىن ɜ/ˑ غ  
sch ھەر دائىم ʃ ش  
s باشتا ياكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئارىسىدا z ز  
s باشقا يەرگە s س  
ss ھەر دائىم s س خۇددى ­ß غا ئوخشاش
t ئاخىرىدا tʰ/t͈ th* *يەنى، t'نى يا ئاڭلانغۇدەك نەپەس بىلەن ياكى تېخىمۇ كۈچلۈكرەك
tsch ھەر دائىم ʧ چ  

قاراڭ[تەھرىرلەش]