Jump to content

ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى، يامانلىقنى جازاسى بار

ئورنى Wikipedia

ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى، يامانلىقنى جازاسى بار

مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزدىمۇ دۇنيادا چوڭ - كىچىك ھەربىر ئىشنى قىلغاندا، ئىشنىڭ ياخشىسىنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ياخشىلىق ھەربىر ئىنساننىڭ سائادەت ئاچقۇچىدۇر. خۇدايىتائالا بۇ دۇنيادا ياخشى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان ئىنسانلارغا ھەر ئىككى ئالەمدە كۆپلەپ بەخت - سائادەت ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ دۇنيادا يامان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغانلارنى دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ كۆپلەپ پالاكەتلەر بىلەن جازالايدۇ. ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى ئىككى دۇنيادا كۆرۈلگىنىدەك، يامانلىقنىڭ جازاسىمۇ ئىككى دۇنيادا كۆرۈلىدۇ.

ئىجتىمائىي ھاياتتا ياخشى ئىنسان ھەر ۋاقىت خەلق ئارىسىدا ھۆرمەت ۋە ئىززەت ئىچىدە ئۆتىدۇ. يامان ئىنسان خورلۇق، پالاكەت ئىچىدە كۈن كەچۈرىدۇ. ياخشى ئىنساننى خەلق ھېچقاچان يامان دەي دەپمۇ دېيەلمەيدۇ. يامان دەپ ئەيىبلەشكە ۋىجدانىمۇ كۆتۈرمەيدۇ. ھەرقانداق بىر يامان ئىنساننىمۇ خەلق ياخشى دەپ تەرىپلەشكە ۋىجدانى كۆتۈرمەيدۇ. ياخشى ئىنسان ھەر ۋاقىت خەلق ئارىسىدا بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ خۇشخۇي يۈرەلەيدۇ. يامان ئىنسان بولسا، خەلق ئارىسىدا باش كۆتۈرۈپ يۈرىمەن دەپمۇ يۈرەلمەيدۇ، ھەمىشە ۋىجدان ئازابى ئىچىدە ئۆتىدۇ. شۇڭا ياخشى ئادەمنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدىغىنىمۇ، ياماننىڭ جازاسىنى بېرىدىغىنىمۇ خەلقنىڭ ئۆزىدۇر. شۇڭا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پۇرسەت قولۇمغا كەلدى، ئەمدى نېمە قىلسام قىلىۋالالايمەن، بۈگۈن مېنى ھېچكىم جاۋابكارلىققا تارتالمايدۇ، دەپ تۈرلۈك يامان ئىشلارغا كىرىشمىسۇن! چۈنكى پۇرسەت دېگەن ئىنساننىڭ قولىدا مۇقىم تۇرىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭدىن ھېساب ئالىدىغان، قىلغان يامانلىقىنىڭ جازاسىنى بېرىدىغان پۇرسەتلەرمۇ كېلىپ قالىدۇ. بۈگۈن مانا بۇنىڭ بىر مىسالى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. قولۇمدا ھوقۇقۇم بار، پۇرسەت مېنىڭ، مېنى ھېچكىم جاۋابكارلىققا تارتالمايدۇ، دەپ خەلققە قىلمىغان يامانلىقى قالمىغان شىڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ جاللاتلىرى ئاخىرى خەلقنىڭ قاتتىق نەپرىتى ۋە قارغىشىغا ئۇچرىدى. ئۇلار قايسى بىر خەلق ئارىسىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرەلىدى؟ قايسى بىرى قان يۇتۇپ، روھىي ئازاب ئىچىدە ئۆتمىدى؟ قايسى بىرى خەلقنىڭ قىساس ئېلىشىدىن قورقۇپ ھەر زامان قېچىپ، مۆكۈپ، سولىنىپ يۈرمىدى؟ قايسى بىرىنىڭ يېگەن غىزاسى غىزا، كۆرگەن كۈنى كۈن بولدى؟

يېقىندا شىڭ شىسەينىڭ جاللاتلىرىدىن بىرى بولغان چىيۇ دېڭكوڭ لەنجۇدا ئاخشىمى ئويۇندىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلدى. مانا بۇ ئۇنىڭ يامانلىقىغا خەلق تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر جازادۇر. يېقىندا يەنە شىڭ شىسەي جاللاتلىرىدىن بىرى ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكى مەلۇم بولغان ھامان ئۈرۈمچى خەلقى ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن غەليان قوزغىدى. گېزىتلەرمۇ خەلقنى قىساس ئېلىشقا دەۋەت قىلدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەلققە زىيىنى تەگكەن، خەلقنى قاخشاتقانلار ھېچقاچان خاتىرجەم ھايات كەچۈرەلمەيدۇ.

بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە شېڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ جاللاتلىرىدەك زالىملار بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارسىمان يامان ئادەملەر يوق ئەمەس. بۈگۈن يۇرتىمىزنىڭ ھەربىر پۇچقىقىدا قولۇمدا پۇرسىتىم بار، ھېچكىم ماڭا گەپ قىلالمايدۇ، دەپ تۈرلۈك بۇزۇقچىلىق، يامان يوللاردا يۈرگەن ئادەملەر يوق دەپ ئېيىتالمايمىز. بۇنداق ئادەملەر «ھاياتىم چوقۇم مۇشۇنداق ئۆتىدۇ، مېنىڭ ئارقا تېرىكىم ھامان ماڭا تېرەك بولۇپ بېرىدۇ» دەپ ئويلايدۇ. بۈگۈننىڭ ئەتىسىمۇ بارلىقىنى ئويلىمايدۇ. خەلق ھەرقاچان ئالدىمدا تېز چۆكۈپ تۇرىدۇ، ئۇرساممۇ، ئەزسەممۇ، يانچىساممۇ، بۇلىساممۇ، تالىساممۇ، قامىساممۇ، قىيىنىساممۇ، ئالدىساممۇ، خىيانەت قىلساممۇ، ئۇلار ماڭا ئالىيىپمۇ قارىيالمايدۇ، دەيدۇ. خەلقنىڭ ئەتە - ئۆگۈن ھېساب ئالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. زامان ئايلىنىپ زالىملارنى خەلق ئالدىدا تېز چۆكتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئويلاشمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە يۇرتنىڭ ھەربىر پۇچقىقىدا يامانلارنىڭ قارشىسىدا تۇرغان ياخشىلارمۇ بار. گەرچە ياخشىلار يامانلارنىڭ ئالدىدا مەلۇم مۇددەت باش كۆتۈرەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەر ۋاقىت خەلقىنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ. بىر كۈن بولمىسا بىر كۈنى خەلق ئالدىدا چوڭ - چوڭ مۇكاپاتلارغا ئىگە بولىدۇ. يامانلار ئالدىدا باش كۆتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئالدىدا ھېچقاچان روھىي ئازاب ئىچىدە قالمايدۇ. ياخشىلارنىڭ ئىستىقبالى ھەر ۋاقىت پارلاقتۇر.

شۇڭلاشقا يۇرتىمىزدىكى چوڭ - كىچىك ھەممە كىشىلەرنىڭ ياخشىلىق تەرەپكە قاراپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ياخشىلار ياخشىلىقىنى كۈندىن - كۈنگە ئارتتۇرۇپلا قالماي، خۇدايىم ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئىززەت - ھۆرمىتىنى يۇقىرىلاتقاي! يامانلار تۈپەيلى ئۆتكەن ۋاقتىنىمۇ بىلەر - بىلمەس ھالغا كېلىپ قالغان خەلقنى ئاقارتىش ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ خەلقىگە ۋە يۇرتىغا ياخشىلىق قولىنى سوزغاي! ئىمكانقەدەر ياخشىلىق قىلىپ، ئىستىقبالىنى ئايدىڭ قىلغاي!

بەندىنىڭ تەۋبىسىدىن ئاللاھ ئۆتىدۇ. ئەمما بۇ ئۆتۈش يامانلىقنى تاشلاپ ياخشىلىققا قاراپ مېڭىشنى شەرت قىلىدۇ. ھەربىر يامان ئىنسان ئۆزىنىڭ يامانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تەۋبە قىلىپ، ياخشىلىق تەرىپىگە ماڭسا، ئىنسانلارمۇ ئۇنىڭدىن ئۆتكەن خاتالىقلارنى كەچۈرىدۇ.

ياخشىلىقنى ياكى ياخشى دېگەن نامنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمىغاندەك، ھەربىر يامانلىقنىمۇ، يامان دېگەن نامنىمۇ پۇلغا يۆلەپ تۇرۇپ پېشانىدىن يۇيۇپ تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ. ياخشى نام ياخشى ئىشتىن، يامان نام يامان ئىشتىن كېلىدۇ.

كۆز ئالدىمىزدىكى ئىشلاردىن ئىبرەت ئېلىپ يۇرتىمىزدىكى ھەربىر شەخس ياخشىلىققا يۈزلەنسۇن، يامانلارنى ياخشىلىققا دەۋەت ئەتسۇن! يامانلارمۇ ياخشىلىققا قاراپ قەدەم باسسۇن ۋە ھەر بىر ئىنسان خۇدانىڭمۇ، ئىنسانلارنىڭمۇ ئالدىدا قارا يۈز بولۇپ قېلىشتىن قورقسۇن!

مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 283 - سان، 1949 - يىل، 5 - ماي.

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد