ياۋرۇپا ئىتتىپاقى

ئورنى Wikipedia

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە سىياسى ئىقتىسادى گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ رايون مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرغان سىياسىي ئىقتىسادى تەشكىلات بولۇپ، باش شىتابى بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدا تەسىس قىلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيادا ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت مەيدانغا كەلدى. ئۇرۇشتا ھالىدىن كەتكەن فرانسىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تارىختىكى شانۇ-شەۋكىتىدىن ئايرىلىپ، سوۋېت ئىتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ۋە خەلقارا سىياسى-ئىقتىسادتا ئامېرىكىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ، گېپىنى ئاڭلىمىسا بولمايدىغان كۈنگە قالدى.

بۇ ياۋروپالىقلار ئۈچۈن قاتتىق ئويلىنىش ئېلىپ كەلدى. ياۋروپالىقلار دۇنيا خەرىتىسىگە قاراپ، ناۋادا يالغۇز ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايانغاندا پۈتكۈل ياۋروپانىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تەرەققىيات پەرقىنىڭ كىچىكلىشىگە ئەگىشىپ ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا سىياسىدا ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئورۇن تۇتالمايدىغانلىقىنى، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈچلۈك ھالەتنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچنى ئىتىپاقلاشتۇرۇپ بىرلىككە كېلىش لازىملىقىنى كۆرۈپ يەتتى. ياۋروپادا بۇرۇندىنلا بار بولغان ئۆزئارا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تېنچ بىرلىكتە ياشاش ئارزۇسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم كۈچەيدى. 1946-يىلى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل ھەتتا ياۋروپا فىدىراتسىيىسى قۇرۇپ، سوۋېت ئىتىپاقىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش تەكلىۋىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. 1957-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى فرانسىيەغەربىي گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، لىيۇكسىمبورگ دىن ئىبارەت ئالتە دۆلەت رىمدا ئالدى بىلەن، پولات-تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك ۋە يېزا ئىگىلىكىگە قارىتا چېگرا بېجى، تاموجنا، باج ۋە ئەركىن بازارنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈپ مەنپەئەتلىرىنى بىرلىكتە قوغداپ، تاشقى سىياسەت ۋە خەلقارا ئىقتىسادى مەسىلىلەردە ئوخشاش ئاۋاز بىلەن پىكىر قىلىش مەقسەد قىلىنغان ياۋروپا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇردى. بۇ رىم ئەھدىنامىسى دەپ ئاتالدى.

1965-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالتە دۆلەت يەنە بىريۇسسېل ئەھدىنامىسىنى تۈزۈپ ياۋروپا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسى، ياۋروپا پولات-كۆمۈر ئورتاق گەۋدىسى، ياۋروپا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت ئۈچ گەۋدىنى1967-يىلى 7-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدى. ياۋروپا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرغان دۆلەتلەر ياۋروپادىكى ئەڭ باي ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بولغانلىقتىن ئورتاق گەۋدىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىمۇ يۇقىرى بولدى، 1973-يىلى ئەنگلىيە، دانىيە، ئېرلاندىيە، 1981-يىلى گىرىتسىيە،1986-يىلى ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاتناشتى. 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى ماستېرىت باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپا ئورتاق پۇلىنى بارلىققا كەلتۈرۈش توغرىسىدا قارار ماقۇللىدى. 1993-يىلى ماستېرىت ئەھدىنامىسى كۈچكە ئىگە بولۇپ ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دەپ ئاتالدى. 1995-يىلى ئاۋستىرىيە، شىۋىتسىيە، ۋە فىنلاندىيە ياۋروپا ئىتىپاقىغا قاتنىشىپ ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەز دۆلەتلەر 15كە يەتتى.

1999-يىلىغىچە بولغان نەچچە يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يىللىق ئىقتىسادى ئېشىشى %3 ئەتراپىدا بولدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامىتى 1993-يىلىدىكى 17مىڭ دوللاردىن 21مىڭ دوللارغا ، ئومۇمى ئىقتىسادى دارامىتى1993-يىلىدىكى ئالتە تىرلىيون دوللاردىن 2002-يىلىدىكى 10تىرلىيون دوللارغا يەتتى. ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى مۇۋەپپىقىيىتى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى جەلپ قىلدى. 1999-يىلى ياۋروپا ئىتىپاقى رەسمىي تۈردە ياۋرونى بازارغا سېلىپ، ئەنگلىيە، گىرىتسىيە، شىۋىتسىيە، دانىيەدىن باشقا بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلىرىنىڭ پۇل سوممىسىنى بىرلىككە كەلتۈردى، گىرىتسىيە 2001-يىلىدىن باشلاپ ياۋرۇ ئىشلەتتى. 2002-يىلى ياۋروپا ئىتىپاقى باشلىقلار يىغىنى قارار سىپرۇس، ۋېنگىرىيە، چېخ، سىلوۋاكىيە، ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، مالتا، پولشا، سىلوۋونىيە قاتارلىق 10 ئوتتۇرا ياۋروپا دۆلىتىنى ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. 2004-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى يۇقارقى ئون دۆلەت رەسمى ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولۇپ قالدى. 2007-يىلىدىن باشلاپ رومىنىيە ۋە بۇلغارىيەمۇ ياۋروپا ئىتىپاقىغا قاتناشتى. 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى 27 دۆلەت رەھبىرى بېريوسىلدا ئالاھىدە ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بېلگىيە باش ۋەزىرى خىرماننى دائىمىي رەئىسلىككە سايلاپ چىقتى.