يانقىر قەبرىستانلىقى

ئورنى Wikipedia
مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

يانقىر ( ياڭخې ) قەبرىستانلىقى، يالقۇنتاغنىڭ جەنۇبىي باغرىدىكى چۆللۈككە جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي پىچان ناھىيىسى تۇيۇق يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بەش كىلومېتىر، شەرقىي جەنۇبىي ياڭخې شاكەنتىگە ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ. قەبرىلەر ئەتراپىدىكى يەر يۈزىدىن سەل ئېگىزرەك كەلگەن ئۈچ پارچە تەكشى تۆپىلىككە تاقالغان بولۇپ، 1 – ،2 – ،3 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىقلارغا ئايرىلىدۇ.1988 –يىلى 11 – ئايدا، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق – ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى 1 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىققا 77 قەبرە، 2 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتا بەش قەبرە قازدى. 2003 – يىلى 3 – ئايدىن 5 – ئايغىچە، يۇقىرىدىكى تەتقىقات ئورنى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ، 1– نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتا 209 قەبرە، 2 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتا 213 قەبرە، 3 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتا 80 قەبرە قازدى ۋە تازىلىدى، 1 –نومۇرلۇق قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ساپال قاچىلار بىلەن ياغاچ بويۇملار ئاساس بولۇپ، ساپال قاچىلار كومزەك، جام، ئاياق، قاتارلىقلار؛ ياغاچ بويۇملاردىن ئۇرچۇق، تارغاق ۋە ئوق قاتارلىقلار، ئۇلاردىن باشقا يەنە مىس پالتا، مىس پىچاق، ئېغىزدۇرۇق، بېزەك قاتارلىق بويۇملار قېزىۋېلىندى. بۇ قەبرىستانلىقتىن مىس بىلەن تۆمۈردىن بىرىكتۈرۈپ ياسالغان بىر دانە كەمەر توقىسى تېپىلدى، باشقا تۆمۈر بويۇم ئۇچرىمىدى. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، تېرىق، ئازراق بايقالدى.

ھۆججەت:Yanqir.jpg
يانقىر قەبرىستانلىقى

مەزكۇر قەبرىستانلىقنىڭ دەۋرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2000 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن مىلادىيدىن بۇرۇنقى 1000 –يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان زامانلارغا تەۋە بولىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. 2 – نۇمۇرلۇق قەبرىستانلىقتىن قولدا ياسالغان ساپال، كومزەك، ئىۋرىق، ئېگىز پۇتلۇق ئاياق، جام، قازان، ئاياق، جوغىلىق جام قاتارلىق 293 دانە بويۇم قېزىۋېلىنغان. بۇلار ئىچىدە، ياغاچ بويۇملار كۆپ بولۇپ، ئۇلار سوغا، جاۋۇر، تاۋاق، قەدىمكى چالغۇ چاڭ قاتارلىقلار ۋە يا بىلەن ئوق، قامچا قاتارلىق بىرىكمە قوراللاردىن ئىبارەت. قېزىۋېلىنغان بويۇملار ئىچىدە تاش بويۇملار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئوغۇر بىلەن بىلەيدىن ئىبارەت.قېزىۋېلىنغان بۇ بويۇملار ئىچىدە مىس بويۇملار ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئېغىزدۇرۇق، پىچاق قاتارلىقلاردۇر. بايقالغان تۆمۈر بويۇملارمۇ ناھايىتى ئاز، ئاساسلىقى پىچاق ھېسابلىنىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش كېرەككى، بۇ قەبرىستانلىقتىكى M2069 نومۇرلۇق قەبرىنىڭ ئاغزىغا يېپىلغان شاخ – شۇمبىلار ئىچىدىن قەبرە ئاغزىدىن 30 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر تال ئۈزۈم تېلى شېخى بايقالدى. يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مۇناقى ئۈزۈم تېلىنىڭ شېخى ئىكەن. 3 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتىن ساپال قاچىلار، ياغاچ بويۇملار، تاش قوراللار، تۆمۈر بويۇملار، ئالتۇن ۋە مىس بويۇملار، سۆڭەك ۋە مۈڭگۈزدىن ياسالغان بويۇملار، تېرە ۋە يۇڭدىن ئىشلەنگەن بويۇملار قېزىۋېلىندى. ساپال قاچا تۈرلىرىدىن ھېجىر، جام، كومزەك، ئىۋرىق، ئاياق، ئېگىز پۇتلۇق ئاياق قاتارلىقلار؛ ياغاچ بويۇملاردىن جاۋۇر، تاۋاق، قۇلاقلىق جام، چۆمۈچ، چىنە، تارغاق، يا ۋە ئوق، سوغا قاتارلىقلار؛ تاش قوراللار تاش يالپاق قورال، توقماقچە، بىلەي، قاتارلىقلار؛ تۆمۈر بويۇملاردىن پىچاق، بىگىز، كەمەر ئىلمىكى، ئېغىزدۇرۇق، باشاق، كىچىك جام قاتارلىقلار. ئالتۇن ۋە مىس بويۇملاردىن باشقا سۆڭەك ۋە مۈڭگۈز بويۇملاردىن سۆڭەك شۈمەك، مۈڭگۈز جام قاتارلىقلار؛ تېرە ۋە يۇڭ بويۇملاردىن تېرە غىلاپ، تېرە ياستۇق، يۇڭ بەلباغ، كىگىز مالىخاي قاتارلىقلار بار.

يانقىردىكى ئۈچ قەبرىستانلىقنىڭ دەۋر جەھەتتە پەرقى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت جەھەتتە بىر قەدەر بىر دەكلىككە ئىگە بولۇپ، برونزا دەۋرىنىڭ ئاخىرىدىن دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرىگىچە داۋام قىلغان مەدەنىيەت ھېسابلىنىدۇ. ئىقتىسادىي فورماتسيسىدە چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق ئاساس قىلىنغان بولۇپ، قوشۇمچە يىرىك تېرىقچىلىقمۇ بولغان.