ياشاش – ئوقۇش ئۈچۈنلا ئەمەس
ياشاش – ئوقۇش ئۈچۈنلا ئەمەس
(بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا يازغان خېتى)
ئەخمەت ئىمىن
ئېيتقىنا، دادا، مەن نېمە ئۈچۈن مەكتەپكە بارىمەن؟ ئوقۇش ئۈچۈن - ھە؟!
ئېيتقىنا، ئانا، مەن نېمە ئۈچۈن ئوقۇيمەن؟ ئۆگىنىش ئۈچۈن - ھە؟!
مەن نېمىنى ئۆگىنىمەن؟ ئۆزۈمنىڭ بىلمىگەنلىرىمنى ئۆگىنىمەن. مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەر دەرسلىك كىتابقا يېزىقلىق. مەن شۇ كىتابنىلا ئۆگەنسەم، ھەممىنى بىلىمەن، ئەلاچى بولىمەن، يۈز نومۇر ئالىمەن. مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنىڭ شەرتى مانا شۇ. ئۆلچەملىك ئوقۇغۇچى بولۇشۇم ئۈچۈن ئوقۇشۇم، دەرسلىك كىتاب ئوقۇشۇم، كۈندۈزدىمۇ ئوقۇشۇم، كەچتىمۇ ئوقۇشۇم، توختىماي ئوقۇشۇم كېرەك. مەن شۇ چاغدىلا سىلەردەك ئادەم بولالايمەن: سىلەرگە ئوخشاش، سىلەرنىڭ كاللاڭلارغا ئوخشاش، ئوپئوخشاش پىكىر قىلىدىغان ئادەم بولالايمەن. سىلەرنىڭ مەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدىڭلار مۇشۇ، شۇنداقمۇ؟
ئۈمىد – ھەربىر كىشىنىڭ يېتىشكە ئىنتىلىدىغان نىشانى.
سىلەرنىڭ مەندىن كۈتىدىغان ئۈمىدىڭلار – مېنى يەتكۈزىدىغان نىشان.
ئۇ نىشان – سىلەر چۈشىنىپ يەتكەن، سىلەر بېرىپ توختىغان نىشان؛ ئۇ نىشانغا سىلەر مېنى تۈپتۈز يول بىلەن، ماشىنا بىلەن، ھەتتا مۇمكىن بولسا، ئايروپىلان ياكى ئالەم كېمىسى بىلەن بىراقلا ئاپىرىۋەتمەكچى. ئۇ تۈپتۈز يول – ئوقۇش؛ ئۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئولتۇرىدىغان ماشىنىمۇ، ئايروپىلانمۇ، ئالەم كېمىسىمۇ يەنە شۇ ئوقۇش – تەييارنى ئوقۇش، تۈجۈپىلەپ ئوقۇش، باش كۆتۈرمەي ئوقۇش.
لېكىن، سىلەر شۇ نىشانغا ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇنداق تۈپتۈز، بىر خىللا يول بىلەن يەتكەن بولغىيمىدىڭلار؟
بىر نىشانغا يېتىشنىڭ بىر خىللا يولى بولمايدۇ، خۇددى بىر مەسىلىنى يېشىشنىڭ يولى نوقۇل بىر خىللا بولمىغاندەك.
مەنمۇ مېڭىپ باقاي، ئۆزۈم تاللىغان يول بىلەن مېڭىپ باقاي: كىتابنىلا ئەمەس، تەبىئەتنىمۇ ئۆگىنىپ باقاي، جەمئىيەتنىمۇ ئۆگىنىپ باقاي. چۈنكى، ئۆگىنىشنىڭ يولى پەقەت مەكتەپتىلا بولمايدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆگىنىپ باقاي، كۆزىتىپ تۇرۇپ ئۆگىنىپ باقاي، ئويناپ تۇرۇپ ئۆگىنىپ باقاي، ئويلاپ تۇرۇپمۇ ئۆگىنىپ باقاي.
بۇ مېنىڭ ئۈمىدىم.
كىچىكلەر چوڭلارنىڭ ئۈمىدىگە ھۆرمەت قىلغان يەردە، چوڭلار كىچىكلەرنىڭ ئۈمىدىگە ھۆرمەت قىلماسلىقى كېرەكمۇ؟
كىچىكلەرنىڭ ئۆزىگە خاس دۇنياسى بولىدۇ، ئۆزىگە خاس ياشاش يولى بولىدۇ. بالىلىق – ئۆسمۈرلۈكنىڭ ئۆزىمۇ بىر زور كىتاب. لېكىن، ئۇ تەييار ئۇقۇملارنى يىغىپ قويغان كىتاب ئەمەس. ئۇ تولىمۇ قىزىقارلىق كىتاب – ئوقۇسا كۈلىدىغان ھەم ئويلاندۇرىدىغان، ئىنتايىن زور – ئالەمچە قانۇنىيەتلەرنى ئىما قىلالايدىغان، لېكىن ھەرقانداق ڧورمۇلىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان؛ سىرلىقمىكىن دېسە، تولىمۇ ئاددىي، ئاددىيمىكىن دېسە، مەزمۇنغا تولىمۇ باي كىتاب.
دادا، ئانا، سىلەرمۇ بۇ كىتابنى ئوقۇپ قويۇڭلار. ئۇ ھېچبولمىغاندا سىلەرگە مېنىڭ يۈرىكىمنى ئېچىپ كۆرسىتەلەيدۇ. ئۇ سىلەرنى «ئوقۇ - ئوقۇ»، «توختىماي ئوقۇ»، «يۇقىرى نومۇر ئال»، «پالانىدىنمۇ يۇقىرى نومۇر ئال» دەپ، ئەمدىلا تېخى ئېرىقنى كۆرگەن بالىنى دەھشەتلىك رىقابەت قاينىمىغا تاشلايدىغان، ئاددىي كامالەك ئويناپ باقمىغان بالىنى رەھىمسىز جەڭدە ئوق ئۈزۈشكە زورلايدىغان رولغا چىقىشتىن توسايدۇ. ئۇ سىلەرگە بالىلارنىڭ ياشاش مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
ياشاش ئوقۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئوقۇش ياشاش ئۈچۈن؛ ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈن، ھەقىقىي ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈن! ئۇ كىتابتا دەل مۇشۇنداق دېيىلگەن.
بالىلارنىڭ نۇرغۇن سوئاللىرى بار:
ئادەمدەك ياشاش بالىلارچە ساپ قەلبنى، سەبىيلەرچە پىكىر قىلىشنى چەتكە قاقامدۇ؟
ئادەمدەك ياشاش قۇللارچە ئىتائەتمەنلىكتىن، ئەبەدىي بېقىندىلىقتىن دېرەك بېرەمدۇ؟
ئادەمدەك ياشاش – ھەممەيلەن بىر ئىزدىلا مېڭىش، ھەممەيلەن بىر خىللا بولۇش دېگەنلىكمۇ؟
بۇ سوئاللارغا ئۇ كىتابتا ناھايىتى ياخشى جاۋاب بېرىلگەن.
مەن سىلەر يازغان كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن، دادا.
مەن سىلەر «ئوقۇ!» دېگەن كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن، ئانا.
ئەمدى سىلەرمۇ مەن دېگەن كىتابنى ئوقۇپ قويۇڭلار.
ئۇ تەبىئىيلىكنىڭ ھەرقانداق زورلۇق ئۇقۇمىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ يازغان كىتابى.
ئۇنىڭ بىسمىللاسى: ھەرقانداق زۆرۈرىيەتكە پەقەت ئەركىنلىك ئارقىلىقلا يەتكىلى بولىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.
2000 – يىلى 4 – ئاي
(ئەخمەت ئىمىن: «سۆيىمەن سېنى دۇنيا»، 1 - قىسىم، 612 – 614 - بەتلەر)