نەبىجان تۇرسۇن

ئورنى Wikipedia
Jump to navigation Jump to search

شەخسى ھاياتى[تەھرىرلەش]

تارىخ پەلسەپە پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئانا يۇرتى ئاقسۇ ئۈچتۇرپان.

ئۇيغۇرچە ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

تارىخ پەنلىرى دوكتورى، ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىي ھەم مەدەنىيەت تارىخىي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى، ئەدىب نەبىجان تۇرسۇننىڭ <<موسكۋا خىياللىرى>> ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەدەبىي خاتىرىلىرىدىن كېيىنكى << ئاق ساراي خىياللىرى>> ناملىق يېڭى ئەدەبىي خاتىرىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى تاماملاندى.

دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ يېڭى ئەسىرى <<ئاق ساراي خىياللىرى>>دا ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنكى كۆرگەن -بىلگەنلىرى، ئاڭلىغانلىرى شۇنىڭدەك ھېس قىلغانلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي-ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەپەككۈرلىرى ھەم كۆز قاراشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ.

ئاپتور ئەسىرىدە، ئۆز ھاياتىدا ئۇچراتقان ھەم ھەمسۆھبەتتە بولغان تۈرلۈك سەۋىيە ۋە سالاھىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان سىمالىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئوي پىكىرلىرىنى ئۆز پېتىچە تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەدىئىي ۋاسىتىلەر ھەم ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ قوللۇنۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە تەپەككۈرلىرىنى ئەسىرىدە ئورۇن ئالغان رېئال شەخسلەرنىڭ تەپەككۈرلىرى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئاپتورنىڭ <<موسكۋا خىياللىرى>> ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرى، 1995-1998-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا <تەڭرى تاغ>، < شىنجاڭ مەدەنىيىتى>، <بوستان>، <تەقدىرداشلار> قاتارلىق جورناللاردا تەكرار ئېلان قىلىنغان ھەمدە خەلق ئىچىدە توپلام سۈپىتىدە تارقىتىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىلمىي-ئىجادىي پائالىيەتلىرى ئىلگىرى كېيىن <ئۇرۈمچى كەچلىك گېزىتى>، <شىنجاڭ ئىشچىلار گېزىتى>، <تەڭرىتاغ ژۇرنىلى>، <ئاسىيا كىندىكى>، <ئۇيغۇر ئاۋازى> ( قازاقىستان)، <يېڭى ھايات گېزىتى >(قازاقىستان)، <قىرغىز تۇغى> (بىشكەك)، <پىئونېر> ( ئامېرىكا)،< شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلار رايونى>(ئامېرىكا) ناملىق كىتابتا ھەمدە ئۇرۈمچى تېلېۋىزىيىسى ۋە بىر قىسىم تور بەتلەر تەرىپىدىن شۇنىڭدەك < بىزنىڭ دوكتورلىرىمىز> ناملىق كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ يېڭى ئەسىرى <ئاق ساراي خىياللىرى> نى ئەمەلىيەتتە ئەشۇ <موسكۋا خىياللىرى> نىڭ داۋامى دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ. نەبىجان تۇرسۇن 1990-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ( 1992-يىلىدىن كېيىن رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا ئوتتۇرا ئاسىئا-ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان.

ئىلگىرى كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، موسكۋا شەرق تىللىرى ئىنىستىتۇتىدا دەرس بەرگەن ھەمدە ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان. 2001-يىلىدىن ئېتىبارەن ئامېرىدىكى جونس ھوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا-كاۋكازىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن غەرب دۇنياسى بويىچە تۇنجى ھەم ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تەتقىقات قۇرۇلۇشى تەركىبىدە باشقا 17 نەپەر ئامېرىكا ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپ، ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان تەتقىقات ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقەيەتلىك ئورۇنلىغان. ئۇ 1912-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان سىياسىي تارىخ ۋە كونتروللۇق ئىستىراتېگىيىسى ۋە 20-ئەسىر ئۇيغۇر مىللىي تارىخشۇناسلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە نۇقتىنەزەرلىرى شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ياۋرو-ئاسىيادىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ناملىق مەخسۇس تەتقىقاتلىرىنى ئورۇنلىغان.

2004-يىلى نەبىجان تۇرسۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناسنىڭ بىرلەشمە ئىلمىي ئەمگىگى <شىنجاڭ؛ جۇڭگودىكى مۇسۇلمانلار چېگرا زېمىنى> دېگەن نام ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيا -كاۋكازىيە تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى، ئاتاقلىق ئالىم فرەد ستارنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە نىيوركتىكى م.ئە.شارپە نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان . بۇ كىتابتىكى ئىككى باپ نەبىجان تۇرسۇن بىلەن ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناسلاردىن جامەس مىللىۋارد ھەم گاردنەر بوۋىڭدوننىڭ بىرلەشمە قەلىمىگە مەنسۇپتۇر. مەزكۇر كىتاب ھازىر غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ تولۇق ۋە كۆپ مەلۇمات بېرىدىغان نوپۇزلۇق ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دوكتور نەبىجان تۇرسۇن بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى، چەتئەل ئىنىستىتۇتى، ئوكلاخوما دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شەرق- غەرب مەركىزى، ئوتتۇرا ئاسىيا-كاۋكازىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قانچە قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىي مەسىلىرى ھەم ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكى مەسىلىلىرى ھەققىدە دوكلات قىلغاندىن سىرت يەنە ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ سىياسەت تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن بىرى شەرق-غەرب مەركىزىنىڭ مەخسۇس تەتقىقات لايىھىسىگە قاتنىشىپ، < ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ شەكىللىنىش> دېگەن تېمىدا ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ 20-ئەسىر ئۇيغۇر مىللەتپەۋەرلىكىنىڭ تارىخى ۋە < ياۋرو-ئاسىيانىڭ خەستەلەنگەن يۈرىكى> ناملىق كىتابلىرى پۈتۈش ئالدىدا .

ئاپتورنىڭ ئىلگىرى كېيىن نەشىر قىلىنغان كىتابلىرى ۋە ئاساسلىق ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

  1. جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتنوگېنىزى مەسىلىلىرى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. 1997-يىلى،موسكۋا (رۇسچە)
  2. ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىي مەسىلىلىرى . رۇسىيە پەنلەر ئاكادېميىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. 1998-يىلى. موسكۋا (رۇسچە نەشرى)
  3. ئۇيغۇر پوئىزىيىسى ( ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تاللانما شېئىرلىرىنىڭ رۇسچە تەرجىمىلىرى توپلىمى). بىشكەك، 2002-يىلى.
  4. 1884-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە بولغان تارىخ ۋە كونتروللۇق ئىستراتېگىيىسى-( جامېس مىلىۋارد بىلەن بىرگە)- شىنجاڭ؛ جۇڭگودىكى مۇسۇلمانلار چېگرا زېمىنى”. 2002-يىلى، نىيورك.(ئىنگىلىزچە)
  5. تارىخىي نۇقتىنەزەرلەر كۈرىشى ؛ ( گاردنەر بوۋىڭدون بىلەن بىرگە) -شىنجاڭ؛ جۇڭگودىكى مۇسۇلمانلار چېگرا زېمىنى”. 2002-يىلى، نىيورك.(ئىنگىلىزچە)
  6. ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە مىللەتپەۋەرلىكىنىڭ شەكىللىنىشى- شەرق-غەرب تەتقىقات مەركىزىنىڭ ۋاشىنگتون شۆبىسى، 2005-يىلى چىقىش ئالدىدا.( ئىنگىلىزچە)
  7. 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىقات پروگراممىلىرى- ئۇيغۇر پوئىزىيىسى ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ماقالە. ( رۇسچە) 2002-يىلى.
  8. قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرغۇچى ئېتنىك تەركىب مەسىلىسى – يېڭى ھايات گېزىتى، قازاقىستان.
  9. جۇڭگودا ماناس تەتقىقاتى – قىرغىز مىللىي ئەپوسى خەلقارا مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىشىدا – رادلوپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 160 يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلانغان مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ماقالىلار توپلىمى- (رۇسچە)، بىشكەك، 1998.
  10. ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز قاراشلىرى- ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان ماقالە ( ئىنگىلىزچە)،مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات ئۇچۇرلىرى جۇرنىلى،2005-يىلى ( چىقىش ئالدىدا).بلومىڭتون، ئىندىئانا،
  11. تارىخ ۋە ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكى – ئۇتاھ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان ماقالە( چىقىش ئالدىدا، ئىنگىلىزچە). تۇز شەھىرى، ئۇتاھ شىتاتى، ئامېرىكا.
  12. تۇرپان ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ قىسقىچە مەدەنىيەت ئوچېرىكى – ئىنتېرنەت تورى

www.ymyt.com 2004-يىلى.( رۇسچە) بۇلاردىن باشقا يەنە ئاپتورنىڭ 100 پارچىغا يېقىن ھەر خىل مەزمۇندىكى ماقالىلىرى ئۇيغۇر، قىرغىز، ئۆزبېك، رۇس، ئىنگىلىز تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان.

يېقىنقى تەتقىقاتى[تەھرىرلەش]

غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى دەرسلىك –نەبىجان تۇرسۇننىڭ “ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى”

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدىكى مەخسۇس ئوقۇ-ئوقۇتۇش ھەم تەتقىقات پائالىيەتلىرى قانات يايماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلىرىنى ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق تەتقىق قىلىش ئۈچۈن شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمۇ قوزغالماقتا. بۇ جەھەتتە ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەڭ ئالدىدا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خارۋارد، ئىندىئانا، كانساس، ستانفورد قاتارلىق بىر قىسىم ئاتاقلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى پروگراممىلىرى تەسىس قىلىنغان. مەزكۇر بىلىم دەرگاھلىرىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تىلىغا ھەم ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان ، ئەسلىدە خەنزۇ ۋە ياكى تۈرك، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي تىللارنى ئۆگەنگەنلەرمۇ ھەر خىل سەۋىيىدىكى كۇرسلار بويىچە ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ھۆكۈمەتلىرىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى خەتەر ئاستىدا قالغان شۇنىڭدەك ئىستراتېگىيىلىك تىللار قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ تىلنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان. نۆۋەتتە، يەنە ياپونىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق سەككىز سانائەتلەشكەن دۆلەتلەر ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم مەملىكەتلەردىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش يولغا قويۇلماقتا.

لېكىن ، غەرب دۇنياسىدا تاكى ھازىرغىچە ھەممە ئېتىراپ قىلغان، سىستېمىلىق بىرەر ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى تۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنىپ باقمىغان بولۇپ، پەقەت بىر قانچە سۆزلىشىش خاراكتېرلىق دەرسلىكلەر ھەم بىر قانچە لۇغەت ئېلان قىلىنغاندىن باشقا بۇ ساھەدە كۆرۈنەرلىك ئەمگەك يورۇققا چىقمىغان ئىدى.

يېقىندا بۇ بوشلۇق دوكتور نەبىجان تۇرسۇن تەرىپىدىن تولدۇرۇلدى. ئۇنىڭ بەش يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يېزىپ چىققان ئىنگلىزچە Uyghur Reader ( ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى) دەپ ئاتالغان كىتابى ئامېرىكىنىڭ ماريلاند شتاتىدىكى دونۋوئودى نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمىي نەشىر قىلىنىپ سېتىلىشقا باشلىدى. ئىنگىلىز تىلىدا تارقىتىلىدىغان خەلقئارالىق شىنجاڭ تەتقىقات ئۇچۇر-ئالاقە تورىدا ئامېرىكىدىكى جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شىنجاڭ تارىخى پروفېسسورى جەمىس مىللىۋاردنىڭ بۇ كىتاب ھەققىدىكى قىسقىچە ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇ كىتابى 45 تاللانمىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مۇتلەق كۆپچىلىك تاللانمىلار ئاپتور تەرىپىدىن بىۋاسىتە يېزىلىپ، تەييارلانغان ياكى ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى يازغان ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان، بىر قىسىم تاللانمىلار بولسا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى قازاقىستان قاتارلىق مەملىكەتلەرد نەشىر قىلىنغان كىتابلار ۋە مەتبۇئاتلاردىن قىسقارتىپ ئېلىنغان. كىتاب قاتتىق مۇقاۋىلىق بولۇپ، جەمئىي 253 بەت. كىتابنىڭ باش قىسىمى ئىنگىلىز تىلىدىكى كىرىش سۆز، ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات، ئۇيغۇر تىلى گرامماتكىسى ھەققىدە قىسقارتىلما بايان ، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە گرامماتىكا ئاتالغۇلىرى، پايدىلانغان ئەسەرلەر تىزىملىكى ۋە كىتابقا ئىشلىتىلگەن گرامماتىكىلىق ئاتالغۇلارنىڭ قىسقارتىلمىسىغا ئىزاھات قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنگىلىز تىلىدا تەييارلانغان. كىتابنىڭ باش قىسىملىرىدا يەنە نەبىجان تۇرسۇننىڭ قىسقىچە ئىلمىي تەرجىمھالىمۇ تونۇشتۇرۇلغان ، ئىككىنچى قىسىمى تاللانمىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، ئېتنوگرافىيىسى، مەدەنىيىتى، تارىخى، ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىياتى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئەھۋالى، تىبابەتچىلىك، ھاۋا رايى ھەم جۇغراپىيىلىك مۇھىت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. تېكىستلار ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە يۈزلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر تېكىستنىڭ ئاستىغا مۇھىم خام سۆزلەر شۇنىڭدەك تېكىستتا ئۇچرايدىغان گرامماتىكىلىق كاتېگورىيە ۋە لوگىكىلىق مەسىلىلەرگە شۇنىڭدەك تارىخ، مەدەنىيەت، جۇغراپىيە ۋە باشقا مەسىلىلەرگە ئائىت سۆزلەر ۋە ئاتالغۇلارغا مەخسۇس ئىنگىلىز تىلىدا ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تىل سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

كىتابنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈكى بارلىق 45 تېكىستنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىدىن ئىبارەتتۇر. كىتاب ئاخىرىغا بولسا، يەنە مەزكۇر كىتابدا ئۇچرايدىغان بارلىق سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە لۇغىتى بېرىلگەن.

يەنە بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئوقۇشى ۋە ئاپتورلۇقىدا 45 تېكىست ۋە ئۇنىڭ سۆزلۈكلىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدىكى ئاۋازلىق كد پىلاستىنكىسىمۇ نەشىر قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر < Uyghur Reader > ( ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى) تېكىست ۋە ئاۋازدىن ئىبارەت بىر يۈرۈش ئۆگىنىش ماتېرىيالى بولۇپ، بۇ جەھەتتىمۇ غەرب دۇنياسىدىكى تۇنجى ئەمگەك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر كىتابنى ئوقۇغان ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرشۇناسلار بۇ ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، غەرب جۈملىدىن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدىكى دەرسلىك ماتېرىيالىلىرىنى تۈزۈش ھەم ئوقۇتۇش ئۆلچەملىرىگە لايىق سەۋىيىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ، ئۇيغۇر تىلىنى ئوتتۇرا سەۋىيىدىن يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى مۇددىئا قىلغان تىل ئۆگىتىش ئورۇنلىرىدا مۇھىم دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتىشماقتا.

نۆۋەتتە، يەنە كۆپلىگەن چەتئەللىكلەر بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەردىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنمەكتە. ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغانلارنىڭ سانىمۇ يىلدىن يىلغا ئاشماقتا. ھەتتا، چەتئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ ساھەدە ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەلۋەتتە، ئون مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئادەملەر سۆزلەيدىغان ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ۋە باي مەدەنىي مىراسلارنى قالدۇرغان تىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولۇشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى يەنىلا ئالدى بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمىزگە باغلىق. چۈنكى، بۇ تىلنىڭ ئىگىسى بىز، ئۇنى بىز سۆزلەيمىز. چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش باشقا بارلىق تۈركىي تىللارنى ئۆگىنىشنىڭ شۇنىڭدەك ئاسىيا-ياۋروپا جۇغراپىيىلىك بوشلۇقىغا ھېچ تەمتىرىمەي كىرىشنىڭ ئاچقۇچى ! چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىنى بىلىش ، ئۆزبېك تىلى، تۈرك تىلى، ئەزەر تىلى، قازاق ۋە قىرغىز تىللىرىنى ناھايىتى ئاسانلا ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر. ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلگەن ئاتاقلىق يازغۇچ ۋاڭمىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ تىلنى بىلىشىنىڭ ئۆزىنىڭ كېيىن جۇڭگوغا داڭلىق يازغۇچى بولۇشىدىكى مۇھىم ئاچقۇچ بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. نەبىجان تۇرسۇننىڭ بىر قاتار ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ مەزكۇر يېڭى كىتابى ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.