يۇلىئۇس كايسار

ئورنى Wikipedia

يۇلىئۇس كايسار، (لاتىنچە: GAIVS•IVLIVS•CAESAR، ئوقۇلىشى: گايۇس يۇلىئۇس كايسار، م.ب 100- يىلى 12- چىللە\ئىيۇل - م.ب 44- يىلى 15- نورۇز\مارت)، رىملىق ھەربىي ۋە سىياسىي رەھبەر. شۇنداقلا نادىر ناتىق ۋە كۈچلۈك قەلەمكەش بولغان كايسار، دۇنيا تارىخىدا ئەڭ تەئسىرچان كىشىلەردىن بىرى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئىش - ھەرىكەتلىرى بىلەن رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ رىم ئىمپېرىيىسىگە ئايلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان.