Jump to content

يىگىت - يەڭگە ساپالىق بولسۇن

ئورنى Wikipedia

يىگىت - يەڭگە ساپالىق بولسۇن

بۇرادەر، توي ئاخشىمى يېقىنلىشىشتىن بۇرۇن سىزدە ئوبدان روھىي تەييارلىق بولسۇن. ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىشىپ ياكى ھاياجانلىنىپ، قورقۇپ كەتمەڭ. سىز جازا مەيدانىغا ياكى سوتچىنىڭ ۋە ياكى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېتىۋاتمايسىز، بەلكى بىر مېھىرنىڭ، ئىللىق سۆيگۈنىڭ ۋە سىزنى ھودۇقۇش، جىددىيلىشىش، تەمتىرەش ئىچىدە كۈتۈۋاتقان چىرايلىق مەلىكىڭىزنىڭ قېشىغا كېتىۋاتىسىز. ئەمما كۆرەڭلىكنى، مۇغەمبەرلىكنىمۇ تاشلاڭ ۋە بەلكى يىگىت بولغۇچى بىلەن ئاز - تولا باش قوشۇۋېلىڭ. بەلكىم بۇ گەپكە مىيىقىدا كۈلۈپ قويارسىز، ئۆزىڭىزنىڭ تەجرىبىڭىزگە، تۇيغىڭىزغا ۋە كىتابىي بىلىملىرىڭىزگە، باشقىلاردىن ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋالغان گەپلەرگە ئىشىنىپ قانداق قىلىش ھەققىدە كۆڭلىڭىزدە شېرىن چوت سوقارسىز. ئەمما بۇ مەشىق مەيدانى، تەجرىبىخانا ئەمەس، كىتابىي كالامپايلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلسا بولۇۋېرىدىغان ئىش تېخىمۇ ئەمەس، بىراۋدىن ئاڭلىۋېلىپلا شۇ بويىچە ماڭسا بولۇۋېرىدىغان تاغنىڭ چىغىر يولىمۇ ئەمەس. بۇ نىكاھ، توي ئاخشىمى – ئېھتىيات سىزىقى. بۇ ئېھتىيات سىزىقىدىن ئۇستىلىق بىلەن ئۆتۈش سىزنىڭ قەددىڭىزنى تىك قىلىدۇ. شۇڭا يوغانچىلىق قىلماي يىگىتىڭىزگە قۇلاق سېلىڭ. ئەگەردە يىگىت بولغۇچى ھەر ئىشنى ئەقىل بىلەن بىجىرىدىغان تەدبىرلىك يىگىت بولسا، توي ئاخشىمىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىلىق سىزگە تەلىم بېرىدۇ. جىنسىيەت، ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋەتتىكى نازۇك ئىشلار ھەققىدە تەلىم سورايدىغان، تەلىم بېرىدىغان ياخشى چاغ مانا شۇ. بەكلا بۇرۇن بۇ ھەقتە ساۋاتلىق بولۇۋېلىش سىزنى يامان ئوي، ھارام خىيال ۋە غەيرىي ئۇرۇنۇشلارغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. توي ئاخشىمىنىڭ ئالدىدىكى تەربىيە ۋە نەسىھەتلەرلا سىزدە ساغلام، ئەمەلىي ۋە پايدىلىق ئالاقە ئادىتىنى ئورنىتىپ، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى، روھىي دۇنيايىڭىزنى مالىماتاڭ قىلىۋەتمەيدۇ. سىزنى كۈتۈلمىگەن گاڭگىراشلاردىن خالاس قىلىدۇ. شۇڭا تويدا يىگىت بولغۇچىنى ئىنتايىن ئاقىلانىلىق بىلەن تاللاش كېرەك. يىگىت قېشىڭىزدا سىزنىڭ يىقىلىپ چۈشمەسلىكىڭىزنى قوغداپ ماڭغۇچى ھاسا - تاياق ياكى قاراۋۇل ئەمەس، سىزگە تۇرمۇش ۋە كىشىلىك ئالاقە، ئەر - خوتۇنچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ساۋاق بەرگۈچى؛ يىگىت پوتا باغلىغۇچى ئەمەس، ئەر - خوتۇن ئارىسىدا ساغلام رىشتە باغلىغۇچى بولالىشى كېرەك. بولمىسا ئۇنىڭ كاستيۇم - بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ، پوتا باغلاپ، گۈل تاقاپ تۇرۇپ، كەلدى - كەتتىنى ئۇزىتىپ قويىدىغان كۈتكۈچىدىن، ئەر - خوتۇننى بىر ئۆيگە سولاپ قويۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان قورۇقچى نەۋكەردىن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ. بىزدە تويى بولغۇچىغا يەتكۈچە ھاراق ئىچۈرۈپ غەرق مەست قىلىپ ياتقۇزۇپ قويىدىغان، يەپ - ئىچىشكىلا، تانسا - ئۇسسۇل ئويناشقىلا زورلاپ توي بولغۇچىنىڭ پسىخىك توقۇنۇشلىرى، توي ھەققىدىكى ئىدىيىۋى تەييارلىقلىرى بىلەن كارى بولمايدىغان يىگىتلەر ساماندەك. مەن پات - پات توي كېچىسىنى خوتۇننىڭ ئىسسىق قوينىدا ئەمەس، غەرق مەست ھالدا كوچا - كويلاردا، لاي - پاتقاق ئارىسىدا رەسۋالارچە بۇلغىنىپ يېتىپ ئۆتكۈزىدىغان، ئۆزى مەست بولۇپ قېلىپ كېلىنچەكنى باشقىلار خوتۇن قىلىدىغان، ھەتتا رېستۇراندىلا جېدەل - ماجىرا سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان نۇرغۇن جۈپتەكلەرنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ قالىمەن. «لەنەت» دەيمەن شۇلارغا ھەمدە شۇلارنىڭ يىگىت - يەڭگىلىرىگە! يىگىت - يەڭگە، ئەر - خوتۇن بولغۇچىنىڭ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىنىڭ پاكىزلىق ئىچىدە راھەتبەخش باشلىنىشىغىمۇ ياردەم بېرەلمىسە ئۇنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى. يىگىت تويى بولغۇچىغا ھۇجرىغا كىرگەندىن كېيىن قانداق قىلىش، كېلىنچەكنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئېلىش، ئورتاق ھېسسىي ئىنتىلىشنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش، مۇناسىۋەتنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئەخلاقىي ئادەتلەر، تازىلىق ئۆلچەملىرى ۋە بۇندىن كېيىن تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ھەققىدە جەزمەن ئېنىق، سىستېمىلىق تەربىيە ئىشلىشى لازىم. ساپالىق يىگىتلەرنىڭ بولۇشى نىكاھنى توغرا يولغا سېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ۋاسىتىسى. ئەمما تولىمىزنىڭ نىكاھى ھېچقانداق تەربىيە - تەلەپسىز باشلانغان. شۇنىڭ بىلەن نىكاھتىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ داۋاندا بەزىمىز يىقىلىپ – قوپۇپ، بەزىمىز ئۆمىلەپ، قاقشاپ، زارلاپ، باتناپ، ۋايساپ كېلىۋاتىمىز... توينىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يىگىتلەرنىمۇ، يەڭگىلەرنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. ئەسلى ئۇلار ئىككى ياشنىڭ خاتىرجەم بىر ئائىلىگە كىرىشىدە تەربىيىچى، يېتەكچى، مەسلىھەتچى، ياراشتۇرغۇچى بولۇشى كېرەك. يىگىت - يەڭگىلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ ئايدىڭلاشماسلىقى ۋە بۇ خىل بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ ئىزچىللاشماسلىقى نىكاھلىرىمىزنىڭ دەسلىپىدىلا تايانچىسىز، تەربىيىسىز، تەييارلىقسىز ھالدا باشلىنىشىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ زىيىنىنى توي قىلغۇچى بىر جۈپ ياش مەڭگۈ تارتىدۇ، ئەلۋەتتە.

مەن تاشقۇرغان تاجىكلىرىدا مۇنداق بىر ئادەتنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانىدىم: توي قىلماقچى بولغان بىر جۈپ ياش توينىڭ ئالدىدا بىر جۈپ ئەر - ئايالنى تۇتۇق ئاتا، تۇتۇق ئانا قىلىپ تاللايدىكەن. تۇتۇق ئاتا - ئانىلار بىر جۈپ ياشقا نىكاھنىڭ ئالدى - كەينىدىكى بارلىق ئەدەپ - ئەركان ۋە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق ئىش - كۈشلەر ھەققىدە تەپسىلىي ساۋاق بېرىدىكەن، تويىغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، تويدىن كېيىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلمەيدىكەن، بەلكى توي قىلغان بىر جۈپ ئۇلارنى ئۆز ئاتا - ئانىسى ھېسابىدا ھۆرمەتلەپ دائىم يوقلاپ تۇرىدىكەن. ئۇلارمۇ توي قىلغان بىر جۈپنىڭ نىكاھىدىكى ھەرقانداق مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ئەر - خوتۇن كېلىشەلمىسە تۇتۇق ئاتا، تۇتۇق ئانىلار ئويلىشىپ كۆرۈپ، ئىككى تەرەپنى مۇرەسسەلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن. ئائىلىنىڭ ئازراقلا زىددىيىتىمۇ جاھانغا پۇر كەتمەيدىكەن. ئاجرىشىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولمايدىكەن. بەلكىم ئاشۇ تۇتۇق ئاتا - ئانىلار بىزدىكى يىگىت - يەڭگىلەر بىلەن ئوخشىسا كېرەك. ۋەھالەنكى، بىزنىڭ يىگىت - يەڭگىلەرنى توينىڭ ئەتىسىدىن كېيىنلا ئىزدەپ تاپقىلىمۇ بولمايدۇ. بىزدە يېيىشىپ - ئىچىشىپ، ئوينىشىپ بېرىدىغان يىگىت - يەڭگىلەر ئويلىشىپ بېرىدىغانلاردىن مىڭ ھەسسە ئارتۇقتۇر.

يىگىت - يەڭگە تويدىن كېيىنكى ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق بىر چۈشىنىشمەسلىك، ئازارلىق، زىددىيەت - نىزالارنى ئاتا - ئانىلار، دوست - بۇرادەرلەرگە، ئەل - جامائەتكە بىلىندۈرمەي ھەل قىلغۇچىلار، ياراشتۇرغۇچىلار، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاجىزلىق، كەمچىلىكىنى تەھلىل قىلىپ، ئائىلىسىنى ساقلاپ قالغۇچىلاردۇر. يىگىت - يەڭگە پولۇ يەپ، ئالغۇلۇقنى ئېلىپ بولۇپلا تويى بولغۇچىلارنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بەلكى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئورنىدا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەرتىپكە سېلىشى، نومۇسسىزلىقلىرىنى ئىشىكنىڭ سىرتىغا چىقارماسلىقى كېرەك. بۇ مەنىدىن ئۇنىڭ رولىنى ھەرقانداق ئادەمنىڭكىدىن چوڭ ۋە مۇھىم دېيىش مۇمكىن. ئەگەردە بىزدىكى يىگىت - يەڭگىلەردە مۇشۇنداق بۇرچ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولىدىغان بولسا، شۈبھىسىزكى، ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئەرزىمەس ئىشلار سەۋەبىدىن بولىدىغان سۈركىلىش، جېدەل – نىزالار نەچچە ھەسسە ئازلىغان، ئائىلە ماجىرالىرى، ئاجرىشىپ كېتىش ھادىسىلىرى كېمەيگەن، پەرزەنتلەرنىڭ يېتىم بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي كرىزىسلار زور دەرىجىدە كونترول قىلىنغان بولاتتى، ئائىلە مۇستەھكەم بولاتتى، ئەرمۇ - ئايالمۇ خاتىرجەم، ئىناق ھالدا بەخت، مۇۋەپپەقىيەت تامان قەدەم باسقان، سائادەت نۇرلىرى بېشىمىزدىن كەتمىگەن بولاتتى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇسكى، مەن تېخى يېقىندىلا توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولاي دەپ قالغان بىرىنىڭ «ئەر - خوتۇن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە يۇيۇنمىسىمۇ بولار» دېگىنىنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇنىڭچە زىنا قىلسا، پاھىشە ئوينىسا ئاندىن يۇيۇنۇش كېرەك بولىمىش. ئوتتۇرىسىدا نىكاھ بار ئەر - خوتۇنلار يېقىنچىلىق قىلسا يۇيۇنمىسىمۇ بولىدىكەن. راستتىنلا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولغان ئىككى مەخلۇق پاسكىنا ئاياغلىرى بىلەن يەنە بەخىرامان زېمىندا پىتىراپ يۈرسە ئائىلىدە، بۇ ئەل - جەمئىيەتتە بەرىكەت قالامدۇ؟ ئۇ بۇزۇقچىلىقنى سۇ بىلەن تازىلاشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەر - خوتۇنلار ئارا يېقىنچىلىقتىن كېيىن جەزمەن غۇسلى قىلىپ پاكلىنىش كېرەكلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن. مۇشۇنچىلىك ئەقەللىي ئەدەپ - ئەركان، پاكلىنىش مىزانىنى بىلمەيدىغان ئادەم ئەر - خوتۇن ئارىسىدىكى يەنە قانداق مۇھىم، زۆرۈر ئىشلارنى بىلىشى مۇمكىن؟ بىزدە مۇشۇنداق ئىش قىلىپ بىر قېتىم نىكاھ ئوقۇپ قويسىلا، بىز ئەر - خوتۇن دەپ ھەرقانداق قىلىق - ھەرىكەتلەر بىلەن كارى يوق غەپلەتتە پاسىقلىققا، بۇزۇقچىلىققا مىلىنىپ يېتىۋېرىدىغان ئاڭقاۋ جۈپلەردىن قانچىلىك باردۇ؟ نىكاھ بەزىدە كىچىككىنە گەپ - سۆز، ھەرىكەتلەر ۋە غەزەپلىنىشتىنمۇ يوق بولىدۇ. ئۇنىڭ نازۇكلۇقى ھەرقانداق نەرسىنىڭ نازۇكلۇق دەرىجىسىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ. نىكاھ، تالاق ئۆلچىمى بويىچە كەسكىن ئايرىيدىغان بولساق، بەلكىم نۇرغۇن ئەر - ئايالدا ئاللىقاچان نىكاھ مۇناسىۋىتى يوقالغان چېقىشىدا گەپ يوق. نۇرغۇنلىرىمىز توختىماي پاسىقلىق قىلىۋاتقاندىمىز؟ نۇرغۇنلىرىمىزدا ئاللىقاچان نىكاھ مۇناسىۋىتى يوقالغان بولۇشى مۇمكىن؟ نۇرغۇنلىرىمىز ھارامدىن بالا تېپىپ، ھارامدىن ئەر - خوتۇنچىلىق قىلىپ، ھارامدىن ئۆي تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇشىمىز مۇمكىن؟ بۇنىڭ سەۋەبى زادى كىمدە؟ سەۋەب بالىسى يالىڭاچ قالمىسا، ئاچ قالمىسىلا چوڭ بولدى دەپ ئويۇنىنى ئويناۋېرىدىغان بىغەم ئاتا - ئانىلاردىمۇ؟ ئىنسانلار جەزمەن رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەپ - ئەخلاق ئەركانلار كار قىلمايۋاتقان جەمئىيەتتىمۇ؟ ھەدېسە ئەركىنلىكنىلا، ئائىلىدىن، ئاتا - ئانىسىنىڭ تىزگىنىدىن، ئەخلاقنىڭ «زەنجىر - كىشەن»ى، تۈزۈمنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىشنىلا ئىزدەيدىغان، جاھاننىڭ ئەپتى - رەپتى بىلەن كارى يوق يوغىناۋاتقان بالىلىرىمىزدىمۇ؟...

ھەممىمىز ھەر نېمە دەيمىز. توي قىلمىغان بىر ياشنىڭ ئەخلاقسىز بىمەنىلىكى، ئادىمىي خىسلەتكە يات بىھايالىقىغا ئاتا - ئانا، مەكتەپ، جەمئىيەت جاۋابكار. ئەمما توي قىلغان بىراۋنىڭ مەنىۋى پۈچەكلىكىگە ئۇنىڭ ئۆزى، ئاتا - ئانىسى، ئايالىدىن باشقا چوڭ جەھەتتىن يىگىت - يەڭگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك. ئەسلىدە نىكاھ دېگەن نىكاھ ھەققىدە ساغلام، ئېنىق، توغرا چۈشەنچىگە ئىگە، گۇناھ، جىنايەت ئېڭى، ھالال - ھارامدىن، ياخشى - ياماندىن قورقۇش تۇيغۇسى يېتەرلىك شەكىللەنگەن، ئېغىزى، نەپسى، كۆزى ۋە مېڭىسىنى ئەقىل بىلەن جايىدا كونترول قىلالايدىغان لاياقەتلىك بەندىگە ئوقۇلىدىغان نەرسە. ئۇ كىملا ئۇدۇل كەلسە كۆزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئوقۇپ قويۇۋېرىدىغان ھاپىزنىڭ قوشىقى ئەمەس ئىدى. نىھايەتكى... بالىلىرىمىز مەدەنىيەت، تىل ئامىللىرى گىرەلەشكەن ئېتىقادسىزلىق ئەۋج ئالغان مۇھىتتا ياشاۋاتىدۇ. مۇنداق شارائىتتا نىكاھتىن ئالدىن تەييارلىنىشقا تېگىشلىك روھىي، ئىدىيىۋى تونۇش - تەييارلىقلارنى يىگىت ئارقىلىق ھەل قىلمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى. يىگىتنىڭ ۋەزىپىسى سەۋزە - گۈرۈچ، رېستۇران تېپىش ئەمەس، تويى بولغۇچىدا نىكاھ، نىكاھنى داۋاملاشتۇرۇش، ساقلاش، پەرۋىش قىلىش قارىشى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. بىز يىگىت - يەڭگىلەرگە مانا مۇشۇنداق بىر مەسئۇلىيەتنى ئارتالىغىنىمىزدا ۋە يىگىت - يەڭگىلەر بۇنى بىر خىل ئەقەللىي بۇرچ دەپ سەمىمىيلىك بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئالغىنىدا ئاندىن نىكاھتا لەززەت، ئائىلىدە ئىززەت، ئەر - خوتۇندا قانائەت قارار تاپىدۇ. ھەرقانداق بىر كۆڭۈلسىزلىكىمىز كوچىغا چىقىپ قالمايدۇ، يۈزلىرىمىزمۇ، ئابرۇيىمىزمۇ چۈشۈپ كەتمەيدۇ، ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. نىكاھتىن كىشىنى خۇشاللىققا ئۈندەيدىغان شادلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

دەيمەنكى، بۇرادەر يىگىتىڭىزنى تېپىڭ، ئەمما ساپالىق بولسۇن، سىزنى يېتەكلىيەلىگۈدەك بولسۇن! يىگىت سىزنى ئويۇنغا، شەھۋەتكە، شۆھرەتكە باشلايدىغان، ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاقىي ئېتىقاد مىزانلىرىدىنمۇ خەۋەرسىز ئىككى پۇتلۇق مەخلۇق ئەمەس، ئەيىبتىنمۇ، غايىبتىنمۇ ئەيمىنىشنى بىلىدىغان، سىزنى سالھىلىق يولىغا باشلايدىغان روھى پاك بەندە بولسۇن.

يىگىتلەر، يەڭگىلەر، ئىشقىلىپ بىر ئاماللارنى قىلىپ تويى بولغۇچى ئىككى ياشنى بىر ھۇجرىغا سولاپ قويۇپلا قاچماڭلار. ئۇلار بىر ئەر - خوتۇن قانداق قىلغاندا ئەسلىدىكى مۇھەببەت - سۆيگۈسىنى ئاجىزلاشتۇرماي ساقلاپ ئەپ ئۆتەلەيدۇ، توقۇنۇشلاردىن قانداق قىلغاندا ساقلانغىلى بولىدۇ، بۇرۇنقى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدىغان يېڭى تۇرمۇشتا نېمىلەرنى جەزمەن قىلىش، نېمىلەرنى جەزمەن قىلماسلىق كېرەك... دېگەنلەرنى تولۇق بىلىپ كەتمەسلىكى ۋە ھەتتا بۇ جەھەتتىكى ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ، نۇقتىلارنىمۇ چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. ئۇلارغا يول كۆرسىتىڭلار، ساۋاق بېرىڭلار، سەمىمىي مەسلىھەت بېرىڭلار. نىكاھ توغرا، ساغلام بىلىش - تونۇش ئاساسىغا قۇرۇلغاندىلا ئاندىن «مۇھەببەت، نىكاھ، جىنسىيەت، تەربىيە، ئەخلاق ۋە ماددىي تۇرمۇش جەھەتتە ساغلام، يېتىلگەن، گارمۇنىيىلەشكەن پازىل ئائىلىگە»(1) ئېرىشكىلى بولىدۇ.

----------

(1) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «ئائىلە»، ... ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2002 - يىل 10 - ئاي نەشرى.

نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ «كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.