ياسىنجان سادىق چوغلان

ئورنى Wikipedia

ياسىنجان سادىق 1966- يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى يەكەن ناھىيە بازىرىدا تۇغۇلغان .1986- يىلى شىنجاڭ سۇ ئىلىكتىر ئىشلىرى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ۋە بۈگۈنكى كۈنگىچە يەكەن دەريا باشقارمىسىدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. 1996- يىلى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىپ شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ تولۇق كۇرۇس دىپلومىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى بىيجىڭ لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت كۇرسىدا ئوقۇغان . تۇنجى ئىجادىيىتى 1988-يىلى يەكەن گىزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئاددىي-ساددا باشلىق» ناملىق ھىكايىسى بىلەن باشلانغان .

ھازىرغىچە «داۋان»، «جاللات خىنىم»(ئىككى قىسىم) ، «نازىنىن قىزلار» قاتارلىق 3 پارچە رومانى، «يۈرىكىم يىغلايدۇ»، «ئاي مۈككەن كىچە»، «كاككۇك بالىسى»، «جانانغا يىزىلغان خەتلەر»، «سۈكۈتتىكى زىمىن»، «دىۋان مەشرەپكە تۆكۈلگەن قان»، «ئادالەت ھامىيسى سەئىدىخان»، «كۈيلەر خانىشى ئاماننىساخان» قاتارلىق ھىكايە، پوۋېستلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان .

ئىرىشكەن مۇكاپاتلىرى: 6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى, 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تۇلپار ئەدەبىياتى مۇكاپاتى،ئالتۇن توي مۇكاپاتى، تارىم مۇكاپاتى قاتارلىق ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا ئىرىشكەن. «سۆلەتۋاز ئايال» ناملىق روماننى نەشىرگە تاپشۇرغان، « باھادىرنامە» ناملىق سەككىز قىسىملىق تارىخى رومانى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

1966 - يىلى