يۇرت – ۋەتىنىڭنى سۆي!
يۇرت – ۋەتىنىڭنى سۆي!
سۆيۈشكە سالاھىيىتىڭ بارمۇ؟ سۆيۈشنى خالامسەن؟ ئۇنداقتا سۆي! ھەربىر گۈزەل نەرسىنى سۆي. سۆيگەندىمۇ تويغۇچە، قانغۇچە سۆي! ئەگەر سەن سۆيۈشكە مەپكۇرە (ئىدېئال ئۆرنەك) ئىزدەۋاتقان بولساڭ، ئۇنداقتا ئۈستىدە ۋە ئاستىدا ياشىغان، سۈيىنى ئېچىپ، توپىسىغا مېلىنىپ چوڭ بولغان يۇرت - ۋەتىنىڭنى سۆي!
كۆز بىلەن كۆرۈنگەن، قول بىلەن تۇتقان، گۈللىنىشى ئۆز قولۇڭدا بولغان تۈرك يۇرتىنى (شەرقىي تۈركىستاننى) سۆي! خىيالىي، ئېتىبارسىز، فانتازىيەلىك مەپكۇرىلەرگە ئاشىق بولما! يالغانغا ئىشىنىپ قالما، ھەقىقەتكە تايان!
ئەي يىگىت! بۇ تۇپراقنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكىڭنى ھچقاچان ئۇنتۇما! يۇرتۇڭنى سۆي!
يۇرت – ۋەتەن ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن ۋە كۈچلۈك بولغان بىر شۇئۇردۇر. ۋەتەن دېگەن سۆزنى ئېيتقان، ئىشىتكەن (ئاڭلىغان)، ئويلىغان ھامان ھېچقاچان تاقەت قىلالمايمىز. ئويغىنىمىز، تىتىرەيمىز، قىمىرلايمىز. ئىچىمىزدە تاتلىق بىر ھاياجان تۇغۇلىدۇ. بۇ ھاياجان ئادەتتىكى ھاياجان ئەمەس. چۈشلەر بىلەن، ئۈمىد – ئارزۇ ۋە ئىزتىراپلار بىلەن بىرلەشكەن ھاياجاندۇر. بۇ ھاياجاننىڭ جۇش ئۇرغان پەيتىنى تەھلىل قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ۋەھالەنكى ئەقىل بۇنىڭغا قانائەت تاپمايدۇ. بىلمەك ئىستەيدۇ. كائىناتنى، ئاللاھنى، ئۆتمۈشنى، كەلگۈسىنى بىلىشنى ئىستىگەنگە ئوخشاش ۋەتەننىمۇ بىلىشنى ئىستەيدۇ. بىز مانا بۇنى بىلدۈرۈشكە كىرىشەيلى!
يۇرت – ۋەتەن دېسىلا ئېسىمىزگە بىر تۇپراق پارچىسى، جۇغراپىيەۋى جەھەتتىن بىر دۆلەت كېلىدۇ. مۇئەييەن چەك – چېگرا دائىرىسىگە جايلاشقان تاغلار، دەريالار، يايلاقلار، گۈل – گىياھلار، مىڭ بىر تۈرلۈك تەبىئەت مەنزىرىلىرى، ئۆزىگە يارىشا گۈزەللىكى ۋە چوڭلۇقى بار تۇپراق پارچىسى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئادەتتە بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوبيېكتىپ ماددا نۇقتىسىدىن، جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن، گىئولوگىيەلىك نۇقتىئينەزەردىن قاراپ بىلەلەيمىز. بىراق بۇلارنىڭ ھېچبىرىدە ۋەتەن چۈشەنچىسىدىكى ھاياجاننى تاپالمايمىز. شۇڭا بىز ۋەتەننىڭ مۇنداقلا بىر تۇپراق پارچىسىدىن ئەمەسلىكىگە، ۋەتەننىڭ فىزىكىلىق دۇنيادىن ھالقىغان بىر نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز.
ئەجەبا، يۇرت – ۋەتەن ئۇشبۇ تۇپراق ئۈستىدە تۇرۇپ سۆمۈرۈۋاتقان ھاۋا، ئىچكەن سۇ، يىگەن بۇغداي بولماي نېمە؟!
ئەجەبا، ۋەتەن جىمى بارلىقىمىزنى تەمىنلىگەن ئانا مەنبە ئەمەسمۇ؟!
يۇرت – ۋەتەن پىكرىي مەنپەئەت، ئىشلەپ چىقىرىش، بەخت – سائادەت ۋە تەسەررۇپ چۈشەنچىسىگە يات بىر نەرسە. يۇرت – ۋەتەن ئۇنداق توختىماي سۆمۈرۈلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ يولىدا جان پىدا قىلىنىدىغان، مۇقەددەس ۋە ئۈستۈن بولغان مەنىۋى دۆلەتتۇر.
يۇرت - ۋەتەن گويا سائادىتىدىن بەكرەك قايغۇلىنىپ ئۆتىدىغان، يولىدا ئۆزىمىزنىڭ پۈتكۈل بارلىقىمىزنى كۆزگە ئىلمىغان بىر مەپكۇرىگە ئوخشايدۇ. بۇ جەھەتتىن يۇرت – ۋەتەن بىر مەپكۇرەدۇر.
ئۆزۈمدىن، مىللىي ۋە كىشىلىك شەخسىيىتىمدىن ۋازكەچكەن، تۈنۈگۈنكى، بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى كۈنۈمدىن ئايرىلغان ھامان؛ يۇرت - ۋەتەننى گويا ئۆزۈمدىن، ئەخلاقىمدىن، مەنىۋى ھاياتىمدىن، ئىرادەمدىن، ئىدېئالىمدىن ئايرىم بىر زېمىندەك، جانسىز بىر نەرسىدەك كۆرۈۋالغان زامان نېمە ئۈچۈندۇر چۈشىنەلمەي قالىمەن. يۇرت دېگىنى ئۆزۈم شۇمۇ، ۋەتەن ئەسلىدە ئۆزۈممۇ، دەپ قالىمەن. ئويلايمەن، ئويلايمەن. ئاخىرى دەيمەنكى: دۇرۇس. (يەنى ۋەتەن دېمەك مەن دېمەك، مەن دېمەك ۋەتەن دېمەكتۇر، دەيمەن – ت.)
ئۇنداقتا، مەندىكى بۇ خىل تۇغما مەنلىك قەيەردىن كەلگەن، دېيىشكە باشلايمەن. ئەجەبا بۇ خىل مەنلىك ماددىي، ئورگانىك ۋە روھىي مەۋجۇتلۇقىمدىن كەلگەنمۇ؟ يەنە ئويلايمەن...
دەيمەنكى: ياق، مەن يالغۇز ئەمەسمەن، بۇ يەردە بىر مەنلا ئەمەس، باشقىلارمۇ بار. ئۇلارمۇ خۇددى ماڭا ئوخشايدۇ. ئۇنداقتا، بۇ «باشقىلار» كىملەر؟
ئەمەلىيەتتە مەزكۇر باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش گۆش ۋە سۆڭەكتىن پۈتكەن ئورگانىك جانلىق. فىزىيولوگىيەلىك قانۇنلارغا، پىسخولوگىيەلىك روھىي ئىزتىرار (چارىسىزلىق) لىرىغا باغلانغان، تۇتقۇن بولغان قانىيلار (قانائەتكارلار) تۈركىمىدىندۇر. مەن ۋەتەننىڭ ئىلاھىي مۇقەددسىلىكىگە مەنبە بولالمىسام، باشقىلارنىڭ يەكۈنى، خۇلاسىسى، جەمئىسى قانداقمۇ مەنبە بولالىسۇن! قايسى مۆجىزە ئۇلارغا بۇ ئىمتىيازنى بېرەلىسۇن؟ دېمەك ۋەتەن مەندىنلا ئىبارەت ئەمەس، شۇنداقلا ماڭا ئوخشاش باشقىلاردىنلا ئىبارەت بولۇپ قالمايدۇ. ئۇنداقتا، مەسىلىنىڭ سىرى نېمە؟
ئاخىرى كۆرۈپ يەتتىم، ئويغاندىم. بۇ ئىشنىڭ سىرى مېنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھەمدە بۈگۈن ياشىغان ۋە تۈنۈگۈن ياشىغانلارنىڭ قولىدا بەرپا بولغان مەنىۋى قىممەتلەر (قەدەرىيەتلەر) دە ئىكەن. ئالايلۇق، تۈرۈك يۇرتى بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئەلنىڭ تارىخىدا كۆپلىگەن ئىنسانىي قىممەتلەر بار. تىلىمىز، تۆرىمىز، سەنئىتىمىز، پەلسەپىمىز، سائادەت ۋە پالاكەتنى سېزىشىمىز، توغرۇلۇق، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك ئېڭىمىز، ئىختىرالىرىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا ۋە بارچە ئىنسانلارغا ئۆگەتكەنلىرىمىز، ھەممىسى قىممەتلىرىمىزدۇر.
يۇرت – ۋەتەن قۇرۇق خىيال بولماستىن، بەلكى بىر ھەقىقەتتۇر. چۈنكى ھەقىقەتتىن كەلگەن بىر قىممەت، بىر ۋىجدان مەنبەسى سۈپىتىدە بىز تۈركلەر (شەرقىي تۈركىستانلىقلار) بارمىز.
يۇرت – ۋەتەن ئېڭىغا ياخشىراق سىنچىلىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىچىدە يالغۇز تۈنۈگۈن ھەقىقەتكە ئايلانغان قىممەتلەرنىلا ئەمەس، ئەتىمۇ ھەم ھەقىقەتكە ئايلىنىدىغان قىممەتلەرنى تاپىمىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن يۇرت – ۋەتەن مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ پەقەتلا ئۆتمۈشى بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ كېلەچىكىدۇر. يۇرت – ۋەتەن بولغاچقا، بىز «بىز» بولالىدۇق. ئۇ بولغاچقا بىز «بىز» ھالىتىمىزدە قالالىدۇق. ئۇنىڭ سايىسىدە بىز يەنە يېڭى ئۆزلىكىمىزگە ئېرىشكەيمىز. بۇ مەنىدىن ۋەتەن بىر پۈتۈن مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئەڭ ئالىي ۋە مۇقەددەس جايدۇر. خۇللەس: ۋەتەن مۇقەددەستۇر.
مەنبە «ئەرك گېزىتى»، 1948 – يىل، 229 – سان، 17 – دېكابىر.
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى