Jump to content

يابغۇ

ئورنى Wikipedia

يابغۇ (كۆكتۈركچە: 𐰖𐰉𐰍𐰆‬ yabγu؛ خەنچە: 葉護\叶护) قەدىمكى تۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ رەسمىي ئەمەل نامى. دەرىجىسى قاغاندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئەمەل قانداشلىق تەلەپ قىلىدىغان ئەمەل بولۇپ، قاغاننىڭ ئوغلى، ئىنىسى ياكى قاغان ئۇرۇقىدىكى قابىلىيەتلىك باشقا بىر كىشى قارام ئەلدىن بىرەرسىگە يابغۇلۇققا تەيىنلىنەتتى. قەدىمكى تۇران بۇدۇنلىرىدىن تۇخرىيلار بىلەن ئۇيسۇنلارنىڭ ھۆكۈمدارى يابغۇ (翖侯) دەپ ئاتىلاتتى. تۇنجى بولۇپ «تارىخىي خاتىرىلەر: ھۇنلار تەزكىرىسى» دە مۇنداق تىلغا ئېلىنغان: «جاۋ شىن ئەسلىدە غۇزلارنىڭ گۈدەك قرالى بولۇپ، خەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان ۋە خەنزۇلار ئۇنىڭغا يابغۇ ئۇنۋانى بەرگەن.»[1]

«كېيىنكى خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە يېزىلىشىچە، ئۇلۇغ توخرىيلار غەربتىكى ئامۇ دەريا ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن بەش يابغۇلۇققا بۆلۈنگەن. ئۇلاردىن كۇشان يابغۇسى كۇجۇلا كادفىس كۈچىيىپ، باشقا تۆت يابغۇلۇقنى يوقىتىپ، ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، كۇشان پادىشاھلىقىنى قۇرغان.[2]

قارلۇق ۋە ئوغۇز بەگلىرىمۇ يابغۇ دەپ ئاتىلاتتى.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]
  1. 史記·匈奴列傳》:「趙信者,故胡小王,降漢,漢封為翖侯。」
  2. تارىخ لۇغىتى، يابغۇ ماددىسى.