يانچىلىق تۈزۈمى

ئورنى Wikipedia

يانچىلىق تۈزۈمى (رۇسچە: Крепостное право، خەنچە: 农奴制)، ئوتتۇرا ئەسر ياۋروپاسىدا، مىراس شەكلىدە ئۆزىگە بۆلۈنگەن ئاپاناج تۇپراقلاردا يەر ئىگىسىگە ئىشلەيدىغان دېھقان.[1] ئېتىز ۋە مەھسۇلنىڭ مۇلكىيىتى يەر ئىگىسىگە ئائىت بولۇش بىلەن بىرگە، يانچىلار ئاشلىق ۋە كىيم - كېچەك ئىھتىياجلارىنى قامدايالىغۇدەك مىقداردا مەھسۇلاتنى ئۆزلىرىگە ئېلىپ قالالايدۇ.[1]

قۇللۇق تۈزۈمىگە ئىنتايىن ئوخشىشىدىغان بۇ تۈزۈمدە يانچىلار قۇللارغا ئوخشاش ئېلىپ سېتىلمايتتى.[1] يانچىلار ئادەتتە ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان ئېتىز-دالىلاردا ئىشلەش بىلەن بىرگە، بەئزىدە يەر ئىگىسى تەرىپىدىن، باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلمىگەن ئېتىز- قىرلاردىمۇ ئىشلىتەلەيتتى. شۇنداقلا ئۆزلىرىگە ئايرىلغان ئاشلىقنى تارتىش ئۈچۈن پەقەتلا ئۆز يەر ئىگىسىگە تەۋە تېگۈرمەنلەرنى ئىشلىتەلەيىتتى.[1]

يانچىلار بىلەن ئەركىن دېھقانلار ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم پەرق كۆچۈش ئەركىنلىكى ئىدى.[1] يانچىلار خۇجايىنلارنىڭ ئىزنى بولماي ئېتىز-ئېرىقلىرىنى ۋە قىشلاقلارىنى ھەر دائىم تاشلاپ كېتەلمەيتتى. بۇلاردىن باشقا توي قىلىش، ئىش ئالماشتۇرۇش ياكى ماللىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن خۇجايىنلارنىڭ رۇخسىتى ئالىشى كېرەك بولاتتى.[1] يەرگە باغلىق ئىدىلەر، يەر سېتىلغاندا يەر بىلەن بىللە يېڭى خۇجايىنىنىڭ يانچىلىقىنى قىلاتتى. كۆپىنچە يامان مۇئامىلىگە ئۇچرايىتتى ۋە قانۇن ئالدىدا خۇجايىنلارغا كۆرە بەك تار دائىرىدە ھەق-ھوقۇققا ئىگە ئىدىلەر.[1] يانچىلىقتىن قۇرتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئازاد قىلىنىش ياكى قېچىش ئىدى.[1]

مەنبە[تەھرىرلەش]

  1. 1.0 1.1 1.2 1.3 1.4 1.5 1.6 1.7 "serfdom." Encyclopædia Britannica Ultimate Reference Suite. Chicago: Encyclopædia Britannica, 2011.