نېمە ئۈچۈن «مەۋجۇتلۇق قورغىنىمىز تەھلىكىدە» دەيمىز؟
نېمە ئۈچۈن «مەۋجۇتلۇق قورغىنىمىز تەھلىكىدە» دەيمىز؟
(كىرىش سۆز ئورنىدا)
تەپەككۇردىكى تۇرغۇنلۇق مەغلۇبىيەتنىڭ كۆرۈنۈپ كەلمەس ئاياغ تىۋىشلىرىدۇر. ئويغاقلىق غەلىبە يولىدىكى مۇھاپىزەتچىلىكدۇركى، ئۇنىڭ ئىشى نوقۇل سەگەك تۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزگىنىمۇ سەگىتىپ تۇرۇش، سىلكىتىش، غاپىللىقنى ئويغاقلىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ يولىنى قىلىش ۋە مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم بولماسلىقنىڭ چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشتۇر. تارىخىي تەجرىبىلەر ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت پات - پات ئورۇن ئالماشتۇرۇپ، تەرەپلەر ئارا دەۋرى قىلىپ تۇرىدۇ. ئەبەدىي غالىبلىق ھېچبىر ۋاقىت ئىنسان ئەۋلادىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلمىغان بولۇپ، غالىبىيەتچىنىڭ كۈنلەر ئۆتۈپ غەلىبە تىزگىنىنى تارتقۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن بولغاندەك، مەغلۇبىيەتچىنىڭمۇ قەددىنى قايتا رۇسلىشى، يېقىلغان يېرىدىن قايتا دەس تۇرۇشى ۋە تىزگىننى ئۆز ئىلىكىگە قايتۇرۇپ ئېلىشى تامامەن مۇمكىن. قاچانكى غالىبىيەت مەغلۇبىيەتكە، مەغلۇبلۇق غالىبلىققا ئۆزگىرىدىكەن، چوقۇمكى بۇنىڭ ئارقىسىدا قانۇنىيەت، تەدبىر ۋە مۇئەييەن سەۋەب - نەتىجە ياتقان بولىدۇ. يەر يۈزىدە تەڭرىنىڭ ئۆزگەرمەس ۋە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان قانۇنىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى جاكارلىغان بىر دىننىڭ ۋە ئۇنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ مەنسۇپلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەغلۇبىيەتلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىنىمۇ ئۇشبۇ يەر يۈزىدە يول قويۇلغان قانۇنىيەتلەردىن، ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. دەرۋەقە بۇ يەردە غەلىبىگە ئېرىشتۈرگۈچى قانۇنىيەتلەر، مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللار مەۋجۇت. غەلىبە قانۇنىيەتلىرى ۋە مەغلۇبىيەت ئامىللىرى مەۋجۇت ئىكەن، غەلىبىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەغلۇبىيەتلەر ئۈستىدە ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش، ئويلىنىش، كەچمىش بىلەن سەمىمىي شەكىلدە يۈزلىشىش، ھېساب - كىتاب قىلىش ۋە غەلىبىگە تۇتاشقان يولغا توسۇق بولغۇچى ئىدىيەۋى ۋە ئەمەلىي مۈشكۈلاتلارغا تاقابىل تۇرۇش، زېھىن ۋە ھەرىكەتلەردىكى قايمۇقتۇرغۇچى پۇتلىكاشاڭلارنى بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر. چۈنكى، مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىچكى يوچۇقلار ئېتىلمەي تۇرۇپ غەلىبىگە ھۆددە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. تارىخىي ساۋاقلاردىن مەلۇمكى، ھەقىقەت تۈگەل ئۆزىنىڭ ھەقىقەت بولۇش ئەۋزەللىكى بىلەن غەلىبە ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلىگەن ئەمەس. چوقۇمكى ئۇنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدىغان كۈچنىڭ شەكىللىنىشى، ئۇنى ھىمايە قىلغۇچى ئاۋانگارتلارنىڭ، ھەرقاچان ئۇنىڭ يولىدا كۈرەش قىلىدىغان پىداكارلارنىڭ بولۇشى شەرت. خۇددى شۇنىڭدەك ھەقىقەت ئەھلىگىمۇ ئۇنىڭ تۈگەل ھەقىقەت تەرەپدارى بولغانلىقى ئۈچۈنلا غەلىبە ئىگىسى بولىدىغانلىقى پۈتۈلگەن ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭمۇ غەلىبە ئۈچۈن قانۇنىيەتلەر بويىچە ئىش كۆرۈشى، غەلىبىگە ئىگە قىلغۇچى ئامىللارنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەردىن تەلتۆكۈس ئېرىغدىلىشى لازىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ ھەقىقەت تەرەپدارى بولغانلىقىغىلا تايىنىپ قالماستىن غەلىبە قانۇنىيەتلىرى بويىچە يول تۇتمىقى زۆرۈر.
شۇ نەرسە ئايانكى، غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قانداقتۇر بويسۇنۇش ۋە بويسۇندۇرۇش شەكلىدىلا داۋاملىشىپ ماڭمايدۇ. بەلكى ئۇ غالىبتىمۇ، مەغلۇبىيەتچىدىمۇ مۇئەييەن بۇرۇلۇشلارغا يول ئاچىدۇ. بولۇپمۇ يېڭىلگۈچى توپتا مەغلۇبىيەتنىڭ پىسخىكىلىق ئاسارەت ۋە روھىي ئىزنالىرى مۇئەييەن تەرزدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. خاراكتېرسىزلىشىش، ئۆزلۈك ئېڭى سۇسلاش، ئۆز خاسلىقلىرىدىن ۋاز كېچىش، ئەسلىدىن ياتلىشىش، تارىخىغا شۇم نەزەردە قاراش، كېلەچىكى ئۈستىدە ئويلىنىشقا جۈرئەتسىز بولۇش، غالىب كۈچكە بېقىنىش ۋە ئۇنىڭچە بولۇشقا ئىنتىلىش ئارقىلىق مەغلۇبىيەت دېغىنى يۇماقچى بولۇش، چارىسىزلىكىنى ئەسلىدىن ۋاز كېچىشنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىش، شۇنداقلا ھەر دائىم باشقىنىڭ تەقلىدچىسى، ياتنىڭ ھەۋەسكارى بولۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ھال - ۋەزىيىتىنى ئۇلاردەك بولۇش بىلەن ياخشىلىماقچى بولۇش قاتارلىق روھىي تەييارتاپلىقلار، ئەخلاقىي ۋە مەنىۋى چۈشكۈنلۈكلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى بۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرىدىندۇر. بۇ نۇقتىلار مەشھۇر ئىسلام مۇتەپەككۇرى ۋە تارىخ پەيلاسوپى ئەللامە ئىبنى خەلدۇننىڭ: «مەغلۇپ توپتا غالىب توپقا دائىر ھەر تۈرلۈك تەقلىد قىلىش ھېرىسمەنلىكى باش كۆتۈرىدىغانلىقى» ھەققىدىكى مۇئەييەنلەشتۈرمىلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر نۇقتىئىنەزەرنى يەنە ھازىرقى زاماندىكى مەشھۇر مەدەنىيەتشۇناس ۋە تارىخ پەيلاسوپلىرىدىن ئارنولد تويىنبىمۇ قۇۋۋەتلىگەن. تويىنبى مەدەنىيەتلەرنىڭ مۇنقەرز بولۇشى ۋە تېز سۈرئەتتە ئاسسىمىلياتسىيەلىشىشىنىڭ نېگىز قىسمىدا تاشقى كۈچنىڭ زورىدىنمۇ بەكرەك ئىچكى يىمىرىلىش، روھىي تەسلىمچىلىك ياتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ «مەدەنىيەتلەر ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئەمەس، بەلكى ئۆلۈۋېلىش (ئىچكى يىمىرىلىش) تىن مۇنقەرز بولىدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزىمۇ مەزكۇر نۇقتىلارنى تەكىتلەيدۇ.
دەرۋەقە، مۇستەملىكە ئاسارىتىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇ خىل تەسلىمچىلىك ۋە چېكىنىش ھادىسىلىرى مۇستەملىكىچى كۈچنىڭ سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئىستېلا قىلىنغان زېمىننىڭ خەلقلىرىنى ئىستىگىنىچە ئىدارە قىلىش ۋە ئۇلارنى ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا، ھەمدە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ بېرىشكە ھېرىسمەنلەردىن قىلىپ شەكىللەندۈرۈپ چىقىشتا ھۇجۇم نىشانى ۋە ئەڭ دەسلەپ قول سېلىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن. بۇ خىل يىمىرىلىش ۋە يېڭىۋاشتىن شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنىشى گويا ئىچكى ۋە تاشقى ماسلىشىشنىڭ ئاپىرىدىسى بولۇپ، شالغۇتلۇق ۋە ماڭقۇرتلۇق ۋەزىيەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى بۇ خىل ماسلىشىشنىڭ تەبىئىي جەريانى، قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن نەتىجىسى بولغانىدى. بۇنداق ئوپېراتسىيەلەرگە دۇچ كەلگەن خەلق مەشھۇر مۇتەپەككۇر مالىك بىن نەبىينىڭ تەبىرى بويىچە مۇستەملىكىچى مىللەتنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىلىرىغا، «ئۆز سۈرىتىنى مۇستەملىكىچى غالىب كۈچنىڭ سىزىپ بەرگەن تەسۋىرىدىن تونۇيدىغان» ئاڭقاۋ خەلققە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
ھەر مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەپكۇرىسى، تەپەككۇر شەكلى، ئەقلىيىتى، ئەنئەنىسى ۋە ياشام تەرزى بولىدۇ. ھەقىقەت شۇكى، ۋەتەننىڭ ئىشغالىدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر تاجاۋۇزچى كۈچنىڭ ئىزچىل سۈمۈرۈشى ئاستىدا بولۇشتەك ۋەزىيىتى بىزنى ئەۋلادمۇئەۋلاد چېكىندۈرسە چېكىندۈرىدۇكى، ئالغا باستۇرمىدى. ئۇلارنىڭ زەھەرلىك قولى تەگمىگەن تىلىمىز، كۈلتۈرىمىز، دىنىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىز قالمىدى. مىللەتكە ئائىت مەھرەمىيەت سانىلىدىغان جىمىكى نەرسىمىز دەپسەندە قىلىنىپ كەلدى. ئۆزىمىزگە خاس دۇنيا تەسەۋۋۇرىمىز پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ پەرقلىق زېھنىيەت، پەرقلىق مەپكۇرىلىك جەمئىيەت قاتلاملىرى شەكىللەندى، ئەجدادنىڭ ئىلمىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرىغا قارا يۈزلۈك قىلىشنى زامانىۋىلىق بىلىدىغان شالغۇتلار ۋە كېسەل مەپكۇرىلىك ماڭقۇرتلار بارلىققا كەلدى. نەتىجىدە مۇستەملىكچىلەر ئاسارەتلىك دەۋرنىڭ ئارىلاشمىلىرىدىن پۈتكەن شالغۇت كىملىك يارىتىش، شۇنداقلا تۇغۇلغان تارىخىمىزدىن ئىلگىرىكى ئۆتمۈشىمىزنى خالىغانچە تەھرىرلەش، كېسىپ ئۇلاش، ئەسلىسىنى ئۆچۈرۈپ قايتىدىن ئويدۇرما تارىخ ياساپ چىقىش ئارقىلىق بىزنى ئەسلىمىزدىن يىراقلاشتۇردى. ئۆزلۈكىمىزگە ياتلاشتۇردى. ھەقىقىي مىللىي تارىخى بىلەن ئالاقىسى يوقتەك ياشايدىغان، قانداق تۈزۈم ياكى رېجىم پىچىلسا، شۇنىڭغا بويسۇنۇپ ياشاشتىن باشقا تاللىشى يوقلىقىغا چىن پۈتىدىغان «پادىلاشتۇرۇلغان جەمئىيەت» قىلىپ شەكىللەندۈرۈپ چىقىشتى. تەپەككۇر شەكلىمىز ئۆزگەردى، ئۆزىمىزگە خاس ئەقلىيەتتىن ئەسەر قالمىدى. ھايات مىزانىمىزنىڭ بۇزۇلۇشى، دۇنيا قارىشىمىزنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ كىشىلىك خاراكتېرىمىزمۇ پۈچەكلىككە، سەركەشلىككە مايىللاشتى. مىللىي كەچمىشىمىزگە دائىر ھەقىقىي خاتىرىمىزنىڭ يۇيۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئەس - خاتىرىمىز سۈنئىي كەچمىش ۋە ياسالما خاتىرىلەر قاينىمىغا غەرق بولۇشتىن قاچالمىدى. چىنلىقى بولمىغان سۈنئىي كەچمىشنىڭ خاتىرىمىزنى غەلدىغەشلەشتۈرۈۋېتىشى ۋە بۇنىڭدىن تۆرەلگەن زىددىيەتلىكلەردىن ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى ۋەسلىنى تونالماس، تونۇغانلار بىلەن چىقىشالماس ھالغا كەلدۇق. ھەتتا باشقىلارنىڭ ياساپ تاڭغان تارىخىدىن باشقا ھەممىدىن گۇمانسىرايدىغان تەلۋە زېھنىيەتلەرمۇ كۆپىيىپ باردى. ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئەسلى ئىسمىدىنمۇ ياتسىرايدىغان، ئۇنى تەلەپپۇز قىلىشنىمۇ خالىمايدىغان، ھەتتا ئۇنى ئۇنتۇپ مېڭىۋاتقان بىنورمال خەلق توپىنىڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغانلىق خەتىرى بىزنى بارسا كەلمەس تۇيۇق يولغا ھەيدەپ كەلدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى تىراگېدىيەلەردە ئوتتۇرىغا چىققان تۈرلۈك ئىدىيەۋى ئاينىشلارغا، ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى ئۈنۈمسىزلەشتۈرگۈچى كىرىزىسلارغا كەڭ كۆلەمدە يول ئېچىپ، زېمىن ھازىرلاپ بەردى. نەتىجىدە قۇرئان تەبىرىدە ئېيتىلغىنىدەك، بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش ۋاقتىدا بۆلۈنۈپ ئۆز ئارىلىرىدا بوغۇشۇشتەك پاسسىپ ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ رېئال ئىپادىسى بولغان «ھەر توپ ئۆزىدە بارىنى تەنتەنە قىلىش بىلەن ئاۋارە بولۇش» تىن ئىبارەت قاششاقلىق ۋە غەپلەت ئالامەتلىرى گويا ئويغانغانلىقنىڭ، جانلانغانلىقنىڭ، ئەمەلىي ئىش قىلىۋاتقانلىقنىڭ ئىپادىلىرى سۈپىتىدە قارىلىدىغان غەلىتە ھالەت باش كۆتۈردى.
ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇنۇلغان «مەۋجۇتلۇق قورغىنىمىز تەھلىكىدە» ناملىق پۇبلىستىك ماقالىلەر توپلىمى ئەنە شۇ بىنورماللىقلار ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئاڭ - تەسەۋۋۇرىمىزغا سىگنال تەرىقىسىدە خىتاب قىلىدىغان، كۆنۈكۈپ كەتكەن قاتمال تەپەككۇر ئادىتىمىزدىن پەرقلىنىپ تۇرغۇرچى تەپەككۇر ئەندىزىلىرىنى نامايان قىلىشقا ئۇرۇنغان بولۇپ، ئەسەردە قايتىدىن ئويلىنىشىمىز زۆرۈر بولۇۋاتقان سەزگۈر تېمىلار، سىلكىنىشىمىزنى تەقەززا قىلىدىغان ئۆتكۈر مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان، سىياسەت، دىن، تارىخ، مەدەنىيەت، ۋە ئىجتىمائىيلىققا چېتىلىدىغان بىر قاتار رەڭدار مەسىلىلەر قەلەمگە ئېلىنغان. ئەسەر ئۆز نۆۋىتىدە ھەرىكەت مىزانىمىزنى توغرىلاشتا، مەۋجۇتلۇق قورغىنىمىزنىڭ سېپىل - قورغانلىرىنى مەزمۇتلاشتۇرۇشتا ئالدىن زېھنىمىزدە ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتىشىمىز كېرەك بولغان بىر قاتار مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان تەنقىدىي نەزەر مېۋىلىرى ۋە ئويغاق تەپەككۇر ھاسىلاتلىرىدۇر.
ئاخىرىدا ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشقا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن. شۇنداقلا ئەسەرلىرىمنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە يار يۈلەكتە بولغان، ھىممەت كۆرسەتكەن، سەمىمىي تەكلىپلىرىنى ئايىمىغان ھەمدە ئىزگۈ تىلەكلىرى بىلەن قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن بارلىق يارەنلەرگە، جۈملىدىن پىكىرلىرىمنىڭ قەدىردان ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىگە ۋەسىلە بولۇپ ئەجىر قىلغان مېھنەتكەش قېرىنداشلىرىمغا ئالىي ئېھتىرام ۋە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: ئاپتورنىڭ «مەۋجۇتلۇق قورغىنىمىز تەھلىكىدە» ناملىق ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆز قىسمى
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى