Jump to content

نەجمىدىن شىرىف

ئورنى Wikipedia

تۇغۇلغان' | 1974-يىلى

ئاقسۇ ۋىلايىتى

شايار ناھىيىسى

مىللىتى

ئۇيغۇر

دۆلەت تەۋەلىكى

بېلگىيە

تۇرار جايى

بريۇسسېل، بېلگىيە


كەسپى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئىنقىلاپچىسى

نەجمىدىن قارلۇق، 1974-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق شايار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇلۇغ بوۋىسى ئەرشىدىن قۇملۇق، ياقۇپبەگ دەۋرىدىكى شايار، كۇچار قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باشلىرىدىن بىرى بولغان، زوزۇڭتاڭ بېسىپ كىرگەندىن كېيىنكى پارتىزانلىق ئۇرۇش دەۋرىدە يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئەرشىدىن قۇملۇقنىڭ ئوغلى ئىمىن مۇپتى 1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان بىرىنچى جۇمھۇرىيىتى ئىنقىلابىدا شايار ئىنقىلابى يېتەكىچلىرىدىن بىرى بولغان، كېيىن بىرىنچى جۇمھۇرىيەت تەرىپىدىن شايارغا مۇپتى قىلىپ تەيىنلەنگەن. شاياردا تۇنجى پەننى مەكتەپنى سالغان. 1937-يىلى خوجىنىياز ھاجى چاقىرغان يىغىنغا بېرىپ قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئىمىن مۇپتىنىڭ ئوغلى دادىسى شىرىف داموللام- يەنى شىرىپئاخۇن قارلۇق قەشقەر خانلىق مەدرىستە ۋە جەدىتچى تۈرك ئوقۇتقۇچىلاردا ئوقۇغان، مۇدەررىس بولغان. بىرىنچى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، جۇمھۇرىيەت يىقىلغاندىن كېيىن شايارغا قايتىپ مەكتەپ ئاچقان. ئوقۇغۇچىلىرى شايار مائارىپىدا زور رول ئوينىغان. 1949-يىلى خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى باسقاندىن كېيىن ئۇزۇن مەزگىللىك رېجىم ۋە تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ سالامەتلىكى ناچارلاشقاندا قويۇپ بېرىلگەن ۋە 46 كۈندىن كېيىن 1972-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋاپات بولغان. شىرىف داموللىنىڭ ئوغلى قەمىردىن شىرىف قارلۇق ئاساسي مائارىپ تەربىيىسىنى ئائىلىدە ئېلىپ، كېيىن ئۈرۈمچى مالىيە مەكتەپتە بوغالتىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن قانۇنسىز كىتاب بېسىش ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 9 يىل تۈرمىدە ياتقان. نەجمىدىن قارلۇق، شايار ناھىيەلىك بىرىنچى ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا «ئىزچىلار تەشكىلاتى» نى قۇرۇپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان دېگەن جىنايەت بىلەن 1988-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى 3 يىل ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەشكە ھۆكۈم قىلىنغان. ۋە ئاقسۇ چاغراق ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىدا جازا ئۆتىگەن. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 17 يېشىدا يەنە بىر نەچچە تەشكىلاتنى بىرلەشتۈرۈپ شەرقىي تۈركىستان تەرەققىيات پارتىيىسىنى قۇرغانلىقى ئۈچۈن 1992-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تەكرار قولغا ئېلىنىپ بەش يېرىم يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. تارىم تۈرمىسى، تۇرپان كۆككۆل تۈرمىسىدە جاز مۇددىنى تۈگەتكەن. 1997-يىلى 10-ئايدا تۈرمىدىن چىقىپ شاياردا كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى ئاچقان. 2000-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ قارلۇق مېدىيا-پەن تېخنىكا چەكلىك شېركىتىنى قۇرغان. فىلىم ئىشلەش ۋە كارخانا مەسلىھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان. نەچچە يۈز كىشىنى كومپيۇتېر ۋە كارخانا ساھەسىدە تەربىيەلەپ، شىركەت ئېچىشىغا ياردەمدە بولغان. نەجمىدىن شىرىف 2001-يىلى بېيجىڭغا بېرىپ مەركىزى مالىيە ئىختىساد ئونۋېرستىتىدا ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان. نەجمىدىن قارلۇق قۇرغان قارلۇق شېركىتى يۇقىرى تېخنىكا سەۋىيىسىگە ئىگە مېدىيا تېخنىكا شېركىتى بولۇپ، شىركەت كۆپلىگەن يۇقىرى تېخنكىلىق مەسۇلاتلىرىنى بازارغا سالغان.2007-يىلى ماك سېستىمىسنىڭ ئۇيغۇرچە تۇنۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ تۈرنى قارلۇق شېركىتى روياپقا چىقارغان. شېركەتنىڭ بىر قىسىم جانلاندۇرۇم، يۇمشاق دېتال ۋە ئويۇنلىرى بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. شېركەت 26 قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال، 57 جانلاندۇرۇم، 500 دىن ئارتۇق 3D مودىل، 5000 پارچىدىن كۆپرەك رەقەملىك سۈرەتلەرنىڭ ئەقلىي-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 360 گىرادۇسلۇق تەسۋىر بېرىكتۈرۈش تېخنىكىسى، ئۈچ ئۆلچەملىك فىلىم ئىشلەش، ئۈچ ئۆلچەملىك ئېنتىرەكتىۋ يۇمشاق دېتال ياساش شېركەتنىڭ يادرولۇق تېخنىكىلىرى بولغان. قارلۇق شېركىتى ئامېرىكا ئ‍الما شېركىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىنبىر يۇمشاق دېتال تەتقىقات تەجىرىبخانىسى بولغان. شېركەت "خاتىرەم"، "ئېلىپبە"، "ئوكيان خەۋەرلىرى"، "سالام ئەلى"،"دەستەرپىچ"،"لۇغەت" تىن ئىبارەت كۆچمە يۇمشاق دېتاللىرى تاماملىنىپ، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن.


2010-يىلى، 2015-يىلى «مىللى ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» ئۈچۈن بىر ئاي قاماققا ئېلىنغان. 2016-يىلى پارا بېرىپ پاسپورت بېجىرىپ قىرغىزىستانغا چىققان. تۈركىيە، ھىندىستان، سىرىلانكىلاردا تۇرغاندىن كېيىن بېلگىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن.

2019-يىلى 12-نويابىر بېلگىيە پايتەختى بېرۇسىلدا ئۇيغۇر دېئاسپوراسىدىكى تۇنجى سىياسى پارتىيە « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى»نى  قۇرغان.

سىرتقى ئۇلانمىلار

[تەھرىرلەش]
دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]