ياغمىلار

ئورنى Wikipedia

ياغمىلار: ياغمىلار (咽面) توققۇز ئوغۇزلارغا تەۋە قەبىلە بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇرغۇچىلار دەپ قارىلىدۇ. ياغمىلار ھەققىدە «ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر»دە: «شيەنفېڭ 4-يىلى (يەنى مىلادىيە 673-يىلى) 12-ئايدا، كۇنەسلەر جەنۇبتا تىبەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، شىمالدا ياغمىلارنى باشلاپ كېلىپ، قەشقەرگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى» دېيىلگەن، يەنە مىلادىيە 682-يىلى تۈركلەردىن ئاشىنا قاپىش بىلەن ئۈچ ياغمىلارنىڭ بىرلىشىپ تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ئىلى دەرياسى ۋادىسى ۋە ئىسسقكۆل ئەتراپلىرىدا ئۇرۇش قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇ ياغمىلارنىڭ دەسلەپ جۇڭغار ۋادىسى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ۋە ئىسسىقكۆل، بالقاش كۆلى ئەتراپلىرىدا ياشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن. تەتقىقاتچىلار ياغمىلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدا ئاتىئېزلار ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشىگە، يەنى قۇتلۇق قاغاننىڭ 795-يىلى ياغلاقارلارنىڭ قولىدىن قاغانلىق تەختىنى تارتىۋالغانلىقىغا باغلاپ، قۇتلۇق قاغان ياغلاقارلاردىن قاغانلىق تەختىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، «قۇتلۇق قاغاننىڭ تەھدىتى بىلەن ياغلاقار ئۇرۇقىدىكى بەزى ئاقسۆڭەكلەر ئۆز قوۋمىنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ، خانلىقىنىڭ غەرب قىسمىدىكى ياغلاقار ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تەۋەسىگە بېرىۋالغان، كېيىن بۆلۈنۈش خاھىشى بارغانسېرى كۈچىيىپ، زور بىر تۈركۈمى قوي، ئاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلىپ، غەربتىكى بويسۇندۇرۇلغان قارلۇقلارنىڭ پائالىيەت رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئاخىرى ئاتۇشقا (يەنى قەشقەر رايونىغا) يېتىپ بارغان. مانا بۇ ياغمىلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبىئى ئىدى» دەيدۇ.

گەردىزىمۇ ياغما قەبىلىسىنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى ئۈستىدە توختالغاندا: «توققۇز ئوغۇزلاردىن بىر قىسىمى ئۆز قەبىلىسىدىن ئايرىلىپ قارلۇقلارنىڭ قېشىغا قېچىپ كەلگەن... ياغمىلار باي بولۇپ، نۇرغۇن يىلقىسى بار ئىدى» دېگەن. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا يېزىلغان مەشھۇر تارىخىي-جۇغراپىيۋى ئەسەر «ھۇدۇدۇلئالەم» (مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى نامەلۇم) دە ياغما قەبىلىسى ھەققىدە: «ئۇلارنىڭ بايلىقى ئات بىلەن قوي، ئۇلار باتۇر، كۈچلۈك، ئۇرۇشخۇمار بولۇپ، نۇرغۇن قوشۇنى بار، ئۇلارنىڭ خانى توققۇز ئوغۇز خان جەمەتىدىن... ئۇلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمەتلىكلىرى بولسۇن ياكى پەس-پېقىرلىرى بولسۇن، ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ خانىنى ھۆرمەتلەيدۇ» دېيىلگەن. رۇسىيلىك مەشھۇر تۈركولوگ بارتولد «ياغما» سۆزى تۈركىي تىلدا «ئاۋانگارت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ ئىزاھات بەرگەن. دېمەك، ئۇلارنىڭ «ياغما» دەپ ئاتىلىشى، ئىھتىمال ئۇلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ غەربكە قاراپ راۋاجىلىنىشىدا ئاۋانگارت بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. يەنە 12-ئەسىردە نامەلۇم ئاپتۇر تەرىپىدىن يېزىلغان «يىلنامە ۋە ھېكايىلەر توپلىمى» (编年史与故事汇编) دا ياغمىلارنىڭ خانىنىڭ بۇغراخان دەپ ئاتىلىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. شۇڭا، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلار «ياغمىلار بۇغراخان دەپ ئاتالغانىكەن، ئۇنداقتا بۇ ئۇنۋاننى ئىشلەتكەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خان جەمەتى تەبىئىيكى ياغما قەبىلىسىگە مەنسۇپ»[39]، «قاراخانىيلار خانلىقىنى قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مىللەت قۇرغان، يەنى قاراخانىيلار خانلىقى توققۇز ئوغۇز ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارمىقى بولغان ياغما قەبىلىسى تەرىپىىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن»[40] دەپ قارايدۇ. ۋاڭ يەندېنىڭ «قۇچۇغا ئەلچىلىككە بېرىش خاتىرىسى» دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، توققۇز ئوغۇزلارنىڭ مۇھىم قەبىلىسى بولغان ياغمىلار ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچۈپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇشىغىمۇ قاتناشقان. شۇڭا، «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» دا ياغمىلارنىڭ نامى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىكى مۇھىم قەبىلىلەر نامىدا تىلغا ئېلىنغان.