Jump to content

نە سۆز قالدى، نە ئۆز

ئورنى Wikipedia

نە سۆز قالدى، نە ئۆز

مۇتەپەككۇرلار: سۆز ئادەم بىلەن ھايۋان ئارىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان چېگرا، دېيىشىدۇ. سۆزلەش جانلىقلار ئارىسىدا ئىنسانغا خاس بولغان خۇسۇسىيەت. سۆز ئىنسان بىلەن ھايۋان ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى پاسىل بولۇپ، ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى، شەرەپ - ھۆرمىتىنى كۆتۈرۈپ ياكى چۈشۈرۈشكە قادىر نىشان - ئالامەتتۇر. سۆز ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسان روھىيىتىنىڭ نىجىس ياكى سۈزۈكلۈكىنى بەلگىلەيدىغان مىزاندۇر. ئادىمىيلىك تارازا سۆزنىڭ ۋەزنى ۋە قىممىتىگە قاراپ ئايرىلىدۇ، دەرىجىلەندۈرۈلىدۇ. سۆز ئەرشى ئەلادىن تەھتەسسەراغىچە تۇتاشقان مەۋجۇتلۇق ئالىمىدە ئۈزلۈكسىز پەرۋاز قىلىپ تۇرغۇچى، توختاۋسىز ئۆرلەپ - چۈشۈپ تۇرغۇچى قۇش مىسالىدۇر.

ئىنجىل رىۋايەتلىرىدە تۇنجى ئايەت: «ئەڭ باشتا سۆز بار ئىدى. سۆز تەڭرى ھۇزۇرىدا ئىدى» دېگەن مەزمۇنلار بىلەن باشلىنىدۇ. ھاياتلىق دەستۇرىمىز بولغان قۇرئان كەرىم تەڭرىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى ئىشىنىڭ يارىتىش بولغانلىقىنى خەۋەر بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يارىتىشتىن ئىبارەت يەككە - يېگانە قۇدرەتنى بارلىق دۇنياسىغا نامايان قىلغۇچى تۈرتكىنىڭ، تۇنجى ھەرىكەتنى  قوزغىغان، بارلىققا كەلتۈرگەن ئىتتەرگۈچى كۈچنىڭ «بول» دېگەن سۆز بولغانلىقى ھەم مەلۇم. بۇنىڭدىن مەۋجۇداتنىڭ كۆكلەم زېمىنىنىڭ بىر كەلىمە ئىكەنلىكىنى، مەۋجۇداتنىڭ تۈرلىنىش ۋە شەكىللىنىشىنىڭ ئانا يىلتىزىنىڭ گويا چوڭ پارتلاش نەزەرىيەسىدىكى ئاتومغا پىرىسلانغىنىدەك، بىر كەلىمىگە پىرىسىلانغانلىقىنى، تەڭرىنىڭ ئىرادىسىنىڭ رىئاللىشىشىنىڭ، مۇنداقچە ئېيتساق ئالەمنىڭ نەچچە مىليارد يىللىق شەكىللىنىش مۇساپىسىنىڭ بۇزۇلماستىن، چۇۋۇلماستىن، تەرتىپ ۋە قانۇنىيەت بىلەن مەيدانغا كېلىشىدەك ئالەمشۇمۇل ھادىسىلەرنىڭ ئاشۇ «بول» دېگەن سۆزگە قەرزدارلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئاتاقلىق فىزىكا ئالىمى ئېينىشتىيىننىڭ «مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم، تەڭرى بارمۇ يوق، مەسىلىسى ئەمەس. ئەكسىچە تەڭرى ئالەمنى قانداق ياراتقان، ئۇنىڭ ئوي - خىيالى نېمە، دېگەنلەرنى بىلىش، خالاس. قالدىسى مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس»، دېگەنلىكىمۇ ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى، كەشىف ۋە بايقاشلىرىنىڭ مەلۇم مەنىدە ئاشۇ «بول» دېگەن سۆزنىڭ سىرىنى ئېچىش ئۇرۇنۇشى بولغانلىقىنى، ئاتوم مىسالى تۈگۈچلەنگەن كەلىمىنىڭ جەريانلىرىنى چۇۋۇپ چۈشىنىش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

ئۇ خالاپ ياراتتى، يارالدى پۈتۈن،

ئۇ بىرلا دېدى «بول»، بار ئولدى پۈتۈن. [قۇتادغۇ بىلىك]

سۆز بىلەن مۇئمىنغا ئايلىنىش، سۆز بىلەن نىكاھلىنىش، سۆز بىلەن ئەھدى قىلىش، سۆز بىلەن دوست بولۇش ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە تەڭرى ھۇزۇرىدا بىر نۇسخىدىن خاتىرىلىنىپ ماڭىدىغان، جاۋابكارلىقى چوقۇم سۈرۈشتىسىز قالمايدىغان ۋە ئاقىۋەتنى بەلگىلەيدىغان بىباھا سۆز ۋە ئەھدى مىيساق تۈركىمىدىندۇر. شۇنداقلا سۆز بىلەن كاپىر بولۇش، سۆز بىلەن ئايرىلىش، سۆز بىلەن ئەھدىنى بۇزۇپ نىفاققا چۈشۈش، سۆز بىلەن دوستلۇقنى دۈشمەنگە ئايلاندۇرۇش ھەم مۇمكىن. ئازادلىق جېڭىدە جەڭ ئوخشاش، جەڭگاھمۇ ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ جەڭگاھتا كوممۇنىست جەڭچىمۇ، مۇجاھىد جەڭچىمۇ ئوخشاش جەڭچى. ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھۆكمىنى، قىممىتىنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلىگۈچى يەنە شۇ سۆزدۇر. ئاۋۋالقىسى ئىنقىلابىي قۇربان. كېيىنكىسى بولسا شەھىد. ئاۋۋالقىسىمۇ قەھرىمان، كېيىنكىسىمۇ ئوخشاش. لېكىن ئىنقىلابىي قەھرىمان پارتىيەسىگە ھەمدە دەۋاسىغا بەرگەن سۆزىدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن، بەدىلىنى جېنى بىلەن تۆلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىمان كەلتۈرگەن پارتىيەسى تەرىپىدىن دۇنيالىق شەرەپتىن بەھرىمەن بولىدۇ. شەھىد بولسا، ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە دىنىي تەرىپىدىن قەھرىماندۇر. ئاللاھ نەزىرىدە پەيغەمبەرلەر، سىددىقلار قاتارىدىكى مەرتىۋىگە سازاۋەر شەھىدتۇر. قەھرىمان ھاقارەتكە ئۇچرىسا ئۇنىڭ ھېسابىنى سورىغۇچىسى، ئىگە چىققۇچىسى خەلق ياكى پارتىيەسى بولۇشتىن ھالقىمايدۇ. شەھىد ھاقارەتكە ئۇچرىسا ئۇنىڭ ئىگە چىققۇچىسى، ھېسابىنى سورىغۇچىسى ئاللاھتۇر. مانا بۇ پاسىللار، پەرقلىقلىنىشلەرنىڭ ھەممىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى، ئوخشىمىغان نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى بولسا سۆزدۇر. بىر جەڭچىنى ئۆلۈمى بىلەن تەڭ ئىنقىلابىي قۇربان قىلغانمۇ ئۇنىڭ سۆزى. شەھىد قىلغانمۇ ئۇنىڭ سۆزىدۇر. ئۇنى تەڭرى نەزىرىدە كۇفۇر سەۋەبلىك نىجىس ئىنسان ھۆكمىدە قىلغانمۇ، ئىمان سەۋەبلىك پاك ئىنسان قىلغانمۇ سۆزىدۇر. ئەھدىدە تۇرۇش بىلەن مۇئمىنلىكىمىزنى ساقلايمىز، ئەھدىنى بۇزۇش بىلەن مۇناپىقلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز. نەتىجىدە سۆز بىلەن ئۆزىمىزنى بۇلغايمىز ياكى پاك تۇتۇمىز.

يىغىپ كەلسەك، سۆز بىلەن دۇنياغا كېلىمىز، سۆز بىلەن دۇنيادىن كېتىمىز. سۆز بىلەن ھاياتلىقىمىزنى جاكارلايمىز، سۆز بىلەن ئۆلۈكلۈكىمىزنى ئېلان قىلىمىز. سۆزىمىز ئۆزىمىزنى، ئۆزىمىز سۆزىمىزنى ئىپادىلەش ئارقىلىق نېمىلىكىمىزگە ئۆزىمىز شاھىتلىق قىلىمىز ۋە قانداقلىقىمىزغا ئۆزىمىز قارار قىلىمىز ۋە شۇ بويىچە تەڭرى ئالدىدا جاۋابكار بولۇمىز. شۇنداقلا تارىخ ئالدىدىكى سوراقتىن مۇھەققەق نېسىۋىمىزنى ئالماي قالمايمىز. خۇللەس، قانداق ئىنسانلىقىمىز قانداق سۆز ئىگىسى بولغانلىقىمىزنى، قانداق سۆز ئىگىسى بولغانلىقىمىز بولسا، قانداق ئادەمگە ئايلانغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. «سۆزى ۋە ئۆزى ئىنسان» تەبىرى مانا بۇنىڭدىن مەلۇمدۇر. كۆرۈۋاتقانلىرىمىز، ياشاۋاتقانلىرىمىزغا قارىساق، يا ئۆزىمىزنى، يا سۆزىمىزنى تاپالماي تېڭىرقاش ئىچىدە كېتىۋاتقانلىقىمىز سىر ئەمەس. مەشغۇلاتلىرىمىز، ياشاش ئۇسۇللىرىمىز، تەپەككۇر قىلىش دېگەن نەرسىدىن ئادا - جۇدالىق ئىچىدە ياشاشقا كۆنۈكۈشلىرىمىز بۇنىڭغا ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپتۇ. كۆرمەكتىمىزكى، تۇرغان پۈتكىنىمىز «مېنىڭ»، «مەن»لىك بىلەن مەشغۇل. ھاياتلىق خەرىتىمىزدە «بىز» ئۈچۈنلۈك، «بىزنىڭ»لىق ئۆچۈرۈپ تاشلانغان. ھەر «مەن»ىنىڭ خەرىتىسى باشقا. يولى باشقا، سۆزى باشقا ۋە ئۆزى باشقا. قارىغىنىمىزدا تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ بەرى سۆزىمىز بىلەن ئىنسانلىقىمىز ئوتتۇرىسىغا ھاڭ ياساش بىلەن ئۆتۈۋاتقانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرغان. دۇنيا قاراشقىلا ئىگە ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە ھايات قارىشىغا، ئاخىرەت قارىشىغا ئىگە سۆز ئىگىسى ئىكەنلىكىمىز، قەدىر - قىممىتىمىزنىڭ مانا بۇ زەبەردەست سۆزنىڭ ئىگىسى بولغانلىقىمىز ئىكەنلىكى شىددەت بىلەن ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن. سۆزىمىز قاياقتا ئۆزىمىز قاياقلاردا. گويا كۈن چىقىشقا قاراپ يەلكەن تاشلىغان، ئەمما نېمىشقىدۇر توختاۋسىز كۈن پېتىشقا قاراپ كۈچەپ پالاق ئۇرۇۋاتقان ئاڭقاۋلار تائىپىسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىمىز، مەنزىلى بار خەرىتىسى يوق ئاۋارىگەلەر بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ پەرقىگە بارمايۋاتقىنىمىز ئاجايىپ.

ئەڭ تىراگېدىيەلىكى قاياققا يەلكەن تاشلاپ، قاياققا قاراپ پالاق ئۇرۇۋاتقانلىقىمىزدىن بىخەۋەرلىكىمىز، گويا نىيەت كۈن چىقىش تەرەپ بولسىلا ھېسابتەك، پالاقنى قارىسىغا ئۇرۇپ ھەرىكەت قىلىپ مىدىرلىساقلا دېڭىز بىزنى مەنزىلگە سۈرۈپ - سۈرۈپ ئۆزلۈكىدىن يەتكۈزۈپ قويىدىغاندەك، گويا بىزگە شۇنداق قىلىش ۋەدىسى ياكى قەرزى باردەك كۆڭلىمىزنىڭ خاتىرجەم بولۇپ كېتىشى، بەخىرامانلىقىمىزنى تۈگەل «مەن»نىڭ، «مېنىڭ» پاراۋانلىقى ئۈچۈن سەرپ قىلىش بىلەن ئىپادىلەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىمىز بولۇپ قالدى. قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى مىسالى بەدەل تۆلەش، پىداكارلىق، ئويغاقلىق، سەگەكلىك. چارە - تەدبىر قاتارلىق يولىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېھتىيات ئۇنسۇرلىرىمىز خۇسۇسىدا ئويلىىشىپ قويۇشقا چولىمىز چىقماس بولدى. ھەممە پىداكارلىقنى ئۆزگىدىنلا كۈتۈش بىلەن، بەدەل تۆلەشنى بىراۋلارغا دۆڭگەش بىلەن، بەدەلنىڭ نېسىۋىلىرىدىن گىرام ئۆزىگە تېگىپ قېلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بىلەن، ئۆزىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ۋە ئەڭ ئەقەللىي كۆرسىتىش كېرەك بولغان پىداكارلىقتىن باش تارتىشقا، قېچىشقا باھانە ئىجاد قىلىش بىلەن ئاۋارە.

شۇنداق، سۆزىمىز ئىنسانىيلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. ئۆزىمىز ۋە مەۋجۇتلۇقىمىزنى قەدىر - قىممەتلىك قىلىۋاتقىنى تۇرقىمىز ئەمەس بەلكى سۆزىمىزدۇر. يەنى، قايسى سۆزنىڭ ئىگىسى بولغانلىقىمىز ۋە قايسى سۆزگە ئىمان مۆھۈرىنى باسقان بولۇشىمىزدۇر. قېنى شۇ سۆزىمىز، قېنى شۇ ئۆزىمىز؟

ئەجەبا ئىنسانلىقىمىز ئىمانغا ئايلانغان سۆزىمىزنىڭ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇن رەۋىشتە ياشاشنى بۇرچ قىلغان ئۆزىمىزنىڭ بىر گەۋدىسى ئەمەسمىدى؟ سۆزى ۋە ئۆزلۈكىنى يىتتۈرگەن ھالدا نوقۇل ھالدا يەپ - ئىچىش، راھەت ياشاش مۇجادىلىسىگە پېتىپ قېلىشلار، ئىنسانىي مەۋجۇتلۇقنى يوقىتىش بەدىلىگە قولغا كەلگەن بۇ تۈر ھايۋانىي مەۋجۇتلۇقنى كۆشەشنىڭ، بۇ تۈر ئاڭسىزچە تىپىرلاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ مەنىسىز ۋە غايىسىز ھالدا تۈگەل جىسمانىي مەۋجۇتلۇق كۆرۈشىنى قىلىۋاتقان ئىككى پۇتلۇق جانلىق بىلەن، ئوخشاش ۋەزىيەتنى ئورماندا ياشاۋاتقان تۆت پۇتلۇق مەخلۇقتىن پەرقلەندۈرىدىغىنى ئەجەبا نېمە ئىدى؟ ئەجەبا ئۇ سۆز ئەمەسمىدى؟ ئەجەبا ھەربىرىمىزنىڭ سۆزى يوقمىدى؟ ئەجەبا مىللەت سۈپىتىدە ئېيتىدىغان ئورتاق سۆزىمىز يوقمىدى؟ قېنى شۇ سۆزىمىز؟ ئەجەبا يىتتۈردۇقمۇ؟ ئۇنتۇدۇقمۇ؟ ياكى مۇرتەد بولۇپ سۆزىمىزدىن ياندۇقمۇ؟ ياكى ئۆزىمىزنى يىتتۈرگەندىن بېرى سۆزىمىزنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش ئېسىمىزگە كەلمەيۋاتامدۇ؟ قېنى سەن ئەي بىباھا سۆز، قېنى سەن ئەي قەدىردان ئۆز؟

-بۇرھان مۇھەممەد

2023-01-01

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى