Jump to content

يارغۇچى

ئورنى Wikipedia

يارغۇچى (خەنچە: 斷事官) ياكى زوراغا (موڭغۇلچە: ᠵᠠᠷᠭᠤᠴᠢ\Zarġaç) قەدىمقى ئۇيغۇرچىدىن موڭغۇلچىگە ئ‍ۆتكەن ئىدارىي ئاتالغۇلاردىن بىرى بولۇپ، يۈەن سۇلالىسى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە مەۋجۇپ بولغان ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئەدلىيە مەمۇرىيىتى. خەنچە ھۆججەتلەردە 札魯忽赤 ياكى 札魯火赤 ۋەياكى 札魯花赤 شەكلىدىمۇ يېزىلغان.[1] ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا خاتا ھالدا زوراغا دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئەمەل نامى.

ئۇمۇمىي چۈشەنچە

[تەھرىر]

موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە چىڭگىزخاننىڭ تۇتۇق ئوغلى شىگى قۇتۇغ (خەنچە: 失吉忽秃忽؛ پوپپى ئوقۇلغۇسى: Šigi Qutuqu؛ موڭغۇلچە:ᠰᠢᠭᠢᠬᠤᠲᠤᠭ) قا ئوخشاش كىشىلەر چوڭ يارغۇچى بولغان.[2] يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە يارغۇچىلار قارادىۋان مەھكىمىسى (中書省) گە قاراشلىق ئەمەلدارلار بولۇپ، مەمۇرىي ۋە جىنايى ئىشلارغا مەسئۇل بولغان.  

1368 - يىلى 1 - ئايدا مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندا، يارغۇچبەگلىك باش تۇتۇق مەھكىمىسى (大都督府) ئاستىدا بەش ھەربىي تۇتۇق مەھكىمىسى تۈرمىلىرىگە مەسئۇل ئورگان ئولاراق تەڭشەلگەن بولسىمۇ، 1369 - يىلى (洪武二年) ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.[3] ئەمما بۇ مەمۇرىي ئۇنۋان شىمالىي يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن موڭغۇل قەبىلىلىرى ئارىسىدا ساقلاپ قېلىندى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۈرجىت قەبىلىلىرى موڭغۇلىيەنىڭ تەسىرى بىلەن زارغۇچلىق ئۇنۋانى بار ئىدى. مەسىلەن، خەيشى جۈرجىتلىرىدىن ئۇلا ئۇرۇقىدىن چىققان بۇجانتەينىڭ (خەنچە: 布占泰؛ مانجۇچە: ᠪᡠᠵᠠᠨ᠋ᡨ᠋ᠠᡳ) قوماندانلىقىدا لابۇتاي ئىسىملىك بىر ​​زارگۇچى بار ئىدى.[1]

شۇنداقلا كېيىنكى جىن ھاكىمىيىتى ۋە دەسلەپكى چىڭ سۇلالىسىمۇ زارغۇچى ( مانجۇ :ᠵᠠᡵᡤᡡᠴᡳ؛ مۆللەندۈرف ئوقۇلغۇسى: jargūci)[4] رەسمىي ئۇنۋان سۈپىتىدە 贾儿古赤 ياكى 札尔固齐 شەكلىدە قەيت قىلىنغان.[1] نۇرخاچنىڭ ئەڭ دەسلەپكى زارغۇچىسى فيوڭدون (費英東) ۋە غاغاي (噶蓋) قاتارلىقلار ئىدى.[3] كېيىنكى جىن ۋە چىڭ سۇلالىسى دەسلەپكى دەۋرىدە يارغۇچى\زارغۇچىلار بەزىدە ياردەمچى ۋەزىر (佐理大臣) ياكى ئىش بېجىرگۈچى ۋەزىر (理事大臣) دەپمۇ ئاتالغان.[5]

مەنبەلەر

[تەھرىر]
  1. 1 2 3 朱诚如; 白文煜. 大连 , 编. 清朝前史. 辽宁师范大学出版社. 2016.11: 389-392. ISBN 978-7-5652-2101-9.
  2. 張政烺著. 中国古代职官大辞典. 鄭州:河南人民出版社. 1990年10月: 933. ISBN 7-215-00300-0
  3. 1 2 夏征農,陳至立主編. 大辞海 民族卷. 上海:上海辭書出版社. 2012: 288. ISBN 978-7-5326-3821-5
  4. 胡增益. 《新满汉大词典》. 新疆人民出版社. 1994: 113 [2012-09-20]. ISBN 9787228024049.
  5. 龚延明. 中国历代职官别名大辞典. 上海: 上海辞书出版社. 2006.07: 103. ISBN 7-5326-1893-5