يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (1)
يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (1)
ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم بولغاندەك، سەھىپىمىز نۇر ت ۋ قانىلى ۋە بۇ قانالغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان زېھنىيەت ۋە بۇ زېھنىيەتنىڭ دىن تەشۋىق قىلىش، ياشلارنى يېتەكلەش نامىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش دەۋەتچىلىكى خۇسۇسىدا، بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردىكى شەرئىي ساھەنى پېتىقلاش تىپىدىكى قىلمىشلىرى، شەرئىي پەتىۋا مەسىلىلىرىدە ئازغۇن پەتىۋا بېرىشكە ئايانمىغانلىقى، شەرئىي مەۋزۇلارنى، ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەرنى ئىنتايىن سۈپەتسىز، بۇرمىلىغان تۈستە، مۇھىمى ساھەنىڭ ئىلمىي مەۋقەسى ياكى شەرئىي ئاساسىغا تايىنىشتىن يىراق ھالدا ئەخلەت زېھنىيىتى بىلەن ئۇيۇشىدىغان شەكىلدە كۆرۈرمەنگە سۇنماقچى بولغانلىقى خۇسۇسىدا ئوبزور ئېلان قىلدى. ئوبزوردىن چىققان خۇلاسە شۇ بولدىكى، ئوبزور ئوبيېكتى بولۇۋاتقان قانالنىڭ تەشۋىقلىرى ئىددىئا قىلىۋاتقان يولىدىن چەتنىگەن، بۇنى بىر قوللۇق ئەمەلگە ئاشۇرغان تالىپچىقىمىز بولسا، ھەد ۋە ھۇدۇد بىلمىگەن ھالدا تۆۋىنى شەرئىي مەسىلىلەردىن، يۇقىرىسى ئەقىدىۋى ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگىچە بۇرنىنى تىققاندىن سىرت، ئىزاھات ئۇسۇلىدا بولسۇن، چۈشەندۈرۈشتىكى كالامپايلىقى جەھەتتىن بولسۇن خاتا ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلىشتىن، بۇرمىلاشتىن ئايانمىغان. ئوبزورىمىزدا پاكىتقا ئاساسلانغان ھالدا تالىپچىقىمىزنىڭ شەرئىي ۋە سىياسىي خاتالىقلىرىنى تەنقىدلىگەن بولدۇق. شۇنداقلا ئىلمىي مەسىلىلەردىكى، شەرئىي پەتىۋادىكى، مۇجمەل ئىزاھاتنى تەپسىلىي قىلىپ كۆرسىتىش، توغرىسى ئۆپكە كۆرسىتىپ قۇيرۇق سېتىشقا ياتىدىغان دىنىي تەشۋىقات قويمىچىلىقىغا قارىتا نە پەقەت تەنقىدچىلەرنىڭ، بەلكى ساھەنىڭ نوپۇز ۋە سالاھىيەت ئەربابلىرىنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى، ئۆزىمۇ ئازغان، ئۆزگىنىمۇ ئازدۇرىدىغان تائىپىلەر مەيدانغا كېلىۋاتقاندا، ھەق يولدىكىلەرنىڭ پەرقىنى ۋە ھەققانىي تۇتۇمىنى ئىپادىلىشى لازىملىقىنى، تۈگۈلۈۋالماسلىقى، ئادىل باھا ۋە توغرا مەۋقەنى بايان قىلىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى جارىي قىلدۇرۇشىنى تەكلىپ قىلغان بولدۇق. دەرۋقە، بۇ تەكلىپنى مۇھاجىرەتتىكى نوپوزلۇق دىنىي مەركەز بولغان «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇ ھەقتە بىر دىنىي مۇئەسسەسە بولۇش سۈپىتى بىلەن نۆۋەتتىكى دىنىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇتۇبىر ۋە ئۇنىڭ ئازغۇن پەتىۋاسى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي مەۋقەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خاتا پەتىۋا ۋە ئازغۇن ئەقىدە تەشۋىقاتلارغا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ شەرئىي مەۋقەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە ئۇزۇندىن بېرى بۇ مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاخىرىدا بۇ خىل تەشۋىقات قاناللىرىغا قارىتا مەيدانىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ساھەنىڭ ئىچىدىكى بارچە دىنىي ئورۇن ۋە سەپداشلىرىنىمۇ ھەقتە دادىل بولۇشقا، ئۆلىمالارنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتىگە چېتىلىدىغان شەرئىي پەتىۋا، دەۋەت ۋە ۋەز – تەبلىغقا دائىر ئىشلاردا بولسىمۇ ساھەگە ئىگە چىقىشقا، دىن مەسىلىلىرى دۇغلاشتۇرۇلۇۋاتقاندا ئىپادە بىلدۈرمەستىن، مەسىلىنى مۇناسىۋەت چەمبىرىكىنىڭ قۇربانى قىلىۋەتمەستىن دادىل بولۇشقا، ھەقنى بايان قىلىپ ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىردى. شۇنداقلا بۇنى ئىمانىي بۇرچ، ئىلىم ئەھلىلىك سالاھىيەت ۋە ساماۋى بۇرچ ئىكەنلىكنى ئەسلىتىدىغان بىباھا قۇرلار بىلەن باياناتىنى ئاخىرلاشتۇردى. دېمەك، كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە، بولۇپمۇ شەرئىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەردىكى بۇزغۇنچىلىقلار پەقەتلا ئوبزورچىلىق نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، شەرئىي ساھەنىڭ ئالىمى ۋە بۇ ئالىم قۇرغان مۇئەسسەسە نامىدىنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. مەسىلىنىڭ ئاۋام كۆزىدىن ئەمەس، ئىلىم ئەھلى كۆزىدىن، شۇنداقلا پىكىر ۋە سالاھىيەت ئىگىلىرى نەزىرىدىن قارىغاندىلا ئاندىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى، بۇزۇقلۇقنىڭ ئەپتى بەشىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاۋامچە ھېسسىيات، يۈزەكىي كاللا، تەرەپباز تۇتۇم كار قىلمايدىغانلىقى، ھەق – ناھەقنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن قىتىغۇرلۇق ۋە تۆھمەتخورلۇقنىڭ بازىرىنى چىقىرىشنىڭ مەسىلىنى ئەسلا ھەل قىلالمايدىغانلىقى ئايان بولدى. دەل بۇ نۇقتىلار مۇئەييەنلەشكەن، پەقەتلا مۇستەقىل خاراكتېرگە ئىگە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئادىل ۋە ئىلمىي باھا بېرىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى ھېس قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، تالىپچىقىمىز تەرىپىدىن «ئىزاھات» دەپ ناملانغان بىر ۋىدىيوسى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىندى. بىز بۇ تېمىمىزدا، دەل مۇشۇ ۋىدىيو ئۈستىدە توختىلىمىز. چۈنكى بۇنداق بىر ۋىدىيونىڭ ئېلان قىلىنىشىنى تالىپچىقىمىز ئۈچۈن بىر بۆسۈش دېيىشكە بولىدۇ. سەۋەب شۇكى، تالىپچىقىمىزنىڭ بۇ ئىشى يىللاردىن بۇيانقى ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتكەن، ئۇۋىسىدىن چىقىپ تەنقىدكە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ رەددىيە بېرىشتەك «جاسارەت»نى كۆرسەتكىنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەت تالىپچىقىمىز يىللاردىن بېرى تور يۈزىگە قويۇپ تارقىتىۋاتقان نەرسىلىرىگە قارىتا چۈشكەن تەنقىد ياكى رەددىيەلەرنى بىر بولسا ئارىدىكى تونۇش بىلىشلەرنى ئارىغا سېلىپ ئۆچۈرگۈزۈۋېتىش، تەنقىد قىلغۇچىلارنى پىتنە قىلماقچى، شەخسىي ئۆچى بار، بىزگە ھەسەت قىلدى، قاتارلىق تۆھمەتلەر بىلەن شايكىلىرىنى ھۇجۇمغا سېلىپ قويۇپ تاماشا كۆرۈش، بىر ياندىن تەنقىدلەنگەن ۋىدىيوسىنى پەم بىلەن يۇيۇۋېتىپ قايتىدىن سۈرەتكە ئېلىپ ئوڭشىۋېلىش، ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرۈنۈۋېلىش، يەنە بىر ياندىن تەنقىدلىگۈچىنىڭ يوشۇرۇن پېيىگە چۈشۈش، ھەتتا تېخنىكىلىق دېتاللار ئارقىلىق سەھىپىسىنى كوچىلاپ يۈرۈپمۇ بولسا، ئۆزى تونۇيدىغان ياكى رەقىبى كۆرۈۋالغان بىرىلىرىدىن گۇمانخورلۇق قىلىپ ئۇنى پىتنە مەنبەسى قىلىپ تەيىنلەپ تەسەللىي تېپىشتەك بىنورمال پىسخىكىسىنىڭ كەينىگە كىرمىدى.
دەرۋەقە، ئېلان قىلىنغىنى بىر ئىزاھات ۋىدىيوسى ئىدى. كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك بۇ بىر تەنقىدكە رەددىيە ئەمەس، يەنى ئۆزىنىڭ دېگەن ۋە قىلغانلىرىغا قارىتا پاكىتقا پاكىت بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش كۆزلەنگەن، ئىلمىي نۇقتىدىن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئەقلىي ئەمگىكىنى سەرپ قىلىپ جاۋاب قايتۇرغان رەددىيەسى ئەمەس، بەلكى ئىزاھات.
شۇنداق قىلىپ تالىپچىقىمىزدىن ئاخىرى زۇۋان كەلدى. ئەمما كۈتۈلۈۋاتقان نەرسە مۇشۇمىدى؟ ئەلۋەتتە ياق! بۇ يەردە كۈتۈلۈۋاتقىنى گەپ يورغىلىتىش، تېنىۋېلىش، خۇپسەنلىك قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىزاھاتنىڭ بىزنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىزنى خاتاغا چىقىرىدىغان، ئېغىزىدىن چىققان جۈملىسى، لوگىكىسى ۋە ئۇسلۇبىدىن نېمە بىلىنسە شۇنى ئاساس قىلىپ بەرگەن تەنقىدىمىزنىڭ بىر تەرەپلىمە بولغان جايلىرىغا ئوچۇقلىما بولالايدىغان، ئىلمىي جەھەتتىن تەنقىدلىگەن نۇقتىلىرىمىزنى ئۆزى ئاساسلانغان ئىلمىي مەنبەلەرگە كۆمۈپ تاشلاپمۇ بولسا بىزنى مات قىلىدىغان، بىزنى ئىلمىي دەلىل ئاساسىدا قايىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشكە يارايدىغان، بىر قەدەر ئىلىم ھىدى كېلىدىغان جاۋابلار بىلەن مۇھىتنىڭ ساپلىقىغا ھەسسە قوشىدىغان ئايدىڭلاتقۇچى ئىزاھات ئىدى. كۆردۇقكى، تالىپچىقىمىزنىڭ «غەيرەت» كۆرسىتىپ ئاران دېگەندە ئېلان قىلغان ئاتالمىش ئىزاھات ۋىدىيوسى ئىزاھات بولماستىن، خۇپسەنلىك ۋە ئالىقاپلىقنى يەنىمۇ پۇختىلاش ئۈچۈن بازار سېلىنغان گەپ ئوينىتىش ۋە ئەزۋەيلەشلەر ئىكەن. ئىزاھاتىنىڭ مۇخاتەبىمۇ كۆرۈرمەنلەر ئىكەنكى، ئىلىم ۋە پىكىر ئەربابلىرى ئەمەس ئىكەن. ئىزاھاتنىڭ غايىسى بولسا، تۇتۇرۇقسىز گەپ يورغىلىتىشلار ئارقىلىق كۆرۈرمەندىن ئۆزىگە ھېسداشچى، گۇپپاڭچى ۋە تەرەپدار توپلاش ئىكەن. يەنى تالىپچىقىمىز شۇنچە جۈرئەت قىلىپ كامېرا يۈزىگە چىققانغا چۈشلۇق، ماڭدامدا كېسىپ ياماپ ۋىدىيو ئىشلەپ تەر تۆككەنگە تۇشلۇق ئۆزىگە قارشى ئۇدۇل تەنقىدىي باھاسىنى بەرگۈچىلەرنى مۇخاتەب ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ. بەرمەكچى بولغان ئىزاھاتنىمۇ «قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا» تەرىقىسىدە يىللاردىن ئاغزى مايماق كەتسىمۇ، ئازغۇنلۇقنى تەرغىب قىلسىمۇ لام - جىم دېمەي كەلگەن، توغرىسى دېيىشكىمۇ مۇكەللەف بولمىغان ئاۋامغا، ساھەدىن خەۋىرى يوق، پەقەتلا كۆرۈرمىنى بولۇش بىلەن قانىلىنى قوللاپ كېلىۋاتقان كۆرۈرمەنلىرىگە ئوچۇقلىما بېرىشنى مەقسەت قىلىپ ئىزاھات بېرىلىپتۇ.
خوش، بىز بۇ خۇلاسىلەرگە قانداق كەلدۇق؟ ئەلۋەتتە مەزكۇر خۇپسەنلىكلەرگە تولغان ئاتالمىش ئىزاھات ۋىدىيوسىغا ئاۋام كۆزىدە ئەمەس، يەنىلا ساختا بىلەن چىنلىق ئارىسىنى ئايرىيالايدىغان ئىلىم ۋە تەنقىد كۆزىدە قاراپ چىقىش ئارقىلىق كەلدۇق. خۇلاسىمىزنىڭ دەلىللىك بولۇشى ئۈچۈن بىز تۆۋەندە تالىپچىقىمىزنىڭ ھاپىلا - شاپىلا سالام – سائەت بىلەن باشلانغان ۋە «نۇر ئېكرانى ھەققىدە ھەرخىل گەپ سۆزلەر بولاندى، مۇشۇ ھەقتە ئىزاھات بېرەي دەپ ئالدىڭلارغا چىقىپ قالدىم» دېگەن سۆزلەر بىلەن داۋامىنى ئۇلىغان مەزكۇر ئاتالمىش ئىزاھات ۋىدىيوسىنى تەھلىل قىلىپ كۆرىمىز.
1. بېلى ئۇشتۇلغان ئىخچاملىق
تالىپچىقىمىز مەزكۇر «ئىزاھات» ۋىدىيوسىدا ئالدى بىلەن سۆزىنى نۇر ئېكرانى ۋە ئۆزىگە دائىر مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسلەر بارلىقىنى، بۇ ھەقتە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بەرگىسى كېلىپ مەزكۇر ۋىدىيو بىلەن كۆرۈرمەن ئالدىغا چىقىپ قالغانلىقى بىلەن باشلايدۇ. يەنى قىسقىچە بۇ تونۇشتۇرۇشتا تالىپچىقىمىزنىڭ ئېغىزىدىن چىققىنى «ئۆزىنىڭ 2003 – يىلى دىنىي ئوقۇشقا كىرىپ قارى بولغانلىقى، ئون يىلچە، يەنى مىلادىيە ھېسابى بويىچە 2003 - تىن 2013 - كىچە ۋەتەندىكى «ئۇستازلار»دا ئوقۇغانلىقى ئۇنىڭدىن كېيىن چەتئەلگە چىقىپ شەرىئەت فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەنلىكىنى» ئىددىئا قىلىش بولىدۇ. ئاخۇنۇم بىسمىللاسىدىن مەلۇم، دېگەندەك، مۇجمەل تالىپچاقنىڭ «تەپسىلىي» دەپ تېما قويۇۋېلىپ مۇجمەل باياننىڭ جۇللۇقىنى چىقارغىنىغا نىسبەتلەشتۈرسەك، يۇقىرىقىدەك قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنىڭ ئىخچام سۆزىنىڭ بىلىنى سۇندۇرغىدەك دەرىجىدە ئىخچاملاشتۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. يەنى شۇ قەدەر ئىخچامكى، 2003 تە دىنىي ئوقۇشنى باشلايدۇ، 2013 تە ئۇدۇل چەت ئەلگە چىقىپ شەرىئەت فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرىدۇ. قارىماققا قىسقىچە تونۇشتۇرۇش دېگەن ئىكەن، ئىخچاملاشتۇرغىنى نورمالدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما مەقسەت ئۆزى ھەققىدە مەلۇمات بېرش خۇسۇسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بولغانىكەن، ۋەتەن ئىچىدىكى ئون يىللىق ئوقۇش تارىخىدىكى ئۇستازلىرىنى ئېھتىياتەن دېمەي تۇرغاندىمۇ، 2013 – يىلى چەت ئەلگە چىقىپ قايسى دۆلەتتىكى، قايسى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قايسى فاكۇلتېتىدا ئوقۇدى ۋە قاچان ئوقۇش پۈتكۈزدى، دېگەنلەر تىلغا ئېلىنىشى ئەقەللىي ئىخچاملىق ئەمەسمىدى؟ ئون يىل ۋەتەندە ئوقۇپ كېيىن چەت ئەلگە ئۇدۇل شەرىئەت فاكۇلتېتىنى، يەنى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزگەن ۋاقتى تۈركىيەگە 2018 قايتىپ كەلگەن ۋاقتى شۇ، دەپ قارىساقمۇ، ئەجەبا، تالىپچىقىمىز ئۇنىۋېرسىتېتقا ۋەتەندە ئوقۇغان ئۇستازلىرىنىڭ ئوپچە تىل خېتى ئارقىلىق كىرگەنمۇ؟ ياكى چەت ئەلدىكى «پۈتتۈردۈم» دېيىلىۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتقا بىرەر ئارقا ئىشىك بىلەن، ياكى ساختا دىپلوم ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كىرگەنمۇ؟ ۋەتەندە ئون يىل ئوقۇپ ئۇدۇل چەت ئەلگە چىقىپ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فاكۇلتېتىغا چۈشۈش، رېئاللىقتا قانداق مۇمكىن؟ ياكى بۇ چۈشۈش جۇباجىينى ئەرش لەشكەرلىرى زېمىنغا تاشلىسا، پەرىشكە چۈشكەندە چۈشكىلى يەر چىقمىغاندەك، ئۇدۇل چوشقىنىڭ قورسىقىغا چۈشۈپ قېلىشتەك فانتازىيەلىك چۈشۈشمۇ؟ بىلىشىمىزچە، ۋەتەندىن تارتىپ ئۇستاز ۋە دىنىي ئالىم سۈپىتىدە تونۇلغان نوپۇزلۇق ئەرباب مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم مىسىرغا كېلىپ ئوقۇش باشلىغىنىدا، بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن يېرى ئەزھەرنىڭ تولۇقسىزمۇ ئەمەس، باشلانغۇچمۇ ئەمەس، تەييارلىق سىنىپى ھېسابلىنىدىغان ئەزھەرگە قاراشلىق تىل كۇرسى بولغان ئىكەن. سەۋەبى شۇكى، ئەزھەر ئېتىراپ قىلىدىغان بىرەر مەكتەپنىڭ دىپلومى بولمىغان ئەھۋالدا، بىۋاسىتە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاۋۋال تەييارلىق سىنىپىغا، كېيىن سەۋىيەگە قاراپ باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق باسقۇچلىرىنى تۈرلۈك تاماملاش ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئىمتىھان بىلەن ئاندىن ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىدىكەن. فاكۇلتېت ئوقۇشى ئاشۇنىڭدىن كېيىن باشلىنىدىكەن. دېمىسىمۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا تەڭ كېلىدىغان دىپلومى بولمىغان بىر ئوقۇغۇچىنى ساختا دىپلوم بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلمىسىلا ۋەتەندە ئون يىل ئوقۇپتىكەن، دەپلا فاكۇلتېتقا بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلىگەندەك بۆلەپ قويىدىغان خەلقئارالاشقان بىرەر ئۇنىۋېرسىتېت بەلكىم يەرشارىغا تېخى ئاپىرىدە بولمىغان بولسا كېرەك. ئۇنداقتا، 2013 تە چەتئەلگە چىقىپ 2018 غىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇنىۋېرسىتېت پۈتكۈزدى، دېسەك، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت قايسى ئۇنىۋېرسىتېت؟ يەنە كېلىپ تالىپچىقىمىزنى ساختا دىپلوم بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىدىغان دەرىجىدە پەسكەش تالىب ئەمەس، دەپ پەرەز قىلغىنىمىزدا، تالىپچىقىمىز زادى ۋەتەندىن ئۇدۇل چىقىپ بەش يىل ئىچىدە قايسى يول بىلەن، قايسى دىپلومغا تايىنىپ فاكۇلتېتقا كىردى ۋە قاچان پۈتكۈزدى؟ چىرايىدىنلا 10 يىل ئۇستاز تۇتۇپ ئوقۇغانلىق سېيماسىنى بىلىۋېلىپ دەرھال فاكۇلتېتقا ئەكىرىپ قويغان ئۇ ئۇنىۋېرسىتېت زادى قايسى ئۇنىۋېرسىتېت؟ ياكى بۇ ئوقۇش ھېلىقى مەسجىدى ھەرەم كۇللىيەسى، دېيىلىدىغان، بىرەر ئۇنىۋېرسىتېت بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى يوق، ھېلىقىدەك مەككە – مەدىنەمدىكى كالتە كۆسەي ماشايىخلار قۇرۇۋالغان ئالتە يىللىق مەسجىد مائارىپىدىكىدەك يالاڭئاياقلار مەكتىپىدىكى ئوقۇشمۇ؟
مۇجمەل تالىپچىقىمىز مانا مۇشۇنداق گەپنى تومتاق ۋە جاۋابىنىڭ ئورانىغا قاراپ ھەر ئېھتىماللىقتىكى سوئال تاشلانمىسا ھېچ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئاتالمىش ئىخچاملىقىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئىشقا سالىدۇ ۋە ئىشنىڭ بىسمىللاسىدا ئىخچاملىقنىڭ بېلىنى سۇندۇرۇشقا زورۇقىدۇ ۋە بىرىنچى جۈملىسىدىلا ئىزاھات دەۋالغان نەرسىسى بىلەن ئۆزى ۋە ئوقۇش تارىخىنى سۆزلەشتە، قارىماققا بىرنەرسە ھەققىدە ئۇچۇر بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش، ئەمما ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمەسلىك تاكتىكىسى بويىچە ئوقۇش تارىخىنى خۇددى ئەسكى ماتانى پۇرلىغاندەك، پۇرلاپ سۆزلەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
قەيەردە گەپنى پۇرلاشنى، قەيەردە يىپتىن يىڭنىسىغىچە ئۇچۇر بەرگەندەك كۆرۈنۈشنى پەملىگەن تالىپچىقىمىز 2018 دىن كېيىنكى، يەنى مەلۇمات بەرمىسىمۇ كۆز ئالدىدىكى ۋەزىيەتنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلارغا مەلۇملۇق ئىشلارنى ئوقۇش تارىخىغا قارىغاندا ئۇزارتىپراق بايان قىلىشقا چۈشىدۇ. دېمەك بۇ قەدەر خۇپسەنلەرچە ئوقۇش تارىخى ياساپ، دىيەسلىتىشلەر دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ نۇر ئېكرانىنىڭ ئازغۇنلۇقى خۇسۇسىدىكى بايانىدا ئېيتقان «شەرئىي سەۋىيە، سالاھىيەت ۋە ئىلمىي ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ تايىنى يوق» دېگەن ئەمەلىي باھاسىنىڭ توغرىلىقىنى تەكىتلەشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. ناۋادا تالىپچىقىمىز گۇڭگا گېپىنى پاكىتلىقراق قىلغۇسى بولسا، بۇنداق باش – ئاخىرى تۇتمايدىغان ئوقۇش تارىخىنى دىيەسلىتىپ ئاۋارە بولماستىن، ئىزاھاتنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى نومۇرلۇق نەشرىدە قايسى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قايسى فاكۇلتېتىغا قانداق ئوقۇشقا كىرگەنلىكىنى، ۋەتەندە 10 يىل ئوقۇپ چەت ئەلگە چىقىپلا ئۇدۇل شەرىئەت فاكۇلتېتىغا قايسى دىپلوم ئارقىلىق كىرگەنلىكىنى ئاتالمىش ئىخچاملاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئازراق ئىنساب ئارىلاشتۇرۇپ كۆرۈرمەننى مەلۇمات قىلسا يامىنى كەلمەس. ئىزاھات ۋىدىيوسى بولغاندىكىن، ئىزاھاتقىمۇ گېرىيلىك قىلماي، ئۆزىنى ئۆزى مەككار، ساختىپەز، كاززاپنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويماي، يۇتۇبىرغا ياراشقان بىر ئوبراز بىلەن كۆرۈرمەنگە سەمىمىي بولسا، بۇنىڭ نەرى يامان؟ قايسى ئۇنىۋېرسىتېتقا، قايسى دىپلوم ۋە قايسى فاكۇلتېتقا قاچان كىرىپ قاچان پۈتكۈزگىنىنى دېيەلمىگۈدەك نېمىسى بار؟ بۇ سوئاللار مەزكۇر ئاتالمىش ئىزاھات ۋىدىيوسىنى قانائەتلىك جاۋاب بىلەن شەرھلەيدىغان ئىككىنچى ئىزاھات چىققۇچە كۈچكە ئىگە. گەپنى تۇتۇق قىلغانىكەن، ئوچۇقلىشى، يوچۇن قىلغانىكەن، ئادەمدەك ئىزاھات بېرىشى، توغرا ۋە سەمىمىي جاۋاب بىلەن كۆرۈرمەننى قايىل قىلىشى لازىم. ئەكسىچە، يۇقىرىقىدەك سوئاللار بىر ئۆمۈر پېشانىگە قويۇلۇپ، جاۋابى كۈتۈلۈپ ماڭىدىغانلىقى شۈبھىسىز.
2. قاغىدەك «ئاپئاق»، كىرپىدەك «يۇمشاق» ھىيلىسى
تالىپچىقىمىز ئىككىنچى قەدەمدە نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئېلان قىلغان ۋىدىيولىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىنى بېرىدۇ ۋە بۇ جەرياندا خاتالىق ئۆتكۈزگەن جايلىرىنى تۈزىتىپ بەرگەنلەر بولغانلىقىنى، ناھايىتى تۆۋەنچىلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ، دۇئا قىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىددىئا قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ. خاتالىقلىرىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلغاندا بولسا، تالىپچىقىمىزنىڭ تاپقان باھانىسى دىققەتكە سازاۋەر بولۇپ، خاتالىق سادىر بولۇپ قېلىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش دەۋەت سىستېمىسىدا قىسقا بولۇش، ئىخچام بولۇشنى پىرىنسىپ قىلغانلىقىغا باغلايدۇ. ئۇنىڭچە دەۋەتتە ئىخچام بولىمىز دېگىنى گەپتىمۇ ئىخچام بولىمىز دېگەنلىكى بولۇپ، تالىپچىقىمىزنىڭ دېيىشىچە ئىخچام گەپنى ھەممە تەرەپكە تارتسا بولىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىمىش، مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشىلەر نامسىز شەكىلدە ھۇجۇم قىلىپتۇدەك، ھاقارەت قىلىپتۇدەك. ئەمما مەزكۇر «ئالىيجاناب» تالىپچىقىمىز ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپتۇدەك، ۋاقتىنى زايە قىلمايمىش، ئىشى جىقمىش. ئەمما ئىلمىي شەكىلدە تۈزەتمە بەرسە، قوبۇل قىلغانمىش ۋە قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقانمىش. قاتتىق سۆز بىلەنمۇ بولسا، ئېنىق خاتا قىلىۋاتقان بولسا، ھەر ۋاقىت قوبۇل قىلارمىش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تالىپچىقىمىز ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپىي مەسىلىلەر بارلىقىنى، مەلۇم مۇجتەھىدنىڭ پىكرىنى تۇتۇپ بەزى يوللارغا چىققىنىنى، بەزىبىر دەۋەتلەرنى ئاڭلاتقانلىقىنى، ئۆزىمۇ بىر مۇجتەھىدكە، ئۆزىنى خاتاغا چىقارغۇچىمۇ باشقا مۇجتەھىدكە ئەگەشكەنلىكى ئۈچۈن تەنقىدكە جاۋاب قايتۇرۇپ يۈرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەمدە ئۆزىنى تەنقىدكە ئوچۇقلۇقىنى تەكرارلايدۇ.
دەرۋەقە، ئەمەلىيەتتە ۋەزىيەت ھەقىقەتەن مۇشۇنداقمۇ؟
ئەمەلىيەتتە مەزكۇر سۆزلەرمۇ خۇپسەنلىككە تولغان سۆزلەر بولۇپ، قارىماققا تالىپچىقىمىزنىڭ قىلىۋاتقىنى رايىش، بوينى يۇمشاقتەك كۆرۈنۈش، پەقەتلا كۆرۈرمەنلىرىنى ئالداشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس. چۈنكى، نۆۋەتتىكى تەنقىدلەر ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن خاتا كەتكەن جايلارغا تەنقىد بېرىلگەنلىكى، تەنقىد بەرگۈچىلەرنى ھۇجۇم قىلىۋاتقان ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈپ قويۇش تىپىدىكى غىپپىدە ۋىدىيو تەھرىرلىۋېلىپ ھېچبىر خاتا قىلمىغاندەك كۆرۈنۈپ بولۇۋالغانلىقى، تەنقىد بەرگۈچىلەرگە، بىز ماۋۇ نۇقتىدىن مۇنداق قارىغان، تەنقىدىڭىز سەۋەبلىك بىز مۇنداق تۈزىتىش ئېلىپ باردۇق. يەنە تۈزىتىدىغان تەرەپلىرىمىز بولسا، تەكلىپ بېرىپ تۇرغايسىز، دېگەنگە ئوخشاش بىر جۈملىنىڭ نەچچە يىللىق يۇتۇبىرلىق تارىخى مابەينىدە بىرەرسىگە نە دېيىلگەن، نە يېزىلغان. (بۈگۈن مەلۇم بىر سەھىپىدە بايقالغان خاتاسىنى ئوڭشىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ چۈشەنچە بەرگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا) يوق نەرسىنى باردەك كۆرسىتىپ دەۋېلىۋەرسە بولىدىغاندەك قارىۋالغان بۇ تالىپچىقىمىز، دەل مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، ۋىدىيوسىدا تىلغا ئېلىنمىغان، ئەمما بىز تەنقىدىمىزدە تىلغا ئالغان زاكات خۇسۇسىدىكى ئايەت بۇرمىلاش ئىشىدا نە بىرەر مۇجتەھىدنىڭ، نە بىرەر فەقىھنىڭ، ھەتتا بىرەر شىئە ياكى خاۋارىجنىڭمۇ فىقھىسىغا چۈشمەيدىغان «المؤلفة قلوبهم»، يەنى قەلبى ئىسلامغا مايىل قىلىنغۇچىلار مەسىلىسىدە تېخىچە تۈزىتىش قىلمىغانلىقى ئورتادا. ۋىدىيودا تىلغا ئالغان مەسىلىلەردە بولسا، بىر ئازدىن كېيىنكى دەلىللەشلىرىمىزدىن كۆرۈلگىنىدەك، ھېچ قايسىسىنى بوينىغا ئالماستىن گەپ ئوينىتىشتىن باشقا ئىش قىلمىغان. يەنە شۇنداق تۇرۇپ، قانداقسىگە ئۆزىنى تەنقىدكە ئوچۇقلۇقنى جار سالىدۇ، تەنقىدلەنگەن بىرەر مەسىلىدە ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا قىلغانلىقى ۋە تۈزەتكەنلىكىگە دائىر تۇتاملىق بىرەر مىسالمۇ بېرەلمەيدۇ؟ چۈنكى كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك سەمىمىيەت يوق. يوق نەرسە سىقسىمۇ چىقمايدۇ. ئۆزىدە بولمىغانىكەن، بىراۋغا بېرەي دەپمۇ بېرەلمەيدۇ. پەقەتلا يوقنى بار قىلىپ، بارنى يوق قىلىپ ئىددىئا قىلغىلى، خاتاسىنى بوينىغا ئالماسلىق ئۈچۈن خۇپسەنلىك قىلغىلى بولىدۇ، خالاس! يەنى بۇ سۆزلەرمۇ ئۆزىدە ئەڭ يوق خىسلەتنى، يۈز بېرىپ باقمىغان بىر ۋەزىيەتنى ئۇيدۇرۇپ تۇرۇپ، قانداقتۇر بىرىلىرى ئالدىغا بېرىپ تۈزەتمە بەرگەننى تۈزەتكەن، تورغا چىقارغان نەرسىلىرىنى توردىكىلەر كۆرۈپ باھا، ئىنكاس ياكى يازما يېزىپ تەنقىدلىسە، تەنقىدلىگەنلەرنى ھۇجۇم قىلغان كاتېگورىيەسىگە تىزىپ تۇرۇپ ئاق بالىخان رولىنى ئېلىشتىن باشقا ئىش بولمىغان.
*****
يۇتۇبىرىمىز يۇقىرىقىدەك تەنقىدلەرگە «ھۇجۇم» قالپىقىنى كىيگۈزۈپ، خاتالىقلىرىدىن بىرەرسىنىمۇ تەن ئالماي گەپ يورغىلاتقاندىن كېيىن نۆۋەتنى نەچچە كۈندىن بۇيانقى توردا تەنقىدلىنىۋاتقان نەرسىلەرگە قارىتىدۇ. بۇنىڭدا يۇتۇبىرىمىز توردىكى نەرسىلەرنى ئىككىگە ئايرىغان بولۇپ، بىرى قارا يالغانلار، تۆھمەتلەر. يەنە بىرى ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئىخچاملاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە سۆزلىگەنلىكى تۈپەيلى خاتا چۈشەنچە كېلىپ قالغان مەسىلىلەر. يۇتۇبىرىمىز مۇشۇ ئىككى تۈر بويىچە ئىزاھات بەرمەكچى بولۇپ بىر قاتار مىسال ئېلىپ بايان قىلىشقا چۈشىدۇ.
3. يۇتۇبىرلىقىنى ئىنكار قىلغان تالىپ يۇتۇبىر
تالىپچىقىمىز بىرىنچى ئورۇندا چۈشەنچە بەرمەكچى بولغان، ئۆزىگە بەرمەكچى بولغان تەنقىدتە ئۆزىنىڭ يۇتۇبىر دېيىلگەنلىكى مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ يۇتۇبىر ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ. يۇتۇبىر دېيىلىشكە نارازى بولىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تەنقىدلەردە تالىپچىقىمىزنى يۇتۇبىر دېسە بولمايمىش. چۈنكى يۇتۇبىر دېگەن يۇتىيۇپقا بىر نەرسە يوللاپ پۇل تاپسا، ئاندىن يۇتۇبىر دېيىلەرمىش. يۇتىيۇپ ئارقىلىق ئىسلامنى يەتكۈزسە يۇتۇبىر بولماسمىش. شۇڭا تالىپچىقىمىز يۇتۇبىر ئەمەس، دەۋەت مەركىزىمىش. تالىپچىقىمىزنىڭ ئېغىزىدىن چىققان جۈملىسىنى خەتكە ئۆرۈسەك ئۇ شۇنداق دەيدۇ: «يۇتۇبىر دېگەن: يۇتىيۇپقا ۋىدىيو يوللاپ شۇ ئارقىلىق پۇل تاپىدىغان ئادەم. بىزنىڭ مەقسىتىمىز يۇتىيۇپقا بىر نەرسە يوللاپ پۇل تېپىش ئەمەس. بىزنىڭ مەقسىتىمىز يۇتىيۇپ ئارقىلىق ئىسلامنى يەتكۈزۈش. بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئاسمان - زېمىن پەرق بار. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يۇتۇبىر ئەمەس، بىز بىر دەۋەت مەركىزى».
خوش، يۇقىرىقى داڭقان پۇتى گەپلەردىن ئىنساب بىلەن مەزمۇن سۈزسەك، تالىپچىقىمىز بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يۇتۇبىرلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. يەنى مەن يۇتۇبىر ئەمەس، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر خۇپسەنلىك. بەلكىم يۇتۇبىر تۇرۇپ مېنى يۇتۇبىر دېمەڭلار دەيدىغان يۇتۇبىرچىنىڭ بارلىقىنى مەسلەكداش يۇتۇبىرلار بىلسە، بۇ ئۇلار ئۈچۈن قىزىق نۇقتا بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر قاراشقا قۇرئان ئاتالغۇلىرىدەك ئەڭ زىل ۋە مۇھىم ئاتالغۇ – ئۇقۇملارنى نە مۇپەسسىرنىڭ، نە لۇغەتشۇناسنىڭ بەرگەن تەبىرىگە چۈشمەيدىغان رەۋىشتە يانپاشقا ئۇرۇپلا ئاغزىغا كەلگەنچە ئىزاھلىغان بىرىنىڭ نورمال كەسپىي ئاتالغۇلارنى، يەنە كېلىپ ئومۇملىشىپ بولغان، تەبىرى بېرىلىپ بولغان ئۇقۇملارنى كاللىسىدا توقۇۋالغانچە ئىزاھات بېرىپ گەپ يورغىلىتىشى، كۆرۈرمەننى ئەخمەق كۆرۈشى كۈتۈلمەيدىغان ئىشمۇ ئەمەس. بولۇپمۇ، ئۆزىگە بىرەر مۇقەددەس ئۇنۋان تاقاش ھېرىسمەنلىكى كۈچلۈكلەرنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ ئىسمىدىنمۇ ئۈركۈپ گەپ يورغىلىتىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. تالىپچىقىمىز دىتلىق يۇتۇبىر بولغىنىدا، ھەمدە كۆرۈرمەننىڭ ئېغىزىغا ئۆزىدەك ئاش – ناننى يۇيۇپ يەيدىغانلىقىدىن شەك قىلمىسا، يۇتۇبىر ئاتالغۇسىنى ئۇنچە بۇرمىلاپ يۈرۈشنىڭ، ئىلىم ئەربابلىرىمۇ ئېتىراپ قىلىپ ئۈلگۈرمىگەن دەۋەتچى قالپىقىغا زورۇقۇش ئارتۇقچە. چۈنكى يۇتۇبىرنىڭ نېمىلىكىگىمۇ ئۆتەپ تېشىپ تالىپچىقىمىزدەك ئىزاھ ئويدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىشنىڭ يولى ساھەنىڭ قامۇسى شۇ ئاتالغۇغا نېمە دەيدۇ، قاراش كېرەك. مەسىلەن، يۇتۇبىرنىڭ ۋىدىيو ئىشلەپ، كۆرۈرمەن كۆپەيتىپ پۇل تاپىدىغان تەرىپى بارلىقى راست. ئەمما يۇتۇبىر ئۇقۇمىنىڭ ئىزاھاتىدا بولۇشقا تېگىشلىك شەرت ئەمەس. يۇتۇبېر دېيىلىشى ئۈچۈن چوقۇم پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان بولۇش، دەيدىغان گەپمۇ يوق. ئەمەلىيەتتە، يۇتۇبىر مەيلى پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، ۋىدىيو ئىشلەپ مەزمۇن تارقاتقۇچىنى، مۇئەييەن كۆرۈرمەنلەر تەرىپىدىن ئىز قوغلاپ كۆرۈلىدىغان ئوبراز ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئىسمى. مەسىلەن، تۈركچە ئىزاھاتلاردا شۇنداق تەبىر بېرىلگەن:
Youtuber kime denir?
- Youtube platformuna dijital içerikler üreten, videolar hazırlayan kişilere Youtuber denir.
- YouTuber veya YouTube ünlüsü, video paylaşım sitesi YouTube'da videoları popüler olan ve belli bir YouTube kanalından video yayınlayan İnternet ünlüsü içerik üreticilerine verilen ad.
ئىنگلىزچە بېرىلگەن ئىزاھاتلاردا مۇنداق دېيىلگەن:
What is Youtuber?
Definition:
-YoutuberA Youtuber is that person who uploads videos to the Youtube platform with a regularity.
- A YouTuber is a type of social media influencer who uploads or creates videos on the online video-sharing website YouTube.
ئەرەپچە ئىزاھاتلاردا مۇنداق دېيىلگەن:
- تعريف معنى يوتيوبر : اليوتيوبر هو مصطلح انجليزي تقني حديث يطلق على الشخص الذي يمتلك قناة في موقع الفيديوهات الاشهر عالمياً (يوتيوب).
- هو الشخص الذي يُقدم أي محتوي علي موقع اليوتيوب يتم تسميتة يوتيوبر youtuber ، إذاً فكل شخص لديه قناة علي اليوتيوب يتم تسميتة يوتيوبر.
- هو اسم يطلق على صانعي المحتوى في موقع اليوتيوب.
قايسى بىر تىلنىڭ يۇتۇبىر ھەققىدىكى ئىزاھاتىغا، بىر ئەمەس، بىردىن ئارتۇق ئىزاھاتىغا قارىسىمۇ يۇتۇبىر دېيىلىش ئۈچۈن پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان بولۇش دەيدىغان شەرتى يوق. بىر قانال قۇرۇپ ۋىدىيو ئىشلەپ، مەزمۇن بېيىتىپ، كۆرۈرمەن يىغالىسىڭىز، مۇئەييەن توپتىن سىزنى ئىز قوغلاپ كۆرىدىغان تەسىر دائىرسىگە ئىگە بىرى بولسىڭىز، سىزنىڭ «ئۇلۇغ» نامىڭىز چوقۇم يۇتۇبىر، قىلىۋاتقان ئىشىڭىز بولسا، يۇتۇبىرچىلىقتۇر. سىز مەيلى قانىلىڭىزدا، دىن نەشر قىلامسىز، ئىسلام تارقىتامسىز، دەۋەت قاينىتامسىز، ياكى ئازغۇنلۇقنى بازارغا سالامسىز ياكى ئەللامىلىك قىلامسىز ، پەرقى يوق. كۆرۈرمەن توپلاپ پۇل تاپامسىز، ياكى قانىلىڭىزنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدىكى ئورۇن قاتارىدا تەشۋىق قىلىپ رامىزان كۈنلىرىدە قانىلىڭىزنى مۇقەددەسلەشتۈرۈپ ئېلان فىلىمى ئىشلەپ زاكات يىغامسىز، ياكى توقاچ سوپۇن ئېلانى بېرىپ مەھسۇلات تونۇشتۇرامسىز بەرىبىر. ھېچبىرى سىزنىڭ يۇتۇبىرلىقىڭىزنى چەتكە قاقمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، قارىسىغا تەبىر ئىجاد قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدىن ئۆزى نومۇس قىلغاندەك بۇنچە زورۇقۇشنىڭ، گەپ توقۇپ ئويناشنىڭ ھاجىتى يوق. سىز تامغا ئۈسۋالسىڭىزمۇ يۇقىرىقى ئۈچ تىلغا سالغاندا، سىز بىر يۇتۇبىر. پۇل تاپسىڭىزمۇ، قانىلىڭىزنى پەش قىلىپ زاكات يېسىڭىزمۇ، ياكى موچەن تاپماي نوقۇل كۆرۈرمەننى جەلپ قىلىدىغان ۋىدىيولۇق مەزمۇن ئىشلەپ قانىلىڭىزنى راۋاجلاندۇرۇپ ماڭسىڭىزمۇ، سىز شۇ بەرىبىر يۇتۇبىر.
دېمەك، تالىپچىقىمىز ئېكرانغا قاراپ يېزىلغاننى ئوقۇپ يۈرۈپمۇ، شۇنداقلا كېسىپ ياماش ۋە تەھرىرلەشتەك يۇمشاق دېتال خادىملىرىنىڭ ياردىمىدە شۇنچە يىل ۋىدىيو ئىشلەپ چىقىرىپ، كۆرۈرمەن يېغىپ، قانىلىغا 17 مىڭدىن ئارتۇق ئەزا توپلىغۇدەك ۋىدىيو ئىشلەپ چىقىرىپ تۇرۇپ، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان، قىلىۋاتقان ئىشى نۆۋەتتىكى ساھەدە نېمە دەپ ئاتالسا شۇ بويىچە ئاتىسا غىڭشىيدىغان، خۇددى «تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كېلۇر» دېگەن تەمسىلدەك بولالماي كېتىدىغان خىيالپەرەس بىرى. گەپنىڭ ئوچۇقى سەۋىيە – ساپا شۇنچىلىك. نەتىجىدە شۇنچە چوڭ مەسىلىلەر تەنقىد قىلىنسا، يۇتۇبىرىمىزنىڭ چۈشەنچە بېرىشكە چىقىپ تېگىش قىلغان بىرىنچى مەسىلىسى ئۆزىنىڭ قالپاق سەۋداسىنى قوغداشقا زورۇقۇش، خاتا ئىزاھات ئارقىلىق كۆرۈرمەننى قايمۇقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا بولمىغانلىقى مەلۇم.
4. تېنىۋېلىپ قۇتۇلۇش
ئىككىنچى مەسىلىدە يۇتۇبىرىمىز «خىتاينى جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن جۈملىسى ھەققىدىكى ئىزاھاتى. ئەمەلىيەتتە يۇتۇبىرىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە تېنىۋېلىپ قۇتۇلسا بولىدىغان بىردىنبىر مەسىلىسى مۇشۇ دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ خۇسۇستا ھېچكىم بۇنداق بىر جۈملىنى تۈزەشنى توغرا تاپمىغاندىن سىرت، تالىپچاق يۇتۇبىرلا ئەمەس، بەلكى 6 ياشلىق بالىمۇ ئۇنداق دېمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا تالىپچىقىمىز بۇ مەسىلىدە سەمىمىي جاۋاب بەرگۈسى بولسا، 6 ياشلىق بالىسىنى ئەتەي كامېرا ئارقىسىدا تۇرغۇزۇپ سوئال سورىغان بولۇپ ئارتىسلىق قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. خۇپسەنلىكىگە كىچىك بالىسىنىمۇ ئارىلاشتۇرۇۋېلىشىنىڭ، كامېراسىغا ئالەت – ئەدەۋات ئورنىدا سۇيىئىستېمال قىلىپ كۆرۈرمەنگە ئويۇن قويۇپ بېرىشىنىڭ ھاجىتى تېخىمۇ يوق. مەسىلە تالىپچىقىمىزنىڭ شۇ جۈملىنى ئىشلىتىپ ھۆكۈم پىچقانلىقىدا ئەمەس، بەلكى مەزكۇر جۈملىنى يۇتۇبىرىمىزنىڭ قەيەردە ۋە قانداق تېمىدا سۆز ئارىسىغا قىستۇرغانلىقى مەسىلسى. يۇتۇبىرىمىز ئەسلىدە سەمىمىي بولسا، ئەينى چاغدا مەزكۇر جۈملە ئارىلاشقان ۋىدىيوسىنى چىقىرىپ نېمە ئۈچۈن توردا تەنقىدلىنىپ خاتاسى پاش قىلىنغان زامان ئۆچۈرۈۋالغىنىنى، ئاتايىتەن ئۆچۈرۈۋېلىپ قانائەت قىلماي بىر ئاخشامدا ئۈچ قېتىم تەھرىرلەپ، ئىككى قېتىم ئۆچۈرۈپ ئاندىن ھازىرقى ھالىتى بىلەن يۇتىيۇپقا تەكرار قويغانلىقىنى چۈشەندۈرسىلا مەسىلە تۈگەيدۇ. «ياخشى ئىش قىلغان كاپىرلارمۇ دوۋزاخقا كىرەمدۇ» دېگەن تېما مەزمۇن قىلىنغان ۋىدىيو دەسلەپ ئېلان قىلىنغاندا، مەزكۇر ۋىدىيودىكى يۇقىرىقى جۈملە، يەنى دەۋەت يەتمىگەنلەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ھۆكمى مەسىلىسىدە خىتاي خەلقىمۇ تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى بىر ئەمەلىيەت. شۇ چاغدا بىر قېرىندىشىمىز تەرىپىدىن ۋىدىيو فەيسبۇكقا مەزكۇر ۋىدىيونى ئايرىم قويۇپ، نېمە ئۈچۈن خىتايلارنى، بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى خىتاي نەپرىتى خەلقتە يۇقىرى چەككە چىقىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتايلارنى بۇ مەسىلىگە قوشۇپ قويۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلىقىمۇ، تۈرلۈك ئىنكاسلار شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ سەھىپىسى ئاستىغا چۈشكەنلىكىمۇ راست. ئەقىدە ساھەسىدە سالاھىيەت بولمىغانكىن، بۇنداق جۈملىلەرنى قىستۇرۇشنىڭ توغرا بولمىغانلىقى ئەيىبلەنگەنلىكىمۇ ھەم راست.
تۇنجى ئەيىبلىگەن كىشىمۇ مەزكۇر يۇتۇبىرچىقىمىزنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەر ۋىدىيوسىنى ئاساسەن قويماي كۆرىدىغان، سەھىپىسىدە تارقىتىدىغان بولغاچقا، يۇقىرىقى قاملاشمىغان جۈملە قۇلاققا مۇشتەك ئاڭلانغان، توغرا چۈشەنچە بەرمىسە، قانالدىكى ۋىدىيولارنى بۇندىن كېيىن ھەمبەھرلىمەيدىغانلىقىغا ئوخشاش بەزىبىر پوزىتسىيەلەرنى بىلدۈرگەنلىكىمۇ راست. دەل شۇ مەزگىللەردە يۇتۇبىرچىمىز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بەزى ۋىدىيولىرى، بولۇپمۇ بۈگۈنكى زۇلۇمنىڭ ۋابالىنى خىتايغا قارىغاندا ئۆزىمىزدىن كۆپرەك كۆرۈش كېرەكلىكى ھېسسىياتى پەيدا قىلىدىغان ۋىدىيولىرىمۇ تارقالغان بولغاچ، بۇ خىل بىنورماللىقلار كۆرۈرمەنلەر تەرىپىدىن سوراقلانغان ۋە ئىزاھات بېرىش تەلەپ قىلىنغان. ئەمما يۇتۇبىرچىقىمىز قانداق قىلدى؟ ئەڭ دەسلەپكى ۋىدىيونى يۇيدى، تۇنجى تەنقىدلىگەن قېرىندىشىمىزغا بېسىم چۈشۈرۈپ ۋىدىيونىڭ كۆچۈرمە نۇسخىسىنى ئۆچۈرگۈزدى. ئارقىدىن ئوخشاش مەزمۇندا بىر ۋىدىيو تارقاتتى. ئۇنىمۇ ئۆچۈرۈپ ئۈچىنچى بىر ۋىدىيونى قويدى. ئۆزىنىڭ نامىدىن ھېچبىر ئىزاھات بەرمەستىن تەنقىد قىلغۇچىلارنى خۇددى ھازىر بىزنىڭ پاكىتلىق تەنقىدلىرىمىزنى كۆزنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ «يالغان»، «تۆھمەت» دەۋاتقانغا ئوخشاش، شۇ چاغدىمۇ ئاشۇنداق ئىغۋالار بىلەن جاۋاب قايتۇرماقچى بولۇپ شايكىلىرىنى تەنقىد قىلغۇچىلارغا ھەملە قىلدى. گويا چاشقان يېگەن ئاچكۆز مۈشۈكنىڭ ئېغىزىنى يۇيۇپ بولۇپمۇ يەنە مەززىلىك بېلىق كونسېرۋاسىنى كۆرگەندە ھېچنېمە يېمىگەندەكلا ئېتىلىپ كەلگىنىدەك، تەنقىدلەر كۆپىيىپ قۇيرۇقى قىسىلغاندا، خۇددى بۈگۈنكى مەلۇم سەھىپىدىكىگە ئوخشاش تۈزەتكەنلىكىنى ۋە يېڭىدىن ئىشلىگەنلىكىنى بايان قىلىش ۋە كۆرۈرمەندىن كەچۈرۈپ سوراش ئورنىغا، غاچچىدە يۇيۇپ ياكى تەھرىرلەپ ئاق بالىخان بولۇۋېلىشقا ئۇرۇندى...
دەرۋەقە، بۇ بىر تور يۈزىدە يۈز بەرگەن، شاھىتلىرى كۆپ بىر ۋەقە. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاشۇ تەكرار ئىشلەنگەن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ۋىدىيولار قولىمىزدا ھازىرمۇ مەۋجۇت. پەرقلىق ئىككى تۇرۇقتا، ئىككى خىل كىيىنىشتە بىر مەزمۇننى ئوخشاش شەكىلدە تەكرارلاپ، قىسمەن ياماپ، كېسىپ تەھرىرلەپ ئېلان قىلغانلىقى بىر پاكىت. دېمەك، شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ. شۇڭا تەنقىدلەردە بۇ خۇسۇسنىڭ ئۇنتۇلماي ئىلگىرى سۈرۈلۈشىمۇ بىھۇدە ئەمەس. ھەر ئىش مانا مۇشۇنداق مۇئەييەن ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. شۇنداق ئىكەن، مەخسۇس ئىزاھات ئۈچۈن چىققاندا، سەمىمىي بولۇپ تەنقىدنى كۆرۈپ ئۆچۈرۈۋالغانلىقى ۋە قايتا تەكرار ۋىدىيو ئىشلىگەنلىكى، شۇندىن بىرى ئۇنداق سۆزلەرنى قىستۇرۇپ قويۇشتىن دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىزاھلىشى، نورمال بىر يۇتۇبىر ئۈچۈن كۆرۈرمەنلىرىگە قارىتا سەمىمىيىتى جۈملىسىدىن ئىدى. شۇنداقلا بۇ ھەم توغرا ئىزاھ بېرىش جۈملىسىدىن، ھەمدە تەنقىدكە ئوچۇقلۇقى ھەققىدىكى ئىددىئاسىدا سەمىمىي ئىكەنلىكىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى ھېسابلىناتتى. لېكىن يۇتۇبىرىمىز ئىزاھات ۋىدىيوسىدا ئۇنداق قىلماستىن، سۈنئىي كۈلۈپ قويۇپلا بۇ جۈملىنى دېمىدىم، دەپ تېنىۋالدى، «يالغان»، «تۆھمەت»، دەپ تۇرۇۋالدى. مانا بۇ ئۇچىغا چىققان خۇپسەنلىك، مەن ئەمەس دەپ تېنىۋېلىپ تۇرۇپ، بۇنى 6 ياشلىق بالاممۇ دېمەيدۇ، دەپ بالىسىنى ئېكران ئارقىسىدا تۇرغۇزۇپ ئەتەي دىيالوگ ياساپ ئويۇن قويۇشى بولسا، ئالىقاپلىق، ۋە ئارتىسلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس. ئەمەلىيەتتىمۇ، مەسىلە ۋىدىيودا ئۆزى دەۋاتقاندەك ئېتىقادقا دائىر مەسىلە. شۇڭا شۇنچە غولغولىنىڭ چىقىشىمۇ بىھۇدە ئەمەس. تور يۈزىدە، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ كۆز ئالدىدا جەريان قىلغان بىر ئىشنى، يەنە كېلىپ شۇ چاغدىلا غولغۇلا پەيدا قىلغان ئىشنى سۈنئىي كۈلكە ۋە سۈنئىي دىيالوگقا تايىنىپ، ئەسلىدىكى ۋىدىيونى كۆرسەت، دېسەم چىقىرالمايدىغۇ، دېگەننى قىلىپ تېنىپلا قۇتۇلىمەن دېگىنى بولسا، ئىلمىي پىكىر قىلىشقا پۈتۈنلەي يات بولۇپلا قالماي، بولغان - ئەتكەن ئىشلارنى توغرا بايان قىلالمايدىغان، شۇنچە يىل ۋەزچىلىق قىلىپ توغرا بايان قىلىشنى بولسىمۇ قاملاشتۇرماستىن، بار يوق تەجرىبىنى قاراپ تۇرۇپ تېنىۋېلىش، خۇپسەنلىك قىلىش، ئارتىسلىق ۋە نومۇسسىزلىق خاراكتېرىنى پۇختىلاشقا توپلىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ قويدى.
ئەسكەرتىش: شۇ چاغدا ئوخشاش مەزمۇننى ئىككى خىل ئىشلىگەن ۋىدىيوسىغا قىزىقىدىغانلار بولسا، مەلۇم قىسمىنى پاكىت سۈپىتىدە ئىنكاس قىسىمغا قويۇشىمىز مۇمكىن).
5. بۇزۇق ئېتىقاد مەسىلىسى ۋە ئازغۇن يۇتۇبىرنىڭ خۇپسەنلىكى
داۋامى بار:
-بۇرھان مۇھەممەد
2024-04-05
-----
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تەكرار ئەسكەرتەي: بۇ سەھىپە نۇر ئېكرانىدىن قوبۇل قىلغان توكسىتلارنى يايىدىغان ئاممىۋى يېرىڭلا ئەمەس. تېمىنىمۇ ئوقۇماي، مەزمۇندا نېمە دېيىلگەن ۋە نېمە دېمەكچى بولغانلىق بىلەنمۇ ئىشى يوق، نەسىھەت قىلغان، تۆھمىتىنى توقۇپ سەت گەپلەر بىلەن، ھاقارەت ۋە تۆھمەتلەر بىلەن بۇلغىماقچى بولغانلار بىردەك ئۆچۈرىلىدۇ. يازمىغا تەپەككۇر قۇۋۋىتىدىن باشقا ھەممە ئورگىنىنى ئىشقا سېلىپ يېزىلغان زەھەرخەندە ئىنكاسلارمۇ ئۆچۈرۈلىدۇ. شۇنچە ئېزىپ ئىچۈرسىمۇ ئەقەللىي پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشنىمۇ بىلمىگەنلەرنى سەھىپىمىز قارشى ئالمايدۇ. ئۇستازى پاكىتنى تەھرىرلىگەن يەردە قۇيرۇقلىرىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويغىنىڭلارنىڭ ئۆزى يېتىپ ئېشىپ ئۆتۈپ كەتتى. تېگىشلىك جاۋابمۇ يازمىدا بېرىلىپ بولدى. ئەمدى سەھىپىنى مالاڭ قىلغانلار بايقالسىلا تېگىشلىك جاۋابىنى ئالىدۇ. ۋاقىپ بولۇنغاي!
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
كېيىنكىسى: يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (2)