ياڭ شيگۇ
ياڭ شيگۇ (خەنچە:杨袭古\楊襲古Yáng xí gǔ؛ ؟—791) خەنسۇ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ سوڭغى بەشبالىق تۇتۇقى.[1]
كەچمىشى
[تەھرىر]ياڭ شىگۇنىڭ دەسلەپكى ھاياتى توغرىلىق ئۇچۇر يوق. باشبالىق تۇتۇقى بولۇشتىن بۇرۇن، يىشى بەشبالىق ۋاقىتلىق ھەربىي ۋالىيسى بولغان. سابىق ھەربىي ۋالىيسى لى يۈەنجوڭ 786 - (جېنيۈەن 2 -) يىلى مايدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تاڭ دېزوڭ ياڭ شيگۇنى بەشبالىق چوڭ قوغدىغۇچىسى ۋە يىشى بەشبالىق ھەربىي ۋالىيسى قىلىپ تەيىنلەپ، ھەربىي مەيدانلار ۋە خانخايغا مەسئۇل قىلغان. 789 - (جېنيۈەن 5 -) يىلى تۈبۈتلەر ئۈچ قارلۇق ۋە ئاقكۆز تۈركلەرنى يېنىغا تارتىپ بەشبالىققا ھۇجۇم قىلغان. ئۇيغۇر باش ۋەزىر ئىل ئۆگەسى بەشبالىقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر قوشۇنلىرىغا رەھبەرلىك قىلغان. 790 - (جېنيۈەن 6 -) يىلى مايدا، ياڭ شىگۇ تۈبۈتلەرگە قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن 2000 ئادەمنى باشلاپ قوچۇغا (شيجوۋ) چېكىنىپ كەتكەن. شۇ يىلى كۈزدە، ئىل ئۆگەسى ئون مىڭلىغان ئادەمنى باشلاپ قايتا ھۇجۇمغا كەلگەن، ياڭ شىگۇمۇ قوچۇدىن ھۇجۇم باشلىغان. ئۇرۇشتا ئىل ئۆگەسى ۋە ياڭ شىگۇ ئىككىسى تۈبۈتلەر تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. ياڭ شىگۇ قوچۇغا چېكىنىشنى ئويلىغان، ئەمما ئىل ئۆگەسى ياڭ شىگۇنى ئۆزىنىڭ چېدىرىغا ئېلىپ كېلىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن، بەشبالىق بىلەن تاڭ سۇلالىسى مەركىزى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.[2]
مەنبە
[تەھرىر]- ↑ «جۇڭگو يىپەك يولى سۆزلۈكى»، باش تۈزگۈچى: شۆ لى () ش ج خەلق نەشرىياتى، 1994، ئۈرۈمچى، 382 - بەت. \\ 雪犁主编.《中国丝绸之路辞典》.新疆人民出版社.1994年.第382页.
- ↑ «كونا تاڭنامە»: بيوگرافىيەلەر: 12 - جىلد، دېزۇڭ بيوگرافىيەسى 1 2025-12-24 - كۈنى تەكشۈرۈپ مۇقىمدالدى.\\《旧唐书·本纪·卷十二.德宗本纪上》