Jump to content

يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (3)

ئورنى Wikipedia

يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (3)

6.  كاللا دېسە پاقالچاقتىن چۈشۈش

كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، نوقۇل رېئاللىقنى بۇرمىلاش، تېنىۋېلىش ۋە خۇپسەنلىكنى بازارغا سېلىپ ئەتراپنى غەليانغا سېلىش ۋە ئۆزىنى تۆھمەتكە قالغۇچى، ھەسەت ئوبيېكتىغا ئايلانغۇچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ھېرىسمەن تالىپچىقىمىز، يۇقىرىقى بۇزۇق ئەقىدىسى ھەققىدىكى ئاتالمىش ئىزاھاتىدىن كېيىنلا ئۆزى ھەققىدە بېرىلگەن باھا مەسىلىسىگە ئۆتىدۇ ۋە ئۆزى ھەققىدە «بۇ خىل شەكىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇستاز ئاتىلىشى، دىنىي ساھەنى بۇلغايدۇ» دېيىلگەن باھانى ئوقۇپ ئۆتىدۇ. ئاندىن يۇقىرىقى باھاغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «بۇ خىل شەكىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇستاز دەپ ئاتىلىشى دىنى ساھەنى بۇلغايدۇ، دەپتۇ. ئەلھەمدۇلىللاھ، بىز بۇ چاققا قەدەر ئۆزىمىزنى ئۇستاز دەپ باقمىدۇق، بىز ئۆزىمىزنى ئوقۇغۇچى، ئىزدەنگۈچى دەپ كەلدۇق. 20 يىلدىن بىرى ئىزدىنىپ كېلىۋاتىمىز. ھېلىھەم ئىزدىنىمىز، ئىنشائاللاھ بۇندىن كېيىنمۇ ھاياتىمىز بويىچە ئوقۇغۇچىلىق، ئىزدەنگۈچى ئىچىدە ماڭىمىز. بىز ھېچكىم بىلەن ئەلھەمدۇلىللاھ، ئەسلا ئۇستازلىق تامايىمىز يوق. ئەمما بەزى كىشىلەر، كۆپ سانلىق كىشىلەر مېنى ئۇستاز دەيدىكەن. سەۋەب بىزنىڭ دەرسىمىزنى تىڭشىغان، دەۋىتىمىزنى ئاڭلىغان. ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇستاز دەيدىكەن. ئەمدى بۇنىڭغا بىزنىڭ ئامالىمىز يوق. بۇنىڭغا خاپوساڭلا قاندا قىساق بولا ئەمدى بۇنى. ئۇستاز دېمەڭلا، دېسەك. چۈنكى بىزنى ئۇستاز دەپ قويسا، باشقىلا كۆڭلى ئاغىتىپ قالدىكەن. ئامال يوق. بىزنى ئۇستاز دەڭلا دېمىدۇق. ھېچقانداق دەۋەتكە بىز ئۇستاز دەپ يېزىپ باقمىدۇق. خۇسۇسەن مەن ئۇستاز دەڭلا دەپ دېمىدىم، ھېچ كىمگە يازمىدىم. مېنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن. مەن بىر ئىزدەنگۈچى».

مانا بۇ تالىپچىقىمىزنىڭ «بۇ خىل شەكىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇستاز دەپ ئاتىلىشى دىنى ساھەنى بۇلغايدۇ» دېگەن باھاغا قارىتا جاۋابى. ئەجەبا يۇقىرىقى ھەر ئىككى جۈملە ئارىسىغا ئەلھەمدۇلىللاھنى قىستۇرۇپ دېيىلىۋاتقان بىر تالاي گەپلەرنىڭ قايسى بىرىنى، باش ئاخىرى ئەبجەش جۈملىلەرنىڭ قايسى بۆلىكىنى مەزكۇر باھانىڭ جاۋابى دېيىش مۇمكىن. جاۋاب شۇكى ھېچبىرىنى. چۈنكى تالىپچىقىمىز ئۆز ئاغزى بىلەن ئوقۇۋاتقان يۇقىرىقى ئۇستاز دېگىلىمۇ بولمايدىغانلىق ھەققىدىكى باھانى ئۆزىمۇ چۈشەنمىگەن. ئەمەلىيەتتە باھا خاراكتېرلىك بۇ سۆز خۇددى ئىزاھات ۋىدىيوسىدىكى باشقا نۇقتىلارغا ئوخشاش ساجىيەنىڭ باياناتىدىن سۈزۈۋېلىنغان باھا بولۇپ، باياناتتا دوكتور ئابدۇلئەزىز ئۆزى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئەقىدىۋى ئازغۇنلۇق، بۇزۇق پەتىۋا ۋە تۈرلۈك مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ساھەسىدىكى مەسلەكداشلار تەرىپىدىن ئۆزىگە كېلىۋاتقان شىكايەتلەرنى، شۇنداقلا تالىپچىقىمىزنىڭ ۋەز – تەبلىغلىرىدىكى تۈرلۈك خاتا ۋە نۇقسانلىقلارنى، شۇنداقلا مىللەتكە زىيانلىق سىياسىي مەۋقە تەشۋىقلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ دەرىجىدە ساھەنى بۇلغاۋاتقان يۇتۇبىرنى «ئۇستاز دەۋېلىشنىڭ ئۆزىمۇ ماھىيەتتە شەرئىي ئ‍ىلىم ساھەسىنى دۇغلاشتۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى، ھەركىمنى ئۆزىنىڭ ساھەسى ۋە سەۋىيە – سالاھىيىتىگە يارىشا ئاتاش كېرەكلىكى» قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرگەن. تالىپچىقىمىز باياناتتىكى دەل مۇشۇ نۇقتىنى ئاتالمىش ئىخچاملاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە ئىخچاملاپ: «مېنى بۇ خىل شەكىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇستاز دەپ ئاتىلىشى دىنىي ساھەنى بۇلغايدۇ دەپتۇ» دەپ تۇرۇپ جاۋاب بەرمەكچى بولىدۇ. ئەپسۇسكى تالىپچىقىمىز مەزكۇر نۇقتىنى كومپيۇتېرىغا مەخسۇس يېزىۋېلىپ، ۋىدىيونىمۇ مىنۇتىغا بىر دېگۈدەك كېسىپ - ياماپ تۇرۇپ ئازادە چىقارغان بولۇشىغا قارىماي، دېيىلىۋاتقان گەپنىڭ مەنتىقىسىنى ئازراقمۇ چۈشەنمىگەن. چۈشەنمىگەن بولغاچقا، جاۋابتىمۇ راسا ئالىجوقىلاشقان، ھەتتا جاۋاب ئارىلىقىدا ئۆزىنى ھەجۋى ئىپادىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇپ گېپىنى گەپ قىلىشقا زورۇققان. نەتىجىدە بەرگەن جاۋابى «بۇخىل شەكىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇستاز، دەپ ئاتىلىشى، دىنى ساھەنى بۇلغايدۇ» دېگەن سۆزنىڭ جاۋابى بولماستىن، بەلكى «باشقىلارغا ئۆزىنى ئۇستاز، دېگۈزدى» دېگەندەك تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ھەمدە تەنقىتلەرنىڭ ھېچبىرىدە دېيىلىپ باقمىغان بىر ئىددىئانىڭ جاۋابى بولۇپ قالغان. بۇ يەردىكى «بۇ خىل شەكىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇستاز دەپ ئاتىلىشى» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇكى، بۇ خىل شەكىلدىكى دېگەندىن، يەنى، تالىپچاقتا سادىر بولغان ۋە باياناتتا تىلغا ئېلىنغان بارچە نۇقتىلاردا مەسىلە كۆرۈلۈپ كەلگەن بۇ خىل شەكىلدىكى يۇتۇبىرلارنىڭ ئۇستاز دەپ ئاتىلىشى، ساھەنى بۇلغايدۇ، دېگەن باھا كۆزدە تۇتۇلۇۋاتىدۇ. قانداقتۇر «بۇ ئۆزىنى ئۇستاز دەۋاپتۇ» ياكى بولمىسا «بۇ ئۆزىنى باشقىلارغا ئۇستاز دېگۈزىدىكەن» دېگەندەكلەر كۆزدە تۇتۇلمايۋاتىدۇ. شۇنداق ئىكەن بېرىلىدىغان جاۋاب ياكى ئىزاھات ئەسلا ۋە ئەسلا «مەن ھېچقاچان ئۆزۈمنى ئۇستاز دەڭلار دەۋالمىدىم، ئۆزۈمنى ھېچ يەردە ئۇستاز دەپ يېزىپ باقمىدىم. مەن دېگەن ئىزدەنگۈچى، ئوقۇغۇچى، ئاقىلەي، شاقىلەي» دېگەندەك ھېلى كاتاڭ ئەبجەش جۈملىلىك ئىزاھاتلار بولماسلىقى كېرەك. بەلكى، بېرىلمەكچى بولغان رەددىيە مەزكۇر باھانى مات قىلىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ باياناتتا دېيىلىۋاتقان شەكىلدىكى بىرى ئەمەسلىكىنى، «ئۇستاز»لىقغا يارىشا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىشى كېرەك. ئەمما كۆردۇقكى، دەلىللەش ئۇقۇمى مەزكۇر تالىپچاققا يات. دەلىللەش، دەلىل، پاكىت دېگەنلەر تالىپچىقىمىز بىلەن روبىرولىشىپ قالسىلا يا يۇيۇپ، يا تەھرىرلىنىپ، ياكى بۇرمىلىنىپ دەلىل دەلىل بولغىنىغا، پاكىت پاكىت بولۇپ قالغىنىغا تويۇپ كېتىدۇ. دېمەك، تالىپچىقىمىز دېيىلىۋاتقان گەپنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەستىن كاللا دېسە پاقالچاق، دەۋاتقان، قانداق ئىددىئانىڭ مەنتىقىسىگە قانداق لوگىكا بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنىمۇ بىلمىگەن.

ماقۇل، تالىپچىقىمىزنىڭ مەزكۇر جاۋابىنى مەدرىس تىلى بويىچە «بىلفەرزى ۋەتتەقدىير» دەپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرچىمىز بويىچە «ئالايلۇق» دەپ تۇرۇپ، قانداقتۇر تورلاردا نۇر ت ۋ قانىلىنى قۇرغان يۇتۇبىر «ئۆزىنى ئۇستاز دەۋالدى ياكى باشقىلارغا دېگۈزدى» دەيدىغان شۇنداق بىر ئىددىئا پەيدا بولدى ۋە بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىپ ئىزاھات ۋىدىيوسىدا يۇقىرىقىدەك جاۋاب بەردىمۇ دەيلى، لېكىن بەرگەن ئاشۇ جاۋابنىڭ مەزمۇنىمۇ يەنىلا سەمىمىيەتسىزچە، خۇپسەنلەرچە، كۆزنى پارقىرىتىپ ئولتۇرۇپ تېنىۋېلىش تەرىقىسىدە ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئەمەلىيەت جاۋابتىكىدەكمۇ ئەمەس، ئەمەلىيەت شۇكى، مەيلى تالىپچىقىمىز بۇ يەردە «كەمتەر» كۆرۈنگۈسى كېلىپ شۇنداق دېگەن بولسۇن، ياكى ئۆزىنى راست شۇنداق قارىغان كىشى بولۇپ كۆرۈنگەن بولسۇن، تالىپچىقىمىز توردا تۈرلۈك شەرئىي پەنلەردە ئېلان قىلغان دەرسلىرى بار، تور مەكتىپى بار، تۈزگەن ئاتالمىش دەرسلىكلىرى بار بىرى. دېمەك، بۇ يەردە ساختا كەمتەرلىك قىلىشنىڭ ئورنى يوق. تالىپچىقىمىز دەرس پىروگراممىسى تەييارلاپ دەرس بەرگەن، ئۇستاز ئاتىلىۋاتقان بىرى. شۇنىڭدەك، بىرى قىلىۋاتقان كەسىپنىڭ ئىسمى بولغان يوتۇبىر دەپ ئاتىسا مەن يۇتۇبىر ئەمەس، دېيەلىگەن بىلەن، ئۆزىنى ئۇستاز دېسە، مەن ئۇستاز ئەمەس دېمەستىن، ئۇستازلىق قىلىۋاتقان بىرى. يەنى تالىپچىقىمىز تېنىۋالسىمۇ، ئ‍ۆزىنى كەمتەر كۆرسىتىپ «مەن ئىزدەنگۈچى، ئوقۇغۇچى» دەۋالسىمۇ، دەرس ئ‍ۆتۈۋاتقان ئىكەن ئۇ بىر نەۋئىي ئۇستاز. يەنى مەلۇم مەنىدە قانىلى بار، دەرسخانىسى بار، تەبلىغخانىسى بار، بىرى. شۇڭا تالىپچىقىمىز قىلىۋاتقانلىرىنى ئۇستازلىق دېگىلى ئۇنىمسىمۇ، مەن ئۇستاز ئەمەس دەۋالسىمۇ بىكار. مەسىلە تالىپچىقىمىز ئۆزىنى ئۇستاز، دەڭلا دېگەنمۇ يوق مەسىلىسى ئەمەس. مەسىلە، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئۇستازلىق بولغانلىقى ۋە مەزكۇر باھادا، بۇنداق ئاتاپ ساھەنى دۇغلاشتۇرماسلىق تەشەببۇسىدۇر. يەنى، ئەسلىدىكى مەسىلە، مەزكۇر تالپىچىقىمىز ھەقىقەتتە زادى قانداق ئۇستاز؟ دېگەن مەسىلىدۇر. ئەلۋەتتە، تالىپچىقىمىز بىر يۇتۇبىر. شۇنداقلا باياناتتا كەلگەندەك، لاياقەتسىز، بۇزۇق ئەقىدىنى قۇچاقلاپ يېتىپ ئۆزىنى سۈزۈك ئەقىدىدە دەۋالالايدىغان، دەرس ئۆتۈش سۈپىتىمۇ ناھايىتى ناچار بىر ئۇستاز. توغرىسى ئۇستاز ئاتالغان، ئەمما ئۇستازدا تېپىلىشى كېرەك بولغان ۋەسىپلەرگە ئىگە بولماي تۇرۇپ سەھنىدە پارلىغان ئاتالمىش «ئۇستاز». شۇڭا، باياناتتىكى باھا بىلەن مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلىپ تۇرۇۋېلىش، قانداقتۇر «بۇ يەردە مەن ئۆزۈمنى ئۇستاز دەۋالمىدىم، مېنى ئۇستاز دەڭلار دېمىدىم» دەپ چالۋاقاپ ئولتۇرۇشنىڭ، دىققەتنى بۇراشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەتتا «مەن ھېچ يەرگە ئۆزەمنى ئۇستاز دەڭلار دېمىدىم، ئۇنداق دەپ يازمىدىم» دېگەندەك گەپلەر بىلەن خۇپسەن بولۇۋېلىشنىڭمۇ ئورنى يوق. چۈنكى، ۋاقتى كەلسە بۇنداق ئىددىئاغا بىرىلىرى چىقىپ دېيەلەيدۇكى: «ھەي كاززاپ، ئۆزۈڭنى ئۇستاز دېمىسەڭ، قىلىۋاتقان دەرسلىرىڭ ئۇستازلىق ئەمەسمۇ. مەكتەپ قىلغىنىڭ، دەرسلىك تۈزۈپ، شۇ دەرسلەرنى ئوقۇتقىنىڭ، ھەتتا فېيسبۇك سەھىپەڭگە قىلىدىغان ئىشى دېگەن قىسىمغا ‹تايبە مائارىپىدا مۇدەررىس› يەنى ئۇستاز، دەپ يېزىۋالغىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئۇستاز دەۋالغىنىڭ ئەمەسمۇ، دەپ سوئال قويۇشى ئېنىق. خۇددى شۇنىڭدەك، مەزكۇر بىرىنىڭ تالىپچىقىمىزنىڭ مەزكۇر ئىزاھات ۋىدىيوسىنى سۆزلەۋاتقان چاغدىكى سەھىپىسىنىڭ رەسىمىنى خۇددى بىز بۇ تېمىدا چىقىرىپ قويغاندەك، كۆزىگە كۆرسىتىپ، سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ «سەھىپەڭدە ئۆزۈڭنى «باحث أويغور اسلامي»، يەنى «ئىسلامىي ئۇيغۇر تەتقىقاتچى» دېگەندەك كۆتمەك گەپنى قىلغانلىقىڭ، ھازىرمۇ مۇدەررىس، يەنى ئۇستاز دەپ يېزىۋېلىۋاتقىنىڭ ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ تەتقىقاتچى، ئۇستاز دەپ يېزىۋالغىنىڭ ئەمەسمۇ؟ شۇنداق تۇرۇپ يەنە مەن ئۇنداق دەپ باقمىدىم، يازمىدىم، دەۋاتىسەنغۇ؟» دەپ زاكونلاشسا، تالىپچىقىمىزنىڭ ئۆزىنى ئۆزى مات قىلىشى، مازلىشىشى تۇرغانلا گەپ. قىزىق يېرى شۇكى، تالىپچىقىمىز بىرىنچى ئىزاھات ۋىدىيوسىنى ئېلان قىلغان كۈنىگە قەدەر نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سەھىپىسىگە «باحث أويغور اسلامي»، يەنى تەتقىقاتچى دەپ يېزىۋېلىپ كەلگەن. شۇنداق تەرىپلەنگەن نەرسىلەرنى سەھىپىسىدە تەشۋىق قىلغان. بىر نۆۋەت سەھىپىمىزدە بۇ خىل ئارسىزلىقى تەنقىدلىنىپ ئوبزورمۇ ئېلان قىلىنغان. ئەجەبلىنەرلىكى تالىپچىقىمىز مەن ھېچيەرگە ئۆزۈمنى «ئۇستاز دەپ باقمىدىم، ئۇنداق يازمىدىم» دېگەندەك كاللا دېسە پاقالچاق شەكىلدە جاۋابىنى ئ‍ېلان قىلىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى ئۆزىنى تەتقىقاتچى دېگەن تونۇشتۇرۇشنىمۇ تەھرىرلەپ «دەۋەتچى» دېگەن سۆزگە ئۆزگەرتىۋالىدۇ ۋە ئۆزىنى مەن ئىزدەنگۈچى دېدىم، ئۇستاز دېمىدىم، دەپ چۈشىدۇ. ئەمما چالا تالىپىمىز ئىزدەنگۈچىگە ئەرەبچىدە «باحث» دەپ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى، بۇ سۆز تەتقىقاتچى مەنىسىدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ئىزدەنگۈچى سۆزى ئۈچۈن «دارس» سۆزىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ئىزدىنىش ئىبارىسى ئۈچۈن «الدراسة» سۆزىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، تەتقىقات ئۈچۈن «البحث» سۆزىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى پەرق قىلالمىغۇدەك ھالدا ئىكەنلىكىنى تەن ئالمىغان تەقدىردە، ئۆزىنى «تەتقىقاتچى» دەۋالغىنىنى تەن ئېلىشى، تېنىۋالماسلىقى ئەقەللىي تۇتۇم. ئەجەبا، ئى ئىزدەنگۈچى تالىپچاق، ئەجەبا، بۇ نېمىنىڭ خۇدۈكى، نېمىنىڭ خۇپسەنلىكى، نېمىنىڭ كاززاپلىقى؟!

دېمەك، تالىپچىقىمىز باياناتتىن ئۆزى سۈزۈپ ئالغان «بۇ خىل شەكىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇستاز، دەپ ئاتىلىشى، دىنى ساھەنى بۇلغايدۇ »، دېگەن سۆزگە بەرگەن ئىزاھاتى بەئەينى كاللا دېسە پاقالچاق شەكلىدە جاۋاب بېرىش، ئۆزىنى ئۆزى مازلاشتۇرۇشتىن باشقا ئىش بولمىغان. ھەمدە شۇنىڭغا بېقىپ جاۋابىدىكى تۇتۇرۇقسىزلىقلارمۇ ئاتالمىش ئىزاھاتىنى قارا يۇمۇر دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويغان. قىسقىسى، ئىزاھاتتىكى بۇ نۇقتا، ۋىدىيودىكىدەك جاۋابنى بېرىشكە توغرا كېلىدىغان ئىددىئالىق سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئاخىرىغا بېرىپ ئارتىسلاچە بېرىلگەن جاۋاب يەنىلا خۇپسەنلىكتىن، تېنىۋېلىش ۋە بىمەنىلىكتىن خالىي بولالمىغان.

داۋامى بار...

-بۇرھان مۇھەممەد

2024-04-08


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى

ئالدىنقىسى: يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (2)

كېيىنكىسى: يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (4)