يازغۇچىنىڭ ھېكايىسى
يازغۇچىنىڭ ھېكايىسى
ئۇ يىگىرمە يېشىدا دۇنيادىكى بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يازغۇچى بولۇپ چىقىشقا بەل باغلاپتۇ. گەرچە ئۇ ھەر كۈنى قېتىرقىنىپ يېزىقچىلىق بىلەن شوغۇللانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى قايتۇرىلىۋېتىپتۇ. ئۇندىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا، ئۇ جەمئىي بىر پارچە رومان، 18 پارچە ھېكايە ۋە 30 پارچە شىئېر يېزىپتۇ. ئەپسوس، ئايالى بۇ ئەسەرلەرنىڭ قول يازمىسى سېلىنغان قول سومكىسىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپتۇ.
24 يېشىدا ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى نەشىردىن چىقىپتۇ. ئارانلا 300 پارچە بېسىلغان بۇ كىتاپ جەمئىيەتتە ھېچقانداق تەسىر قوزغىيالماپتۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ نامراتلىقتىن ھېچنەرسىسى قالماپتۇ، ئايالىمۇ ئوغلىنى ئېلىپ كېتىپ قاپتۇ.
كەسىپتىكى مەغلۇبىيەت، ئائىلىدىكى ۋەيرانچىلىق ۋە نامراتلىق، ئادەتتىكى كىشىلەر بۇ ئەھۋالدا ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇ ئۇنداق قىلماپتۇ. گەرچە ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا تىركىشىشتىن توختاپ قالماپتۇ. چۈنكى ئۇ بۇ مەغلۇبىيەتلەرگە پەقەت نورمال پىسخىك ھالىتى بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، مەغلۇپ بولۇشتىن قورقماي ئىلگىرلىسىلا، ئۆز تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۆنۈم بېرىدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشىنىپتۇ.
ئىككىنچى يىلى ئۇ يېڭىچە بىر خىل ئەدەبىي ئۇسلۇپتا يېزىلغان «قۇياش ھەر كۈنى كۆتۈرۈلىدۇ» ناملىق روماننى روياپقا چىقىرىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇ ئىزچىل ئوخشىمىغان ئۇسلۇپ ۋە تېمىلاردىكى نادىر ئەسەرلىرىنى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىپتۇ. ئۇنىڭ «ئەلۋىدا، قورال» ناملىق رومانى 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىكى نادىر ئەسەرگە ئايلاندى. «كىلىمانجارودىكى قار» 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھېكايىلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق دۇنيا ئەدەبىيات غەزىنىسىدىكى ئەڭگۈشتەر ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن ئۇ يىگىرمە يېشىدا كۆڭلىگە پۈككەن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يازغۇچى بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
1954-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئالاھىدە نەتىجىلىرى بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ دەل دۇنياۋىي يازغۇچى ھېمىڭۋايدۇر.
ھېكمەت: بىزنىڭ ھاياتتا ئىككىلەنگۈدەك بەك كۆپ ۋاقتىمىز يوق، ئىشلاردا ھەرىكەتكە كېلىشتە چاققان بولۇشىمىز كېرەك. پەقەت ھەرىكەت جەريانىدىلا بىز ئۆزىمىزدىكى خاتالىقلارنى ئۈزلۈكسىز بايقاپ، ئۇنى تۈزىتەلەيمىز ۋە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. ئەڭ مۇھىمى، بىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا نورمال پىسخىك ھالەت بىلەن تاقابىل تۇرىشىمىزدۇر. شۇنداق قىلغاندىلا بىز ئۆزىمىز كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ بارالايمىز.