يانغىن ئېلكىتاب ئامبىرى(yanghin.net)

ئورنى Wikipedia

بىكەت ھەققىدە

يانغىن ئېلكىتاب ئامبىرى 2015-يىلى 5-ئايدا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدە بېكەت سىستېمىسى تۈزۈش، ماتېرىيال مەنبەسى تولۇقلاش قاتارلىق تەلەپلەرنى تولۇق ئورۇنداپ 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى (قۇربان ھېيت كۈنى) تور دۇنياسىغا ئېلان قىلىنغان. يانغىن ئېلكىتاب ئامبىرى ئېچىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، كۆرۈنمە يۈزىنىڭ كۆركەم ھەم چىرايلىقلىقى، مەزمۇنلىرىنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، خاسلىقىنڭ يۇقىرىلىقى ۋە تورداشلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلدى.


ئامبىرىمىز قۇرۇلۇپ قىسقىغىنە بىرقانچە يىل ئىچىدە، مۇكەممەل سېستىملاشقان ئۆز خاسلىقىغا ئىگە غوللۇق ئېلكىتاب ئامبىرى بولۇپ شەكىللەندى. ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز تېرىشىش ۋە تورداشلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى ئاستىدا، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلىرىمىزنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمىز.


ئامبىرىمىز ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، زاماننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تور بېكەت يېڭى نۇسخىسى ۋە ئەپ دېتالىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلدى. سىز ئەپ دىتالىمىزنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدىلىكلەرنى ھېس قىلالايسىز. قىنى ئەمىسە ئەپ دىتالىمىزنى چۈشۈرۈۋېلىڭ!


چوڭلىرىمىز «كۆچەت تىكسەڭ پۇتاپ تۇر تۈز لىم ئالىسەن، بىكار بولساڭ كىتاب كۆر ئالىم بولىسەن» دېگەن بولۇپ، سىز ئامبىرىمىزنىڭ تور بېكىتى ۋە ئەپ دېتالى ئارقىلىق بىكار ۋاقىتلىرىڭىزدا، ناھايىتى قولاي ھالدا خالىغان كىتابنى تېز سۈرئەتتە تېپىپ كۆرۈپ، بىلىم دائىرىڭىزنى كېڭەيتەلەيسىز.


ئېلكىتاب ئامبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلار، باشقا تىلدىكى كىتابلار، مەشھۇر يازغۇچىلار ئەسەرلىرى، تىل ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى، ماقالە، ئاۋازلىق ئەسەر ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتاب ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل سەھىپىلىرى بار. ئامبىرىمىز تورداشلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىگە ئاساسەن داۋاملىق پايدىلىق دەپ قارىغان ئېلكىتابلارنى قەرەللىك ھالدا ئىشلەپ تارقىتىدۇ.


كىتاب ئوقۇش - باشقىلارنىڭ ئەقلىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە جاپاسىز بىر ساياھەتتۇر. بۇ ئىلىم سەپىرىڭىزدە، يانغىن سىزگە ھەمراھ بولغۇسى!

yanghin.net