Jump to content

ياۋروۋىزىيون ناخشا مۇسابىقىسى

ئورنى Wikipedia
قاتناشقۇچى دۆلەتلەر
2010-يىللىق ياۋروۋىزىيون چىمپىيونى لەنا
ياۋروۋىزىيون ناخشا مۇسابىقىسى
بېكىتىلگەن ۋاقتى 1956
بۇرۇنقى نامى ياۋروۋىزىيون ياۋروپا چوڭ تىپتىكى ناخشا مۇسابىقىسى
تەشكىللىگۈچى ياۋروپا ئىتتىپاقى رادىئو-تېلېۋىزىيە بۆلۈمى
قېتىم سانى 56
ئايلىنىش ۋاقتى يىللىق
ئورنى ياۋروپا
ھازىرقى چىمپىيون ئەلدار ۋە نىگار
كۆرۈلۈش رېكوردى 35000 كىشى
رېكوردچى دۆلەت ئېرلاندىيە (يەتتە قېتىم)
تور بېتى http://www.eurovision.tv

ياۋروۋىزىيون ناخشا مۇسابىقىسى شىۋىتسارىيە تېلېۋىزىيە شىركىتى دېرىكتورى مارسەل بېزاڭسوڭنىڭ تۈرتكىسىدە، سان-رومانو سەنئەت بايرىمى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە 1956-يىلى 24-مايدا، شىۋىتسارىيەنىڭ لوگانو شەھرىدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ناخشا كېچىلىكى پۈتۈن ياۋروپادا تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تارقىتىلىدۇ. يېقىنىقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئامرېكا ۋە ئاۋسترالىيە تېلېۋىزىيىلىرىدىمۇ، دۇنيانىڭ باشقا يەرلىدە تور ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان بولدى. مۇسابىقىنىڭ نامى ياۋروۋىزىيون تېلېۋىزىيە تورىدىن ئېلىنغان بولۇپ، كۆرۈلۈش ئادەم سانى بىر مىلياردتىن ئاشىدۇ. مۇسابىقە ياۋروپا ئىتتىپاقى رادىئو-تېلېۋىزىيىسىگە ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بولمىغان ئالجېرىيە، مىسىر، لىۋان، ئىسرائىلىيە، لىۋىيە، ماروك (ماراكەش)، سۈرىيە ۋە تۇنىزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسرائىلىيە 1973-يىلدىن ئېتىبارەن نامزات ئەۋەتىۋاتىدۇ. تۇنىزىيە 1980-يىلى بىر قېتىم نامزات ئەۋەتكەندىن كىيىن، قايتا قاتناشمىدى.

قاتناشقۇچى دۆلەتلەر:

[تەھرىر]

1956-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقىدە پەقەت فرانسىيە، غەربى گىرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، لىيۇكسىمبۇرگ، بېلگىيە ۋە شىۋىتسارىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەت بار ئىدى. كىيىنكى يىلى، ئەنگىلىيە، دانىيە ۋە ئاۋستىرىيەلەر قېتىلدى. 1959-يىلى، موناكومۇ سەپكە قېتىلدى. 1993-يىلىغا كەلگەندە، ئېستونىيە، رۇمانىيە، سلوۋاكىيە، ۋىنگرىيە، بوسنىيە-گرتسىگوۋىنا، سلوۋېنىيە ۋە كرۇدىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قاتارغا قوشۇلدى. بىر يىلدىن كىيىن، لېتۇۋانىيە، روسسىيە ۋە پولشالار كەلدى.

1956-يىلىدىن بېرى ئۇتۇپ چىققان دۆلەتلەر:

[تەھرىر]
يىلدۆلەتناخشاناخشىچىتىلى
1956شىۋىتسارىيەRefrain / قايتارمالىس ئاسسىيافرانسۇزچە
1957گوللاندىيەNet Als Toen / شۇنىڭغا ئوخشاشكورى بروكىنگوللاندچە
1958فرانسىيەDors, Mon Amour / ئۇخلا، ئاشىقىمئاندرې كلاۋوفرانسۇزچە
1959گوللاندىيەEen Beetje / كىچىككىنەتېدى شولتىنگوللاندچە
1960فرانسىيەTom Pillibi / توم پىللىبىژاكلىن بوۋيېفرانسۇزچە
1961لىيۇكسىمبۇرگNous les amoureux / بىز ئاشىقلارژاڭ-كلود پاسكالفرانسۇزچە
1962فرانسىيەUn premier amour / تۇنجى مۇھەببەتئېزابەل ئوبرىفرانسۇزچە
1963دانىيەDansevise / ئۇسسۇللۇق يۈرۈشگرەت ۋە يورگىن ئنىگماندانىيەچە
1964ئىتالىيەNon ho l'età / تېخى يېشىم كىچىكژىگلىيولا سىنكېتىئىتالىيانچە
1965لىيۇكسىمبۇرگPoupée de cire, poupée de son / موم قونچاق، ئاۋازلىق قونچاقفرانسېس گالفرانسۇزچە
1966ئاۋىستىرىيەMerci Chérie / رەھمەت قەدىرلىكىمئۇدۇ يۈرگىنىسنېمىسچە
1967ئەنگىلىيەPuppet On A String / ئارقان ئۈستىدىكى قونچاقسەندى شوۋئېنگىلىزچە
1968ئىسپانىيەLa, la, la لا،لا،لاماسىيەلئىسپانچە
1969ئىسپانىيەVivo Cantando / ناخشام بىلەن ياشايمەنسالومېئىسپانچە
1969ئەنگىلىيەBoom Bang-a-Bang / بۇم باڭ-باڭلولوئېنگىلىزچە
1969گوللاندىيەDe Troubadour / ترۇبادۇرلىنى كۇرگوللاندچە
1969فرانسىيەUn jour, un enfant / بىر كۈن، بىر بالافرىدا بوكارافرانسۇزچە
1970ئېرلاندىيەAll Kinds Of Everything / ھەرتۈرلۈك ئىشلاردانائېنگىلىزچە
1971موناكوUn banc, un arbre, une rue / بىر ئۇزۇن ئورۇندۇق، بىر دەرەخ، بىر كوچاسېۋغىنفرانسۇزچە
1972لىيۇكسىمبۇرگAprès Toi / سەندىن كىيىنۋىكى لېئاندروفرانسۇزچە
1973لىيۇكسىمبۇرگTu Te Reconnaîtras / ئۆزۈڭنى تونۇيسەنئان-مارى داۋىدفرانسۇزچە
1974شىۋىتسىيەWaterloo / شاقىراتمائاببائېنگىلىزچە
1975گوللاندىيەDing-A-Dong / دىڭ ئا دوڭتىچ-ئىنئېنگىلىزچە
1976ئەنگىلىيەSave Your Kisses For Me / سۆيۈشلىرىڭىنى ماڭا ساقلائىنسانلار قېرىنداشلىقىئېنگىلىزچە
1977فرانسىيەL'Oiseau et L'Enfant / قۇش ۋە بالامارى مەريەمفرانسۇزچە
1978ئىسرائىلىيەA-Ba-Ni-Bi / مەن ياكى سەنئىزھار كوھىنئىبرانىچە
1979ئىسرائىلىيەHallelujah / سۈبھانىئاللاھگالى ئاتارىئىبرانىچە
1980ئېرلاندىيەWhat's Another Year / يەنە بىر يىل نېمە بولغىدەكجونى لوگانئېنگىلىزچە
1981ئەنگىلىيەMaking Your Mind Up / بىر قارارغا كەلباكىس فىزئېنگىلىزچە
1982گىرمانىيەEin Bisschen Frieden / ئازراق تنىچلىقنىكولنېمىسچە
1983لىيۇكسىمبۇرگSi la vie est cadeau / ئەگەر ھايات سوۋغات بولساكورىن ئەرمەسفرانسۇزچە
1984شىۋىتسىيەDiggi-Loo Diggi-Ley / دىگىلۇ، دىگىلەيھىرىسشىۋتچە
1985نورۋىگىيەLa det swinge / ئەللەيلەبوبىسوكىسنورۋىگچە
1986بىلگىيەJ'aime la vie / ھاياتنى سۆيىمەنساندرا كىمفرانسۇزچە
1987ئىرلاندىيەHold Me Now / مېنى ھازىرلا تۇتجون لوگانئېنگىلىزچە
1988شىۋىتسىيەNe partez pas sans moi / مەنسىز كەتمەڭلارسېلىن دىيوڭفرانسۇزچە
1989يۇگۇسلاۋىيەRock Me / مېنى روكلارىۋاسېرب ۋە كرودچە، ئېنگىلىزچە
1990ئىتالىيەInsieme: 1992 / بىرلىكتە: 1992توتو كوتونىيوئىتالىيانچە
1991شىۋىتسىيەFångad av en stormvind / قۇيۇندا قالماقكارولاشىۋتچە
1992ئىرلاندىيەWhy Me / نېمىشقا مەنلىندا مارتىنئېنگىلىزچە
1993ئىرلاندىيەIn Your Eyes / كۆزلىرىڭدەنىيام كاۋانائېنگىلىزچە
1994ئىرلاندىيەRock'n Roll Kids / روكىنرول بالىلارپول ھەرىڭتون، چارلى مەكگەتىگانئېنگىلىزچە
1995نورۋىگىيەNocturne / كېچە كۈيىمەخپى باغچەنورۋىگچە
1996ئىرلاندىيەThe Voice / ئاۋازئېمىئەر كۈۋىنئېنگىلىزچە
1997ئەنگىلىيەLove Shine A Light / مۇھەببەت نۇرلاندۇرىدۇكاترىنا ۋە دولقۇنلارئېنگىلىزچە
1998ئىسرائىلىيەDiva / پەرىزاتدانا ئىنتىرناتسىيونالئىبرانىچە
1999شىۋىتسىيەTake Me to Your Heaven / مېنى جەننىتىڭگە ئېلىپ كەتشارلوت نىلسونئېنگىلىزچە
2000دانىيەFly On The Wings Of Love / مۇھەببەتنىڭ قاناتلىرىدا ئۇچۇشئولسىن قېرىنداشلارئېنگىلىزچە
2001ئىستونىيەEverybody / كۆپچىلىكتانەل پادار، داۋ بېنسونئېنگىلىزچە
2002لاتۋىيەI Wanna / قىلغۇم بارمارى ئەنئېنگىلىزچە
2003تۈركىيەEveryway That I Can /مەن ماڭالىغۇدەك ھەر بىر يولسەرتاب ئەرەنەرئېنگىلىزچە
2004ئوكرائىناWild Dances / ياۋايى ئۇسسۇللارروسلانا لىژىچكوئوكرائىنچە، ئېنگىلىزچە
2005گرىتسىيەMy Number One / مېنىڭ ئەڭ ئېسىلىمئېلېنا پاپارىزۇئېنگىلىزچە
2006فىنلاندىيەHard Rock Hallelujah / سۈبھانىئاللاھ قاتتىق روكلوردىئېنگىلىزچە
2007سېربىيەMoltiva / دۇئامارىيا سېرېفوۋىچسېربچە
2008روسسىيەBelieve / ئىشەندىما بىلانئېنگىلىزچە
2009نورۋىگىيەFairytale / چۆچەكئالىكساندىر رىباكئېنگىلىزچە
2010گىرمانىيەSatellite / سۈنئى ھەمرالەنا مەيەر-لاندۇرۇتئېنگىلىزچە
2011ئەزەربەيجانuRunning Scared / ئۈركۈپ قاچقانئەلدار ۋە نىگارئېنگىلىزچە

مەنبەلەر

[تەھرىر]