يۈسۈپ

ئورنى Wikipedia

تۆتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ (1740-يىلدىن 1760-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان). چيەنلوڭنىڭ 5-يىلى(1740-يىلى) 2-ئايدا يۈسۈپ قائىدە بويىچە دەرىجىسى چۈشۈرۈلۈپ، "دۆلەتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن بەگ" ئۇنۋانىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. چيەنلوڭنىڭ 10-يىلى (1742-يىلى) 1-ئايدا ئۇنىڭ ئۇنۋانى "خوشۇن بېيزى" ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلىدۇ.

چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى يۇڭجىڭنىڭ 13-يىلى (1735-يىلى) ئىچكىرىگە قايتۇرۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ، ھەربىيلەر ئۆزلەشتۈرگەن بوز يەرلەر ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ تېرىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ھوسۇلنىڭ تۆت ئۈلۈشىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇش، ئالتە ئۈلۈشىنى ئۆزىگە قالدۇرۇش بەلگىلىنىدۇ. ئىجارە ھەققى ئۈستۈن بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ، دائىم تەبىئى ئاپەت يۈز بېرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، دېھقانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرالمايدۇ.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسىېرى قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن،نەچچە مىڭلىغان دېھقان ئاچارچىلىققا دۇچار بولىدۇ. بۇ چاغدا چىڭ ھۆكۈمىتى 2500دادەن ئاشلىق ئاجرىتىپ،كەمبەغەللەرنىڭ قەھەتچىلىكتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. چيەنلوڭنىڭ 18-يىلى(1735-يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ يەر ئىجارىسنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ يۈكى ھېچقانچە يىنىكلەشمەيدۇ.بەلكى ۋاڭنىڭ مال-مۈلكى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. قۇمۇلنىڭ كەڭ تېرىلغۇ يەرلىرى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ۋاڭنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەممىسى ۋاڭنىڭ "ئاراباتى(قۇلى)" غا ئايلىنىپ قالىدۇ.

چيەنلوڭنىڭ 21-يىلى(1756-يىلى) تۇرپاندىكى مەڭلىك بەگ جۇڭغارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئىسيان كۆتۈرىدۇ. شۇ چاغدا مەڭلىكنىڭ ئوغلى باي خوجا بېيجىڭدىن قايتىپ ئەمدىلا قۇمۇلغا يېتىپ كەلگەندە ، يۈسۈپ تەرىپىدن تۇتۇۋېلىنىدۇ. شۇنىڭ كەينىدىنلا يۈسۈپ ۋاڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىدىن 300 كىشىنى باشلاپ تۇرپانغا بېرىپ ئىمىن خوجا بىلەن بىللە چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ. توپىلاڭ تېزلا تىنجىتىلىدۇ.، يۈسۈپ ۋاڭ مۇكاپاتلىنىدۇ.

چيەنلوڭنىڭ 23-يىلى (1758-يىلى) يۈسۈپ ۋاڭ 100 كىشلىكتىن ئارتۇق قوشۇنىنى باشلاپ جەنوبىي شىنجاڭدىكى چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى بېسىقتۇرۇش يولىدىكى جازا يۈرۈشىگە چىڭ ھۆكۈمىتى قوشۇنى بىلەن بىللە قاتنىشىدۇ. گاۋزۇڭ خان "ئالاھىدە شەپقەت" بىلەن يۈسۈپ ۋاڭغا "ئاغلاقچى ئامبال" دەپ نام بېرىدۇ. توپىلاڭنى تىنجىتىش جەريانىدا ، يۈسۈپ ۋاڭ ساداقەتلىك بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە ئىشەنچىسىگە ئىگە بولىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى كۇچا، ئاقسۇ،ئۈچتۇرپان، قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، توپىلاڭنى تىنجىتقۇچى سانغۇن يارخاشاڭ بۇ جاينى قوغداشنى كۇچا بېگى ھادىغا تاپشۇرماقچى بولىدۇ. بىراق گاۋزۇڭ خان ھادى يېڭىلا ئەل بولغان، "ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس"،قايتۇرۇۋېلىنغان جايلار "يەنىلا يۈسۈپنىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن" دەپ قارايدۇ.

چيەنلوڭنىڭ 23-يىلى (1758-يىلى) 11-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۈچتۇرپاننى ساقلاشتىكى ئاجايىپ تىرىشچانلىقىدىن تولىمۇ رازى بولۇپ، ئۇنى بېلى ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلايدۇ. چيەنلوڭنىڭ 24-يىلى (1759-يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ بولىدۇ. شۇ يىلى 7-ئايدا تۇرپاندىكى ئىمىن خوجىنى يەكەننى باشقۇرۇشقا، قۇمۇلدىكى يۈسۈپ ۋاڭنى قەشقەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيدۇ. 9-ئايدا يۈسۈپ ۋاڭنى دوروبېلىلىققا ئۆستۈرىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇرۇشقا قاتناشقان خادىملارنى تۆھپىسىگە قاراپ مۇكاپاتلايدۇ. يۈسۈپ ۋاڭنى " ئۈچتۇرپاندا تۇرۇپ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى، ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى" دەپ ئۇنىڭغا يەنە شەپقەت ياغدۇرۇپ ، ئىنانچىخانلىق دەرىجىسىنى ئىنئام قىلىدۇ. بۇ ، ۋاڭلىققا بېكىتىشنىڭ باشلىنىشى ئىدى.

چيەنلوڭنىڭ 25-يىلى (1760-يىلى) نىڭ باشلىرىدا ، چىڭ ھۆكۈمىتى ئىنانچىخان يۈسۈپ بىلەن خوتەنلىك خوجىس بېلىگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 40 بەگنى باشلاپ ، پايتەختكە كېلىپ خاننى زىيارەت قىلىشنى تاپشۇرىدۇ. گاۋزۇڭ خان ئۇلارنى "نۇرانە ساراي" دا قوبۇل قىلىپ، خاس تون، تەڭگە ئىنئام قىلىدۇ. راھەتباغدا بىر قانچە قېتىم زىياپەت ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالىدۇ. خان ئاندىن يۈسۈپ قۇمۇلغا قايتىپ بىر يىل دەم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. يەنە يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىنىسى ئابدۇللانى ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەيدۇ.

چيەنلوڭنىڭ 26-يىلى (1761-يىلى) 11-ئايدا يۈسۈپ ۋاڭنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى توشىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى قەشقەرگە مەسلىھەتچى ئامباللىققا تەيىنلەيدۇ. ئىمىن خوجا تۇرپانغا دەم ئېلىشقا كەتكەنلىكى ئۈچۈن،يەكەننىڭ ئىشلىرىنىمۇ يۈسۈپ ۋاڭ ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە چىڭ ھۆكۈمىتى يۈسۈپ ۋاڭغا قاتتىق ئىشىنىدۇ. جەنوبى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئامبال يامۇللىرىدا ئىشلەيدىغان تەرجىمانلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك يۈسۈپ ۋاڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر كۆرسىتىدۇ. يەرلىك ۋاڭ-گۇڭ، ئاقسۆڭەكلەر ھەر قانچە ئەسكىلىك قىلسىمۇ ، يۈسۈپ ۋاڭنىڭ كارى بولمىسىلا، ئۇنى ھېچكىممۇ سۈرۈشتە قىلالمايدۇ. بەزى ئىشلار گاۋزۇڭ خاننىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە ، ئۇنى سۈرۈشتۈرۈش ئۇيان تۇرسۇن، ئەكسىچە، ئەھۋال ئىنكاس قىلغان ئادەمگە قاتتىق كايىپ:"ئۇلۇغ خان ئادەملەرنى ئىشقا سالغاندا، ئۇلارنىڭ قابىليىتىدىن پايدىلىنىدۇ، سىلەر بۇنداق تۆھمەت، پىتنە-پاساتلارنى قەيەردىن تېپىپ كەلدىڭلار؟ تەرجىمانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇمۇللۇق، تۇرپانلىق دەپ ،ئۇلارنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىساق،كۆز قۇلىقىمىز ئېتىلىپ قالمامدۇ؟ بۇ ئۆسەك سۆزلەر كاززاپلاردىن چىققان!" دەيدۇ. گاۋزۇڭ خاننىڭ قانات ئاستىغا ئېلىشى ۋە يول قويىشى بىلەن، يۈسۈپ ۋاڭنىڭ جەنوبى شىنجاڭدىكى ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ خورىكى تېخىمۇ ئۆسۈپ كېتىدۇ. ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبېگى ئابدۇللا (يۈسۈپنىڭ ئىنىسى) بەك زالىم، نەپسانىيەتچىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەتكەن ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز ئەبلەخلەر ئىدى. ئۇلار ھەممىلا يەردە قاقتى سوقتى قىلاتتى،خالىغانچە ئەسكىلىك قىلاتتى. دەرتكە چىدىمىغان ئۈچتۇرپان خەلقى ئاخىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. گاۋزۇڭ بۇنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ خەلقنى قاتتىق ئەزگەنلىكىدىن بولغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، ئاشۇ پارىخور ئەمەلدارلارنى جازالاش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى قوشۇن ئەۋەتىپ خەلقنى باستۇرىدۇ. ئىلى سانغۇنى مىڭ رۈي ئۈچتۇرپانغا باستۇرۇپ كىرىپ، قوزغىلاڭنىڭ يولباشچىلىرىنى قىرغىن قىلىدۇ. 10مىڭدەك پۇقرانى ئىلىغا كۆچىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچتۇرپان قۇرۇق شەھەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن ، مىڭ رۈي خەلقنىڭ غەزىپىنى بېسىش ئۈچۈن، جايلاردىكى بەگلەرنى تەڭشىمەكچى بولغاندا ، گاۋزۇڭ خان بۇنىڭغا قوشۇلماي، ئۇنىڭغا:" بەگلەر بىزنىڭ ئىتائەتمەن كونا ئادەملىرىمىز، ۋەقە تۇغۇلسا ، ئۇلار خېلى كۈچ چىقىرىپ خىزمەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك پايدىنى كۆزلەيدىغان ئىشىغا كەلسەك، بۇ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىش، شۇنداق ئىكەن، بۇنداق ئىشلارنى ئۇلاردا سادىر بولمايدۇ دېگىلى بولامدۇ؟ مەكتۇپىڭىزدا دېيىلگەندەك ئىشلار بولىۋاتىدۇ، دېگەن تەغدىردىمۇ، ئېنىق پاكىت يوق تۇرسا، ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشىنىپ كەتكىلى بولسۇن؟" دەپ رەدىيە بېرىدۇ.

چيەنلوڭنىڭ 31-يىلى (1766-يىلى) يۈسۈپ ۋاڭ يەكەندىن قۇمۇلغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا قۇمۇلدا ئادەم كۆپىيىپ قالغانىدى. يۈسۈپ ۋاڭ چىڭ ھۆكۈمىتىدىن قۇمۇلدىن 500ئائىلىنى ئىلىغا كۆچۈرۈپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. چىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قوشۇلىدۇ. يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئسىھاق قۇمۇل كۆچمەنلىرىنى باشلاپ ئىلىغا بارىدۇ. ئىسھاق ئىلىدىن قايتىپ كەلگەندە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەيجى ئەمىلىگە ئېرىشىدۇ. چيەنلوڭنىڭ 31-يىلى (1767-يىلى) 12-ئايدا ، يۈسۈپ چوڭ ئوغلى ئىبراھىم بىلەن بېيجىڭغا خاننى زىيارەت قىلىپ كېتىۋېتىپ ، سەنشىنىڭ لىڭشى ناھىيىسىگە كەلگەندە ، يۈسۈپكە چېچەك چىقىپ، داۋالاش كار قىلماي ۋاپات بولىدۇ. ئىبراھىم جەسەتنى قايتۇرۇپ كېلىۋېتىپ گەنسۇنىڭ پىڭلياڭ ناھىيىسىگە كەلگەندە ، چېچەك يۇقتۇرۇۋېلىپ، ئۇمۇ قازا تاپىدۇ. يۈسۈپ ئاتا-بالا كېسەل بولغاندا، گاۋزۇڭ خان تېۋىپ، دورا ئەۋەتىدۇ. ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن، دەپنە ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن 500سەر تەڭگە ئىنئام قىلىدۇ. يۈسۈپنىڭ ئايالىغىمۇ 500سەر تەڭگە نەپەقە بېرىدۇ.

زىگۇاڭگې سارىيىدىكى 50 تۆھپىكارنىڭ سۆرىتى ئىچىدە يۈسۈپ ۋاڭنىڭمۇ سۆرىتى بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق مەدھىيە ئوقۇلغان: يۇرتنىڭ سەركەردىسى ، قۇمۇلنىڭ ئىنانچىغان دەرىجىلىك بېلىسى يۈسۈپ ئۆز جەمەتى ئارىسىدىكى ئابرويلۇق زات، ئۇزۇندىن بۇيان يۇرت سوراپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىزگە مەلۇم قىلىپ تۇرغان، ھەربىي ئىشلاردا بىزگە ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرىپ تۇرغان، ئالتە شەھەرنى بويسۇندۇرغان، ئىككى تەنتەكمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغان، ئۈچتۇرپاننى بىرلىكتە باستۇرۇپ، تىنچلىق ئورناتقان.