يالغۇز قالسىمۇ نۇتقىنى سۆزلەۋېرىدىغان پەيلاسوپ
يالغۇز قالسىمۇ نۇتقىنى سۆزلەۋېرىدىغان پەيلاسوپ
قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى پىررون (تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 365-275 يىللار) فېلافىننېسېتىكى ئېلىئادا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئۇ دەسلەپ رەسساملىق بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىنچە ئابدېرالىق پەيلاسوپ ئاناكسارخنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى ئاڭلاپ پەلسەپىگە قىزىقىپ قالغان.
ئۇ ئىسكەندەر ماكدۇنىسكىينىڭ ئاسىيا يۈرۈشلىرىگە ئىشتىراك قىلىپ، ھىندى زاھىتلىرى بىلەن ئۇچراشقان. پىررون ھەتتا ئىسكەندەرنىڭ جەڭ جەريانىدا ئەسىر ئېلىنغان زاھىتلار بىلەن بولۇپ ئۆتكەن سۆھبىتىگىمۇ ئىشتىراك قىلغان. زاھىتلارنى يۇنانلار «يالىڭاچ دانىشمەنلەر» دەپ ئاتاشقان بولۇپ، بۇ ھىندى زاھىتلىرى ناھايىتى ئورۇق، ئەمما ساغلام بولۇپ، قاپقارا بەدەنلىرىدە بەلۋاغدىن ئۆزگە ھېچ قانداق كىيىملىرى بولمىغان. شاھ ئىسكەندەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە قارار قىلىدۇ. بىراق ئاۋۋال ئۇلارنىڭ دانالىقىنى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن ھەر بىرىدىن سوئاللارنى سورايدۇ. ئىسكەندەرنىڭ:
— تىرىكلەر كۆپمۇ، ئۆلۈكلەرمۇ؟— دېگەن سوئالىغا بىرىنچى زاھىت شۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:
— تىرىكلەرمۇ، ئۆلۈكلەرمۇ مەۋجۇت ئەمەس.
— جانىۋارلارنى كۆپرەك يەر باقامدۇ ياكى دېڭىزمۇ؟—دېگەن سوئالغا ئىككىنچى زاھىت:
— جانىۋارلارنى ئاساسەن يەر باقىدۇ. دېڭىز بولسا يەرنىڭ بىر قىسمى، خالاس،— دەپ جاۋاب بەردى.
ئارقا-ئارقىدىن بېرىلىۋاتقان چوڭقۇر مەنالىق سوئاللار ھەر قانچە مۇرەككەپ بولۇشىغا قارىماي، زاھىتلارمۇ بوش كەلمەيدۇ.
ئىسكەندەر شاھ دېدى:
— جانىۋارلارنىڭ ئەڭ ھەييارى قايسى؟
— ئىنسانغا ناتۇنۇش بولغان جانىۋار ئەڭ ھەيياردۇر.
سوئال:
— كۈن ئاۋۋال پەيدا بولغانمۇ يا تۈنمۇ؟
جاۋاب:
— كۈن بىر كۈن ئاۋۋال پەيدا بولغان.
سوئال:
— ئەڭ سۆيۈملۈك ئىنسان بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلماق كېرەك؟
جاۋاب:
— بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ قۇدرەتلىك ھەمدە جاسارەتلىك ئىنسان بولماق لازىم.
سوئال:
— ھايات كۈچلۈكمۇ ياكى ئۆلۈم؟
جاۋاب:
— ھايات كۈچلۈك.
ئۇشبۇ تارىخىي ۋەقەدىكى ئاخىرقى سوئالنىڭ جاۋابى ماكېدونىيە ھۆكۈمدارى ئىسكەندەرنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇنىڭ: «ئىنسان ئىلاھ بولالامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا: «ئىنسانلار بېجىرىشكە قادىر بولمايدىغان ئىشنى بېجىرەلىگەن ئادەم ئىلاھ بولىدۇ» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ زاھىت. ئىسكەندەر ئۆزى ھەققىدە شۇنداق يۈكسەك پىكىردە ئېدى. شۇ سەۋەب ئەسىرلەرنىڭ بۇ جاۋابى ئۇنىڭغا ناھايىتى يېقىپ كېتىدۇ ۋە تەنتىلىك ھالدا زاھىتلارنى ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىدۇ. ئۇلۇغ سەركەردىنىڭ بۇ غەيرى ھەرىكىتى دۇنياغا يەنە بىر ئاجايىپ ئىنساننى— پەيلاسوپ پىرروننى تۆھپە قىلىدۇ.
* * *
پىررون ئېلىئادانىڭ ئالىي كاھىنى ئېدى. پەيلاسوپنىڭ مىجەز-خۇلقى، تەبىئىتى سىرلىق ۋە ئۆزىگە خاس بولۇپ، ئۇ ھېچ نەرسىنى ياقتۇرمايتتى، ھېچ نەرسىدىن تەسىرلەنمەيتتى. شۇنىڭدەك، ھېچكىم ئۇنىڭدەك ئىشلارنىڭ ماھىيىتىگە ئىشەنچ بىلەن قارىماس ئىدى. پىررون سۆزلەۋاتقاندا ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئاڭلاش ياكى ئاڭلىماسلىقى بىلەن قىزىقمايتتى. ناۋادا ئاڭلىغۇچىلار تارقاپ كېتىشسىمۇ ئۆزى يالغۇز نۇتقىنى داۋام قىلىۋىرەتتى.
پىررون ئۆزىنى ھەر ئىشقا گۇمان بىلەن قارىغۇچى كىشىلەرنىڭ قاتارىغا قوياتتى، نەرسىلەرنىڭ ماھىيىتىگە ئائىت ھەر قانداق قەتئىي پىكىر ئېيتىشتىن ئۆزىنى تارتىشنى ئەۋزەل كۆرەتتى. (پېر بېيل: «پىررونىزىم— بارچە مەسىلىلەرنى ئۇلارنىڭ ماھىيىتىنى چەتلەپ ئۆتكەن ھالدا مۇھاكىمە قىلىش سەنئىتىدۇر» دەپ يازغانىدى).
* * *
بىر كۈنى پىررون ئوچۇق دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا بوران چىقىپ كېتىدۇ. پەيلاسوپنىڭ كېمىدىكى ھەمراھلىرى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. پەقەت پىررونلا مۇتلەق خاتىرجەملىكنى ساقلىغان ھالدا ئۆزىنى يوقاتماي نېمىنىدۇر كۆشەۋاتقان چوشقىغا ئىشارە قىلىدۇ-دە:
— دانىشمەن ھەر قانداق شارائىتتا ئەنە شۇنداق بىپەرۋالىقنى ساقلاپ قالمىقى لازىم،- دەيدۇ.
* * *
قەدىمىي يۇنان پەيلاسوپلىرى سوقرات ۋە پىپاگۇرغا ئوخشاش پىررونمۇ پەقەت ئاغزاكى تەرزدە تەلىم بەرگەن. ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى ھەققىدە شاگىرتى پلىئۇنتلىق تىمون (مىلادىدىن بۇرۇنقى 320-230 يىللار) يېزىپ قالدۇرغان مەنبەلەر ئارقىلىق تەسەۋۋۇرغا ئېگە بولۇش مۇمكىن.
تىمون ئۆز ئۇستازىنى قۇياشقا ئوخشاتقان. ھەر ئىشقا گۇمان بىلەن قارىغۇچى سېكست ئېمپىرىك ئۆز دۇنيا قاراشلىرىغا سادىق ھالدا شۇنداق دېگەنىدى: «قۇياش كۆزدىن غايىب نەرسىلەرنى يارىتىپ، روشەن قىلىدۇ. پىررون بولسا ئەكسىچە، ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ئېنىق— روشەن بولغان نەرسىلەرنى مەۋھۇملاشتۇرىدۇ.»
بىر كۈنى پىرروندىن قەستەن شۇنداق سوئال سوراشتى:
— پىررون، سەن ئۆلمىگەنمىدىڭ؟
ئۆز تەلىماتىغا سادىق پىررون ئۈچۈن:
— بىلمەيمەن،— دەپ جاۋاب بېرىشتىن ئۆزگە يول قالمىغان ئىدى.
* * *
ئەگەر تىرىك مەۋجۇداتلار ئوتتۇرىسىدىكى خىلمۇ خىللىققا باغلىق رەۋىشتە مۇھاكىمە قىلىپ بولمايدىغان تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت ئىكەن، ئۇ ھالدا نەرسىلەر ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشتىن يالتايماق زۆرۈر. مەسىلەن، ئىنسانلار دېڭىز سۈيىنى ئىچكەندە خۇددى زەھەردەك يېقىمسىز تۇيۇلىدۇ. بېلىقلار بولسا شۇ سۇ ئىچىدە ياشايدۇ.
* * *
ئەگەر بىر نەرسە ھەممە ئادەم ئۈچۈن بىردەك گۈزەل ۋە ئاقىلانە كۆرۈنگەندە، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا غەرەزلىك مۇنازىرە پەيدا بولماس ئېدى.
* * *
نەرسىلەرنىڭ بىزگە نامەلۇم سۈپەتلەرگە ئېگە بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. سەۋەبى بىزدە بۇ سۈپەتلەرنى ھېس قىلىش ئەزالىرىنىڭ يوقلىقىدىدۇر... ناۋادا سەزگۈلەر تاشقى ئالەمنى قوبۇل قىلىشقا قادىر بولمىسا، دېمەك، تەپەككۇرمۇ ئۇ ھەقتە يېتەرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ بىز تاشقى ئالەم توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئۆزىمىزنى تارتىشىمىز كېرەك.
* * *
ئەگەر ھەر قانداق ھادىسە مەلۇم شارائىتلار، مۇساپىلەر ۋە ھالەتلەردە نامايان بولۇپ، تەسەۋۋۇرلىرىمىزدا چوڭ ئۆزگىرىش ياسىغان تەقدىردىمۇ بىز ئۇلارنى مۇھاكىمە قىلماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى قانداقتۇر تەسەۋۋۇرنى دەلىل-ئىسپاتسىز ئوتتۇرغا قۇيۇشقا بىزنىڭ ھەققىمىز يوق. ئېيتايلى، بىز دەلىل-ئىسپاتنىمۇ تاپتۇق. ئەمما ئۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە دەلىل-ئىسپات تەلەپ قىلىدۇ.
* * *
نەرسىلەرنىڭ تەبىئىتى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەستىقلىغۇچى دەلىللەر ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، ياغاچنىڭ رەندىلگەندە چىققان تارشىلىرى ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ، لېكىن پۈتۈن ياغاچنىڭ رەڭگى قارىدۇر ياكى ئاق ئەمەستۇر. خۇددى شۇنىڭدەك، كۈمۈشنىڭ ئۇۋۋاقلىرى قارىدەك بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئۇ پىششقىلانغان ھالغا كەلتۈرۈلگەندە ئاپئاق رەڭگە كىرىدۇ. شۇ سەۋەب ئۇلارنى قارىمۇ، ئاقمۇ دەپ خۇلاسە چىقىرىشقا بولمايدۇ... قۇم زەررىسىنى تۇتقىنىڭىزدا قاتتىق تۇيۇلسىمۇ، ئۇنى توپلاپ سىقىمدىغىنىڭزدا يۇمشاقلىقىنى ھېس قىلىسىز. لايىقىدا ئىستېمال قىلىنغان مۇسەللەس تەنگە قۇۋۋەت بولىدۇ، كېرىكىدىن ئارتۇقى بولسا تەننى بوشاشتۇرۇپ قۇيىدۇ.
يەر تەۋرەشكە بىرىنچى قېتىم دۇچ كەلگەنلەر ۋە يەرنىڭ سىلكىنىشىگە كۆنۈپ قالغانلار ئۇنىڭدىن تۈرلۈكچە تەسىرلىنىدۇ. دېڭىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئادەمنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ھاياجانغا چۈشۈشى مەلۇم. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش تۇنجى قېتىم ۋە تاسادىپى ئىنساننىڭ جىسمانىي گۈزەللىكىنى ئۇچراتقىنىمىزدا بىزنى ئۇنىڭ ئادىتى كۆرۈنۈشىگە نىسبەتەن كۆپرەك ھاياجانغا سالىدۇ. ئومۇمەن، كەم كۆرۈلىدىغان نەرسىلەر قىممەتلىك بولۇپ تۇيۇلىدۇ. ئاسانلىق بىلەن يېتىشىمىز مۇمكىن بولغان ۋە سان جەھەتتىن كۆپ مىقداردىكى نەرسىلەر بولسا قىممىتىنى يوقىتىدۇ. دېمەك، ئوخشاش بىر نەرسە بىزگە بەكمۇ غارايىپ ياكى قىممەتلىك بولۇپ تۇيۇلىدۇ. ياكى بىز نەرسىلەرنى كۆپلۈكى ياكى قىسلىقىغا قاراپ باھالايمىز. شۇنداق ئىكەن، بىز نەرسىلەرنىڭ ئەسلى كۆرۈنۈشىنىڭ قانداقلىقىنى ئېنىقلاشقا قادىر ئەمەسمىز.