Jump to content

يىگىتلەرگە خىتاب

ئورنى Wikipedia

يىگىتلەرگە خىتاب

ئەي يىگىت! ياشلىق ۋە كۈچ - قۇۋۋەتلىك چاغلىرىڭدىن پايدىلىنىپ ئىلىم ئۆگەن، بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇت! چۈنكى سەن ۋە ئائىلەڭنىڭ، ھەتتاكى ئەزىز ۋەتەن ۋە مىللىتىڭنىڭ ھاياتى سېنىڭ بۈگۈنكى غەيرىتىڭگە قاراشلىق. ناۋادا سەن ئىشقا يارارلىق بۇ ياشلىق مەزگىلىڭنى ئويۇن - تاماشىغا، ھاۋايى - ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ ئۆتكۈزۈۋەتسەڭ، پارلاق ۋە گۈزەل بىر كېلەچەكنى كۆز ئالدىڭدىن قاچۇرۇپ قويغان بولىسەن. چۈنكى، ئىلىمنى، دىنىي ۋە دۇنياۋى سەرمايىلەرنى كۈچلىنىش ۋە ئىش قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشنىڭ پەيتى بولغان ياشلىق دەۋردىلا قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن.

ئەي يىگىت! خۇدا ساقلىسۇن، ناۋادا سەن شەھۋەتكە، شەيتانىي ئېزىقتۇرۇشلارغا مەغلۇپ بولىدىغان بولساڭ، ئۇ چاغدا سېنىڭ تەن ساقلىقىڭمۇ، بىلىم ئاشۇرۇشىڭمۇ، دىنىڭ ۋە دۇنيالىقىڭمۇ مۇدھىش بىر تەھلىكىگە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا، خۇش ۋە سائادەتمەن بىر كېلەچەكتىن ئۈمىدىڭنى ئۈزۈشىڭ گە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىنكار قىلغۇسىز بىر ھەقىقەت. ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولۇش ئۈچۈن ئازتولا دىققەتلىك ۋە ھەقنى تونۇيدىغان بولۇش يېتەرلىك ئامىلدۇر.

بۇ ھەقىقەتنىڭ ئىبرەتلىك مىساللىرىنى كىتاب - ئەسەرلەردە ئوقۇپ كەلمەكتىمىز. ئۆزىمىزنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۆتمۈشتە شۇنداق كۆپ يىگىتلەرنى كۆرگەنمىزكى، ئۆزى قاملاشقان، بويلىرى كېلىشكەن، گەۋىرلىك، بىلەكلىرى كۈچلۈك ئىدى. دەۋرنىڭ ئايلىنىشىنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىستىكىگە ئۇيغۇنلاشتۇراتتى. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، گەرچە ئۇلارنىڭ ماددىي بايلىقلىرى يېتەرلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇدرەت - قابىلىيىتى ۋە شەرت - شارائىت جەھەتتىكى ئىمكانىيەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنالمىدى. ئەكسىچە، شەھۋەت ۋە ھاۋايى - ھەۋەسكە يېڭىلىپ، ھاياتىنىڭ باھارلىق كۈنلىرىنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلىشتى. ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى سەرمايىلىرىنى بىكاردىن بىكار قولدىن چىقىرىپ قويۇشتى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئاتىسىدىن قالغان مال - مۈلكلەرنى بۇزۇپ چېچىپ يوق قىلىشتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار ئىشلەش قابىلىيىتىدىنمۇ مەھرۇم قېلىشتى. چۈنكى ئىشرەتپەرەسلىك ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى كېسەللىككە، كۈچلۈكلىكىنى زەئىپلىككە ئايلاندۇرۇپ بىچارە ۋە بەختسىز قىلىپ قويدى.

تەجرىبىمىزگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ناچار تاسادىپىيلىقلارنىڭ يۈز بېرىشى تولىراق ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە بالا - چاقىلىرىنىڭ تىرىكچىلىكىگە كاپالەتلىك قىلغۇدەك بىرەر ئىش ياكى ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا كۈچ - قۇۋۋىتى قالمىغان، ياشلىق لاياقىتى تۈگىگەن بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قېلىشى بولدى.

ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتسام، ئۇشبۇ بەختسىز ياشلار «دۆلەت قۇشى بېشىمىزدىن ئۇچۇپ كەتتى، پەلەكنىڭ ئايلىنىشى تەتۈركەن» دەپ خوراپىي ئەقىدىلەرگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئىشنىڭ ھەقىقىتىگە قارايدىغان بولساق، ئەسلىدە پۈتۈن گۇناھ ئۇلارنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكى، پارلاق ھاياتىنى ئۆز قولى بىلەن قاراڭغۇلۇققا پاتۇرغانلىقى، نادانلىقى تۈپەيلى گۇناھسىز بىچارە ئائىلىسى ۋە مەسۇم بالىلىرىنى پالاكەت توپىسىغا تاشلاپ قويغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. دېمەك ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھاياتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى فەيزلىرىدىن مەھرۇم بولۇپلا قالماي، بىچارە ۋە تۆۋەن سەۋىيەلىك يەنە بىر سىنىپنىمۇ جەمئىيەتكە چىقارغان بولدى. ئۇلار ئەنە شۇنداق ھېچبىر گۇناھىغا شېرىك بولمىغان ھايات يولدىشى بولغان بىچارە خاتۇنى ۋە ئائىلە - ئەۋلادلىرىنىمۇ بەختسىزلىك ۋە بىچارىلىك پالاكىتىگە تۇتۇپ بەرمەكتە.

توغرا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۇشايمان قىلغانلار، ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلىرىغا قاراپ بارمىقىنى چىشلىگەنلەرمۇ بار. لېكىن بولغۇلۇق بولۇپ بولغاندىن كېيىن قىلغان بۇنداق پۇشايمان ئەھلى ئائىلىنى بەختسىزلىك ۋە خورلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يارىمايدۇ. مۇشۇ تۈپەيلى ئۇلار «ئۆلۈككە ياسىن ئوقۇغاننىڭ نېمە پايدىسى؟» دېگەن سۆزلەر بىلەن مەسخىرىگە قالماقتا.

بۇنىڭغا بىنائەن ئەي يىگىت! مەۋجۇت ئورنۇڭدىن پايدىلان، قولىقىڭدىكى غەپلەت پاختىسىنى ئېلىۋەت، ئۆز قولۇڭ بىلەن زەھەر ئىچمە! بىكارچىلىقنى، قۇرۇق ھەۋەسنى ۋە ھېلىقىدەك «شارابخورلۇق، قىمار ئويناش ياشلىقنىڭ بىر مودىسى» دەيدىغان ئورۇنسىز چۈشەنچىلەرنى تاشلا! بەخت - سائادەتنى بۇنداق خىيالپەرەستلىكلەر ئارىسىدىن مىڭ ئىزدىسەڭمۇ تاپالمايسەن. ئۆزۈڭنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ كېلەچىكىنى زەھەرلىمەسلىك ئۈچۈن مۇمكىنقەدەر ئىشرەتۋازلىقتىن ئۆزۈڭنى تارت!

دەرۋەقە، ياشلىق دەۋرنى ئەيش - ئىشرەت ۋە ئويۇن - كۈلكىنىڭ پەيتى دەپ چۈشىنىش پۈتۈنلەي باتىل بىر پىكىردۇر. بۇنى كاللاڭدىن چىقىرىپ تاشلىغىن! ئەكسىچە ياشلىق دەۋرىڭنى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ دورىسى دەپ بىل ۋە پۇرسەتنى غەنىيمەت ئەيلە! بۇنى قىلمىساڭمۇ ئۆمۈر دېگەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى، ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن قىلغان پۇشايمان ھېچبىر دەردىڭگە داۋا بولمايدۇ. ۋاقىتسىز پۇشايمان يېيىشنىڭ ئورۇنسىز بىر ئىش ئىكەنلىكى ئوپئوچۇق بىر ھەقىقەتتۇر.

ئەي بەرنا يىگىت! سېنى مەن «ئۆچكەن ئوتتەك، مۇزلىغان سۇدەك ياشا»، دېمەكچى ئەمەسمەن. ياق، ياق! مەن سۆزۈمنى ئەسلا بۇ مەقسەتتە دەۋاتقىنىم يوق. ھەم بۇنداق بىر زىيانلىق پىكىرنى ھېچقاچان ساڭا ئېيتمايمەن. بەلكى مېنىڭ تەۋسىيەم: ھەمىشە خۇش بول، ھاياتىڭنى چاپسانلىق ۋە خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆتكۈز! زاماننىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە ئۇيغۇنسىزلىقلىرىنى ئوچۇق - يورۇقلۇق بىلەن، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ كۈتۈۋالغىن! ھېچقاچان ھادىسىلەرنىڭ قارشىسىدا بوينۇڭنى ئىگىپ قالما، ياشلىق كۈچۈڭ بىلەن بارچە ئۇيغۇنسىزلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە تىرىش!

مەقسىدىم شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، مۇمكىنقەدەر ياشلىق دەۋرىڭدە بۇزۇق ۋە زىيانلىق تەرەپلەردىن ئۆزۈڭنى يىراق تۇت! بەخت - سائادەت ھېچقاچان ئىشرەتۋازلىقنىڭ قۇچىقىدىن تېپىلمايدۇ. بەلكى ئىشقىۋازلىق دائىم بەدبەختلىككە، سىفلىس، جىگەر بۇزۇقلىقىغا، يۈرەك بۇزۇلۇشىغا، ئەقىل بۇلغىنىشى ۋە باشقا بىر قاتار پالاكەتلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئارقىلىق سېنى ئىلىمدىن، ماددىي ۋە مەنىۋى سەرمايىلەردىن مەھرۇم قىلىدۇ، بەختسىزلىكتىن باشقا نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدۇ.

خۇدايى تائالا بۇ دۇنيادا خۇشال ۋە سائادەتمەن بولۇشنىڭ ھەددى ھېسابسىز يوللىرىنى، تۈرلۈك ۋاسىتىلىرىنى ياراتقاندۇر. بۇ خىل تەبىئەت ۋە قۇدرەتنىڭ ۋاسىتىسىدىن، تۈرلۈك يوللىرىدىن پايدىلىنىپ ئەبەدىي خۇشاللىق ئىچىدە ياشاي دېسەڭ، بۇ يول ساڭا ھەر ۋاقىت ئوچۇق.

تەن ساقلىقى، ئەقىل ساغلاملىقى، گۈزەل ئەخلاق، ئىلىم ئارتتۇرۇش، خەلق خىزمىتىدە بولۇش، ئىشچانلىق ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىقلار سېنى خۇشالمەن ۋە سائادەتمەن قىلىدىغان يوللار ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرىدۇر.

ئاپتورى: مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا

مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 239 - سان، 1949 - يىل، 9 - فېۋرال، مەخسۇس ماقالىسى.

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى