ياللانما پىدائىيلىقنىڭ تادان ئەپتىگە قاراپ...
ياللانما پىدائىيلىقنىڭ تادان ئەپتىگە قاراپ...
ياللانما ئىشلەمچى دېگەننى بىلىمىز، ياللانما ئەسكەر دېگەن ئۇقۇمنىمۇ بىلىدىكەنمىز، لېكىن ياللانما پىدائىيلىق بىزدە ئانچە تونۇشلۇق بولمىسا كېرەك. تونۇشلۇق بولماسلىقى ياللانما پىدائىيلىقنىڭ بىزدە يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى زىيادە كۆپلۈكىدىن، ئۇنى پەرقلەندۈرۈپ ئىسىم قويۇپ ئەن سالغۇدەك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىپ كەتمىگەنلىكىمىزدىن بولۇشى مۇمكىن. ئالدىدا پەپىلەپ، ئارقىدىن خەنجەر ئۇرىدىغان نائەھلىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياللانمىلىق بىلەن ئالاقىسى بولغاندەك، ئاۋۋال يۇمشاپ، كۆڭۈل ئۇتۇۋالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ سەنىمىگە ھەممىنى دەسسىتىشنى ۋەزىپە قىلىش، يەنى خالاپ ياللانما بولۇش، ئۈستىلەپ ئۆز ئۆزىگە بۇنى ۋەزىپە قىلىشمۇ بىر تۈرلۈك ياللانما پىدائىيلىقنىڭ ئىپادىلىرى بولۇپ قالغاندەك. ئەلۋەتتە ياللىنىشنىڭ دەرىجىسىمۇ پەرقلىق بولىدۇ. بەزىدە ئامالسىزلىقتىن ياللانسا، بەزىدە موھتاجلىقتىن ياللىنىدۇ. بەزىدە ياللىنىشنى بىر پەزىلەت چاغلاپمۇ ياللىنىدۇ. يەنە بەزىلەر باركى، ياللىنىشقا خۇمار بولۇپ قالغىنى ئاز كەلگەندەك ئۇنى دەۋاسى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋېلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئۆزى ياللىتىدۇ. مانا بۇ ياللانما پىدائىيلىقنىڭ چېكى.
گىيۇتىينىڭ «ئەڭ ياخشى قۇل ئۆزىنى ھۆر چاغلايدىغان قۇلدۇر» دەپ ئېيتقىنىدەك، ياللانمىلىقنىڭ ئەڭ خەتەرلىكىمۇ خالاپ ياللىنىش ۋە ياللانمىلىشىشنى ھۆر ۋە جاسارەت چاغلىۋالىدىغان ياللانمىلىقتۇر. بۇنداق ياللانمىلىقتا بەدەلنى مەنپەئەتكە باغلاش، قارشى تەرەپنىڭ ياللىشىغا موھتاج قېلىش، ياللىنىشنى ئېھتىياجغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلار ھەرقاچان ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەكسىچە بۇنداق ياللانمىلىقتا مەجبۇر قېلىش، مەنپەئەتسىراش ياكى موھتاجلىق كەبى ئامىللار كۆتۈرلۈپ كەتكەن بولۇپ، خالاپ ياللىنىشتا ئۆزىنى ياللاتقان شەخسىيەت گويا روھىي ئاچلىقى بېسىلغاندەك، غالجىرلىقىغا يالاپ شۈمۈرۈپ تۇرىدىغان سۆڭەك تېپىۋالغاندەك توقلۇق، تويۇنۇش ھېس قىلىدۇ. ھۆر قىلغۇچى ھەقىقەتكە چىشى پاتمايدىغانلىق كەمچىللىكىنى سەپسەتىگە ئەل بولۇپ تۇرۇپ ھەقىقەتنى قارىلاشتىن ھۇزۇر ئېلىش ئارقىلىق تولۇقلىماقچى بولىدۇ. ھەتتا روھىيەت چۈشەلگەن ۋاقىتتا ياللاتقۇچى شۇ قەدەر تومپايلىشىدۇكى، ئىلىم ۋە پىكىردە يوقسۇزلۇقىغا باقماي ئانچىكى ئىناۋىتىنىمۇ ئۆزىنى ياللاتقان تەرەپنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن دوغا تىكىشنى ئاۋانگارتلىق چاغلىۋالىدۇ. گەپ ئۆتمەس، سۇ يۇقماس قاشاڭ بولۇۋېلىشنى ھۈنەر بىلىپ تۈگىلىۋالسىلا ھەممە ئىش پۈتىدىغاندەك ئويلاپ قالىدۇ. نەتىجىدە خالاپ تۇرۇپ ئۆزىنى ياللاتقۇچىلىقتىن قانداقتۇر ئۆزىمۇ شەرھلەشكە چامى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ قولچۇماقچىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ- دە، سەپسەتەنىڭ قولچۇماقچىلىقىنىمۇ بىر تۈرلۈك مەسئۇلىيەتكە، ۋەزىپىگە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. قولچۇماقلاشقاندا بولسا، ھەقىقەتنى سوراققا تاتىشقا بەلگىلەنگەن قاراۋۇل كۆرۈنۈپ غادايسا، سەپسەتەنى چوڭ كۆرۈپ ئۇنىڭغا كۈچۈكلىنىش، ئۇنى دەۋر بۆلگۈچ كەشپىياتتەك رېكلامىنى چىقىرىش، ئۇنىڭ دۇكانچىسى بولۇش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىدۇ.
ياللىنىش ئىككىلەمچى ئامىلغا تايانغان ۋاقىتتا بۇنىڭ تەجرىبىسى كۆپىنچە بىر كىشىلىك بولىدۇ. ياللانغۇچىمۇ ياللىنىشنىڭ تەمىنى ئۆزى يالغۇز تېتىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۆزىنى ياللاتقۇچىدا بولسا ئەھۋال ئوخشىمايدۇ. كۆپىنچە ھالدا ئۆزىنى ياللاتقان تەرەپ ياللىغان تەرەپكە كۆڭۈل تاسمىسىنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتقۇزغان بولىدۇ. ياللىغۇچىسىنىڭ كۆڭۈل بېغى بىلەن ئۆزىنىڭ بېغىنىڭ تۇتاش بولۇشىدىن راھەتلىنىدۇ، ھەتتا كەيف ئالىدۇ. ئۇنى ئۆزىنىڭمۇ ئەتىۋارلىغىنىدەك، بىراۋلارنىڭمۇ ئەتىۋارلىنىشى ئارزۇلايدىغان بولۇپ قېلىشتىن، سۈنئىي قولغا كەلتۈرگەن كەيفنى ئورتاق سۈرۈش غېمىدە يۈرىدىغان ئاۋارىگەرگە ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. مانا بۇ خالاپ ياللىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان سېپى ئۆزىدىن ياللانما پىدائىيلىقتۇر.
ياللانما پىدائىيلىقنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ياللىغۇچى بىلەن رىشتىدار بولۇۋېلىشىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. شۇڭا ئۇ دائىم ياللىغۇچىسىنىڭ ئىستەكلىرىنى ئۆز ئىستىكى بىلەن بىر ئورۇندا قويىدۇ. ئەقلىيلىك ئۈستىگە قۇرۇلمىغان ھەرقانداق رىشتىنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاش، ئۆزىنى ياللاتقۇچىمۇ بۇ باسقۇچقا كەلگەندە ئەقلىنى گەجگىسىگە قايرىپ قويۇپ ئىش قىلىشتىن ئايانمايدۇ. ئىلىمدىن، ھېكمەتتىن ۋە ئەقلىيلىكتىن مەنبەلەنگەن توغرا نەسىھەت ياكى تەكلىپ - تەۋسىيەلەرمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرياق ئەمەس، ئەسكىچە زەھەرلىك دورىغا ئوخشاش نەپرەت ۋە قېچىش ئوبيېكتى بولۇپ ئەقىلىيلىك كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ. ئەقلىيلىك كۆتۈرۈلگەندە بولسا، جاھالەتنىڭ سەتەڭ يۈزى ھەر زامان ئۇنىڭ ھايۋانىي تۇيغۇلىرىنى ئەخلاقىي تۇيغۇلىرىدىن ھالقىتىدىغان دەرىجىدە تىپىرلىتىپ تۇرالماس قىلىپ قويىدۇ. نەتىجىدە نە ئەلنىڭ نەزىرى، نە ھەقنىڭ رىزاسى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تىيىن بولۇپ، ياللانمىلىق تەبىئەت ھەمىشە ئۇنىڭغا ئۆز رىزاسىنىڭ ھەق رىزاسىغا تەڭ ئىكەنلىك سىگنالى بىلەن ئۇنى ئۆزىگە رام قىلىپ باغلاپ تۇرۇشنى، جەلپكار ئەپتى - بەشىرىسى ئارقىلىق مەھلىيا قىلىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ. ئەقىل تەربىيەچىلىرى ئېيتقاندەك، نادانلىقنىڭ داۋاسى بار، ئەمما دۆتلۈكنىڭ يوق. خۇددى شۇنىڭدەك موھتاجلىقتىن، مەنپەئەتتىن، تاماسىراشتىن كەلگەن سەپسەتەگە قولچۇماق بولۇشنى تۈزەشتىن، ئۇنىڭ نىجاتلىقىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن. چۈنكى ئېيتىلغىنىدەك بۇنىڭغا تۈرتكە بولۇۋاتقان ئامىل ئىككىلەمچى. لېكىن خالاپ قولچوماق بولغاننىڭ نىجات تېپىشى بەسى مۈشكۈل. چۈنكى ئۆز ھەقىقەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈپ سەپسەتەدىن ئوغۇز سۈتى سىغىپ ئىچىش تەمەسىدە يۈرگەن گالۋاڭلىقنىڭ ئوڭشىلىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش، ئىلىمسىز قاشاڭ ناداننىڭ نىجاتلىقىدىن ئۈمىدلىنىش ئۆلگەننىڭ تېرىلىپ قىلىشىنى كۈتكەنگە ياتىدىغان چارىسىز ئۈمىدلىنىشتۇر. بۇنداق ئاينىشلارغا قارىتا دېگىلى بولغىدەك سۆز دوختۇرلارنىڭ سەكرات ئۈستىدىكى بىمارغا ئېيتقىنىدەك: «ئاللاھتىن ئۈمىد ئۈزۈلمەس»تۇر.
ھىدايەت تەڭرىنىڭ ئىلكىدە، زالالەتمۇ شۇ، دەرلەر. ئەي غاپىل تادان! ئەجەبا سەن ئىككىسىدىن بىرىنى ئىستىدىڭ- دە، تەڭرىمۇ رەت قىلدى؟
-بۇرھان مۇھەممەد
2023-01-20
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى