Jump to content

يىگىتلىكتىن ئاتلىغان ئەرگە

ئورنى Wikipedia

يىگىتلىكتىن ئاتلىغان ئەرگە

بۇرادەر، مۇبارەك بولسۇن! بويتاقلىق، يالغۇزلۇققا خاتىمە بېرىپ، كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزنى يەنە بىر ھالال جۈپ بىلەن ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلاپ، بۈگۈنكى بۇ خۇشناۋا سورۇننى ھازىرلىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ. مەن جاھاندا بويتاقلار، تۇللار، يېگانە - ساياقلار قانچە ئازلىسا شۇنچە خۇش بولغۇچىلاردىن. يالغۇز تۇرمۇش كىشىنى ئوڭايلا بەربات قىلىۋېتىدۇ. يەنە كېلىپ كىشىنىڭ تۇرمۇشى رەتسىز، مەنىۋى دۇنياسى زىددىيەتچان، داۋالغۇش ئىچىدە تۇرىدىغان گەپ. توي، نىكاھ ۋە ئايال ھەر قانداق كىشىنىڭ غەم - غۇسسىلىرىگە خاتىمە بەرگۈچى خاسىيەتلىك مەرھەمەتتۇر. بۇ مەرھەمەتنىڭ ئىللىق، ئارامبەخش تۇيغۇلىرى تويلاشقۇچى ئىككى تەرەپنىلا ئەمەس، ئەل - جامائەتنىمۇ، تونۇش - بىلىش، دوست - يارەنلەرنىمۇ تەبىئىي ھالدا يېقىنلاشتۇرۇپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭىتىدۇ. بۇ مەنىدىن بىز «تويلار مۇبارەك» دەپ جار سېلىشقا ھەقلىقلمىز.

نىكاھتىن بۇرۇن بەلكىم نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىغانسىز ياكى كۆڭۈل قىزىقچىلىقىدىلا، ياشنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقى تۈپەيلىلا ۋە ياكى ئاتا ئانىڭىزنىڭ زورىدىنلا بۇ تويغا يۈزلىنىپ تۇرغانسىز - دە، «بولغىنىنى كۆرەرمەن» دەپ نىكاھنى غايىب قاينامنىڭ دولقۇنلىرىغا تاشلاپ بەرگەنسىز. ئەمما مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى كېلىنچەكنى ياقتۇرۇڭ - ياقتۇرماڭ، ئۇنىڭ خۇي - پەيلىنى بىلىڭ - بىلمەڭ، ئۇنىڭ بايلىقىنى، نەسەبىنى، چىرايىنى ياكى دىيانىتىنى دەپ ئالغان بولۇڭ، ئۇ بەرىبىر سىزنىڭ نىكاھىڭىزغا ئۆتىدۇ. دېمەككى ھازىرغىچە يالغۇز ياشاپ كەلگەن، بىر ئۆزىڭىزنىڭلا غېمىنى يەپ كەلگەن بولسىڭىز ئەمدى يەنە بىر ئىسسىق جاننىڭ غېمىنى يەپ، گېپىنى قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنى قانات ئاستىغا ئېلىشتىن، ئائىلىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت يەلكىڭىزگە مىنگىشىدۇ. سىز بۇلارنى ئەستايىدىل ئويلاندىڭىزمۇ - يوق، بۇنىسى بىزگە، سورۇن ئەھلىگە نامەلۇم. ئەمما بۇ مۇبارەك زىياپەتنىڭ ھەربىر داخىلى داستىخانلىرى سىزگە، كېلىنچەككە بەخت تىلەيدۇ، كەلگۈسۈڭلارنىڭ شادلىق، خۇشاللىق تەنتەنىلىرى بىلەن ئورىلىپ تۇرۇشىنى، نىكاھىڭلارنىڭ ھايا، ئەخلاق، ھۆرمەت، ئىشەنچ ئاساسىغا قۇرۇلۇپ، ھارامدىن، زىنادىن، بۇزۇقچىلىقتىن، جەڭگى - جېدەلدىن يىراق تۇرۇشى ھەققىدە دۇئا قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيلەنگەن بىر جۈپ ئۈچۈن: «ئاللاھ ئائىلەڭنى ساڭا مۇبارەك ئەيلىسۇن، ئۈستۈڭلارغا پەيز ۋە بەرىكەت ياغدۇرسۇن، ئىككىڭلارنى خەير ۋە ياخشىلىق ئۈچۈن بىر ئورۇنغا كەلتۈرسۇن» دەپ تىلەك تىلىگەنىكەن. بىز ھەممىمىز شۇنىڭغا ھەمجورمىز.

نىكاھ بىر ئەركەكنىڭ ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم جەريان. ئۇ سىزنى يىگىتتىن ئەرگە ئۆزگەرتىدۇ. يەلكىڭىزدىن بالىلىقنىڭ ساددا ھەۋەسلىرىنى، يىگىتلىكتىكى ئەركە - شوخلۇق، تەنتەكلىكلەرنى چۆرۈۋېتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئاخۇنۇمنىڭ نىكاھ پەتىسىدە سورىغان سوئالىغا ناھايىتى كۈچلۈك ھاياجان ۋە تەسۋىرلىگۈسىز ھودۇقۇش ئىلكىدە: «ئالدىم» دەپ جاۋاب بېرىۋاتقىنىڭىزدا سىز يالغۇزلا بىر خوتۇننى ئەمەس، بەلكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق جاننىڭ تۇرمۇش غېمىنى، بىر ئائىلىنى، بىر نازاكەتلىك ئايالنىڭ ئىززەت - نەپسى، شەرم - ھاياسىنى، بىر لاياقەتلىك ئەر، مەسئۇلىيەتچان دادىنىڭ بالا، ئايال، ئائىلە، جەمئىيەت ئالدىدىكى بۇرچىنىمۇ تەڭ زىممىڭىزگە ئالغان بولىسىز. تۇرمۇشتىن تەنتەكلىك، بالىلىق، يېنىكلىك، شاللاقلىق كۆتۈرۈلۈشى كېرەك. ھەربىر قەدەم قاتتىق ئويلىنىش ئاساسىدا بېسىلىشى، بېلىڭىز چىڭ، ئىرادىڭىز مۇستەھكەم، مەيدىڭىز تىك بولۇشى كېرەك. خوتۇن ئالغۇچىغا بىكاردىن بىكار پوتا باغلىمايدۇ. ئۇ ئىشتانباغنى چىڭ باغلا دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى بېلىڭ چىڭ بەردەم، چىدامچان، قەتئىي بول دېگەنلىك.

كىشىلەر خوتۇن ئالغان، ئەرگە تەككەنلەرنى «ئەمدى ئادەم بوپسىز» دەپ قويىدۇ. دېمەككى، سىز ئەمدى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يېپيېڭى، جاپا بىلەن خۇشاللىق ئارىلىشىپ كەتكەن رەڭدار يولغا رەسمىي قەدەم باستىڭىز. خۇشاللىنىڭ، مەغرۇرلىنىڭ، شۇنداقلا چوڭقۇر شۈكرى ھەمدۇ ئېيتىڭ، نۇرغۇن ئادەم يېشى بىر يەرلەرگە بېرىپ قالسىمۇ، تېخى خوتۇن ئالالمايۋاتىدۇ، مۇۋاپىق لايىق تاپالمايۋاتىدۇ ياكى تۇرمۇشنىڭ بۇ ھەقىقىي يۈزىگە يۈزلىنىشتىن قورقىۋاتىدۇ. خوتۇننى كىشەن، ئائىلىنى زەنجىر دەپ قارايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ۋەھالەنكى، سىز بۇ مۇقەددەس سۈننەتكە دادىللىق بىلەن يۈزلەندىڭىز. ھەقىقەتەنمۇ ياراتقۇچىنىڭ ھالاللاپ بەرگەن نېئمەتلىرىنى تەرك ئېتىش ياخشى بەندىنىڭ ئىشى ئەمەس. ئەمدى مۇشۇ مۇرۇۋەتلىك ئىشىڭىزنى قانداق قىلىپ ئاخىرىغىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدىنىڭ. يىگىتلىك شوخلۇقلىرىڭىزدىن قايسىسىنى تاشلاپ، قايسى خىل خاراكتېرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىسىز؟ ئايالىڭىزنى قانداق كۈتىسىز؟ ئايالىڭىزدىن نېمىلەرنى كۈتىسىز؟ بۇ ئائىلىنى جەڭگى - جېدەل، ماجىرا - نىزانىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويماي گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ...

«ئالدىم» دېگەن جاكاردىن كېيىنلا مۇشۇ ھەقتە ئويلاپ قويۇڭ. بۇ سوئاللار سىزنى تەنتەنە سادالىرى ئىچىدە خۇدىڭىزنى يوقىتىپ قويۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ ۋە تەمكىن - سوغۇققانلاشتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ، بىر ئەر، بىر ئائىلە ئۈچۈن تەمكىن سوغۇققانلىق بەك كېرەك. ئايال كىشى ئەردىن سالماق سۈپەتنى كۆرۈشنى تېخىمۇ خالايدۇ.

ھېكمەتلەردە يەنە «ئايال كىشى ئەرنىڭ ئىمانىنىڭ يېرىمى» دېيىلىدۇ. سىز ئۆز ئىمانىڭىز، تېنىڭىز، روھىڭىزنىڭ يېرىمنى قانداق كۈتۈۋالىسىز؟ ئەگەر بۇ يېرىم ئىمان تېخىمۇ يېرىم - ياتا بولسىچۇ؟ ۋە ياكى سىز ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتەر ھالدا «يالتىراق نوچى» بولسىڭىزچۇ؟

يېپيېڭى دۇنيا، يېپيېڭى ھەمراھ سىزگە قول سۇنۇپ تۇرۇپتۇ. چوڭقۇر تىنىۋېلىڭ ۋە ئۆزىڭىزگە «سەۋرچان، قەتئىي، رەھىمدىل ئەمما تەلەپچان بول» دەڭ. پوتىڭىزنى تېخىمۇ چىڭ باغلاڭ، مەيدىڭىزنى روسلاڭ. بۈگۈن سىز راسا كېرىلىدىغان، كۈلىدىغان كۈن!

_ «كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر»دىن