Jump to content

يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى

ئورنى Wikipedia

يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى (سېربچە: Kraljevina Jugoslavija \ Краљевина Југославија) 1929 — 1945 - يىللىرىدىكى يۇگوسلاۋىيەنىڭ دۆلەت نامى.

1929 - يىل 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، يۇگوسلاۋىيە قرالى ئالېكساندرⅠ(AlexanderⅠ Karageorgevic، 1888 — 1934) پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىپ، 1921 - يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ئىستىبداتلىق دىكتاتورا يۈرگۈزۈشنى ھەمدە «سېربىيە - كرودىيە - سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى» دېگەن نامنى «يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى»غا ئۆزگەرتىشنى جاكارلىغان.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پادىشاھلىق ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان، پادىشاھ پېتېرⅡ (PeterⅡ Karageorgevic، 1923 — 1970) چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1945 - يىلى 5 - ئايدا يۇگوسلاۋىيە ئازاد بولغان. شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، يۇگوسلاۋىيە ئاساسىي قانۇن چىقىرىش يىغىنى پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرغان.