يۈسۈپجان ئەمەت

ئورنى Wikipedia
يۈسۈپجان ئەمەت

Yusupjan Emet

شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1984-يىلى

قاراماي شەھىرى، جەرەنبۇلاق رايونى

مىللىتى ئۇيغۇر
ھازىر تۇرۇۋاتقان ئورنى ئىستانبۇل، تۈركىيە
كەسپى

يۈسۈپجان ئەمەت (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Yusupjan Emet) بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاقتىن. 2017-يىلى يانۋاردىن باشلاپ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

يۈسۈپجان 2016-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تۈركىيە ۋە ئافغانىستاندا خىتايغا ئىشلەشكە زورلانغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى قارىمايدا گۆرۈگە ئېلىنىش ئارقىلىق جاسۇسلۇققا مەجبۇرلانغان. ئائىلىسىلە تەھدىت سېلىنغان. ئۇ ئانىسى، ئاچىسى ۋە بەش ياشلىق قىزى شۇنداقلا ئايالنىڭ تەھدىتتە ئىكەنلىكىگە قارىماي خىتاي زۇلمىنى ئاشكارە پاش قىلغان.

يۈسۈپجان 2018-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىزچىل مۇخبىرغا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىگە مۇسىبەت شۇندىن كېيىن ئۈزۈلمىگەن.

ھۇجۇمغا ئۇچرىشى[تەھرىرلەش]

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائات 11 ئەتراپىدا، يۈسۈپجان تۈركىيە ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ئاۋجىلار ئىلچىسى دە ئىشىگىنى ئېچىش ئالدىدا ھۇجۇمغا ئۇچۇرغان بولۇپ، ئارقىسىدىن ئىككى پاي ئوق ئېتىلغان. ئۇ ب ب س زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ئەسناسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەتەندە ۋە مۇھاجىرەتتە قىلىۋاتقان زۇلۇمنى پاش قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا ئىستانبۇلدا قەستكە ئۇچرىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپجان ئوق تېگىپ يەرگە يىقىلغاندىن كېيىن يېنىدا پەيدا بولغان دوستى سۇلتانجانغا نەق مەيداننى ۋىدېيوغا ئېلىش ۋە ئۇنى فېيسبۇكتا تارقىتىشنى بۇيرۇغان. لېكىن ئەينى چاغدا تېلېفونى ئىشلىمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانلىق سورۇننى كۆرۈپ جىددىيلەشكەن سۇلتانجان نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىلمىگەن، پەقەتلا يۈسۈپجاننىڭ تېلېفونى ئارقىلىق نەق مەيداننى ۋىدېيولۇق خاتىرىگە ئالغان.

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىگە كەلگەندە، يۈسۈپجاننىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ ئۆزى تاماق يېگۈدەك ھالەتكە كەلگەن، ئەمما يەنىلا نەپەسلەندۈرگۈچسىز نەپەس ئالالمايدىكەن، بەدىنىدىكى ياللۇغلار ئاساسەن تۈگىگەن بولۇپ، دوختۇرخانىدىن بېقىلىش ئۆيىگە يۆتكىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈلىۋاتىدۇ. ھاياتى خەۋىپى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆتۈپ كەتتى. ئەس-ھوشى جايىدا.

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنىگە كەلگەندە، يۈسۈپجان سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئەسۋابىدىن ئايرىلىپ نەپەس ئالغۇدەك ھالغا كەلگەن ۋە نەيچە ئارقىلىق بۇرنىدىن ئوكسېگىن يەتكۈزۈلۈۋاتقان، سۇيۇق تاماقلار بىلەن مېۋە-چېۋەلەرنى يىيەلەيدۇ. ئىھتىياجىغا ئاساسەن تاماق ۋە مېۋەلەر كۈندە ئىككى ۋاقىت يەتكۈزۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. جىددى قۇتقۇزۇشتا تۇرۇشقىمۇ ئىھتىياجى قالمىدى. ئاساسى جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى،. بۇندىن كېيىن فىزىكىلىق داۋالاش قىلىنىدۇ ۋە شۇ شەكىلدە ئاسىراپ بېقىلىشى يۈرگۈزۈلىدۇ.

ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ تۇتۇقلىنىشى[تەھرىرلەش]

يۈسۈپجانغا ئوق ئاتقان گۇماندارلاردىن بىرى ئەزەربايجانلىق ئالىيوۋ كىسكاۋراك (ئوق چىقارغان كىشى) 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى كۈچۈكچەكمەجە جەننەت مەھەللىسدە تۇتۇلغان بولۇپ، يەنە بىر گۇماندار ئوزبەكىستانلىق ئۇمەر ئېشېك (تۈركىيە ۋەتەنداشى، ئالىيوۋ ئوق چىقارغاندا نەق مەيداننى ۋىدىئوغا ئېلىشقا مەسئۇل بولغان) 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ساقچىخانىغا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.

  • ئۆزبېكىستانلىق ئۈمەرنىڭ مەھكىمىگە بەرگەن گۇۋاھلىقىدا دوستى ئالىيوۋنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، جىنايەتنىڭ سەۋەبى ئىقتىسادى ئىلىم - بىرىمنىڭ بارلىقىنى قەيىت قىلغان.

پالەچ بولۇپ قېلىشى[تەھرىرلەش]

2021-يىلى 2-ئايدا يۈسۈپجاننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەر يۈسۈپجاننىڭ پالەچ بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ ھازىر بىر تەرەپ مۈرىسى بىلەن قولى ئازراق مىدىرلىغاندىن باشقا پۈتكۈل بەدەن مىدىرلىيالمايدىكەن .

سوت مەھكىمىسى[تەھرىرلەش]

2021-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 10:30 دا يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سوتى باقىركۆي ئادالەت سارىيى 3- ئېغىر جازا مەھكىمىسىدە ئېلىپ بېرىلغان.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى