يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (2)
يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (2)
5. بۇزۇق ئېتىقاد مەسىلىسى ۋە ئازغۇن يۇتۇبىرنىڭ خۇپسەنلىكى
تالىپچىقىمىز مەزكۇر ئىزاھات ۋىدىيوسىدا ئۈچىنچى قىلىپ بۇزۇق ئېتىقاد مەسىلىسىگە كىرىدۇ ۋە تەنقىدلەردىكى «جەننەتكە روھىمىز كىرىدۇ، جىسمىمىز ما دۇنيا قالىدۇ» دېگەن بۇزۇق سۆزىنى قارىماققا توغرىدەك كۆرسەتكىلى بولىدىغان يەنە بىر بۇزۇق سۆزلەر بىلەن ئوچۇقلاشقا تىرىشىدۇ. تالىپچىقىمىز ئىزاھات ۋىدىيوسىدا دەيدۇكى «بۇ فودكاستتا دېيىلگەن گەپ. بۇ مەلۇم تېما ئېچىلىپ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شەكىلدە، ‹بىز ئۆلەپ كېتىمىز، ما جىسمىمىز چىرىپ تۈگەيدۇ، روھىمىز ئا دۇنياغا كېتىدۇ› دەپ مۇشۇ شەكىلدە دېيىلگەن گەپتى» دەيدۇ. مانا بۇ قىپقىزىل يالغان گەپ بولۇپ، تالىپچىقىمىز ئۆزىنىڭ قايسى تېمىدا نېمە دېگىنىنى، تۆت كۈن بۇرۇن دېگەن گېپىنىڭ نېمە مەزمۇندىن شاخلاپ چىقىپ، نېمە مەزمۇندا شۇنداق دېيىلگەنلىكىنى قاراپ تۇرۇپ بۇرمىلايدۇ. يەنە كېلىپ تەنقىد چىققاندىن كېيىن غاچچىدە تەھرىرلەپ كېسىۋېلىپ بولغاچقا، نېمە دەۋالسام بولىدىغۇ، خالىغانچە گەپ ياساپ مەن مۇنداق دېگەنتىم، دەپ دەۋالسام بولىۋېرىدۇ، دەپ قالىدۇ. ئەمىلىيەتنى بۇرمىلىسا، توغرىلاش بىزنىڭ ئىشىمىز بولغان ئىكەن، يادىغا يەتمىگەننى يادىغا سەپ قويۇش، يالغان گەپنىڭ ئەسلىسى زادى قانداق ئىدى، دېگەننى توغرىلاپ بېرىش، ۋىدىيولۇق پاكىتىنى چىقىرىپ تۇرۇپ، بولغان گەپ - سۆزلەرنى بۇرمىلىماستىن، ئۆرۈپ – چۆرۈپ تولغاپ يوچۇنلاشتۇرماستىن نېمە بولسا شۇنى ئەينەن قىلىپ توغرلاپ بېرىش قولىمىزدىن كېلىدۇ. مەسىلە ئەسلىدە ناخشا – مۇزىكىنىڭ روھقا كېلىدىغان تەسىرى ھەققىدە كېتىۋاتقان بولۇپ، يۇتۇبىرىمىز يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئوزۇقى قانداق تەسىر قىلسا، ئاڭلايدىغان نەرسىلەرنىڭمۇ روھقا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئاڭلايدىغان نەرسىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنى دېيىلىۋاتقان گەپ ناخشا مۇزىكىغا دائىر تېمىنىڭ روھقا مۇناسىۋەتلىك قىسمى. دەل مۇشۇ نۇقتىغا كەلگەندە، ئاڭلايدىغان نەرسىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى، بۇ ھەقتە ئىسلامىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە سەۋەب بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز روھىمىزغا خىتاب قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىدىغىنىمۇ روھىمىز. بەدىنىمىز ما دۇنيادا قالىدۇ» دەپ گەپنى كېسىدۇ.
دېمەك، تالىپچىقىمىز بۇ يەردە روھقا مۇناسىۋەتلىك سۆز قىلىۋاتقاندا، بىرىنچىدىن، دەۋاتقان گەپلىرى روھقا مۇناسىۋەتسىز گەپلەر ئەمەس، ئەكسىچە دەل روھقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن. ئىككىنچىدىن ئىزاھات ۋىدىيوسىدا دېيىلگەندەك، دېگەنلىرىنىڭ ھېچبىرى «بىز ئۆلەپ كېتىمىز، ما جىسمىمىز چىرىپ تۈگەيدۇ، روھىمىز ئا دۇنياغا كېتىدۇ دەپ مۇشۇ شەكىلدە» دەپ دەۋالغىنىدەك ئەمەس، بەلكى روھقا تەسىر قىلىدىغان، ئاڭلايدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىسلامدىكى چۈشەنچىسىنى بىلىش لازىم، دەپ باشلانغان گەپنىڭ داۋامى. مۇشۇ گەپنى دەپ بولۇپلا تالىپچىقىمىز ئېنىق قىلىپ «چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز روھىمىزغا خىتاب قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىدىغىنىمۇ روھىمىز. بەدىنىمىز ما دۇنيادا قالىدۇ» دېگەن ئازغۇن سۆزنى قىستۇرىدۇ. بۇمۇ ئىككى ۋىدىيونى تەڭ قويۇپ كۆرسىلا ئوپئوچۇق مەسىلە. دېمەك، ئاتالمىش ئىزاھاتىدا تالىپچىقىمىز يۈزىنى داپتەك قىلىپ، ئەسلىدىكى ۋىدىيوسىنى كېسىپ ئۇلىۋالغانلىقىدەك ئەۋزەللىكىنى پۇرسەت بىلگەن ھالدا، كۆرۈرمەنلەرگە قىپقىزىل يالغان چۈشەندۈرۈش بېرىدۇ ۋە يالغان گەپ بىلەن ئوچۇقلىما بېرىپ تۇرۇپ تەنقىدلىگەنلەرنى تۆھمەت ۋە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلەيدۇ.
تالىپچىقىمىزنىڭ ئۆزى سۆزلىگەن ۋە دېگەنلىرىنى بىرىنچى قېتىمدىن ئېشىپ كەتسىلا ئىككىنچى قېتىم تىلغا ئالغاندا يالغان بىلەن بۇرمىلاپ چۈشەنچە بېرىدىغان بۇ كاززاپلىقى ئېنىق بولغان بولسا، ئۇنداقتا بىز ئىككىنچى قەدەمگە، يەنى «چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز روھىمىزغا خىتاب قىلىدۇ، قىيامەت كۈنى جەننەتكە كىرىدىغىنىمۇ روھىمىز. بەدىنىمىز ما دۇنيادا قالىدۇ» دېگەن ئازغۇن سۆزىگە كېلەيلى!
تالىپچىقىمىزنىڭ بۇ بايانىدا، دىننىڭ روھقا خىتاب قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي ئۇنسۇر، روھنىڭ مۇھىملىقى، روھنىڭ مۇھىملىقى بولسا، بەدەننىڭ ما دۇنيادا قېلىشى، قىيامەتتە روھنىڭ جەننەتكە كىرىشى، بولغان. ھالبۇكى، دىن روھقىلا خىتاب قىلمايدۇ، ئەقىلگىمۇ، ۋىجدانغىمۇ، خىتاب قىلىدۇ. توغرا، ئىسلامنىڭ روھقا ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىدىغانلىقىدا شەك يوق. لېكىن روھ مۇھىم بولغاچ، بەدەن بۇ دۇنيا قېلىپ، روھ جەننەت كېرىدۇ، دەپ چۈشەندۈرۈلسە، بۇ سېپى ئۆزىدىن ئازغۇنلۇق بولىدۇ. مەزكۇر ۋىدىيو چىققان ھامان، بەدەن ما دۇنيادا قېلىپ روھ جەننەتكە كىرىدۇ، دېيىلىشنىڭ ئازغۇن ئەقىدىلىكى تەنقىدلەندى. بىلىشىمىزچە، بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىدەك شەرئىي پەتىۋا بىلەنمۇ ئىزاھلىنىپ يېزىپ چۈشەندۈرۈلدى. https://sajiya.biz/?p=13459&uls=uu
دېمەك، دېيىلگەن گەپ ئورتادا، تەنقىدمۇ ئورتادا. لېكىن بۇ تەنقىدلەرنى كۆرۈپ ۋىدىيوسىنى تەھرىرلىۋالغان يۇتۇبىرنىڭ پوزىتسىيەسىچۇ؟ پوزىتسىيەسى، ئىزاھات ۋىدىيوسىدا كۆرۈپ تۇرغاندەك، بىزنى بۇزۇق ئەقىدە تەشۋىق قىلدى، تۆھمەت قىلدى. بىز ئۇ تېمىدا روھقا مۇناسىۋەتسىز بولغاندىكىن، ئاچماي ماندالا دەپ ئۆتەپ كېتىپ قالغان، دەۋېلىش بولدى. ئۇنداقتا، ھازىر چۈشەنچە بېرىۋاتقان بولساڭ، خاتا گەپ قىلمىغىنىڭ راست بولسا، نېمىشقا تەنقىدتىن كېيىن خاتا گەپنى تەھرىرلىۋالدىڭ، تەنقىدنى كۆرگەندىن كېيىن تەھرىرلىگەن ئىكەنسەن، قانداقسىگە سېنى تەنقىد قىلغانلار ساڭا تۆھمەت قىلغان، سەن بولساڭ، ئۇۋال قىلىنغان ئاق بالىخان ھېسابلىنىپ قالىسەن؟ بۇ قەيەرچە مەنتىقە؟ تەنقىدلەنگەن نەرسىنى يۇيۇپ ياكى تەھرىرلىۋېلىشنىڭ تەنقىدنى دىققەتكە ئېلىش بولىدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما، يۇيۇۋېلىپ ياكى تەھرىرلىۋېلىپ بولۇپ، مەن نەدە ئۇنداق دەپتىمەن. مېنىڭ دېگىنىم ماۋۇ، دەپ ئەسلىدىكى يۈز بەرگەن ئىشنى بۇرمىلاپ ئوچۇقلىما بېرىش كاززاپلىق. تەنقىدلەر سەۋەبلىك تۈزەتكەن تۇرۇپ، تەنقىد قىلغۇچىلارنى ماڭا ھۇجۇم قىلدى، تۆھمەت قىلدى، دەۋېلىش بولسا، ئۆكتەملىك، شۇنداقلا پاكىتلىق تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ پاكىتىنىڭ مەنبەسىنى يۇيۇۋېتىش ياكى تەھرىرلىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تۆھمەت ۋە ھۇجۇم نىشانى قىلىپ قويۇش، توغرىسى، ئېشەكلىك قىلىش ۋە كۆرۈرمەننىمۇ ئەقىلسىز ئېشەكنىڭ ئورنىدا كۆرۈشتىن باشقا ئىش ئەمەس.
خوش، تالىپچىقىمىز، يۇقىرىقىدەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇزۇق ئېتىقادتا ئەمەس، ساغلام ئەقىدىسى بارلىقى ئىددىئا قىلىپ بولغاندىن كىيىن، توغرا ئەقىدىسىنى مەزكۇر ئىزاھات ۋىدىيوسىدا ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ ئەقىدىمىز شۇكى، بىزنىڭ روھىمىز، جىسمىمىز جەننەتكە كىرىدۇ، ئەمما ما جىسمىمىز (يەنى بۇ دۇنيادىكى جىسمىمىز) چىرىپ تۈگەيدۇ. ئاللاھتائالا قايتا جىسىم بىلەن بىزنى جەننەتكە ئەكىرىدۇ، ئىنشائاللاھ. بىزنىڭ ئەقىدىمىز بۇ جەھەتتە ئەلھەمدۇلىللاھ، ناھايىتى سۈزۈك».
مانا بۇ تالىپچىقىمىزنىڭ ۋىدىيودا جاكارلىغان ئاتالمىش سۈزۈك ئەقىدىسى. ئەجەبا، ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىنىڭ مىزانىدا مۇشۇنداق دېيىش سۈزۈك ئەقىدە ھېسابلىنامدۇ؟ ئەلۋەتتە ياق. چۈنكى، يۇقىرىقى شەرئىي پەتىۋادىمۇ ئىزاھلىنىپ ئۆتۈلگىنىدەك، تەنقىدلىنىۋاتقان مەسىلە، دەل جىسمىمىز ما دۇنيادا چىرىپ تۈگەيدۇ، قىيامەتتە قايتا جىسىم بىلەن يارىتىلىدۇ، يەنى، ما دۇنيادىكى جىسىم بىلەن ئەمەس، باشقا جىسىم، يەنى باشقا بەدەن بىلەن يارىتىلىدۇ، دېيىلىۋاتقانلىقىدۇر. چۈنكى، قۇرئان ھېچبىر تەۋىل ياكى مەجازغا بۇرىغىلى بولمايدىغان «كما بدأنا أول خلق نعيده»، يەنى بىز سىلەرنى ئاۋۋالقى يارىتىشمىزدىكى پېتى قايتا يارىتىمىز، يەنى مۇپەسسىرلەرنىڭ ۋە ئەقىدە ئالىملىرىنىڭ بايانى بويىچە شۇ چىرىغان جىسىمنىمۇ بۇ دۇنياغا كەلگەندىكى ھالىتى قانداق بولسا شۇ بويىچە قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يەنى جىسمىنىمۇ قوشۇپ يارىتىپ ئۇ دۇنياغا قايتۇرۇپ كېلىمىز دېگەن بولسا، ھەدىس – شەرىف مەزكۇر ئايەتنى ئىزاھلاپ، جىسىمنىڭ بارچە يېرى چىرىپ تۈگىسىمۇ «ئۇمۇرتقا سۆڭەك» قىسىمدىكى ئاشۇ ئۇرۇق خاراكتېرلىك يىلتىز ماددىنىڭ چىرىمايدىغانلىقى، بەدەندىكى ئاشۇ توقۇلما تۇپراق بىلەن سىڭىشىپ توپىغا ئايلىنىپ كەتمەي، باشقا ماددىغا ئۆزگىرىپ كەتمەي قىيامەتكىچە تۇرىدىغانلىقى، ئاللاھ جىسىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە، ئاشۇ يىلتىزنى خۇددى ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىدىن شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ غولى ۋە شېخىنى قايتا باراقسانلاشتۇرغاندەك، ئىنسان جىسمىنى ئۇدۇنيادا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. دېمەك قىيامەتتىكى تىرىلىش تالىپچىقىمىز دەۋالغاندەك، جىسىم بۇ دۇنيادا چىرىپ تۈگەپ، ئۇ دۇنيادا قايتا جىسىم يارىتىلىپ ئاندىن بەدەن بىلەن بىرلىكتە روھ جەننەتكە كىرىدىغان ئىش ئەمەس. ھالبۇكى مۇشرىكلارمۇ قۇرئان تىلغا ئالغان ئېتىرازلىرىدا روھ ئۇ دۇنيا كېتىپ، بەدەن بۇ دۇنيادا قىلىپ چىرىپ تۈگەيدىغانلىقى، ئاللاھ قايتا جىسىم يارىتىپ ئۇ دۇنيادىكى روھنى جىسىم بىلەن تىرىك ھالەتكە كەلتۈرۈشىگە ئېتىرازى بولغان ئەمەس. ئۇلار جىسىمنىڭ بۇ دۇنيادا قېلىشىنى، چىرىپ تۈگىشىنى، تەڭرىنىڭ ئاشۇ روھقا قايتا جىسىم يارىتىشىنى ئەقلىدىن ئۆتكەزمىگەنمۇ ئەمەس. چۈنكى مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقادىدا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىللىرى، ئارىدىكى ۋاسىتىچىلىرى بولغان بۇتلار بار. شۇڭا ئۇلار ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرۈپ كاپىر بولۇشقان بولسىمۇ، ئەمما يارىتىشنى ئاللاھنىڭ يارىتىدىغانلىقىغا ئېتىرازى يوق ئىدى. شۇڭا ئۇلار روھنىڭ ماۋۇ دۇنيادا چىرىپ تۈگىسە، ئۇ دۇنياغا ئۆلمەي ساق بارغان بۇ روھقا ئاللاھنىڭ قايتا جىسىم يارىتىشىنى ئىنكار قىلمىغان. ئۇلارنىڭ ئىنكار قىلغىنى دەل مۇشۇ چىرىپ تۈگىگەن جىسىمنىڭ، بەدەننىڭ، تەننىڭ ئاخىرەتتە ئەينەن ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتۇرۇلۇپ، خەتنىسىز، جىجىق ياكى سىزىقسىز يىپيېڭى ھالىتىگە قايتىش مەنىسىدىكى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئىدى. ئۇلار مۇشۇ تەرزدىكى تىرىلىشىگە ئېتىراز قىلغان، مۇشۇ ئېتىرازىنى ھەقلىق ساناپ، دېمەك ئەقىلدىن ئۆتمىگەنكەن بۇ خىل قايتا تىرىلىش يالغان. شۇنداقكەن، مۇھەممەد دەۋاتقان دىندىكى ئاخىرەت، ھېساب كىتاب ھەممىسى يالغان، دەپ تۇرۇپ مۇشۇ داۋلىسىنى ئاخىرەتنى بىر پۈتۈن ئىنكار قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىۋالغان. دەل شۇنداق بولغاچقا قۇرئان ئۇلارنىڭ «چىرىپ، توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ سوڭەك ۋە بەدەنلەر قانداق ئەسلىگە كېلىدۇ»؟ دېگەن تۈپكى ئېتىرازىغا «قل يحييها أول مرة»، يەنى ئاللاھ مەزكۇر بەدەننى بۇ دۇنياغا كەلتۈرۈشتە ئەسلىدىكى يىپيېڭى ھالىتىدە يارىتىپ قانداق ھاياتلىق بېرىپ يوقتىن ياراتقان بولسا، ئىككىنچى قېتىم چىرىپ بولغان ئاشۇ جىسىمنى شۇ پېتى ئەسلىگە قايتۇرۇپ كېلىشكە قادىر. يەنى بىرىنچى نۆۋەت قۇسۇرسىز يوقتىن بار قىلغانكىن، ئىككىنچى قېتىم چىرىپ توپىغا ئارىلىشىپ توزۇپ كەتكەننى، چىرىپ تۈگىگەن جىسىمنىڭ نوتىسىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرسە نېمە بوپتۇ؟ يوقتىن بار قىلالىغان قۇدرەتلىك كۈچنىڭ بارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەنى چىرىپ يىلتىزى قېلىپ قالغان جىسىمنى نوتىسىدىن قايتا ئۈندۈرۈپ، قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىن ئۆتە ئاسان ئىش نەدە بار؟ دېگەن لوگىكىلىق بايان ئارقىلىق، بۇ دۇنيادا چىرىپ قېلىپ قالغان ئاشۇ بەدەننى، تالىپچىقىمىزنىڭ گېپى بويىچە جىسمىنى ئۇ دۇنيادا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى، قايتا جىسىم يارىتىدىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى شۇ چىرىغان بەدەننىڭ ئۆزىنى ئاخىرەتتە قايتا تەكرار ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. قۇرئاندىكى تىرىلىش، قايتا يارىتىش پەلسەپەسى مانا بۇ. شۇنداقلا قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان «البعث»، يەنى قايتا تىرىلىش سۆزىنىڭ ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىدىكى ساغلام مەنىسى مانا بۇ. بۇنى ئەڭ ئېنىق تىلغا ئالغان ئالىملاردىن مەشھۇر ئۆلىما ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىي بار بولۇپ، ئىبنى قەييىم ئۆز نۆۋىتىدە روھشۇناسلىق ساھەسىدە ئېنسىكلوپېدىك ئەسەر يازغان نادىر ئالىملاردىن بىرى. ئۇ بىز دەۋاتقان خۇسۇسنى بايان قىلغان سۆزىدە شۇنداق دېگەن: ئۇشبۇ قاف سۈرىسىنى تەپەككۇر بىلەن ئوقىغىنىڭدا، ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ بۇ تېنىمىزنىمۇ، يەنى بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىتائەتنىمۇ، ئاسىيلىقنىمۇ قىلغان، نېمەتمۇ تېتىغان، ئازابمۇ تارتقان مۇشۇ تېنىمىزنى روھىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلگەنگە ئوخشاش، يەنى ئىمانغىمۇ، كۇپۇرغىمۇ دۇچ كېلىپ، بىرى سەۋەبلىك نېمەتكە، يەنە بىرى سەۋەبلىك ئازابقا دۇچار بولىدىغان مۇشۇ روھىمىزنى ئاخىرەتتە باشقا بىر روھ يارىتىپ مۇكاپات – جازا بېرىپ قىلمىغىنىغا ئوخشاش، مۇشۇ تېنىمىزنىمۇ ئۆز دەرگاھىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى روشەن دەلىل بىلەن بايان قىلغانلىقىنى كۆرىسەن. ھەمدە قايتا تىرىلىش مەسىلىسىنىڭ «ئاللاھ بۇ تېنىمىزنى قويۇپ ھەر جەھەتتىن باشقا بىر تەن يارىتىدۇ، جەننەت ياكى دوزاختىكى نېمەت ۋە ئازاب ئاخىرەتتىكى تەنگە، يەنى باشقا يارىتىلغان تەنگە بولىدۇ، دەۋېلىش ئارقىلىق بارچە پەيغەمبەرلەر خەۋەر بەرگەن قايتا تىرىلىش ھەققىدە مەرىپىتى بولمىغانلارنىڭ ئېيتقانلىرىدەك ئەمەسلىكىنىمۇ بىلىسەن». چۈنكى روھ مەزكۇر گەپنى قىلغۇچىلار نەزىرىدە بەدەندىكى ئەرەزلەردىن بىرى (يەنى يوقىلىدىغان، تەكرارلانمايدىغان بىر شەيئى). بۇ چۈشەنچىگە ئاساسەن تىرىلگەندە دۇنيادىكى روھ ئورنىغا باشقا روھ، مۇشۇ تېنىمىز ئورنىغىمۇ باشقا تەن يارىتىلىدۇ. مانا بۇ ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل پەيغەمبەرلەر بىرلىككە كەلگەن ئەقىدىگە خىلاپ بولغان، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن تاشقىرى بارچە ساماۋى كىتابلاردا كەلگەن ئەقىدىگە خىلاپتۇر. توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇنداق دەۋېلىش قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغانلىققا، قىيامەتنىڭمۇ بارلىقىنى ئىنكار قىلغان كاززاپلارنىڭ قاراشلىرىغا ماسلىشىپ بېرىشكە تەڭدۇر. چۈنكى مەزكۇر ئىنكار قىلغۇچىلار ئەسلىدە ئازاب ياكى نېمەت بىلەن مۇكاپات – جازاسىنى ئالىدىغان بۇ تېنىمىزدىن باشقا تەننىڭ يارىلىشىغا، (چىرىغان تەن ماۋۇ دۇنيادا قېلىپ، ئاخىرەتتە قايتا تەن يارىلىشىغا) قارشى كەلمىگەن. دېمىسىمۇ، ئۇلار ئىنسان تۈرىنىڭ يوقتىن ئاپىرىدە بولىشىنى دۇنيادىلا كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان تۇرسا، زېمىندا يېڭى يېڭى ئادەم روھى، چىرىغان تەندىن باشقا يېڭى تەنلەرنى ئۆزلۈكسىز يارىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان تۇرسا، قانداقمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئىشلاردىكى ھەقىقەتتىن تېڭىرىقىۋالالىسۇن؟! ئۇلار تېڭىرقاپ تۇرۇۋالغان ئىش ئۆز كۆزى بىلەن يوقتىن يارىتىلغانلىقىغا شاھىد بولغان ئاشۇ تەننىڭ چىرىپ، سېسىپ مۇردىغا ئايلىنىپ بولسىمۇ، ھېساب – كىتاب ئۈچۈن ئاشۇ تەن – جىسىملارنىڭ قايتا تىرىلىشى بولغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار: «ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ بولساقمۇ، چوقۇم قايتا تىرىلەمدۇق؟ (ساففات: 16) »، دەپ تۇرۇۋالغان، «ئۇنداق تەرزدە قايتا تىرىلىپ كېلىش مۇمكىن ئەمەس (قاف: 3)» دەپ تۇرۇۋېلىشقان ئىدى».[ الفوائد لابن القيم، ج1، ص 5 -6. ط العلمية]
خوش، ئۇنداقتا، تالىپچىقىمىزنىڭ دەسلەپكى قېتىمدا «جەننەتكە كىرىدىغىنى روھىمىز، ما بەدىنىمىز بۇ دۇنيادا قالىدۇ» دېگىنىچۇ؟، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىزاھات ۋىدىيوسىدا سۆزۈك ئەقىدىمىز مانا بۇ دەپ تۇرۇپ دېگەن: « بۇ مېنىڭ دەۋاتقىنىم قىيامەتتە جىسىم يارىتىلماي، روھلام جەننەتكە كىرىدۇ، دېگەنلىكىم ئەمەس. مېنىڭ ئەقىدەم، جىسىم چىرىپ ماۋۇ دۇنيادا قالىدۇ، ئاخىرەتتە روھىمىزغا قايتا جىسىم يارىتىلىپ ئاندىن بەدەن ۋە روھ بىللە جەننەتكە كىرىدۇ» دەۋالغىنىچۇ؟ بۇ دېگەنلىرىنىڭ ھەر ئىككىسى ئەھلى سۈننەتنىڭ ئەقىدە تارازىسىغا سالسا، دەل سۈزۈك ئەقىدىگە خىلاپ بولغان بۇزۇق ئېتىقاد بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك، تالىپچىقىمىزنىڭ روھنى جەننەتكە كىرىدۇ، دېگىنىم، بەدەننى كىرمەيدۇ، دېگىنىم ئەمەس، دەپ قايتىدىن ئىزاھلاپ، ئاتالمىش سۈزۈك ئەقىدەم مۇشۇ، دېگەندىكى بايانىمۇ ئوخشاشلا بۇزۇق ئەقىدىدىكى گەپلەر ھېسابلىنىدۇ. نەتىجىدە ناخشا – مۇزىكا ۋىدىيوسىدا دېگەنلىرى تەنقىدلەنسىمۇ، شۇنداقلا مەزكۇر ۋىدىيودىكى ئازغۇن گېپىنىڭ خاتاسىنى تۈزىتىپ بېرىدىغان شەرئىي پەتىۋالار ئەتراپتا ئۇچۇپ يۈرسىمۇ، ئۆزىنى تۆھمەت قىلىنغان، خاتا چۈشىنىلگەن، غەرەزلىك ھۇجۇم قىلىنغان كۆرسىتىپ بەرگەن چۈشەنچىسى، «سۈزۈك ئەقىدەم مۇشۇ» دەپ تۇرۇپ بايان قىلغانلىرى ئەمەلىيەتتە دەل تەنقىدلىنىۋاتقان بۇزۇق ئەقىدىسىنى تېخىمۇ ئوچۇقلاش، دەسلەپ تېزەكلىگەننى، ئىككىنچى قېتىمدا سۇۋاپ ئەتراپقا يېيىشتىن باشقا ئىش بولمىغان. يەرگە ساقىتقىنى ئاز كېلىپ تامغا سۇۋاشتىن باشقا ئىش ئەمەس.
تالىپچىقىمىز شۇ دەرىجىدە ئىلىمدە چالا، ئىزاھاتتا خاتا، ئەقىدىدە بۇزۇق تۇرۇپ يەنە بۇنى سۈزۈك ئەقىدەم دەپ ئەزۋەيلەۋاتقان تۇرسىمۇ، ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ چوڭقۇر ۋە زىل قاتلىرىنى بىلمەيدىغان ۋە بىلمەيدىغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەقىدىسىنىمۇ «ۋاي خاتا چۈشىنىلىپ قالدى» دېگەن باھانە بىلەن بۇزۇق ۋە بۇزۇپ سۆزلەۋاتقان مۇشۇنداق بىر يۇتۇبىرنى ئۇستاز قىلىۋېلىپ ھەر تۈرلۈك ھاقارەت ۋە تۆھمەت بىلەن تەنقىد قىلغۇچى ئالىم ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھاقارەتلەۋاتقان، ئۇلار ھۇجۇم قىلىۋاتقانلار، ئەجەبا پاكىت ۋە رېئاللىق ئالدىدا ئۆزلىرىنى نېمىنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىنى دەڭسىشى لازىم ئەمەسمۇ؟ ساھەنىڭ چوڭقۇر نۇقتىلىرىغا سىڭىپ كىرگۈدەك ئىلىم تەھسىلى يوق تۇرۇپ، ئىلمىي ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ تايىنى يوق بىر يۇتۇبىرغا بولۇشۇپ سالاھىيەت ۋە نوپۇز ئەھلى بولغان ئالىم ۋە پېشقەدەملەرنىڭ شەرئىي پەتىۋا ۋە باھالىرىغا ئەسەبىيلەرچە قارشى تۇرۇشتەك تەرەپبازلىقىنىڭ ئەسلىدە قانچىلىك ئەرزىمەس ۋە بىھۇدە ئاقلاشتىن نېسىۋىلەنگەنلىكىنى ئويلاش كېرەك ئەمەسمۇ؟ قوپال قىلىپ ئېيتقاندا، مۇشۇنىڭدەك ئېغىزىدىن چىققان ھەربىر جۈملىسىگە قەدەر پاكىتى بىلەن تەنقىدلىنىپ تۇرسىمۇ، يەنە شۇ ئازغۇننىڭ تەرىپىنى ئېلىش، ئوچۇقتىن ئوچۇق ۋىدىيولاردا ئەقىلنى، ئىلىمنى كۆزگە ئىلماي كاززاپلىق قىلسىمۇ كۆزنى يۇمۇۋېلىپ مۇتەئەسسىپلىك قىلىشلارنىڭ ھەممىسى بەئەينى «مەن زادى ئاشۇ چىشقان پوقنى يېيىشىم كېرەكتى» دەپ دۆتلەرچە تەرەپبازلىقتا چىڭ تۇرۇش، ئەقىلسىزلىقىنى بازارغا سېلىش، نادانلارچە ئەسكىلىك قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.
خۇلاسە قىلغاندا، تالىپچىقىمىز مەزكۇر ئىزاھات ۋىدىيوسىدا ئۆزىنى باشقىلار خاتا چۈشىنىۋالغان، تەنقىدچىلەر بولسا غەرەزلىك ھۇجۇم قىلىپ تۆھمەت قىلغان، ئەسلى توغرا ئەقىدەم مۇشۇ ئىدى،دەپ تۇرۇپ بەرگەن ئاخىرقى چۈشەندۈرۈشى ھەمدە يۈزسىز ئىزاھاتىمۇ ئوخشاشلا باشقا ئىزاھاتلىرىدەك، قىپقىزىل يالغان ئارىلاشتۇرۇش، بۇرمىلاش ۋە خۇپسەنلىك قىلىش، تۆھمەت ياساپ پاكىت بۇرمىلاش ۋە بۇزۇق ئېتىقاد مەسىلىسىدە نەچچە خاملىيونلۇق قىلىپمۇ كاللىدىكى بۇزۇق چۈشەنچىنى تەكرارلاشتىن باشقا ئىش بولمىغان.
داۋامى بار...
-بۇرھان مۇھەممەد
2024-04-06
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
ئالدىنقىسى: يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (1)
كېيىنكىسى: يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (3)