Jump to content

يوللارنىڭ ھەممىسى ئەينى يەرگە ئاپىرىدۇ

ئورنى Wikipedia

فېرناندۇ  پېسىۋا

يوللارنىڭ ھەممىسى ئەينى يەرگە ئاپىرىدۇ.

بار نەرسە يوق، ھەممە ئۆزگە بولماقتا.

ئۆلچەم بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى، دېمەك، مەۋجۇد بولمىغان قائىدىدىن مۇستەسنا قىلىنغانلاردۇر.

ئىنسان - بولۇشنى ئىستەيدىغان ھايۋان.

يامانلىق زېمىننىڭ ھەممە يېرىدە بار، سائادەت ئۇنىڭ بىر شەكلى.

خاسلىقىمنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىمەن. بېيىيمەن (تەرەققىيات دېگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك).

تەرەققىي قىلمايمەن: سەپەر قىلىمەن.

ئىنساننىڭ كامالەتكە يېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىك نېمىدېگەن تراگېدىيىلىك-ھە!... شۇنداقلا، ئاڭا ئىشىنىشمۇ نېمىدېگەن تراگېدىيىلىك!

داۋاملىق ئىندىۋىدۇئال شەخسنى چىقىش قىلىشىمىز كېرەك، ھەتتا كېيىنچە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كەلسىمۇ.

دىيۇجىن (كۈندۈزنىڭ يورۇقىدىمۇ يېنىپ تۇرغان چىرىغى بىلەن) ئىنساننى ئىزدىگەن بولسا، پلاتون بىرنېمە ئىزدىمىگەن ئىدى.

تەڭرىلەر بىز مەڭگۈ بولالمايدىغاننىڭ گەۋدىلىنىشىدۇر.

خۇدانىڭ يوقلۇقى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر خۇدادۇر.

ئاللاھ دېمەك بىزنىڭ بولغانلىقىمىز ھەمدە ھەرنېمىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇنداق بولالمايدىغانلىقى دېمەكتۇر.

تەبىئەت روھ بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىچىلىكتۇر.

تولۇقىڭ بىلەن ھەرنېمىدە بول، سېنىڭ تولۇقىڭ بىلەن ھەرنېمىدە بولىشىڭ ئىش قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر. يوللارنىڭ ھەممىسى ئەينى يەرگە ئاپىرىدۇ.

بەزىدە، ئىنتىلىشلىرىم ۋە ئويلىرىم مېنى قورقۇنچ ھەم ھەيرانلىق بىلەن قامچىلىغان چاغلارمۇ بولغان: ئەنە شۇ چاغدا، ماڭا ھەقىقەتەن ئايان بولىدىغىنى مېنىڭ نېمىدېگەن ئاز بىر قىسمىم ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىغانمەن.

بىركىم بىركىمنى چۈشەنمەيدۇ. ھەرنېمە تاسادىپىيلىقتۇر، يوچۇقتۇر، بىراق ئۇلار ھەممىسى تاكامۇللۇقتا ماسلاشقان.

ئىنساننىڭ كۆرسەتمەكچى ۋە ئىپادىلىمەكچى بولىۋاتقىنىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەن بىر تېكىستنىڭ گىرۋىكىگە يېزىلغان بىر ئەسكەرتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاشۇ ئەسكەرتىشنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن تېكىستنىڭ مەنىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاڭقىرىغىلى بولىدۇ، بىراق بىر خىل گۇمان ئىدىيىمىزدىن زادىلا يوقىمايدۇ، چۈنكى ئۇ(تېكىست)نىڭ ئېھتىماللىق مەنىلىرى نۇرغۇن.

كائىناتتەك تۈرلۈك بول.

بىزگە كېرەك بولىۋاتقىنى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئارقىلىق كۆپىيىشىدۇر.

ھەربىر شەخسىي ھېسسىياتقا، ھەربىر پىسخىك ھالەتكە روھ ئاتا قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

«مەن»نىڭ ئىككى ياقلىمىلىقى نۇرغۇنلىغان ئانانىزم ھالەتلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھادىسىدۇر.

ھايات سەھنىسىدە، ئىخلاسمەن كىشىنىڭ رولىنى ئالغۇچى، ئومۇمەن، ئۆزى ئالغان رولنى ياخشى ئوينىغۇچىدۇر.

بىز ئەقىللىق بولغىنىمىزدا بىزنىڭ ئىخلاسمەن بولىشىمىز تولىمۇ تەسكە توختايدۇ! ئىنتىلىشلىرىمىزدە مانا مۇشۇنداق ئالىجاناپ بولىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ساراڭلىق، بىنورمال ئىش بولمىغانلىقى بىلەن، ئىنساننىڭ تەبىئىي شەرت-شارائىتى ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر بىز ساراڭلىقىمىزنى ئاڭقىرىمىغان بولساق ھەمدە ئۇ مۆتىدىل بولغان بولسا، بۇ بىزنىڭ تەبىئىي ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بىز ئۇنى ئاڭقىرىمىغان بولساق ھەمدە ئۇ مۇئەييەنلەشمىگەن بولسا، بىز ساراڭ بولغان بولىمىز. بىراق، ئەگەر بىز ئۇنى ئاڭقىرىساق ھەمدە ئۇ مۆتىدىل پېتى قالسا، بىز خامخىياللىرى يوق ئادەملەر بولغان بولىمىز. ئەگەر بىز ئۇنى ئاڭقىرىساق ھەمدە ئۇ مۇئەييەنلەشمىگەن بولسا، ئۇ چاغدا، بىز تالانت ئىگىلىرى بولغان بولىمىز.

ئەگەر بىرەر ئىت بىزگە ئوخشاش تەپەككۈر قىلىشقا باشلىسا (ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولمايدىغان پەرەز)، ئۇ چاغدا، ئۇ باشقا ئىتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەل بىر ئىتقا ئايلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ، ئۇنى ئاشۇ باشقا ئىتلار تالاپ ئۆلتۈرىۋېتىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، چۈنكى ئۇنى ساراڭ دەپ ئويلىشىدۇ.

ئىنسان قاشاڭلىق تىزگىنلەپ تۇرغان شەخسىيەتچىلىكتۇر. ھايۋانمۇ شۇنداق.

ئىنسان بىرنېمىنى ھايۋانلاردىن ئارتۇق بىلىپ كەتمەيدۇ، بەلكى، ئۇلاردىن ئاز بىلىدۇ. ھايۋانلار ئۆزلىرى بىلىشكە مۇھتاج بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ. ئەمما بىز بولساق ئۇنداق ئەمەس.

ھايات بىزنىڭ ئۆزگىگە تەئەللۇق بولغانلىقىمىزدۇر. ئۆلۈم بىزنىڭ ئۆزگىگە تەئەللۇق بولغانلىقىمىزدۇر. ھايات بىلەن ئۆلۈم ئوخشاش. شۇغىنىسى، ھايات بىزنىڭ ئۆزگىگە تېشىدىن تەئەللۇق بولغانلىقىمىز ھەمدە ئۆلۈم ئۆزگىگە ئىچىدىن تەئەللۇق بولغانلىقىمىزدۇر. ھايات ئۆلۈمنىڭ تاشقى تەرىپى ئىكەنلىكىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئىككىلىسى ئوخشاش بىر ئىش.

ئۆلۈم يولنىڭ ئەگمىسى دېمەكتۇر، ئۆلۈم كۆزلەردىن غايىپ بولۇشتۇر پەقەت.

ياق، بىرنېمە ئىستىمەيمەن. سىلەرگە دېدىمغۇ: بىرنېمە ئىستىمەيمەن. ئىبرەت ئېلىشقا ئۇرۇنماڭلار. ئۆلىدىغانلىقىمىز - بىردىنبىر ئىبرەت.

بىز بۇرۇنقى ھاماقەتلىكنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى.

كېسەللىك ساغلاملىقنىڭ بىر شەكلىدۇر. ساغلام ئادەم، ئەگەر ئۇ بار دېيىلسە، بىز كۆرگەن ئەڭ غەلىتە مەخلۇق ھېساپلىنىدۇ.

پىسخىك ئانالىزچىلار، بەزىدە، كېسەل پىسخىكىنىڭ قانداق ئىش-ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىراق ئۇلار ساغلام پىسخىكىنىڭ قانداق ئىش-ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

خاسلىق باراۋەرسىزلىكنىڭ بىر شەكلىدۇر. يەنى، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ رېئاللىقى ئۇنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلاردىن پەقەتلا ئۆزگىچە بولۇش دېمەكتۇر.

ئۆز بولۇمىمدىن شۇنچىلىك كۆپ يېشىندىمكى، مەۋجۇدىيەت ماڭا نىسبەتەن كىيىم كېيىشكە ئايلاندى.

ھايات دېمەك قۇياشتا تۇرۇپ بانان سېتىۋېلىش دېمەكتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ تېخى قۇياش يوقالمىسىلا ھەمدە ئۇندا سېتىلىدىغان بانان تېپىلسىلا دېگەن گەپ! شۇنداق بولسىمۇ، ياشاشقا جۈرئەت قىلىشتىن كۆرە يازغىنىمىز ئەۋزەل.

ئۆلسەم، بىركىم مەن ئۈچۈن يوقىتىش ھېس قىلمايدۇ؛ تۆنۈگۈندىن بېرى شەھەردە ئۆزگىرىش بولدى، دېمەيدۇ بىركىم.

دېڭىزدا سەپەر قىلمىساق بولمايدۇ، تۇرمۇش كەچۈرمىسەكمۇ بولىۋېرىدۇ... تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى: بىزنىڭ ئىجاد قىلىشىمىز.


(ئەرەبچىدىن ئەخمەتجان ئوسمان تەرجىمىسى)



ئەرەبچىسى:


فرنانــدو بيســوا

كل الطرق تؤدي إلى المكان ذاته

لا شيء موجود، الكل يصبح آخر.

لا وجود للمعايير. البشر بأسرهم هم استثناء لقاعدة غير موجودة.

الإنسان حيوان يرغب في أن ينوجد.

الشر في كل مكان على الأرض، وأحد أشكاله السعادة.

أبدل شخصيتي رويدا رويدا. أغتني (ربما يكمن التطور هنا).

لا أتطور: أسافر.

أي مأساة في عدم الإيمان باكتمالية الإنسان!... وأي مأساة، في الإيمان بها!

علينا الانطلاق من الكائن الفرد دائما، حتى وإن توجب أن نهجره في ما بعد.

كان ديوجين (بقنديله المشتعل في وضح النهار) يبحث عن إنسان؛ أما أفلاطون فلم يكن يبحث عن شيء.

الآلهة هم التجسيد لما لا يمكن لنا أن نكونه أبدا.

أن لا يكون هناك رب، فهذا رب بدوره.

الله هو أن نكــون موجودين، وأن كـل شــيء لا يحــال إلى ذلك بأسره.

الطبيعة، هي الاختلاف ما بين الروح والله.

كن بأكملك في كلّ شيء، لأن كونك كاملا في كلّ شيء، هو الطريقة المثلى للتصرف. كل الطرق تؤدي إلى المكان ذاته.

يحدث أن تسوطني تطلعاتي وأفكاري بالخوف والدهشة: حينذاك أتبين كم أن جزءا قليلا مني يظهر لي حقا.

ما من أحد يفهم أحدا. كل شيء صُدفة، فجوة، لكنهم جميعا يتناغمون بتكامل.

كل ما يعرضه الإنسان، يعبر عنه، ليس سوى ملاحظة إلى هامش نص ممحو بالكامل. يمكننا، إلى حد ما، ووفقا لمعنى الملاحظة، أن نستنتج ما يمكن أن يكون عليه معنى النص: بيد أن شكا يبقى حاضرا دائما فكل المعاني الممكنة متعددة.

كن متعددا مثل الكون.

ما يلزمنا، أن يتضاعف كل واحد من خلال نفسه.

علينا أن نعطي لكل عاطفة شخصية، لكل حالة نفسية، روحا.

كل ازدواج للأنا هو ظاهرة تنبثق في العديد من حالات الاستمناء.

في مسرح الحياة، من يلعب دور الرجل المخلص هو، بعامة، من يلعب دوره بشكل أفضل.

كم يكلفنا الإخلاص غاليا حين نكون أذكياء! هكذا علينا أن نكون شرفاء في طموحنا.

الجنون، وبعيدا عن كونه أمرا شاذا، هو الشرط الطبيعي للكائن البشري. إن لم نكن نعي جنوننا، وكان معتدلا، فهذا معناه أننا طبيعيون. إن لم نكن نعيه وكان غير محدد، فنحن مجانين. أما إذا وعيناه، وبقي معتدلا، فنحن بشر بدون أوهام. إن وعيناه وكان غير محدد، عندها، نكون عباقرة.

إن بدأ كلب بالتفكير مثلنا (فرضية غير قابلة للتحقق)، فعندها يصبح كلبا أكمل من الكلاب الأخرى، ومع ذلك، من المحتمل جدا أن تقتله هذه الكلاب الأخرى، إذ سيعتقدون أنه مجنون.

الإنسان أنانية لَطّفتها البلادة. الحيوان أيضا.

لا يفقه الإنسان شيئا أكثر من الحيوانات؛ بل يعرف أقل منها. إنها تعرف كل ما هي بحاجة إلى معرفته. أما نحن، فلا.

الحياة، هي أن ننتمي إلى آخر. الموت، هو أن ننتمي إلى آخر. الحياة والموت سيّان. لكن الحياة هي أن ننتمي إلى آخر من الخارج والموت إلى آخر من الداخل. الأمران يتشابهان سوى في أن الحياة هي الجانب الخارجي للموت.

الموت هو منعطف الطريق، الموت، أن نختفي عن الأنظار فقط.

كلا: لا أريد شيئا. قلت لكم ذلك، لا أريد شيئا. لا تحاولوا استنتاج العبر! العبرة الوحيدة هي في أن نموت.

نحن انمساخ الحماقة الماضية.

المرض هو شكل من أشكال الصحة. الإنسان السليم، إن كان موجودا، سيكون أكثر الكائنات التي نجدها شذوذا.

يعرف المحللون النفسيون (أحيانا) كيف تعمل النفس المريضة، لكنهم يجهلون كيف تعمل النفس السليمة.

التفرد هو أحد أشكال عدم المساواة ـ أيّ ليس واقع أن يُظهر إنسان هذه السمة أو تلك، التي تميزه أكثر عن الآخرين، لكن أن يكون، ببساطة، مختلفا عنهم.

لكثرة ما تعرّيت من كينونتي الخاصة، أصبح الوجود، بالنسبة إليّ، أن أرتدي الثياب.

الأفضل أن نكتب من أن نجرؤ على العيش، بالرغم من أن الحياة ليست سوى أن نشتري الموز من على الشمس، هذا طالما بقيت الشمس وطالما هناك موز للبيع.

لن يفتقدني أحد إن مت: لن يقال: منذ الأمس تغيرت المدينة.

من الضروري أن نبحر، العيش ليس ضروريا... العيش ليس ضروريا: الضروري هو أن نبدع.



ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە


فرنانــدو بيســوا

فېرناندۇ پېسىۋا


كُلُّ الطُّرُقِ تُؤَدِّي إِلَى الْمَكَانِ ذَاتِهِ.

يوللارنىڭ ھەممىسى ئەينى يەرگە ئاپىرىدۇ.


لَا شَيْءَ مَوْجُودٌ، الْكُلُّ يُصْبِحُ آخَرَ.

بار نەرسە يوق، ھەممە ئۆزگە بولماقتا.


لَا وُجُودَ لِلْمَعَايِيرِ. الْبَشَرُ بِأَسْرِهِمْ هُمُ اسْتِثْنَاءٌ لِقَاعِدَةٍ غَيْرِ مَوْجُودَةٍ.

ئۆلچەم بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى، دېمەك، مەۋجۇد بولمىغان قائىدىدىن مۇستەسنا قىلىنغانلاردۇر.


الْإِنْسَانُ حَيَوَانٌ يَرْغَبُ فِي أَنْ يَنْوَجِدَ.

ئىنسان - بولۇشنى ئىستەيدىغان ھايۋان.


الشَّرُّ فِي كُلِّ مَكَانٍ عَلَى الْأَرْضِ، وَأَحَدُ أَشْكَالِهِ السَّعَادَةُ.

يامانلىق زېمىننىڭ ھەممە يېرىدە بار، سائادەت ئۇنىڭ بىر شەكلى.


أُبَدِّلُ شَخْصِيَّتِي رُوَيْدًا رُوَيْدًا. أَغْتَنِي (رُبَّمَا يَكْمُنُ التَّطَوُّرُ هُنَا).

خاسلىقىمنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىمەن. بېيىيمەن (تەرەققىيات دېگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك).


لَا أَتَطَوَّرُ: أُسَافِرُ.

تەرەققىي قىلمايمەن: سەپەر قىلىمەن.


أَيُّ مَأْسَاةٍ فِي عَدَمِ الْإِيمَانِ بِاكْتِمَالِيَّةِ الْإِنْسَانِ!... وَأَيُّ مَأْسَاةٍ، فِي الْإِيمَانِ بِهَا!

ئىنساننىڭ كامالەتكە يېتىدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىك نېمىدېگەن تراگېدىيىلىك-ھە!... شۇنداقلا، ئاڭا ئىشىنىشمۇ نېمىدېگەن تراگېدىيىلىك!


عَلَيْنَا الانْطِلَاقُ مِنَ الْكَائِنِ الْفَرْدِ دَائِمًا، حَتَّى وَإِنْ تَوَجَّبَ أَنْ نَهْجُرَهُ فِي مَا بَعْدُ.

داۋاملىق ئىندىۋىدۇئال شەخسنى چىقىش قىلىشىمىز كېرەك، ھەتتا كېيىنچە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كەلسىمۇ.


كَانَ دِيُوجِينُ (بِقِنْدِيلِهِ الْمُشْتَعِلِ فِي وَضَحِ النَّهَارِ) يَبْحَثُ عَنْ إِنْسَانٍ؛ أَمَّا أَفْلَاطُونُ فَلَمْ يَكُنْ يَبْحَثُ عَنْ شَيْءٍ.

دىيۇجىن (كۈندۈزنىڭ يورۇقىدىمۇ يېنىپ تۇرغان چىرىغى بىلەن) ئىنساننى ئىزدىگەن بولسا، پلاتون بىرنېمە ئىزدىمىگەن ئىدى.


الْآلِهَةُ هُمُ التَّجْسِيدُ لِمَا لَا يُمْكِنُ لَنَا أَنْ نَكُونَهُ أَبَدًا.

تەڭرىلەر بىز مەڭگۈ بولالمايدىغاننىڭ گەۋدىلىنىشىدۇر.


أَنْ لَا يَكُونَ هُنَاكَ رَبٌّ، فَهَذَا رَبٌّ بِدَوْرِهِ.

خۇدانىڭ يوقلۇقى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر خۇدادۇر.


اللهُ هُوَ أَنْ نَكُونَ مَوْجُودِينَ، وَأَنَّ كُلَّ شَيْءٍ لَا يُحَالُ إِلَى ذَلِكَ بِأَسْرِهِ.

ئاللاھ دېمەك بىزنىڭ بولغانلىقىمىز ھەمدە ھەرنېمىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇنداق بولالمايدىغانلىقى دېمەكتۇر.


الطَّبِيعَةُ، هِيَ الاخْتِلَافُ مَا بَيْنَ الرُّوحِ وَاللهِ.

تەبىئەت روھ بىلەن ئاللاھنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىچىلىكتۇر.


كُنْ بِأَكْمَلِكَ فِي كُلِّ شَيْءٍ، لِأَنَّ كَوْنَكَ كَامِلًا فِي كُلِّ شَيْءٍ، هُوَ الطَّرِيقَةُ الْمُثْلَى لِلتَّصَرُّفِ. كُلُّ الطُّرُقِ تُؤَدِّي إِلَى الْمَكَانِ ذَاتِهِ.

تولۇقىڭ بىلەن ھەرنېمىدە بول، سېنىڭ تولۇقىڭ بىلەن ھەرنېمىدە بولىشىڭ ئىش قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر. يوللارنىڭ ھەممىسى ئەينى يەرگە ئاپىرىدۇ.


يَحْدُثُ أَنْ تَسُوطَنِي تَطَلُّعَاتِي وَأَفْكَارِي بِالْخَوْفِ وَالدَّهْشَةِ: حِينَذَاكَ أَتَبَيَّنُ كَمْ أَنَّ جُزْءًا قَلِيلًا مِنِّي يَظْهَرُ لِي حَقًّا.

بەزىدە، ئىنتىلىشلىرىم ۋە ئويلىرىم مېنى قورقۇنچ ھەم ھەيرانلىق بىلەن قامچىلىغان چاغلارمۇ بولغان: ئەنە شۇ چاغدا، ماڭا ھەقىقەتەن ئايان بولىدىغىنى مېنىڭ نېمىدېگەن ئاز بىر قىسمىم ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىغانمەن.


مَا مِنْ أَحَدٍ يَفْهَمُ أَحَدًا. كُلُّ شَيْءٍ صُدْفَةٌ، فَجْوَةٌ، لَكِنَّهُمْ جَمِيعًا يَتَنَاغَمُونَ بِتَكَامُلٍ.

بىركىم بىركىمنى چۈشەنمەيدۇ. ھەرنېمە تاسادىپىيلىقتۇر، يوچۇقتۇر، بىراق ئۇلار ھەممىسى تاكامۇللۇقتا ماسلاشقان.


كُلُّ مَا يَعْرِضُهُ الْإِنْسَانُ، يُعَبِّرُ عَنْهُ، لَيْسَ سِوَى مُلَاحَظَةٍ إِلَى هَامِشِ نَصٍّ مَمْحُوٍّ بِالْكَامِلِ. يُمْكِنُنَا، إِلَى حَدٍّ مَا، وَوَفْقًا لِمَعْنَى الْمُلَاحَظَةِ، أَنْ نَسْتَنْتِجَ مَا يُمْكِنُ أَنْ يَكُونَ عَلَيْهِ مَعْنَى النَّصِّ: بَيْدَ أَنَّ شَكًّا يَبْقَى حَاضِرًا دَائِمًا فَكُلُّ الْمَعَانِي الْمُمْكِنَةِ مُتَعَدِّدَةٌ.

ئىنساننىڭ كۆرسەتمەكچى ۋە ئىپادىلىمەكچى بولىۋاتقىنىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەن بىر تېكىستنىڭ گىرۋىكىگە يېزىلغان بىر ئەسكەرتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاشۇ ئەسكەرتىشنىڭ مەنىسىگە ئاساسەن تېكىستنىڭ مەنىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاڭقىرىغىلى بولىدۇ، بىراق بىر خىل گۇمان ئىدىيىمىزدىن زادىلا يوقىمايدۇ، چۈنكى ئۇ(تېكىست)نىڭ ئېھتىماللىق مەنىلىرى نۇرغۇن.


كُنْ مُتَعَدِّدًا مِثْلَ الْكَوْنِ.

كائىناتتەك تۈرلۈك بول.


مَا يَلْزَمُنَا، أَنْ يَتَضَاعَفَ كُلُّ وَاحِدٍ مِنْ خِلَالِ نَفْسِهِ.

بىزگە كېرەك بولىۋاتقىنى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئارقىلىق كۆپىيىشىدۇر.


عَلَيْنَا أَنْ نُعْطِيَ لِكُلِّ عَاطِفَةٍ شَخْصِيَّةٍ، لِكُلِّ حَالَةٍ نَفْسِيَّةٍ، رُوحًا.

ھەربىر شەخسىي ھېسسىياتقا، ھەربىر پىسخىك ھالەتكە روھ ئاتا قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.


كُلُّ ازْدِوَاجٍ لِلْأَنَا هُوَ ظَاهِرَةٌ تَنْبَثِقُ فِي الْعَدِيدِ مِنْ حَالَاتِ الاسْتِمْنَاءِ.

«مەن»نىڭ ئىككى ياقلىمىلىقى نۇرغۇنلىغان ئانانىزم ھالەتلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھادىسىدۇر.


فِي مَسْرَحِ الْحَيَاةِ، مَنْ يَلْعَبُ دَوْرَ الرَّجُلِ الْمُخْلِصِ هُوَ، بِعَامَّةٍ، مَنْ يَلْعَبُ دَوْرَهُ بِشَكْلٍ أَفْضَلَ.

ھايات سەھنىسىدە، ئىخلاسمەن كىشىنىڭ رولىنى ئالغۇچى، ئومۇمەن، ئۆزى ئالغان رولنى ياخشى ئوينىغۇچىدۇر.


كَمْ يُكَلِّفُنَا الْإِخْلَاصُ غَالِيًا حِينَ نَكُونُ أَذْكِيَاءَ! هَكَذَا عَلَيْنَا أَنْ نَكُونَ شُرَفَاءَ فِي طُمُوحِنَا.

بىز ئەقىللىق بولغىنىمىزدا بىزنىڭ ئىخلاسمەن بولىشىمىز تولىمۇ تەسكە توختايدۇ! ئىنتىلىشلىرىمىزدە مانا مۇشۇنداق ئالىجاناپ بولىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.


الْجُنُونُ، وَبَعِيدًا عَنْ كَوْنِهِ أَمْرًا شَاذًّا، هُوَ الشَّرْطُ الطَّبِيعِيُّ لِلْكَائِنِ الْبَشَرِيِّ. إِنْ لَمْ نَكُنْ نَعِي جُنُونَنَا، وَكَانَ مُعْتَدِلًا، فَهَذَا مَعْنَاهُ أَنَّنَا طَبِيعِيُّونَ. إِنْ لَمْ نَكُنْ نَعِيهِ وَكَانَ غَيْرَ مُحَدَّدٍ، فَنَحْنُ مَجَانِينُ. أَمَّا إِذَا وَعَيْنَاهُ، وَبَقِيَ مُعْتَدِلًا، فَنَحْنُ بَشَرٌ بِدُونِ أَوْهَامٍ. إِنْ وَعَيْنَاهُ وَكَانَ غَيْرَ مُحَدَّدٍ، عِنْدَهَا، نَكُونُ عَبَاقِرَةً.

ساراڭلىق، بىنورمال ئىش بولمىغانلىقى بىلەن، ئىنساننىڭ تەبىئىي شەرت-شارائىتى ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر بىز ساراڭلىقىمىزنى ئاڭقىرىمىغان بولساق ھەمدە ئۇ مۆتىدىل بولغان بولسا، بۇ بىزنىڭ تەبىئىي ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر بىز ئۇنى ئاڭقىرىمىغان بولساق ھەمدە ئۇ مۇئەييەنلەشمىگەن بولسا، بىز ساراڭ بولغان بولىمىز. بىراق، ئەگەر بىز ئۇنى ئاڭقىرىساق ھەمدە ئۇ مۆتىدىل پېتى قالسا، بىز خامخىياللىرى يوق ئادەملەر بولغان بولىمىز. ئەگەر بىز ئۇنى ئاڭقىرىساق ھەمدە ئۇ مۇئەييەنلەشمىگەن بولسا، ئۇ چاغدا، بىز تالانت ئىگىلىرى بولغان بولىمىز.


إِنْ بَدَأَ كَلْبٌ بِالتَّفْكِيرِ مِثْلَنَا (فَرَضِيَّةٌ غَيْرُ قَابِلَةٍ لِلتَّحَقُّقِ)، فَعِنْدَهَا يُصْبِحُ كَلْبًا أَكْمَلَ مِنَ الْكِلَابِ الْأُخْرَى، وَمَعَ ذَلِكَ، مِنَ الْمُحْتَمَلِ جِدًّا أَنْ تَقْتُلَهُ هَذِهِ الْكِلَابُ الْأُخْرَى، إِذْ سَيَعْتَقِدُونَ أَنَّهُ مَجْنُونٌ.

ئەگەر بىرەر ئىت بىزگە ئوخشاش تەپەككۈر قىلىشقا باشلىسا (ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولمايدىغان پەرەز)، ئۇ چاغدا، ئۇ باشقا ئىتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەل بىر ئىتقا ئايلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ، ئۇنى ئاشۇ باشقا ئىتلار تالاپ ئۆلتۈرىۋېتىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، چۈنكى ئۇنى ساراڭ دەپ ئويلىشىدۇ.


الْإِنْسَانُ أَنَانِيَّةٌ لَطَّفَتْهَا الْبَلَادَةُ. الْحَيَوَانُ أَيْضًا.

ئىنسان قاشاڭلىق تىزگىنلەپ تۇرغان شەخسىيەتچىلىكتۇر. ھايۋانمۇ شۇنداق.


لَا يَفْقَهُ الْإِنْسَانُ شَيْئًا أَكْثَرَ مِنَ الْحَيَوَانَاتِ؛ بَلْ يَعْرِفُ أَقَلَّ مِنْهَا. إِنَّهَا تَعْرِفُ كُلَّ مَا هِيَ بِحَاجَةٍ إِلَى مَعْرِفَتِهِ. أَمَّا نَحْنُ، فَلَا.

ئىنسان بىرنېمىنى ھايۋانلاردىن ئارتۇق بىلىپ كەتمەيدۇ، بەلكى، ئۇلاردىن ئاز بىلىدۇ. ھايۋانلار ئۆزلىرى بىلىشكە مۇھتاج بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ. ئەمما بىز بولساق ئۇنداق ئەمەس.


الْحَيَاةُ، هِيَ أَنْ نَنْتَمِيَ إِلَى آخَرَ. الْمَوْتُ، هُوَ أَنْ نَنْتَمِيَ إِلَى آخَرَ. الْحَيَاةُ وَالْمَوْتُ سِيَّانِ. لَكِنَّ الْحَيَاةَ هِيَ أَنْ نَنْتَمِيَ إِلَى آخَرَ مِنَ الْخَارِجِ وَالْمَوْتُ إِلَى آخَرَ مِنَ الدَّاخِلِ. الْأَمْرَانِ يَتَشَابَهَانِ سِوَى فِي أَنَّ الْحَيَاةَ هِيَ الْجَانِبُ الْخَارِجِيُّ لِلْمَوْتِ.

ھايات بىزنىڭ ئۆزگىگە تەئەللۇق بولغانلىقىمىزدۇر. ئۆلۈم بىزنىڭ ئۆزگىگە تەئەللۇق بولغانلىقىمىزدۇر. ھايات بىلەن ئۆلۈم ئوخشاش. شۇغىنىسى، ھايات بىزنىڭ ئۆزگىگە تېشىدىن تەئەللۇق بولغانلىقىمىز ھەمدە ئۆلۈم ئۆزگىگە ئىچىدىن تەئەللۇق بولغانلىقىمىزدۇر. ھايات ئۆلۈمنىڭ تاشقى تەرىپى ئىكەنلىكىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئىككىلىسى ئوخشاش بىر ئىش.


الْمَوْتُ هُوَ مُنْعَطَفُ الطَّرِيقِ، الْمَوْتُ، أَنْ نَخْتَفِيَ عَنِ الْأَنْظَارِ فَقَطْ.

ئۆلۈم يولنىڭ ئەگمىسى دېمەكتۇر، ئۆلۈم كۆزلەردىن غايىپ بولۇشتۇر پەقەت.


كَلَّا: لَا أُرِيدُ شَيْئًا. قُلْتُ لَكُمْ ذَلِكَ، لَا أُرِيدُ شَيْئًا. لَا تُحَاوِلُوا اسْتِنْتَاجَ الْعِبَرِ! الْعِبْرَةُ الْوَحِيدَةُ هِيَ فِي أَنْ نَمُوتَ.

ياق، بىرنېمە ئىستىمەيمەن. سىلەرگە دېدىمغۇ: بىرنېمە ئىستىمەيمەن. ئىبرەت ئېلىشقا ئۇرۇنماڭلار. ئۆلىدىغانلىقىمىز - بىردىنبىر ئىبرەت.


نَحْنُ انْمِسَاخُ الْحَمَاقَةِ الْمَاضِيَةِ.

بىز بۇرۇنقى ھاماقەتلىكنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى.


الْمَرَضُ هُوَ شَكْلٌ مِنْ أَشْكَالِ الصِّحَّةِ. الْإِنْسَانُ السَّلِيمُ، إِنْ كَانَ مَوْجُودًا، سَيَكُونُ أَكْثَرَ الْكَائِنَاتِ الَّتِي نَجِدُهَا شُذُوذًا.

كېسەللىك ساغلاملىقنىڭ بىر شەكلىدۇر. ساغلام ئادەم، ئەگەر ئۇ بار دېيىلسە، بىز كۆرگەن ئەڭ غەلىتە مەخلۇق ھېساپلىنىدۇ.


يَعْرِفُ الْمُحَلِّلُونَ النَّفْسِيُّونَ (أَحْيَانًا) كَيْفَ تَعْمَلُ النَّفْسُ الْمَرِيضَةُ، لَكِنَّهُمْ يَجْهَلُونَ كَيْفَ تَعْمَلُ النَّفْسُ السَّلِيمَةُ.

پىسخىك ئانالىزچىلار، بەزىدە، كېسەل پىسخىكىنىڭ قانداق ئىش-ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بىراق ئۇلار ساغلام پىسخىكىنىڭ قانداق ئىش-ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.


التَّفَرُّدُ هُوَ أَحَدُ أَشْكَالِ عَدَمِ الْمُسَاوَاةِ ـ أَيْ لَيْسَ وَاقِعَ أَنْ يُظْهِرَ إِنْسَانٌ هَذِهِ السِّمَةَ أَوْ تِلْكَ، الَّتِي تُمَيِّزُهُ أَكْثَرَ عَنِ الْآخَرِينَ، لَكِنْ أَنْ يَكُونَ، بِبَسَاطَةٍ، مُخْتَلِفًا عَنْهُمْ.

خاسلىق باراۋەرسىزلىكنىڭ بىر شەكلىدۇر. يەنى، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ رېئاللىقى ئۇنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلاردىن پەقەتلا ئۆزگىچە بولۇش دېمەكتۇر.


لِكَثْرَةِ مَا تَعَرَّيْتُ مِنْ كَيْنُونَتِي الْخَاصَّةِ، أَصْبَحَ الْوُجُودُ، بِالنِّسْبَةِ إِلَيَّ، أَنْ أَرْتَدِيَ الثِّيَابَ.

ئۆز بولۇمىمدىن شۇنچىلىك كۆپ يېشىندىمكى، مەۋجۇدىيەت ماڭا نىسبەتەن كىيىم كېيىشكە ئايلاندى.


الْأَفْضَلُ أَنْ نَكْتُبَ مِنْ أَنْ نَجْرُؤَ عَلَى الْعَيْشِ، بِالرَّغْمِ مِنْ أَنَّ الْحَيَاةَ لَيْسَتْ سِوَى أَنْ نَشْتَرِيَ الْمَوْزَ مِنْ عَلَى الشَّمْسِ، هَذَا طَالَمَا بَقِيَتِ الشَّمْسُ وَطَالَمَا هُنَاكَ مَوْزٌ لِلْبَيْعِ.

ھايات دېمەك قۇياشتا تۇرۇپ بانان سېتىۋېلىش دېمەكتىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ تېخى قۇياش يوقالمىسىلا ھەمدە ئۇندا سېتىلىدىغان بانان تېپىلسىلا دېگەن گەپ! شۇنداق بولسىمۇ، ياشاشقا جۈرئەت قىلىشتىن كۆرە يازغىنىمىز ئەۋزەل.


لَنْ يَفْتَقِدَنِي أَحَدٌ إِنْ مِتُّ: لَنْ يُقَالَ: مُنْذُ الْأَمْسِ تَغَيَّرَتِ الْمَدِينَةُ.

ئۆلسەم، بىركىم مەن ئۈچۈن يوقىتىش ھېس قىلمايدۇ؛ تۆنۈگۈندىن بېرى شەھەردە ئۆزگىرىش بولدى، دېمەيدۇ بىركىم.


مِنَ الضَّرُورِيِّ أَنْ نُبْحِرَ، الْعَيْشُ لَيْسَ ضَرُورِيًّا... الْعَيْشُ لَيْسَ ضَرُورِيًّا: الضَّرُورِيُّ هُوَ أَنْ نُبْدِعَ.

دېڭىزدا سەپەر قىلمىساق بولمايدۇ، تۇرمۇش كەچۈرمىسەكمۇ بولىۋېرىدۇ... تۇرمۇش كەچۈرۈش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى: بىزنىڭ ئىجاد قىلىشىمىز.


مەنبەسى