Jump to content

يۇلىن تېمۇر

ئورنى Wikipedia

يۇلىن تېمۇر (خەنچە:岳璘帖穆爾\Yuèlin tièmùĕr؛ ؟ — ؟) موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر دۆلەت ئەربابى. 岳璘帖木儿 شەكلىدىمۇ قەيت قىلىنغان. تېگى قوچۇ ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرىدىندۇر.

ئومۇمىي چۈشەنچە

[تەھرىر]

يوشمۇت ئوغلى يۇلىن تېمۇر مەشھۇر كۆكتۈرك (突厥國) ۋەزىرى تۇنيۇقۇقنىڭ (كۆكتۈركچە: 𐱃𐰆𐰪𐰸𐰸؛ خەنچە: 暾欲谷) ئەۋلاد ئۇرۇقلىرىدىندۇر. ئۇنىڭ ئاكىسى بىلگە بۇقا (仳理伽普華) قوچۇ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان ئ‍ىدى ۋە ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېگىننىڭ قاراخىتاي نازارەتچىسىنى ئ‍ۆلتۈرۈپ چىنگىزخانغا بەيئەت قىلىشىدا مەسلىھەت بەرگەن كىشىدۇر.

يۇلىن تېمۇر ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىغا پىششىق كىشى بولۇپ، موڭغۇل قاغان ئوردىسىغا ۋەزىپىگە چاقىرىلغان. ئۇ 15 ياش ۋاقتىدا چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ يۈرۈشلەرگە قاتناشقان ۋە نۇرغۇن تۆھپەلەرنى ياراتقان. كېيىن پەرمانغا بىنائەت چىڭگىزخاننىڭ ئىنىسى تەمۇگە ئوتچىگىن (خەنچە:斡赤斤) ۋە باشقا شاھزادىلەرگە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتىشكە تەنىنلەندى ۋە ئۇلارنى ئالدى بىلەن ۋاپادار ۋاە ئېجىل ئىناق قېرىنداشلىق، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن مېھرىبانلىقنى ئەلا بىلىش ئۈزرە تەربىيەلەپ تارتۇقلاندى.

جىن سۇلالىسىغا قاراشلىق خېنەنگە ھۇجۇم قىلغاندا، لىڭشەن ناھىيىسىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە لېئەنگە كۆچۈرۈلگەن. ئۇ خېنەن ۋە باشقا جايلاردىكى ھەربىي ۋە پۇقراۋى دارۇغاچى (達魯花赤) بولغان.

خېشىدا يەرنىڭ قاقاس ۋە سۇ كەمچىل ئىكەنلىكى بايقاپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇدۇق قازغان. ئۇ ئۆگەدەي خان (窝阔台) دەۋرىدە چوڭ يارغۇنچى (سوتچى) لىققا تاللانغان ۋە تەمۇگەگە ئەگىشىپ شۈنتيەن (ھازىرقى باۋدىڭ ، خېبېي) ۋە باشقا جايلارنى باشقۇردى. ئۇ باج ۋە ھاشارنى ئازايتىپ، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگە تىنچلىق ئېلىپ كەلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، خېنەن ۋە باشقا جايلاردىكى ھەربىي ۋە پۇقرالارنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولدى. 67 ياشتا باۋدىڭدا ۋاپات بولدى. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن شەندۇڭ قۇتاتقۇچىبەگ ئۇنۋانى بېرىلىپ، جۇاڭجيەن (莊簡، زەبەردەست ھارماس) ئۇتۇغاتى بېرىلگەن.

ئۇنىڭ ئون ئوغلى بولغان.

ئائىلە: گاۋچاڭ شيې ئۇرۇقى

[تەھرىر]
  • ئاتىسى: يوشمۇت (لاتىن: Yoşmut؛ خەنچە: 堊思弼/èsībì)
  • تاغىسى: توقىش (لاتىن: Toqiš؛ خەنچە:多和思/duōhésī)
    • نەۋرە ئاكىسى: سارغىس (لاتىن: Sargïs؛ خەنچە:撒吉思/sājísī)
      • جىيەن (نەۋرە ئاكىسىنىڭ ئوغلى): دارما (لاتىن: Dharma؛ خەنچە:答里麻/dālǐmá)


مەنبەلەر

[تەھرىر]
  • باھائەددىن ئۆگەل\Bahaeddin Ögel: «سىنو-تۇركىكا: چىنگىزخان ۋە جۇڭگودىكى خانىداننىڭ تۈرك مۇشاۋۇرلىرى» ("Sino-Turcica: çingiz han ve çin'deki hanedanĭnĭn türk müşavirleri.") 1964
  • ئابې تاكېئو: «غەربىي ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات»، ئىبۇندو كىتابخانىسى، 1950 (安部健夫『西ウイグル国史の研究』彙文堂書店、1950年)
  • سۇڭ ليەن: «يۈەن سۇلالىسى تارىخى: 124 - جىلد»
  • خې شاۋمىن: «يېڭى يۈەن سۇلالىسى تارىخى: 136 - جىلد»
  • «موڭغۇل تارىخ قەيتلىرى 45 - جىلد»