يۈسۈپ ئاكچۇرا ۋە ئۈچ خىل سىياسەت

ئورنى Wikipedia


يۈسۈپ ئاكچۇرا ۋە ئۈچ خىل سىياسەت


يۈسۈپ ئاكچۇرا



تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

تەھرىر: مەمەتتوختى ئاتاۋۇللاھ



تەرجىمە قىلغۇچىدىن


مەزكۇر ئەسەرنىڭ يادروسىنى تۈرك تارىخچىسى ۋە يېقىنقى زامان تۈرك مىللەتچىلىك پىكرىنىڭ باشلامچىسى ھېسابلىنىدىغان يۈسۈپ ئاكچۇرانىڭ ئۈچ خىل سىياسەت ناملىق ماقالىسى تەشكىل قىلىدۇ.ماقالە ئەينى مەزگىلدا مىسىردا چىقىرىلغان «تۈرك» ناملىق گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كىين، ئوسمانلى زىيالىيلىرى ئارىسىدا مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان ۋە ئەسەرگە قارىتا ھەرخىل ئىجابىي ۋە سەلبىي تەنقىدىي كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ئەسەرگە يۈسۈپ ئاكچۇرانىڭ مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىسى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا يېزىلغان ئىككى ئوبزور ماقالىسسىدىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،  دەسلىپىدە پروفېسسور ئەنۋەر زىيا كامالنىڭ «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىگە چۈشكەن ئىنكاس ۋە كۆز قاراشلار ئاساسىدا قەلەمگە ئالغان كىرىش سۆزىگە ئورۇن بېرىلگەن.  ئاپتورلار ماقالىلىرىدە ئىسلامچىلىق، ئوسمانلىچىلىق ۋە تۈركچىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل سىياسىي ئىدېئولوگىيەنى مۇنازىرە قىلغان بولۇپ، مىللەت ۋە ئۇلۇس ئاتالغۇلىرى ئوخشاش بىر ئۇقۇمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئارىلاش ئىشلىتىلگەن. تەرجىمە جەريانىدىمۇ شۇ بويىچە ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. 



كىرىش سۆز

پروفېسسور ئەنۋەر زىيا كارال

يۈسۈپ ئاكچۇرا ئوسمان ئېمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى 20 يىلىدا تۈركچىلىك كۆرىشىگە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىمۇ بۇ مەۋقەسىنى ساقلاپ قالدى. ئۇنىڭ ھاياتى جاپالىق، ئەمما ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. يازغان ئەسەرلىرى، بولۇپمۇ سىياسەت ۋە تارىخ ھەققىدىكى قاراشلىرى كۈلتۈر ھاياتىمىزدا ئۆچمەس ئىزنالارنى قالدۇردى. بۇ ئەسەر ئۇ ئىزنالارنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، ئىككى بابنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنجى بابتا يۈسۈپ ئاكچۇرانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى بېرىلىدۇ. ئىككىنجى باب «ئۈچ خىل سىياسەت» ماۋزۇلۇق ماقالىسى ۋە بۇ ماقالە ھەققىدىكى تەنقىتلەرگە دائىر بولىدۇ.

يۈسۈپ ئاكچۇرا 1876-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋولگا دېڭىز ساھىلىدىكى سىمبىل شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى. يۈسۈپنىڭ ئائىلىسى زەردار بىر ئائىلە ئىدى. دادىسى ھەسەن ئاكچۇرا كارخانىچى ئىدى. ئانىسى سىبى بانۇ خانىم قازاننىڭ مەشھۇر ئائىلىلىرىدىن بىرى بولغان ھەسەن ئوغۇللىرى ئائىلىسىنىڭ قىزى ئىدى. تاغىلىرىدىن ئىبراھىم ئاكچۇرا تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە مول بىلىمگە ئىگە كىشى ئىدى. تۈركچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تونۇلغان ئىسمايىل گاسپىرالى يېزنىسى بولاتتى. مۇشۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇشى يۈسۈپنىڭ بالىلىق چاغلىرىنى بەھۇزۇر ئۆتكۈزۈشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئەپسۇس قەتئىي ئۇنداق بولمىدى. تېخى ئىككى ياشنىمۇ تۈگەتمەي تۇرۇپ دادىسى ئۆلۈپ كەتتى. ئانىسى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنى ياخشى ئىدارە قىلالمىدى. ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك يۈرۈشمىگەچكە بانۇ خانىم يۈسۈپ بىلەن ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كېلىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى (1883).

ۋولگا دېڭىز ساھىلىدىن بوغازئىچى ساھىلىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋاقىتلاردا يۈسۈپ ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن بىر بالا ئىدى. ئالتۇن رەڭ چاچلىرى، يۇمران يۈزى ۋە قاراشلىرى كۆپ ساندىكى بالىلارغا ئوخشاش كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى. پىشىپ يېتىلىۋاتقان خاراكتېرى كەلگۈسىگە ئۈمىد بېغىشلايتتى. يۈسۈپ ئادەتتىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتورا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كىيىن ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن كۆزگە كۆرۈندى. 1897- يىلى شىتاب ئوفىتسېرلىرى سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى. بۇ مەزگىللەردە ئۇ يەنە كۆپ ساندا ئابدۇلھەمىد ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كاندىدات ئوفىتسىرلارنىڭ ئۆچمەنلىك تۇيغۇلىرىغا جۆر بولدى. ئەركىنلىك توغرىسىدا يېزىلغان، ئوقۇش مەنئى قىلىنغان يازمىلارنى ئوغۇرلۇقچە ئوقۇيتتى. بىر قېتىم ئاشۇ خېلدىكى چەكلەنگەن يازمىلارنى ئوقۇۋېتىپ تۇتۇلۇپ قالدى. ئەمما كەچۈرۈم قىلىندى. ئىككىنچى قېتىم تۇتۇلۇپ قالغىنىدا ھەربىي سوتقا چىقىرىلدى. ئەسكەرلىكتىن چىقىرىلىپ فەرىد تەك بىلەن بىللە تېرابلۇسگارىپقا سۈرگۈن قىلىندى.

يۈسۈپ ئاكچۇرا سۈرگۈندە ئۇزۇن ياشىمىدى. بىر ئامال قىلىپ دوستى فەرىد بىلەن بىللە بىر مالتىز قىيىقىغا ئولتۇرۇپ ياۋروپاغا قېچىپ كەتتى. پارىژنى ماكان تۇتتى. ئۇ ھەربىي ئىشلاردىن سىرت ئالىي مائارىپنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ تونۇپ يەتكەنىدى. خالىمىسىمۇ، بەك چۈشىنىپ كەتمىسىمۇ سىياسەت يولىغا قەدەم باسقانىدى. ئىشتىن سىرت ئوقۇيدىغان سىياسەت بىلىملىرى مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. 1902-يىلى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملىدى. ئەمدى يۈسۈپنى پارىژغا باغلاپ تۇرىدىغان ھېچ نەرسە قالمىغان ئىدى. تۈركىيەگە قايتىشى مەنئى قىلىنغانلىقى ئۈچۈن روسىيەدىكى تاغىسىنىڭ قېشىغا قايتتى. بۇ قايتىش يۈسۈپنىڭ ھاياتىدا بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولالىشى مۇمكىن ئىدى. تاغىسى بەك باي كىشى ئىدى؛ فابرىكىلىرى بار ئىدى؛ بالىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن يۈسۈپنى مىراسخورۇم قىلسام دەپ ئويلايتتى. شۇنىڭ بىلەن تاغىسى يۈسۈپكە ئىقتىساد باشقۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش يوللىرىنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. يۈسۈپ ۋۇجۇدىدا ئۇرغۇپ تۇرغان ئۇلۇسچىلىققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىرياققا قايرىپ قويۇپ ئىش ھاياتىغا يۈزلىنىشكە تىرىشتى. دەپتەرلەر ئارىسىدا كۆمۈلۈشكە، ئىشچىلار ئارىسىغا چۆكۈشكە ھەتتا تاۋار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن كۆرگەزمە مەيدانلىرىنى ئايلىنىشقا باشلىدى. ئەمما مال-دۇنيا يىغىپ باي بولۇش ئۇنىڭ تەبىئىتىگە ماس كەلمەيتتى. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پايدىنى جىق ئېلىشى ئۈچۈن باشقىلىرىنىڭ جىق زىيان تارتىشى كېرەكلىكىنى چۈشەنگىنىدە ئىچ-ئىچىدىن يىرگىنىپ كىتەتتى. كېچىلىرى فابرىكىدا ئىشلەۋاتقان قىز-ئوغۇللارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىچى سىيرىلاتتى. تاغا بىلەن جىيەن ئارىسىدا پۇل-مالغا قارشى پەيدا بولغان بۇ پەرقلىق قاراش ھەل قىلغىلى بولمايدىغان بىر كىلىشەلمەسلىككە سەۋەپ بولدى ۋە ئايرىلىپ كىتىش بىلەن نەتىجىلەندى.

تاغىسىنى مىليونلارچە پۇل بىلەن تەرك ئەتكەن يۈسۈپ ئىچى راھەت، پىكرى مۇستەقىل ھالەتتە قازانغا كېلىدۇ ۋە قازاندىكى مەھمۇدىيە مەدرىسەسىدە تارىخ ۋە جۇغراپىيەدىن  دەرس بېرىشكە باشلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن «قازان مۇخبىرى» گېزىتىنى چىقىرىدۇ. روسىيەدىن سىرت (روسىيەنى ئۆز ئچىگە ئالمايدۇ) ئابدۇلھەمىد ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ياش تۈركلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. مىسىردا نەشر قىلىنىۋاتقان «تۈرك» ئىسىملىك گېزىتكە «ئۈچ خىل سىياسەت» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئەۋەتىدۇ.

1908-يىلى ئىككىنچى مەشرۇتىيەتنىڭ ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن يۈسۈپ ئىستانبۇلغا كېلىدۇ. يېپيېڭى بىر خىزمەت ھاياتىغا قەدەم باسىدۇ. ئىلگىرى سىياسى پائالىيەتلىرى سەۋەپلىك ھەيدەلگەن ھەربىي مەكتەپكە سىياسەت ۋە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ تەقسىم قىلىنىدۇ. شۇ يىلى تۈرك ئەللىرى ۋە قەۋملىرىنى تونۇتۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان «تۈرك جەمئىيىتى» نامىدىكى بىر جەمئىيەتنىڭ ۋە بىر ژۇرنالنىڭ قۇرغۇچى ۋە چىقارغۇچى ئەزالىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

1911-يىلى يۈسۈپنى دارۇلفۇنۇن ئۇنېۋېرسىتىتىدا سىياسىي تارىخ پىروفېسسورى ۋە «تۈرك يۇرتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن، كىيىنچىرەك باش مۇدىرى سۈپىتىدە كۆرىمىز.

يۈسۈپ يەنە 1912– يىلى تۈركلەرنىڭ ئۇلۇسال مائارىپى ۋە ئىقتىسادىي سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى سېپىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

يۈسۈپ دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋەزىپە بىلەن روسىيەگە ئەۋەتىلىدۇ. تۈرك مۇستەقىللىق ئۇرۇشى باشلىشى بىلەن ئاناتولىيەگە يېنىپ كېلىدۇ. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە پارلامېنت ئەزالىققا سايلىنىدۇ. دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىدا خىزمەت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا يازغۇچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ. ئەنقەرە قانۇن ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنىدۇ. 1932- يىلىدا ئاتاتۈرك مۇستاپا كامالنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تۇنجى نۆۋەتلىك تۈرك تارىخى قۇرۇلتىيىغا رەئىسلىك قىلىدۇ. ئىككى يىلدىن كىيىن پارلامېنت ئەزالىقى سالاھىيىتىنى ساقلاپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئىستانبۇل ئۇنېۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا يېقىن زامان تارىخى بويىچە پروفېسسورلۇق ئۇنۋانى بىلەن خىزمەت قىلىدۇ. بۇ ئارىلىقتا يەنە ئاتا تۈركنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشى بىلەن تۈرك تارىخ كومىتېتى رەئىسلىكى ۋەزىپسنىمۇ ئۆتەيدۇ.

يۈسۈپنىڭ پۈتۈن ھاياتىدا ئېلان قىلغان ماقالە ۋە ئەسەرلىرىنى ئۈچ قىسىمغا ئايرىشقا بولىدۇ:

بىرىجى: ئومۇمىي تۈرك تارىخى، بولۇپمۇ تۈركچىلىككە ئالاقىدار ئەسەرلەر.

ئىككىنچى: ئوسمان ئېمپىرىيەسى تارىخى توغرىسدىكى ئەسەرلەر.    

ئۈچىنچى: ياۋروپانىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرى.

بۇ ماۋزۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۈسۈپنىڭ ئىلمىي ھاياتىنىڭ نېگىزىنى تارىخ تەشكىل قىلىدۇ. يۈسۈپ تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىش بىلەن بىرگە تارىخ ئوقۇتقۇچىلىقىنىمۇ تەڭ قىلغان بولۇپ، ئۇ مەزگىللەردە تارىخنىڭ ئەھمىيتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ياۋروپادا تېخى ئايدىڭلاشمىغان تېما ئىدى.

بەزى تارىخچىلار تارىخنىڭ مۇستەقىللىقىگە چېگرا بەلگىلىگەن بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن تارىختىن چىقىرىلىدىغان پايدىلار توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئۆزىنى تارتىشاتتى. يۈسۈپكە كەلسەك، ئۇ تارىخ-تارىخ ئۈچۈندۇر دەپ قارايتتى. باشقا بىر ئىپادە بىلەن ئېيتقاندا، تارىخ ماتېماتىكا ئىلمىگە ئوخشاش مەۋھۇم ھەقىقەتلەرنى تېپىش ئۈچۈندۇر، دېگەن پرىنسىپىنى قوبۇل قىلمايتتى. تارىختىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ دەپ قارايدىغانلارغا نىسبەتەن يۈسۈپنىڭ كۆز قارىشى مۇنداق ئىدى:

  «بىز تارىخنى ھاياتلىق مۇساپىسگە قىلچىلىك پايدىسى يەتمىگەن ئابستراكت پاكىتلارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تەتقىق قىلمايمىز. تارىخنى بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنى ئۇچۇر، ئىدىيە ۋە ھېسسىيات بىلەن تەمىنلەپ بىرەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمىز».

يۈسۈپنىڭ تۈركچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئۇلىدا ۋە مەقسىتىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ نۇقتىئىنەزەر يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

يۈسۈپنىڭ تۈركچىلىك ئىدېيەسىىنىڭ ئىستانبۇل، روسىيە ۋە فرانسىيەدىن ئىبارەت ئۈچ خىل مۇھىتتا تەرەققىي قىلغانلىقى مەلۇم.  ئىستانبۇلدىكى مۇھىت توغرىسىدا كېيىنچىرەك ئۆزى قەلەمگە ئالغان ۋە تۈرك تىلىدا نەشىر قىلدۇرغان بىئوگىرافىيەسىدە قىلغان مۇنۇ سۆزلىرى دىققەتكە سازاۋەر: «ئاكچۇرا ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئاڭلىق ھالەتتىكى تۈركچىلىك ئىدېيەسى ھەربىي مەكتەپتە باشلىنىدۇ. ئۇ چاغلاردا يۇنان ئۇرۇشى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، نەجىپ ئاسىم، ۋەلەد چەلەبى ۋە تاھىر ئەپەندىلەرنىڭ تۈركچىلىككە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. ئىسمايىل  گاسپىرالىنىڭ «تەرجىمان» دېگەن گېزىتىمۇ 1- دىكابىر ئىستانبۇلدا تارقىتىلاتتى. ئاكچۇرا ئوغلىنىڭ بۇ ماقالىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى ئېنىق

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،  يۈسۈپنىڭ روسىيە مۇھىتىدىن ئالغان تەسىرىنىڭ ھېسسىي ۋە ئەقلىي تەرەپلىرى بار. يۈسۈپنىڭ دېيىشىچە، ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تەتىل ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن روسىيەگە بارىدۇ؛ ئۇيەردە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ؛ باشقۇرتىستان يايلاقلىرىدا ئايلىنىدۇ؛ چېدىرلاردا ياشايدۇ؛ قىمىز ئىچىدۇ؛ ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، شىمالدىكى تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى، پىكىر ئېقىملىرىنى تەتقىق قىلىدۇ؛ شۇ دەۋرنىڭ تونۇلغان تۈرك زىيالىيلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ. بۇ جەرياندا يۈسۈپ مۇنداق خۇلاسىگە كېلىدۇ: «ئوسمان ئېمپىرىيەسىدىكى تۈرك زىيالىيلىرى، ئوسمان ئېمپىرىيەسى سىرتىدىكى تۈركلەرنىڭ (شىمال تۈركلىرى) تىلى ۋە تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.» يۈسۈپ ئاكچۇرانىڭ قارىشىچە،  بۇلار يىتەرسىز بولۇپ،  ئۇنىڭ زامانىۋى پىكىر ئېقىملىرى ۋە بۇ ئېقىملارنىڭ يىتەكچىلىرىنىڭمۇ تونۇلىشى زۆرۈر. بۇ رېئاللىققا ئاساسەن يۈسۈپ ئوسمانلى تۈركلىكى بىلەن شىمال تۈركلىكى ئوتتۇرىسىدا ھېسسىيات ۋە چۈشەنچە كۆۋرۈكى سېلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.

مۇشۇ سەۋەپلەردىن ھەربى مەكتەپنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا شەھابەتتىن ئەلمەجرانىڭ ھايات ھېكايىسىنى قەلەمگە ئالىدۇ ۋە 1897-يىلى ئىستانبۇلدا «مەلۇمات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىدۇ. ئەلمەجرانى قازاندا دىنىي ئىسلاھات ۋە ئۇلۇسال ئويغىنىش ئېقىمىغا باشلامچىلىق قىلغان كىشى بولۇپ، قازانلىقلارغا مۇسۇلمانلىقتىن باشقىمۇ مەنىۋىي بىر بايلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قاتتىق تىل بىلەن چۈشەندۈرگەن، شۇنداقلا ئۇلۇس ئۇقۇمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەشۋىق قىلغان كىشى ئىدى. «مەرجانى» ماقالىسى يۈسۈپنىڭ تۇنجى ئېلان قىلغان ئەسىرى ھېساپلىنىدۇ.

يۈسۈپنىڭ تۈركچىلىك ئىدېيەسى پارىژدا پىشىپ يېتىلىدۇ. ئۇ پارىژغا كەلگەن مەزگىللەردە، 19- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى چوڭ ئىنقىلابلار كەلتۈرۈپ چىقارغان توقۇنۇشلار كەسكىنلىشىپ، شىددەتلىك ئۇرۇش ئوتلىرى لاۋۇلداشقا باشلىغانىدى. فرانسىيە، تېخىمۇ توغرىسى پارىژ بۇ تېمىلارنىڭ پىكىر مەركىزىگە ئايلانغانىدى. فرانسىيەلىكلەرلا ئەمەس چەتئەللىكلەرمۇ ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويالايتتى. كاپىتالىزىم، ئىمپېريالىزىم ۋە مۇستەملىكىچىلىكنى ئۇلۇغلايدىغان ئېقىملارنىڭ قېشىدا سوتسىيالىزىم، كوممۇنىزىم، ھەتتا ئانارخىزىمغا ئوخشاش پىكىر ئېقىملىرى ئايلىنىپ يۈرەتتى. مىللەتچىلىك جەھەتتىمۇ ياۋروپا يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانىدى. ياۋروپا خەرىتىسىدە كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ساقلىنىپ قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا گوبىنياۋ ئوتتۇرغا قويغان ئىرقلار نەزەرىيەسىگە ئاساسەن چوڭ ئۇلۇس دۆلەتلىرىنى بەرپا قىلىش پىكرىمۇ كۈچلىنىۋاتتى. گىرمانلار پانگىرمانىزىم، رۇسلار پانسىلاۋىزېم ئىدېيەلىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان ئىدى. بۇلارنىڭ قېشىدا بىر پانلاتىنىزىم ھەتتا بىر پانئامرىكانىزىمنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئوخشاش ئويدۇرۇلغان پىكىر-ئىدىيەلەرمۇ ئۆمىلەپ يۈرەتتى.

بۇ پىكىر قالايمىقانچىلىقى ئارىسىدا ئوسمانلىچىلىق قانداق بولۇش كېرەك؟ بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسى زامانىۋى مەنىدە يا ئىرق ئەمەس يا ئۇلۇس ئەمەس ئىدى، ھەتتا ئۈممەتمۇ ئەمەس ئىدى. يۈسۈپ پارىژغا كەلگەن تۇنجى ئايدا بەكلا ھەيران قالدى. چوڭ بىر شەھەردە يولىدىن ئېزىپ قالغاندەك بولدى. ئۇنىڭغا ماڭىدىغان يول لىنىيەسىنى كۆرسەتكىنى يەنىلا ئۆزىگە ئوخشاش بىر تۈرك مىللەتچىسى بولدى. دوختۇر شەفارەتتن ماغمۇمى قىسقىچە مۇنۇلارنى دېگەنىدى: «ئوسمانلىچىلىق پىكىرى چۈرۈپ قالدى. ھەرخىل جەمئىيەت قاتلاملىرىنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتى قالمىدى. جەمئىيەتنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدىغان چەك باسقۇدەك ئاساسىمۇ يوق. تۈرك ئۇلۇسپەرۋەرلىكىدىن باشقا ئىشقا يارىغۇدەك ھېچقانداق بىر پىكىر مەۋجۇت ئەمەس.»

يۈسۈپنىڭ كاللىسىدا بۇ چۈشەنچە ئايدىڭ ئىدى. ئىشتىن سىرتقى سىياسىي بىلىملەر مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ مۇشۇ ئىدېيەنى چۈشەندۈرگەن، سىستىمىلاشتۇرغان كىشلەر بولۇپ، مەزكۇر ئىدېيەنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيتتى. يۈسۈپ بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى «ھەقىقى ۋەتەنپەرۋەرلەر»، دەپ تەرپلەيدۇ. ئۇلارنى ئۆز ساھەلىرىدە مۇتەخەسسىس بولغان كىشىلەر دەپ قارايدۇ. ئۇلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ:

«ئالبېرت سورېل يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىغا ئۇلۇسچىلىق يىتەكچىلىك قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. برېنتانو تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدە ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ يامراپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بوتمې سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئۇلۇسلارنىڭ پىسخولوگىيەسى ئوتتۇرىسىدا زىچ  مۇناسىۋەت بارلىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.»

يۈسۈپ سىياسىي بىلىملەر مەكتىپىنى شەرقنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىدېيە بۇلاقلىرىدىن بىرى دەپ ھېسابلايدۇ. ئىلىم-مەرىپەتكە تەشنا ياشلارنىڭ بۇ بۇلاقتىن قانغۇچە ئىچكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.

يۈسۈپنىڭ يازغۇچىلىقى ئىستانبۇلدا ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە باشلىنىدۇ. پارىژدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەكتىپى پۈتمىگەن بولسىمۇ يازغۇچىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. يۈسۈپ، ئەخمەت رىزا چىقىرىۋاتقان «مەسۋەرەت» گېزىتىگە تارىخقا ئالاقىدار ماقالىلەرنى يازدى. فرانسۇز تارىخچىلىرىدىن ئا. مالەت بىلەن دەبېدۇرۇ نىڭ ئوسمانلى تارىخى ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىلىرىنى تەنقىد قىلدى. بۇ ماقالىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ: بىرىنچىسى، يۈسۈپ ماقالىلىرىدە «ئوسمانلى مىللىتى» ئىبارىسىنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؛ ئىككىنچىسى،  ئوسمانلىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھۆكۈمەت ئەندىزىسىدىكى ئىسلاھاتلارنى يېتەرسىز دەپ قارايدۇ ۋە ئوسمانلى جەمئىيىتى ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ئىنقىلابنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

يۈسۈپنىڭ يازغۇچىلىق سالاھىيىتى تىلغا ئېلىنغاندا ئۇنىڭ 1903-يىلى دىپلوم ئېلىش ئۈچۈن يازغان «ئوسمانلى دۆلىتى تەشكىلاتلىرى ھەققىدە» ماۋزۇلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەك.

ئىلمىي ماقالىنىڭ مۇھىملىقى بىر قانچە نۇقتىدا گەۋدىلىنىدۇ. بىر تۈرك يازغۇچى تۇنجى قېتىم فرانسۇز تىلىدا ۋەقەلەرنى تەشكىلاتلار بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرگەن؛ ماقالىلىرىدە تەنقىدىي مېتودنى ئاساس قىلغان؛ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئەمەلىيەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بىر يەكۈن چىقارغان:

«ياش تۈركلەرنىڭ ئوسمانلى مىللىتى شەكىللەندۈرىمىز دەپ تارتىۋاتقان جاپالىرى بىھۇدە ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىردىنبىر چىقىش يولى ئۇلۇسچىلىقتىن ئىبارەت.»

بىر يىلدىن كېيىن يۈسۈپ ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىغان مەشھۇر «ئۈچ خىل سىياسەت» دېگەن ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

           «ئۈچ خىل سىياسەت» دېسسىرتاتسىيە تۈسىگە ئىگە چوڭ ھەجىملىك ماقالە ئىدى. روسىيەدە يېزىلىپ، مىسىردا ئابدۇلھەمىد ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان «تۈرك» گېزىتىنىڭ 23-24- سانلىرىدا ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن كىيىن مىسىردا ۋە تۈركىيەدە ئىككى قېتىم بېسىلدى. ئىستانبۇل باسمىسى 1912-يىلىدا بېسىلغان ئىدى. بۇ باسما يۈسۈپنىڭ ماقالىسىدىن باشقا، ئەلى كامالنىڭ بۇنىڭغا قارشى يازغان بىر تەنقدىي ماقالىسى، يۈسۈپنىڭ دوستى فەرىدنىڭ ئەلى كامالغان جاۋابەن يازغان بىر مەكتۇبىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ئۈچ خىل سىياسەت»تە يۈسۈپ توختالغان ئانا تېمىلار رەت تەرتىپى بىلەن:

1-  ئوسمانلى ئۇلۇسى بەرپا قىلىش،

2- ئىسلامچىلىقنى ئاساس قىلغان دۆلەت قۇرۇلمىسى ئىنشا قىلىش،

3- ئىرقچىلىقنى ئاساس قىلغان تۈرك سىياسىي ئۇلۇسچىلىقىنى بارلىققا كەلتۈرۈش.

يۈسۈپ بۇ ئۈچ خىل پىكىر ئېقىمىغا ئوسمانلىچىلىق، ئىسلامچىلىق، تۈركچىلىك ئىسىمىنى بەرگىنىدەك، بەزىدە «ئۈچ مەسلەك سىياسەت» دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، تەرەققىياتى ۋە ئەۋزەللىكلىرى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىدۇ. قايسى پىكىر ئېقىمىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى، قايسىلىرىنىڭ كۈچىيىش ئىھتىمالى بارلىقىنى تەھلىل قىلىدۇ. يۈسۈپ تىلغا ئېلىنغان ئۈچ خىل سىياسىي مەسلەكنى غەرب مەنبەلىك دەپ ھېسابلايدۇ.

ھەر بىر مەسلەكنىڭ مەركىزىي ئېدىيەلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئوسمانلىچىلىق: بىر يېڭىچە ئوسمانلى مىللىتى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن مىللەت، دىن ۋە مەزھەپ ئايرىمىچىلىقى قىلماستىن ئوسمانلى خەلقلىرى، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت نۇقتىسدىن باراۋەر ھالەتكە ئېلىپ كېلىنىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، ئورتاق بىر ۋەتەن ئۇقۇمى ئەتراپىدا ئامېرىكا ئۇلۇسىغا ئوخشاش بىر ئوسمانلى ئۇلۇسى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. ئوسمانلى ئۇلۇسىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىردىنبىر مەقسىدى ئېمپېرىيەنى پارچىلىنىپ كىتىش خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرۇش، مەۋجۇت چېگرالىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىدى. يۈسۈپنىڭ قارىشىچە، ئوسمانلىچىلىق پىكىرى ۋە ھەرىكىتى فرانسىيەنىڭ لىبېرال مىللەت چۈشەنچىسىگە ئاساسەن 2-مەھمۇت دەۋرىدە باشلانغان، ئابدۇلمەجىد دەۋرىدە تەرەققى قىلغان، ئەلى ۋە فۇئات پاشالار دەۋرىدە يۇقۇرى سەۋىيەگە چىققانىدى. فرانسىيەنىڭ 1870-1871-لەردە پىروسىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىشى بىلەن غەربتە ئىرقىي مىللەت چۈشەنچىسىنىڭ كۈچلىنىشىكە ئەگىشىپ تەسىرى ئاجىزلىشىشقا باشلىغانىدى.

يۈسۈپ ئوسمانلى مىللىتى بەرپا قىلىشنىڭ ئوسمان ئېمپېرېيەسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئەمما، بۇ ھەرىكەتنى ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىمكانسىز دەپ قارايىتتى.  چېگرالارنى مۇداپىئە قىلىشىنى دۆلەت ئۈچۈن يېتەرلىك مەقسەت دەپ ھېسابلىمايىتتى. ئوسمان ئېمپېرىيەسىدىكى خەلقلەر ئۇيۇشۇپ بىر مىللەتكە ئايلىنىش جەريانىدا دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىدارە قىلغۇچىلىرى بولغان تۈركلەر ئېرىپ كىتىدۇ، ھاكىمىيەت نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگەللەيدىغان ئەرەپلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتىدۇ، دىگەن قاراشتا ئىدى. يۈسۈپ ئوسمانلى خەلقلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشنى خالاپ كەتمەيدىغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلغانىدى. يۈسۈپ بۇ نۇقتىئىنەزەرلەرگە ئاساسەن ئوسمانلىچىلىق تېمىسدا مۇنداق خۇلاسىگە كېلىدۇ: «ئەمدى ئوسمانلى مىللىتى يارىتىمەن دېيىش، ئۆزىنى بىھۇدە ھاردۇرۇش دەپ قارايمەن.»

ئىسلامچىلىق: دۇنيادىكى مۇسۇلمانلاردىن بىر ئىسلام بىرلىكى قۇرۇپ چىقىش پىكىرى ۋە ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. يۈسۈپنىڭ قارىشىچە، بۇ پىكىرمۇ ئوسمانلىچىلىققا ئوخشاش ياۋروپا مەنبەلىك. ئوسمان ئېمپېرىيەسىدە ئوسمانلىچىلىق پىكىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى سۇلتان ئابدۇلئەزىز دەۋرىدە باشلاندى. ياۋروپانىڭ سىياسىي يازغۇچىلىرى بۇنى پانئىسلامىزم دەپمۇ ئاتاشقانىدى. ئابدۇلھەمىد پانئىسلامىزمنى پىكىردىن ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغان پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ دەۋرىدە ساراي، جەمئىيەت ۋە مائارىپ سىستېمىسدا ۋە تاشقى سىياسەتتە ئىسلامىي تۈسكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. بۇنىڭدىن سىرت مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە پانئىسلامىزم تەشۋىقاتى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلدى.

يۈسۈپ ئىسلامچىلىقنى ئۇلۇغ بىر لاھىيە دەپ قارايدۇ. بۇ لاھىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا دۇچ كىلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ: تانزىماتنىڭ (دۆلەت سىياسىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلار دېگەنلىك بولۇپ، ئوسمانلىنىڭ تۇنجى تانزىمات پەرمانى 1839-يىلىى ئېلان قىلىنغان-ت) ئوسمانلى خەلقلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان سىياسىي ۋە ھوقۇقىي باراۋەرلىك مەسىلىلىرى ئەمدى مۇنازىرە قىلىنمايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئوسمانلى ۋەتەنداشلىرى ئارىسىدا دۈشمەنلىشىش باشلىنىپ كېتىدۇ. ھەتتا تۈركلەر ئارىسىدا دىنىي ۋە مەزھەبىي توقۇنۇشلار ئاۋۇيدۇ. مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپرەك بولغان مەملىكەتلەر ( مەملىكەتنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى بىر مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس بەلكى ئوسمان ئېمپىرىيەسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئىراق، سۈرىيە، يەمەن ئەينى ۋاقىتتا ئوسمانلىنىڭ ئەرەب مەملىكەتلىرى دەپ ئاتىلاتتى) بۇ لاھىيەنىڭ روياپقا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.

يۈسۈپ بۇ سەلبىي ئامىللارغا قارشى ئىسلامچىلىقنى قولايلاشتۇرىدىغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىدۇ: ئوسمانلى مەملىكەتلىرىدە دىننى مەركەز قىلغان كۈچلۈك بىر مۇسۇلمان بىرلىكى قۇرۇلىدۇ. بۇ بىرلىك دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خەلىپە ئەتراپىغا يىغىلىشىغا مۇستەھكەم ئۇل ھازىرلايدۇ. يۈسۈپ مۇسۇلمانچىلىقتا دىن بىلەن دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىنى، قۇرئاننىڭ ئاساسىي قانۇن سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىنى، ئەرەپچىنىڭ دىن تىلى، ھەتتاكى مەلۇم سەۋىيىگە كەلگۈچە ئىلىم تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنى، خەلىپىنىڭ ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمامى دەپ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىسلامچىلىقنى قولايلاشتۇرىدىغان ئامىللار، دەپ قارايدۇ. يۈسۈپ ئىسلامچىلىق سىياسىتى ھەققىدىكى ئىجابىي كۆز قاراشلىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بۇ سىياسەتكە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلمايدۇ. مۇسۇلمانلار بىرلىكى قۇرۇشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ.

           تۈركچىلىك: تۈركچىلىك يۈسۈپنىڭ ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمى بولۇپ، يۈسۈپ بۇنى «تەۋھىدى ئەتراك»، ياكى«تۈرك مىللىتى سىياسىتى» دەپ ئاتىغان. بۇ قىسىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىسقىچە مۇنداق: «تۈرك بىرلىكى دەسلىپىدە ئوسمان ئېمپېرىيەسىدە تۈركلەرنىڭ، تۈرك بولمىسىمۇ بىراز تۈركلەشكەنلەرنىڭ ۋە ئۇلۇسچىلىق ۋىجدانىدىن مەھرۇم كىشىلەرنى ئويغىتىش ۋە تۈركلەشتۈرۈش بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئاسىيا قىتئەسى بىلەن شەرقى ياۋروپاغا تارالغان تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە ئاتلىنىپ شەرەپلىك بىر سىياسىي مىللەت يارىتلىدۇ.

تۈرك بىرلىكى پىكرى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان يېڭى بىر پىكىر بولۇپ، مەيلى ئوسمانلى دەۋرىدە بولسۇن ياكى ئوسمانلىدىن ئىلگىرىكى چاغلاردا بولسۇن بۇ پىكىر ھەققىدە بىرەر يىپ ئۇچى يوق. ئىستانبۇلدا كىيىنكى يىللاردا تۈرك مىللەتچىلىكىنى ياقىلايدىغان بىر مەزكەز قۇرۇلغان بولسىمۇ، مەركەزنىڭ خىزمەتلىرى سىياسىي ساھەدىن بەكرەك ئىلمىي ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك بولدى. ئوسمان ئېمپېرىيەسى سىرتىدا ھەرخىل مەملىكەتلەردىكى تۈركلەر ئارىسىدا بۇ سىياسى تۈركچىلىك ئىدىيەسى يا يوق ئىدى ياكى روسىيە تۈركلىرىدىكىگە ئوخشاش ئېنىق ئەمەس ئىدى. تۈرك بىرلىكىنىڭ روياپقا چىقىشدا ئوسمان ئېمپېرىيەىسى ئەڭ چوڭ رول ئوينىشى كېرەك ئىدى. بۇ رول ياپونىيەنىڭ سېرىق تەنلىكلەر ئارىسىدا ئوينىغان رولىنىڭ ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدا ئوينىلىشىغا ئوخشاپ كېتەتتى.

تۈرك بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن قولغا كېلىدىغان مەنپەئەتلەرنىڭ يېنىدا بەزى زىيانلارنىڭ بولۇشىمۇ نورمال ئىدى. مەسىلەن، ئوسمان ئېمپېرېيەسىدىكى تۈرك بولسىمۇ مۇسۇلمان بولمىغان، تېخى تۈركلەشمىگەن خەلقلەر ئوسمان ئېمپېرىيەسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەتتا، نۇرغۇن تۈرك پۇقراسى بولغان روسىيەنىڭمۇ تۈرك بىرلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىشى ئېنىق. مۇشۇنداق كۆپ توسالغۇلار بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز كەچمىشىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ، تۈركلەرنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى تۈرك مىللىتىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم  ئامىل بولىدۇ.

يۈسۈپ «ئۈچ خىل سىياسەت» دىگەن بۇ ماقالىسدە پىكىرلىرىنى مۇنداق خۇلاسلەيدۇ: «ئوسمانلى مىللىتى يارىتىشنىڭ قىسمەن پايدىلىق تەرەپلىرى بولسىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. مۇسۇلمانلار بىرلىكى ياكى تۈرك بىرلىكىنى ئاساس قىلغان سىياسەت ئوسمان ئېمپېرىيەسىگە ئوخشاش مەنپەئەت ۋە ئوخشاش باش قېتىمچىلىقى ئېلىپ كېلىدۇ. ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش جەھەتتىنمۇ ئوخشاش ئەۋزەللىك ۋە قىيىنچىلىق بار، دېيىشكە بولىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا ئىسلامىي ۋە تۈركلۈك سىياسەتلىرىدىن قايسىسىنى تاللاش كېرەك؟ يۈسۈپنىڭ ماقالىسى بۇ سوئال بىلەن ۋە زىيالىيلارنى بۇ سوئالغا جاۋاپ تېپىشقا چاقىرىق قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.


ئۈچ خىل سىياسەت ھەققىدىكى ئىنكاسلار


يۇقۇرىدا خۇلاسىسى بېرىلگەن ئۈچ خىل سىياسەتكە نىسبەتەن ئوتتۇرغا چىققان ئىنكاسلار شۇ يىلى «تۈرك» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. ئەلى كامال «جاۋابىمىز» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە ناھايىتى قوپال ئىبارىلەر بىلەن يۈسۈپنىڭ قاراشلىرىنى تەنقىد قىلدى. تەنقىتلىرىدە يۈسۈپنىڭ قاراشلىرىنى ئەقىلغا سىغمايدىغان، خام خىيال ۋە ئەدەبىي تەسەۋۋۇر دەپ سۈپەتلىدى.

«بىز ئۈچۈن تۈركنى بىر ئىسلامدىن، ئىسلامنى بىر تۈركتىن، تۈرك ۋە ئىسلامنى ئوسمانلىلىقتىن ئايرىپ قاراش توغرا ئەمەس»، دېگەندىن كىيىن، ئۆتمۈشتە ۋە يېقىن زامان تۈرك تارىخىدا بۇ ئۈچ مەسلەكنىڭ ھىچبىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 2-مەھمۇت دەۋرىدىن مىتھات پاشاغىچە، ھەتتا تانزىمات دەۋرىدە ھېچكىمنىڭ بۇلغار، رۇم، سىبىر، ئەرمەنى قاتارلىق مىللەتلەرگە ئوسمانلىلىق پىكرىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئويىدا بولۇپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەلى كامال ناپالىئون 3 نى باغلىنىش ئارزۇ قىلىنغان ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش پىكىرىنىڭ تارىخى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانماقچى بولغانلىقىنى ئۇلۇغ تارىخىي ھەقىقەتكە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك دەپ ماقالىسىگە نۇقتا قويدى ۋە تېمىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ئەلى كامالنىڭ ئىسلام بىرلىكى ھەققىدىكى تەنقىدلىرى مۇنۇ ئاساسىي تېمىلاردا كۆزگە چېلىقىدۇ:

1.      غەلىتە بىر لاھىيە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەمەلگە ئېشىپ باقمىدى. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە ئىزدىنىشمۇ لايىق كۆرۈلمىدى. ئۇ بىر خام خىيالدىن ئىبارەت.

2.      ئىسلام بىرلىكى قۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمان پۇقرالىرى بولغان فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە روسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرالىغۇدەك كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولۇشىمىز كىرەك. ئەقىلگە سىغمايدىغان لايىھە...

3.      بۇ ھەقتە رەسمىي پىكىر تەييارلىقىمۇ يوق. نۆۋەتتە ئاسيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش قۇرۇق بىر خىيالدىن (شۈبىھە) ئىبارەت.

ئەلى كامال «تۈرك بىرلىكى» ھەققىدە قىلغان تەنقىدلىرىدىمۇ ئوخشاش نەقىل ۋە مەنتىقەلەرنى ئاساس قىلىدۇ. تارىخ ۋ جۇغراپىيەلىك تارقىلىشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ھەر تەرەپكە تارىلىپ كەتكەن تۈركلەرنى بىرلەشتۈرىمەن دېيىشنىڭ دۇنيانى ئىگىز- پەس قىلىمەن، دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. «قىرىمنىمۇ قوغداپ قالالمىغان تۈركلەر قايسى كۈچى بىلەن ئاسىيا تۈركلىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىزدە بىرەر تۈركچىلىك ئېقىمىمۇ يوق تۇرسا»، دەيدۇ.

ئەلى كامال قۇتۇلۇش يولى ئۈچۈن مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ: « بىر جەمىئىيەتنىڭ كۈچى ئۇ جەمىئيەتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن شەخىسلەرنىڭ شەخس سۈپىتىدە ياخشى بولۇشىغا باغلىق. قاچانىكى تۈركلەر مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا شەخىس ھالىتىدە ئۆزىنى يېتىشتۈرەلىسە پۇل، پىكىر، بىلىم جەھەتتە ئۈستۈنلۈك قازىنىدۇ ۋە ئىقتىساتقا ئىگە بولغاندىن كىيىن بۇ تۈرك دۆلىتىمۇ ئۇ مەرىپەتلىرىنىڭ مېۋىسىنى كۆرىدۇ.

فەرىد، ئەلى كامالنىڭ ئوسمانلىچىلىق ۋە ئىسلامچىلىق پىكىرىگە تۈپتىن قارشى ئىدى. ئىسلامچىلىق تارىخىي ئەنئەنىدىن يوقسۇل دېگەن قاراشنى قوبۇل قىلمايتتى. ياۋۇز سۇلتان سېلىمنىڭ ئەرەپ مەملىكەتلىرىنى ئېلىشى، مىسىرنى پەتىھ قىلىشى، خەلىپىلىك ئۇنۋانىنى ئالغان بولۇشى...قاتارلىقلارنى ئوسمانلى تارىخچىلىرى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭدىن ياۋۇز سۇلتان سېلىمنىڭ ئىسلامىي سىياسەت بىلەن دۆلەت ئىدارە قىلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، دىگەنگە ئىشىنەتتى. ھىجازنى مۇداپىئە قىلىشنى ئاناتولىيەنى مۇداپىئە قىلىشتىن بەكرەك مۇھىم ئورۇنغا قويغان ئابدۇلھەمىدنىڭ سىياسىتىنىمۇ ئىسلامچىلىق سىياسىتى، دەپ قارايتتى.

ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش ھەققىدىمۇ فەرىد ئەلى كامالنىڭ دەلىللىرىنى رەت قىلىدۇ. فەرىدنىڭ قارىشىچە، تانزىماتنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى يالغۇز بىر ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش ئىدى. غەربتىن يېڭى قانۇن سىستېمىسى ئۆرنەك ئېلىش، دۆلەتنى بۇ سىستېما بويىچە ئىدارە قىلىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ھەرخىل جامائەلەردىن بىر ئوسمانلى تەبىئىيتى يارىتىش، خىرىستىيانلررنى مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش، مائارىپ پروگراممىلىرىغا تۈركچىنى كىرگۈزۈش، مىتھات پاشا ئاساسىي قانۇنىدا تۈركچنى رەسمىي تىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش، ئوسمانلى توپلۇلۇقلىرىنى بىر مىللەت قىلىپ شەكىللەندۈرۈش يولىدا باسقان مۇساپىلەرنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟  فەرىت ئۇزۇندىن بىرى دىن نامىدا يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ۋەكىللىك قىلىش خاراكتېرلىك سىياسەتنىڭ بۇ قېتىم ئوسمانلىلىق نامىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ.

يۈسۈپنىڭ پىكىرلىرىنى فەرىت تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن تەنقىت قىلىدۇ:

1- ئوسمانلى مىللىتى يارىتىشنىڭ ئىمكانسىز ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ.

2-ئىسلام بىرلىكى ۋە تۈرك بىرلىكى شەكىللەندۈرۈش جەريانىدىكى تەسلىك ۋە ئاسانلىقنىڭ باراۋەر دەپ قارىلىشىنى مۇۋاپىق دەپ قارىمايدۇ.

3. فەرىت ئىسلام بىرلىكى قۇرۇش پىكرىنى مەيلى ھازىر ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى كەلگۈسى ئۈچۈن بولسۇن قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. تۈرك بىرلىكى سىياسىتىنىڭ ھازىر ئۈچۈن ئەمەس كەلگۈسى ئۈچۈن ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان تېما ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. فەرىت ئوسمانلى مىللىتى سىياسىتى توغرۇلۇق توختالغاندا، بۇ سىياسەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى يوق، دەيدۇ ۋە مۇنداق خۇلاسىگە كىلىدۇ: «ئوسمانلى دۆلىتى ئۆزىدە بار بولغان ئىمكانىيەت دائىرىسىدە ئەڭ ئاسان ۋە ئەڭ پايدىلىق ئوسمانلى مىللىتى سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.»

                                  


ئۈچ خىل سىياسەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلار


يۈسۈپنىڭ 32 بەتلىك بۇ ماقالىدىكى پىكىرلىرى نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئىنتايىن مۇھىم. مەلۇم بولغىنىدەك، ئوسمان ئېمپرىيەسىنىڭ قانۇن، دۆلەت ۋە سىياسىي پەلسەپسى شەرىئەت قېلىپى ئىچىگە پىرىسلانغان.  شۇڭا، سىياسىي پەنلەر باشقا پەنلەر بىلەن پاراللېل سەۋىيەدە تەرەققىي قىلمىغان. 

  تانزىماتتىن ئىلگىرى ئىسلاھات قەدەملىرىنى پادىشاھلار ياكى ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋەزىرلەر باسىدىغان بولغاچقا، دۆلەتنى  ياكى ئۇنىڭ ئومۇمىي سىياسىتىنى تەنقىدلەش تەبىئىيىتى ئىبارى بىلەن مۇمكىن بولمايتتى. ھەتتا غەربنىڭ تەسىرى بىلەن، بەزى زىيالىيلار ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھات ھەرىكىتى پىكىرى- شەرىئەتكە ئىزچىل تۈردە مۇۋاپىق ئورۇندا بېرىلگە بولغاچقا- ئىدېيە ئەركىنلىكى ئىچىدە تولۇق ھەرىكەت قىلالمىدى.

بۇ شەرت- شارائىتلارنى نەزەرگە ئالغاندا، يۈسۈپنىڭ ئۈچ خىل سىياسەت پىكىرى لايىكلىق ئىدىيەسىنىڭ دەل ۋە مۇكەممەل سىياسىي مەھسۇلى سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ. ھېچبىر بىر مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقى ۋە تەنقىت قىلىنماسلىقى (ۋەزىيىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە) -شەرىئەتكە مۇراجىئەت قىلىش سەۋەبلىك سىياسىي چۈشەنچىنىڭ دىنىي چۈشەنچىدىن ئايرىلىشى جەھەتتە- باشلانغۇچ دەپ قوبۇل قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

بۇ ئەسەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇسۇل ۋە سىستېما شەكلىدە گەۋدىلىنىدۇ. بۇ ئەسەر مەيدانغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئوسمانلى سەلتەنەتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى سىياسەت شەكللىرىنى رەتلىگەن، بايان قىلغان ۋە ھەر بىر سىستېمىنى مۇئەييەن نامدا ئاتىغان ئاساستا شەرھىيلەپ بىرەلەيدىغان بىرەر ئەسەر يېزىلىپ باقمىغان.

«ئۈچ خىل سىياسەت» نىڭ تۈرك سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىگە سىزغان يۆنىلىشى ۋە كۆرسەتكەن تەسىرى ئۈستىدە توختىلىش كېرەك. بۇ ئىدىيە ئىككىنچى مەشرۇتىيەت ئېلان قىلىنىشتىن تۆت يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، تەسىرىنى ئېمپېرىيەنىڭ يىمىرىلىشىغىچە ساقلاپ قالالىغان. مەملىكەت ئىچىدە، تۈرك دۇنياسىدا، غەربنىڭ بەزى سىياسەت ۋە تارىخ يازغۇچىلىرى ئارىسىدا بۇ ئىدېيە كۈچلۈك تەسر قوزغىغان ھەمدە ئۇلارنى چوڭقۇر ئويغا سالغان.  بۇ تەھلىللەردىن باشقا ئۈچ خىل سىياسىي مەسلەكنىڭ ھەر بىرى توغرۇلۇق يەنە مۇنۇ كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ:

يۈسۈپ «ئوسمانلى مىللىتى» يارىتىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ قارايدۇ.  بۇ قارىشى بىلەن كۆپ سانلىق ئوسمانلى زىيالىيلىرى ئوسمان ئېمپېرىيەسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىردىنبىر چىقىش يولى دەپ تەۋسىيە قىلغان پىكىرگە قارشى چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە ئىزاھلاشقا بولىدۇ:

يۈسۈپ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان غەرب پىكىر ئېقىملىرىنى يېقىندىن كۆزەتكەن. بۇ پىكىر ئېقىملىرىنىڭ ئىچىدە مىللەت پىكىرى يېڭى بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشقا باشلىغانىدى. گېرمانىيەدە ئىرقىي مىللەتچىلىك پىكرى كۈچلىنىۋاتاتتى. فرانسىيەدە، لىبېرال فرانسىيە مىللەتچىلىكى پىكرى تالاش-تارتىش قىلىنۋاتاتتى. ئوسمان ئېمپېرىيەسىدىكى خەلقلەردىن ئىرقىي چۈشەنچە ئاساسىدا «ئوسمانلى مىللىتى» يارىتىش ئەقىلگە سىغمايدىغان، مەنتىقسىز بىر ئىش ئىدى. بۇنداق مىللەت يارىتىش فرانسۇز مىللەت چۈشەنچىسىگىمۇ زىت كېلەتتى. بۇ چۈشەنچە مىللەتنى بىر خىل روھ، بىر خىل ئەخلاق پرىنسىپى دەپ قوبۇل قىلىۋاتاتتى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىلگىرىكى ئوي–پىكىرلەردە، پايدا-مەنپەئەتتە، كەچمىشكە ئائىت ئەسلىمىلەردە، كەلگۈسىگە ئائىت كۆز-قاراش ۋە ئۈمىد-ئارزۇلاردا بىردەك بولغان جەمىئىيەتنى بىر مىللەت دەپ قارىماقتا ئىدى. ئوسمانلى خەلقىلىرىدە بۇنداق مەنىۋى بىردەكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت يوق ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە، كەچمىشتە ئۇنتۇش ئاسانغا چۈشمەيدىغان ئۆز-ئارا توقۇنۇش، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ئىختىلاپلار يۈز بەرگەنىدى.

بۇ ھەقىقەتلەرنى كۆرۈپ يەتكەن ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش تەرەپدارى زىيالىلار ئامېرىكانى ئۈلگە قىلاتتى. ھالبۇكى، ئامېرىكىلىقلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرغىنى يالغۇز ئورتاق يۇرت ۋە ئورتاق مەنپەئەت ئەمەس ئىدى. ئامېرىكا يېڭى بولۇش بىلەن بىللە ئورتاق تارىخىي كەچمىشى ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسى بار ئىدى. يىقىن چاغنىڭ تۇنجى چوڭ جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانىدى.  بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگلىيەگە قارشى مۇستەقىللىق ئۇرۇشنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇرغانىدى. يەنە كېلىپ كەسكىن ۋە ئوچۇق بايان قىلىنغان لايىك دۆلەت سىستېمېسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش سىخىغا قويغانىدى. ئوسمان ئېمپېرىيەسىدە ئامېرىكانى ئامېرىكا قىلغان بۇ ئېلېمېنتلارنى تەييارلاش ئىمكانىيىتى يوق بولۇپلا قالماستىن، بۇنداق ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىشقا ۋاقىتمۇ يار بەرمەيىتتى.

يۈسۈپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئوسمانلى مىللىتى يارىتىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنى ئۈچ خىل كۆز قاراش ئەتراپىغا يىغىنچاقلىدى:

«ئوسمان ئېمپىرىيەسى خەلقلىرىنىڭ تارىخى فىزىكىلىق تارىخ، مەنىۋىې تارىخ ئەمەس ئىدى. ئوخشاش خەلقلەرنى ھازىر ۋە كەلگۈسىدە تۇتۇپ تۇرىدىغان ئورتاق بىر غايىمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. لېكىن تۈركلەر، مۇسۇلمانلار، تۈركلەر ۋە غەيرىي مۇسۇلمانلار ئوسمانلى مىللىتى ئىچىدە ئېرىپ يوق بولۇپ كىتىشنى خالىمايتتى. بىرلىكتە ۋە ئورتاق ياشاش ئارزۇسى بولمىغاچقا ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش ياكى ئوسمانلىلىق سىياسىتىنى تەرغىپ قىلىش قۇرۇق خام خىيال ئىدى.»

يۈسۈپنىڭ تۇنجى قېتىم يۈرەكلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ پىكىرلىرى ئەينى دەۋردە قىلچىمۇ ئىتىبارغا ئېلىنمىدى. «ئۈچ خىل سىياسەت» ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ماقالىسىنى تەنقىتلىگەن ئەلى كامال: «فرانسىيە ئىنقىلابىدىن تارتىپ ئويغىنىشقا، ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە قاراپ يۈزلىنىشكە، مەۋجۇتلۇقىنى ھەقىقىي مەنىدىن ھېس قىلىشىقا، ئەركىنلىكلىرىنى تەلەپ قىلىشقا باشلىغان بۇ ئوخشىمىغان مىللەتلەرنى بىر ئوسمانلى بىرلىكى ئىچىدە ئېرىتىۋىتىشكە تەمشىلىش سىپايىلىق بىلەن ئوت ئۈستىگە ياغ چاچ دىگەنلىك بولىدۇ»، دېگەن.

يۇقۇرىدىكى سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئەلى كامال ئوسمانلى مىللىتى پىكىرىگە ئوچۇقتىن ئوچۇق قانداق قارشى مەيداندا بولسا، ئىسلام بىرلىكى بىلەن تۈرك بىرلىكى پىكىرلىرىگىمۇ شۇنداق پوزىتىسيەدە ئىدى. ئۇ ئوسمانلى جەمئىيىتىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قىلىش تەرەپدارى ئىدى، شۇنداقلا بۇ جەمئىيەتتە تۈركلەر ئىلىم-مەرىپەتتە ئۆزىنى كۈچلەندۈرسە ئېمپېرىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

شۇ يىلى ۋە ئوخشاش گېزىتتە بىر ئوبزورى ئىلان قىلنغان فەرىتمۇ يۈسۈپنىڭ «ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش مۇمكىن بولمايدۇ»، دېگەن پىكىرىگە قارشى ئىدى. ئۇ ئوبزورىنى كۈندىلىك سىياسەت نۇقتىسىدىن باشلاپ: «سىياسەت ھەرىكەتتۇر، ھاياتتۇر. بۇنىڭدا كەسكىن مۇكەممەللىك تەلەپ قىلىنمايدۇ»، دېگەندىن كىيىن، ئوسمانلى مىللىتى پىكىرىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. تانزىماتتىن بۇيان ئوسمانلى دۆلىتى ئوسمانلىلىق سىياسىتىنى تۇتۇپ كىلىۋاتقان بولغاچقا، بۇ سىياسەتتە تۈرلۈك خەلقلەرنى تەمسىل قىلىش جەريانىدا بىر ئوسمانلى مىللىتى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت رىئاللىقنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ يولدا داۋاملىق ئىلگىرىلەشنى پايدىلىق دەپ قارايدۇ.

            ئىككىنچى مەشرۇتىيەت جاكارلانغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان «ئىتتىھات ۋە تەرەقىقى- بىرلىك ۋە تەرەققىيات» پارتىيەسىمۇ ئوسمانلىلىق تەرەپدارى ئىدى ۋە ئوسمانلىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. پارتىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ سىياسىي خاراكتېرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، پارتىيەنىڭ بەزى يىللاردا ئوسمانلىلىق چېگراسدىن چىقىپ كەتكەن چاغلىرىمۇ بولغان. لېكىن بۇيەردە مۇھىم بولغىنى، ئىككىنچى قېتىملىق مەشرۇتىيەت دەۋرىدىمۇ  يۈسۈپنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان «ئوسمانلى مىللىتى بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ»، دىگەن پىكىرىنى ئۆزگەرتمەسلىكىدۇر.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى بىلەن يۈسۈپنىڭ پىكىرىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى. يۈسۈپ «ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش» توغرىسىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلغاندىن كىيىن، «ئىسلام بىرلىكى» ۋە «تۈرك بىرلىكى» سىياسىي مەسلەكلىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلايدۇ. لېكىن، ئۇ بۇ مەسىللەرگە قارىتا ئېنىق يەكۈن چىقىرالمايدۇ. ھەتتا بۇ مەسلەكلەرنىڭ بىرىنى ئالدىن ئويلىشىشتىنمۇ ئۆزىنى تارتىدۇ. ھەرىكەت جەھەتتىن بىر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسگە ئوخشاش ھەرئىككسىنى باراۋەر دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرىدا ئۇچرايدۇ.

يۈسۈپ «ئىسلام بىرلىكى» دىن بۇرۇن ئىسلامنىڭ پرىنسىپى، تارىخىي ۋە سىياسىي ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. «ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسەت ۋە جەمىئيەت ئىشلىرىغا ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بەرگەن دىنلارنىڭ بىرىدۇر»، دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دۆلەت شەكلى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ ئاساسلىق پرىنسىپلاردىن بىرىنى «دىن ۋە مىللەت بىردۇر»، دېگەن پرىنسىپ ئىچىدە كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. قىسقىسى، مۇسۇلمانلىق ھەم دىن ھەم مىللەت دەپ قارايدۇ. لىكىن يۈسۈپ سىزغان تارىخىي رامكىدا مۇسۇلمانلىق كۈچلۈك تەمسىل قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولسىمۇ، يالغۇز بىر مىللەت يارىتىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقىدىن ئىبارەت خۇلاسە ئورۇن ئالىدۇ. يېقىن تارىختا مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىنىڭ چەتئەل كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا ئۆتۈشى، بۇ سەۋەپلىك ئۇلاردىمۇ مىللەت چۈشەنچىسىنىڭ بىخ ئۇرۇشقا باشلىغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقمۇ بايان قىلىنىدۇ.

يۈسۈپ مۇسۇلمان دۇنياسى پارچىلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئىسلامچىلىق پىكرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى غەرب مەنبەلىك بولدى دەپ قارايدۇ. بۇ پىكىرنىڭ سۇلتان ئابدۇلئەزىر دەۋرىدە تۇغۇلۇپ بۇ دەۋرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە «پانئىسلامىزم» نامىنى ئالغانلىقىنى، 2-ئابدۇلھەمىت دەۋرىدە بىرىنچى مەشرۇتىيەت مەزگىلىدە مەغلۇپ بولۇپ كەڭ ھەرىكەت مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

يۈسۈپ «ئىسلام بىرلىكى» قۇرۇشنىڭ پايدا- زىيانلىرى ھەققىدە ئىزدىنىدۇ. زىيانلارنىڭ بېشىدا خىرىستىيانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان رايونلاردا تۇپراقلارنىڭ ئوسمانلى تۇپراقلىرىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كىتىش ئىھتىمالى كېلىدۇ. ئەمما، بۇنىڭغا قارشى مۇھىم پايدىلارمۇ بار. بۇ پايدىلارنىڭ بېشىدا يۈسۈپ«يۈكسەك ئەمەل» دەپ ئاتىغان دىنىي ۋە سىياسىي مىللەت غايىسى ئورۇن ئالىدۇ. ئىسلامچىلىقنى ئوسمانلى تۈركلىرى دەسلەپتە ئوسمانلى مەملىكەتلىرىدە گۈللەندۈرىدۇ، ئاندىن ئاسيا ۋە ئافرىقاقىدىكى مۇسۇلمان ئەللىرىدە كۈچەپ تەشۋىق قىلىدۇ. يۈسۈپنىڭ قارىشىچە، ئەرەپچىنىڭ دىن تىلى، قۇرئان-كەرىمنىڭ ئاساسىي قانۇن بولۇشى، شۇنداقلا بىر مۇسۇلماننڭ مەن تۈرك، مەن ئىرانلىق دېيىشتىن بۇرۇن «ئەلھەمدۇلىللاھ، مەن مۇسۇلمان» دەيدىغان ھالەتكە كېلىشى ئىسلام بىرلىكى قۇرۇشنى ئاسانلاشۇرىدىغان ئامىللار ھېساپلىنىدۇ.

يۈسۈپ ئىسلام بىرلىكىنى روياپقا چىقىرىش ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە ئىسپات توپلاشتىن سىرت، بۇ بىرلىككە قارشى چىقىدىغان تاشقىي ئامىللارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ئامىللارنى مۇسۇلمان پۇقرالىرى بولغان فرانسىيە، ئەنگلىيە، روسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەھلىسەلىپ زېھنىيىتىدىن تېخى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان ياۋروپا خەلقىمۇ دىنىي نام بىلەن بۇنداق بىرلىككە ئىجابىي قارىمايدۇ.

يۈسۈپ مۇسۇلمانلار پەيدا قىلىدىغان نۇرغۇن پاسسىپ ئامىللارنىڭمۇ ئسىلام بىرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىش ئىھتىماللىقى بار دەپ قارايتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى، تۈركلەرنىڭ ئېمپىرىيەنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان مۇسۇلمان ئەرەبلەر ئارىسىدا ئېرىپ كېتىش خەۋپى ئىدى. چۈنكى تارىختىن بىرى دىننىڭ تەسىرىدە ئازدۇر-كۆپتۇر ئەرەپلەشكەن تۈركلەر بولغان،  بۇنىڭ ئەكسىچە، مۇسۇلمان ئەرەبلەرنىڭ تۈركلەر ئارىسىدا ئېرىپ كىتىش ئېھتىمالى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن تارتىپ ئەرەپلەردە مىللەتچىلىك ھەرىكىتى باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. ۋاھابى قوزغىلىڭى خەلىپىلىكنىڭ تۈركلەردە بولۇشىغا قارشى، ئەرەپلەردە بولۇش تەرەپتارى قوزغىلاڭ ئىدى. ناپالىئون بوناپارت مىسىرنى ئىشغال قىلغان چېغىدا «مىسىر مىسرلىقلارنىڭ» دېگەن پىرىنسىپ بىلەن بۇ ۋىلايەتتىكى تۈرك ھاكىمىيىتىگە بىر مەزگىل خاتىمە بەرگەن ۋە چاغداش مىللەتچىلىك پىرىنسىپىنى ئەۋج ئالدۇرغانىدى. مەھمەت ئەلى پاشا 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مىسىردا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر تۈرك پاشاسى ئىدى. شۇنداق تۇرۇغلۇق مىسىر قوشۇنىنىڭ بېشىدا ئوسمانلى سۇلتانى ۋە خەلىپىسىگە قارشى جەڭ قىلغانىدى. سۇلتان 2- مەھمۇت  تەختىنى دىننىڭ دۈشمىنى دەپ تونۇلغان روسلانىڭ ياردىمىدە ساقلاپ قالغانىدى. بۇ رېئاللىقلار «ئىسلام بىرلىكى» قۇرۇش دەۋرىنىڭ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنكەنلىكىنىڭ دەلىل– ئىسپاتلىرى ئىدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، يوسۈپ ئىسلام بىرلىكى قۇرۇش توغرىسىدا پەقەتلا ئىجابىي ۋە سەلبىي دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىش بىلەن كۇپايىلەنگەن. بۇ سىياسىي مەسلەككە قارىتا ئېنىق پوزىتىسيەسىنى ئاشكارىلىمىغان. ئەلى كامال يۇقارقى ماقالىسىدە بۇ تېمىنى بىۋاستە تىلغا ئالمىغان بولۇپ، تۈرك ۋە ئىسلامنى ئوسمانلىلىقتىن ئايرىپ قاراشنى ئەقىلسىزلىق دىيىش بىلەن كۇپايىلەنگەن ئىدى. فەرىتكە كەلسەك، ئۇ ئىسلامچىلىق سىياسىتىنى مۇسۇلمانلار بىرلىكى قۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئوسمانلىلىقنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن بىر قوشۇمچە سىياسەت سۈپىتىدە ئىجرا قىلىش ھىققىدە توختالغان.

ئوسمانلىلىق ۋە ئىسلامىيلىقتىن كىيىن تۈركلۈك ۋە تۈركچىلىك كىلىدۇ. يۈسۈپنىڭ ماقالىسدە بۇ مەسىلە «تەۋھىدى ئەتراك» تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈش ياكى «جەسۇر بىر مىللەتنى سىياسەت بىلەن قۇرۇش»، دەپمۇ كىلىدۇ. 

ئۈچ سەۋەب يۈسۈپنى بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىشقا مەجبۇر قىلغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچى سەۋەب، چوڭ مىللەتلەر ئارىسىدا تۈركلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالغان بولۇشى،

ئىككىچىن سەۋەپ، چوڭ مىللەتلەر 19-ئەسىرنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، مىللىي بىرلىكلەرگە ۋۇجۇت ئاتا قىلغان.( مەسىلەن ، گېرمانىيە مىللىي بىرلىكى ۋە ئىتالىيە مىللى بىرلىكىگە ئوخشاش)

ئۈچىنچى سەۋەب، ئوسمانلىلىق ياكى مۇسۇلمانلىقنىڭ تەرەققى قىلىپ قۇدرەتلىك سىياسىي بىرلىك بولالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن بولۇشى.

           يۈسۈپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پىكىرى ھازىرقى تۈركىيەنىڭ سىياسىىتىنىڭ يۆنىلىشىنى سىزغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ پىكىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

زامانىمىز تارىخىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئومۇمىي ئېقىم ئىرقىي ئېقىملاردىدۇر. دىنلار دىن بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئاستا-ئاستا سىياسىي جەھەتتە ئورنىنى (مۇھىملىقىنى) ۋە قۇۋۋىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇلار ئىجتىمائىيلىشىشتىن بەكرەك خۇسۇسىيلىشىشىقا باشلايدۇ. جەمىئيەتلەردە ۋىجدان ئەركىنلىكى دىن بىرلىكىنىڭ ئورنىغا دەسسەيدۇ. دىنلار جەمئىىيەت ئىشلىرىنى تەرتىپلىگۈچىلىك ئورنىدىن ۋاز كېچىپ قەلپلەرنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.دىن  پەقەت تەڭرى بىلەن قۇل ئارىسىدىكى ۋىجدان يىپىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

يۈسۈپ تۈرك بىرلىكىنى دېتېرمىنىزم قائىدسىگە باغلىغاندىن كىيىن، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسىنى تەھلىل قىلىشقا باشلايدۇ ۋە بۇ قەدەمنى ئوسمانلى تۈركلىرى ئېتىشى كېرەك، دېگەن خۇلاسىگە كىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى ئوسمان ئېمپېرىيەسىدىكى تۈركلەر تۈرك خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ ئىلغار ۋە ئەڭ مەدەنىيدۇر.

يۈسۈپ تۈركلەر ئارىسىدا ئۇلۇسال بىرلىكنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شارائىتنىڭ تېخى  پىشىپ يىتىلمىگەنلىكىنى ئىتراپ قىلىدۇ. تۈركچىلىك پىكىرىنىڭ ناھايىتى يېڭى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركچىلىك پىكىرى تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە بەكرەك تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ، تەسىر كۈچى يوق دىيەرلىك ئىدى. ئىسلامىي پرىنسىپلار ئاساسىدا تەشكىللىنىش ۋە جۇشقۇن قېرىنداشلىق كەيپىياتى تۈركلەر ئارىسدا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. تۈركلەرنىڭ كۆپ سانلىقى ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ كېتىشكەن ئىدى. مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى ھەممدىن ئاۋۋال بىر ئۇلۇسال ئاڭنى ئويغۇتۇش ۋە يارىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلاتتى.

             يۈسۈپ تۈرك بىرلىكىنى روياپقا چىقىرىدىغان، تۈركلۈك ئېڭىنى ئۆستۈرىدىغان جەرياننىڭ ئىككى ساھە، تۆت باسقۇچتىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى شەرھىيلەپ ئۆتىدۇ:

           «تۇنجى ساھە ئوسمان ئېمىرىيەسى بولۇپ، ئېمپېرىيەدىكى تۈركلەر ئارىسدا ئىرقىي رېشتە دىنىي تۇيغۇلاردەك چېڭىتىلىدۇ. ئاندىن ئۆزى تۈرك ئەمەس، ئەمما مۇئەييەن دەرىجىدە تۈركلەشكەن ئوسمانلى خەلقلىرىنى تۈركلەشتۈرۈلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا تۈركلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان، ئۇلۇسال ئاڭدىن يوقسۇل خەلقلەر تۈركلەشتۈرۈلىدۇ. ئوسمان ئېمپېرىيەسىدىكى تۈركلىشىشىتىن كىيىنلا ئىككىنچى ساھەدىكى مىللىي ئاڭ يىتىلدۈرۈش باسقۇچى كىلىدۇ. ئەمما بۇ ھەم سىياىسىي ھەم كۈلتۈرەل جەھەتتىن بولىدۇ. يەنى، ئاسيانىڭ چوڭ بىر بۆلىكىگە ۋە ياۋروپانىڭ شەرقىگە تارالغان تۈركلەر بىرلەشتۈرۈلىدۇ ۋە ئۇلاردا مىللىي ئاڭ (تۈركلىك ئېڭى) يېتىلدۈرۈلىدۇ.

           يۈسۈپ تۈرك بىرلىكىنى روياپقا چىقىرىش جەريانىدا پىلاننىڭ بەزى قىيىنچىلىق ۋە توسالغالارغا دۇچ كىلىدىغانلىقىنىمۇ ئالدىنئەلا ئويلىشىدۇ. ئوسمانلى خەلقلىرىدىن تۈرك ۋە مۇسۇلمان ئەمەس خەلقلەر بىلەن تۈرك ئەمەس، ئەمما مۇسۇلمان خەلقلەرنى ئېمپىرىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ كىتىشى مۇمكىن دەپ ئويلايدۇ. خېلى كۆپ ساندا تۈرك پۇقراسى بولغان روسىيەنىڭ بۇ نەزەرىيەگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقت قىلمايدۇ. تۈركلۈك ئۇقۇمى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك يېڭى  ئۇقۇم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ پىششىقلىنىشى، ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە تۈركلۈك ئېڭىنىڭ يۇقرى سەۋىيەگە كۆتۈرلۈشى خىلى كۆپ ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇنداق توسالغۇلار بولسىمۇ، يۈسۈپ يەنىلا دۇنيا خەرىتىسدىن ئورۇن ئالىدىغان تۈركلۈكنىڭ ۋە بۇنىڭدا ئوسمان دۆلىتىنىڭ ئوينايدىغان رولىنى تۆۋەندىكىدەك شەرھىيلەيدۇ:

«يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر كىشىگە ئۇزاق كەلگۈسىدە شەكىللىنىدىغان ئاق ۋە  سىرىق تەنلىكلەر دۇنياسىدا بىر تۈرك دۇنياسىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقى ۋە بۇ ئوتتۇرىدىكى دۇنيادا ئوسمان ئېمپېرىيەسى ھازىر ياپونلار سىرىقلار دۇنياسىدا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ دېگەن تۇيغۇنى بېرىدۇ. »

يۈسۈپ يۇقۇرىدا كۆرسىتىلگەندەك، ئىسلام بىرلىكى قۇرۇش مەسىلىسىدە ئوچۇق بىر توسالغۇ كۆرسەتمىگەنىدى. بۇ تەرەپسىزلىكىنى تۈرك بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى مەسىلىسدىمۇ ساقلاپ قالغانلىقى مەلۇم. ئەمما، مەيلى «ئۈچ خىل سىياسەت» نىڭ ئومۇمىي مەقسىتىدىن بولسۇن ياكى «تۈرك بىرلىكى» قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىلىرىدە بولسۇن يۈسۈپنىڭ تۈرك بىرلىكىگە مايىل ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ مايىللىقىنى «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىشى، بولۇپمۇ  ئىككىنچى مەشرۇتىيەت ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنكى ئەسەرلىرىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئەسەرلىرىنىڭ ھىچبىرى يا ئىسلامچىلىق ياكى ئوسمانلىچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. ئەمما، ھەممىسى تۈركلۈك ۋە تۈركچىلىك ھەققىدە. «تۈرك يۇرتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى، «تۈرك ئوجاقى» دىكى خىزمەتلىرى، ئەڭ ئاخىرىدا نەشىر قىلدۇرغان «تۈرك يىلى» ناملق كىتابى بۇنىڭ جانلىق ئىسپاتى بولالايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا «ئۈچ خل سىياسەت» نىڭ ئېلان قىلىنىشى سەۋەپلىك چەتئەل سىياسىي يازغۇچىلىرى يۈسۈپنى تۈركچىلىك ھەركىتىنڭ رەھبىرى ۋە تارقاتقۇچىسى دەپ قارىغان دىگەن خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇ.



ئۈچ خىل سىياسەت

يۈسۈپ ئاكچۇرا


ئوسمانلى مەملىكەتلىرىدە غەربنى تەقلىد قىلىپ يۈكسىلىش ۋە تەرەققى قىلىش ئارزۇلىرىنىڭ بىخ سۈرۈشكە باشلىشىدا ئۈچ خىل سىياسىي يول تەسەۋۋۇرىغا ئەگىشىلدى دەپ قارايمەن. بىرىنچىسى، ئوسمانلى ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھەرخىل مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر «ئوسمانلى مىللىتى» ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش. ئىككىنچىسى، خىلاپەتنىڭ ئوسمانلى ھۆكۈمدارىدا بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ بارلىق ئىسلام ئەللىرىنى سىياسىي جەھەتتىن بۇ ھۆكۈمەت ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش (فرانكىلىننىڭ پانئىسلامىزىم دېگىنىدەك). ئۈچىنچىسى، ئىرقنى ئاساس قىلغان « سىياسىي تۈرك مىللىتى» (پانتۈركىزم) يارىتىش. بۇ مەسلەكلەردىن ئالدىنقى ئىككىسنىڭ بىر چاغلاردا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ سىياسىتىگە مۇھم تەسىرى بولدى. كىيىنكىسى پەقەتلا بەزى قەلەمكەشلەرنىڭ قەلىمىدە زاھىر بولدى.


1

           «ئوسمانلى مىللىتى» ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئارزۇسى يۈكسەك بىر غايە، يۈكسەك بىر ئۈمىد بولۇپ پارلىيالمايتتى. ئەسلى مەقسەت ئوسمانلى مەملىكەتلىرىدىكى مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالارغا تەڭ دەرىجىدە ھەق-ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بېرىش؛ ھەقىقىي باراۋەرلىكنى روياپقا چىقىرىش، پىكىر ۋە دىننى ئېتىقاد ئەركىنلىكى بېرىش؛ بۇ باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىكلەردىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنى دىن ۋە نەسەپ ئوخشىماسلىقلىرىغا قارىماي بىر نوقتىدا بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى ئامېرىكا مىللىتىگە ئوخشاش ئورتاق بىر ۋەتەن ئېڭى بىلەن بىرلەشكەن يېڭى بىر مىللەت-ئوسمانلى مىللىتىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ۋە بۇ مۇشەققەتلىك جەريانلارنىڭ مىۋىسى سۈپىتدە «ئۇلۇغ ئوسمانلى» دۆلىتىنى ئەسلى ھالىتى بويىچە كونا چىگرالىرى بىلەن مۇداپىئە قىلىش ئىدى. كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان ۋە مۇھىم بىر قىسمى تۈركلەردىن تەشكىل تاپقان بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە قۇدرەت تېپىشىدا مۇسۇلمانلار ۋە تۈركلەر ئۈچۈن مۇئەييەن دەرىجىدە مەنپەئەت كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، مەزكۇر سىياسىي پوزىتىسيە ئۇلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ئىدى. شۇ  سەۋەپتىن ئوسمانلى سىرتىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە تۈركلەر بۇ پوزىتىسىيەگە ئانچە ئىرەڭشىپ كىتەلمەيتتى. مەسىلە يەرلىك ۋە ئىچكىي مەسىلە ئىدى.

«ئوسمانلى مىللىتى» يارىتىش سىياسىتى رەسمىي شەكىلدە ئىككىنچى مەھمۇت دەۋرىدە كۈن يۈزى كۆردى. پادىشاھ ئىككىنچى مەھمۇتنىڭ «مەن خەلقىم ئوتتۇرىسىدىكى دىن پەرقىنى پەقەت ئۇلار مەسچىت، چىركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلارغا كىرگەن چېغىدا كۆرۈشنى خالايمەن»، دېگەن سۆزى ناھايىتى مەشھۇر. 19-ئەسىرنىڭ بېشى ۋە ئوتتۇرىلىرىدا ئوسمان ئېمپېرىيەسىگە تەۋە مەملىكەتلەرنىڭ بۇ سىياسەتنى ئالقىشلىشى ۋە تەتبىقلاشقا بولىدۇ دەپ قارىشى ناھايىتى تەبئىي ئەھۋال  ئىدى. ئۇ چاغلاردا ياۋروپادا مىللەت پىكىرلىرى فرانسىيە ئىنقىلابىغا ئەگىشىپ نەسەب ۋە ئىرق خاراكتېرلىك بولۇشتىن بەكرەك ۋىجدانىي ئىستەكلەرنى ئاساس قىلغان فرانسۇز قائىدىسگە تايىناتتى. سۇلتان مەھمۇد ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۆزلىرىمۇ تولۇق چۈشەنمەيدىغان بۇ قائىدىگە ئالدىنىپ، دۆلەتنىڭ ھەرخىل ئىرق ۋە دىنغا تەۋە پۇقرالىرىغا ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك پرىنسىپى بىلەن، بىخەتەرلىك ۋە ئۆز-ئارا دوستلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ يالغۇز بىر مىللەتكە ئايلاندۇرالايددىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

ياۋروپادا بەزى مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىش تارىخىدىكى مىساللارمۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى چېڭىتتى. دېمىسىمۇ فرانسۇز مىللىتى تيۇتون، سېلت، لاتىن، گرېك قاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئەمەسمۇ؟ نېمىس مىللىتىدىمۇ نۇرغۇن سىلاۋىيان ئېلېمېنتى بار ئەمەسمۇ؟ شىۋىتسارىيەلىكلەر شۇنچە كۆپ ئىرقىي ۋە دىنىي ئىختىلاپلار تۇرۇغلۇق بىر مىللەت دەپ قارىلىۋاتمامدۇ؟

نامى تىلغا ئېلىنغان يۇقارقى جانابلارنىڭ بۇ چاغلاردا سىياسىي بىرلىك بەرپا قىلىشقا تىرىشقان نېمىس ۋە ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ھەرىكىتىنى پوزىتسىيەسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خاتا نۇقتىئىنەزەر بىلەن توغرا دەپ قارىۋېلىشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىدى.

ئوسمانلى مىللىتى پىكىرى ھەممىدىن بەك ئەلى ۋە فۇئاد پاشالار دەۋرىدە ئىناۋەتلىك ئىدى. فرانسۇر قائىدىسىدىكى «ئەلرايى بىلەن مىللەت بەرپا قىلىش» دىگەن نەزەرىيەنىڭ تىپىك ۋەكىلى 3-ناپالىيۇن بۇ غەربلەشكەن پاشالارغا  يۆلەنچۈك ئىدى. سۇلتان ئابدۇلئەزىز دەۋرىدىكى فرانسىيە يەرلىك ئىسلاھاتى ۋە بۇ ئىسلاھاتنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولغان مەكتەبى سۇلتانى ( خانلىق مەدرىسە) بۇ سىىستېما بازار تاپقان مەزگىللەرنىڭ مېۋىسى ئىدى.

مىللەت قائىدىسنى گېرمانىيەلىكلەر رېئاللىققا تېخىمۇ ئۇيغۇن پاكىتلار بىلەن «مىللەتنىڭ ئاساسى ئىرق« دەپ چۈشەندۈردۇ. مەزكۇر چۈشەنچىدىن كىيىن 70-71- قېتىملىق فرانسىيە پادىشاھى ناپولېئون ۋە فرانسىيە ئېمپېرىيەسى غۇلاپ چۈشتى. بۇ غۇلاش مەزكۇر چۈشەنچىنىڭ تەسىرىنى نامايەن قىلدى. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن ئىتىبارەن «ئوسمانلى مىللىتى» سىياسىي مەسلىكى بىردىنبىر كۈچلۈك يانتايىقىدىن ئايرىلىپ قالدى.

گەرچە مىتھات پاشا يۇقىرىدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان ئۈچ مەشھۇر ۋەزىرنى بىر مەزگىل قوللىغان، تەقلىد قىلغان بولسىمۇ، مىتھات پاشانىڭ تۇتقان يولى ئۇلارنىڭكىگە قارىغاندا تېخمۇ مۇرەككەپ بولۇشى ۋە ناھايىتى ۋاقىتلىق بولۇشى، شۇنداقلا مىتھات پاشانىڭ ۋارىسلىرى بولغان ھازىرقى ياش ئوسمانلىلارنىڭ پىروگىراممىلىرىنىڭ تولىمۇ مۇجمەل بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش تەسەۋۋۇرىنىڭ  فرانسىيە ئىمپىرىيەسى بىلەن بىللە ۋە ئۇنىڭدەك قايتىدىن تىرىلىش ئۈچۈن ئۆلدى دەپ ھۆكۈم قىلىنسا خاتا قىلىنمىغان بولاتتى دەپ قارايمەن.

«ئوسمانلى مىللىتى» سىياسىتى مەغلۇپ بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئىسلامىيەت مەيدانغا چىقتى. ياۋروپالىقلار «پانئىسلامىزىم» دەپ ئاتىغان بۇ پىكىر كىيىنكى چاغلاردا ياش ئوسمانلىلىقتىن، يەنى «ئوسمانلى مىللىتى» يارىتىش سىياسىتىگە قىسمەن ئاۋاز قوشقان پىرقىدىن تۇغۇلدى.

           دەسلىپىدە « ۋەتەن» ۋە «ئوسمانلىلىق» يەنى، بۇ ۋەتەندە ياشايدىغان خەلقتىن مۇرەككەپ بىر «ئوسمانلى يارىتىش» نىدالىرى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان ياش ئوسمانلى شائىر ۋە سياسىيونلىرىنىڭ كۆپىنچىسى توختالغان نۇقتا «ئىسلامچىلىق» بولدى. ياۋروپانى كېزىش ۋە غەرب پىكىرلىرىنى كۆزىتىش ئۇلارنىڭ بۇ تېما ئۈستىدە توختىلىشىنىڭ كۈچلۈك سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇلار شەرقتىكى چېغىدا كاللىسىغا 18-ئەسىرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پەلسەپىلىرىنى قاچىلاشقان ئىدى( ئىچىدىن بىرسى روسسونىڭ تەرجىمانى ئىدى). ئىرىق ۋە دىنلارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى تېخى تولۇق ئىگىلەپ بولالمىغانىدى، بولۇپمۇ يېڭى بىر مىللەت شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ھەر خىل ئۇنسۇرلارنىڭ مەنپەئەتى دەخلىگە ئۇچرىمىغان تەقدىردىمۇ،  بۇنداق بىر بىرلىشىش ۋە ئۇيۇشۇشقا ھېرىسمەن ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ سەۋەپتىن فرانسۇزچە مىللەت قائىدىسنى شەرقتە تەتبىقلاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تىگى-تەكتىدىن چۈشىنىپ يېتەلمىگەنىدى. چەت ئەللەردە ئۇلار ئۆز دۆلىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە،  دىن بىلەن ئىرقنىڭ شەرق سىياسىىتىدىكى ئورنىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا ۋە بۇ جەھەتتىن ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش ئارزۇسىنىڭ بىھۇدىلىكىنى تونۇپ يىتىشكە مۇۋەپپەق بولدى.

ئەمدى بار كۈچنى توپلاپ ئىسلام ئېلمېنېتلىرىنى، ئەڭ دەسلەپ ئوسمانلى مەملىكەتلىرىدىكى خەلقنى، ئاندىن پۈتۈن يەرشارىدىكى ئىنسانلارنى ئىرق، نەسەپ پەرقىگە قارىماستىن دىنىي ئورتاقلىقتىن، ئوخشاشلىقتىن پايدىلىنىپ پۈتۈنلەي بىرلەشتۈرۈشكە، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ كىچىك چېغىدا يادلىغان «دىن ۋە مىللەت بىردۇر» قائىدىسگە ئاساسەن بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئاخىرقى زاماننىڭ مىللەت سۆزىگە بەرگەن تەبىرى بويىچە «مىللەتى ۋاھىدە» (بىر مىللەت) دەپ قاراشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. بۇ بىر جەھەتتىن ئوسمانلى پۇقرالىرى ئارىسدا بىرلىشىش ۋە بۆلۈنۈشكە يول ئاچاتتى. ئوسمانلىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرى بىلەن غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالىرى ئايرىلاتتى. يەنە بىر جەھەتتىن چوڭ بىرلىشىشكە ۋە ئۇيۇشۇشقا مەدەت بولاتتى. پۈتۈن مۇسۇلمانلار ىىرلىشەتتى. بۇ پوزىتىسيە ئۆتمۈشتە مۇراجىئەت قىلىنغان يوللارغا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ، باشقا بىر تەبىر بىلەن ئېيىتساق ئالەمشۇمۇل بىر تەشەببۇس ئىدى.

دەسلەپتە، پەقەت مەتبۇئاتلاردا كۆزگە چىلىقىدىغان بۇ نەزەرىيەۋى پىكىرلەر تەدرىجى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندىغان پىكىرلەرگە ئايلاندى. سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە «پانئىسلامىزىم» ئىبارىسى دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردىمۇ زىكىر قىلىندىغان بولدى. ئوسمان دۆلىتى بۇ پىكىردىن پايدىلىنىپ ئاسيادىكى بەزى مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تىرىشتى. مىتھات پاشا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن، يەنى ھۆكۈمەت ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش پىكرىدىن ۋاز كەچكەندىن كىيىن، سۇلتان 2-ئابدۇلھەمىد ھەرزەتلىرىمۇ بۇ سىياسەتنى (ئىسلامچىلىق) تەتبىقلاشقا تىرىشتى. بۇ پادىشاھ ياش ئوسمانلىلارغا باشتىن-ئاخىرى قارشى تۇرۇپلا قالماي مەلۇم دەرىجىدە ئۇلارنىڭ تۇتقان سىياسىتىنى تەتبىقلىغان ئىدى؛ قانۇنىي باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردىمۇ غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالارنىڭ ئوسمانلىنىڭ سىياسىي ساھەسىگە ئىشتىراك قىلالمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشقاندىن كىيىن، ياش ئوسمانلىلار بۇ پۇقرالارغا ۋە بۇلارنىڭ ھىمايىچىسى بولغان خىرىستىيان ياۋروپاغا دۈشمەنلىك قىلىشقا باشلىغانىدى. 2-ئابدۇلھەمىد ھەزرەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە تۇتۇۋاتقان سىياسىتىمۇ بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كىيىنكى ياش ئوسمانلى پىكىرى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ.

مەۋجۇت ھۆكۈمدار« سۇلتان، پادىشاھ» دېگەن سۈپەتنىڭ ئورنىغا «خەلىپە» دىگەن دىنىي سۈپەتنى ئالماشتۇرۇشقا تىرىشتى. ئومۇمىي سىياسىتىدە دىن، يەنى ئىسلام دىنى مۇھىم بىر ئورۇن تۇتتۇ. رەسمىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسىلىرىدە دىنىي ماددىلارغا ئاجىرىتىلغان ۋاقىت كۆپەيتىلدى. دەرىسلىكنىڭ ئاساسىي قىسمىنى دىنىيلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى. دىندارلىق ۋە تەقۋالىق- رىياكارانە بولسىمۇ- خىلاپەتنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولغان ماقامنىڭ دىققىتىنى تارتىشتا ئەڭ كۈچلۈك ۋاستە بولۇپ قالدى. يېلدىز ئېمپېراتۇرلۇق سارىيى مۇدەررىس، ئىمام، سەييىد ۋە شەيىخلەر بىلەن تولدى. بەزى خەزىنىلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يەكتەكلىكلەر تەيىنلىنىدىغان بولدى. دىندا تەقۋادار بولۇشقا، بولۇپمۇ خىلاپەت ماقامىغا، خىلاپەت ماقامىدىن بەكرەك ئۇ ماقامنىڭ ساھىبى بولغان زاتقا سادىق بولۇشقا دەۋەت قىلىش ۋە غەيرى مۇسۇلمان قەۋملەرگە قارشى نەپرەت ئويغىتىش ئۈچۈن خەلق ئارىسىغا ۋائىزلار ئەۋەتىلدى. ھەممىلا يەردە تەككە، زاۋىيە ۋە مەسچىتلەرنى سېلىشغا ۋە رىمونت قىلىشغا ئەھمىيەت بەردى. ھاجىلارغا ئىززەت-ئىكرام قىلدى. ھەج مەزگىلىدە خەلىپىلىك مەركىزىگە كەلگەن ھاجىلار ئىمامۇلمۇسلىمىننىڭ (مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرىنىڭ) ھەرتۈرلۈك ماختاش ۋە ئىنايەتلىرىگە نائىل قىلىندى؛ ھەم بۇ ھاجىلارنىڭ ھەم بۇ ھاجىلارنىڭ مەملىكەتلىرىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش ئارقىلىق خەلىپىگە باغلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى. يېقىنقى ۋاقىتلاردا مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپ ئافرىقانىڭ ئىچكى رايونلىرىغا ۋە خىتاي رايونىغا ئەلچى ئەۋەتىلدى. بۇ سىياسەتنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى سۈپىتىدە ھەمىدىيە ھىجاز تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. لېكىن بۇ سىياسىي تەلىمات بىلەن ئوسمانلى دۆلىتى تانزىمات دەۋرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتمەكچى بولغان دىنىي دۆلەت شەكلىنى تەكرار مەيدانغا ئېلىپ چىقاتتى؛ بۇنداق بولغاندا پىكىر ئەركىنلىكى، ۋىجدان ئەركىنلىكى، سىياسىي ئەركىنلىك قاتارلىق ئەركىنلىكلەرنى، شۇنىڭدەك دىنىي باراۋەرلىك، ئىرقىي باراۋەرلىك، سىياسىي باراۋەرلىك، پۇقراۋى باراۋەرلىك قاتارلىق باراۋەرلىكلەرنى تەرك ئىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالاتتى. ئۇنىڭدىن سىرت ياۋروپاغا ئوخشاش ئاساسى قانۇنغا تايىنىدىغان ھۆكۈمەتلەر بىلەن ۋىدالىشىشقا توغرا كىلەتتى.  ئىجتىمائىي سەۋەپلەر تۈپەيلى دۆلەت بىلەن پۇقرالار ئارسىدا مىللەت ۋە دىن پەرقى تۇغۇلۇپ بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كىلىۋاتقان زىتلىق ۋە زىددىيەتنىڭ كۆپىيىشىگە ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا قوزغىلاڭ ۋە ئىسيانلارنىڭ ئېشىشىغا ۋە ياۋروپادا باش كۆتۈرىدىغان تۈرك دۈشمەنلىكىگە قارىتا چىشىنى چىشىغا چىشلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاشۇنداق بولدى.

           ئىرقنى ئاساس قىلغان تۈرك سىياسىي مىللىتى يارىتىش پىكىرى بەكلا يېڭى ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇ پىكىرنى مەيلى ئوسمانلى دۆلەتلىرىدە بولسۇن ياكى تارىختىكى باشقا تۈرك دۆلەتلىرىدە بولسۇن مەۋجۇت بولۇپ باققان دەپ قارىمايمەن. چىڭگىز ۋە موڭغۇللارغا مايىل تارىخچى لېئون كاخۇن (Leon Kahon) بۈيۈك تۈرك خاقانىنىڭ پۈتۈن تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئاسىيانى تولۇق پەتىھ قىلغانلىقىنى يازغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىددىئاسىنى ئىسپاتلايدىغان تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭ تولۇق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئوچۇق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن.

تانزىمات ۋە ياش ئوسمانلىلىق ھەرىكەتلىرىدىمۇ «تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈش» پىكىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا دائىر ھېچبىر مەلۇمات ئۇچراتمىدىم. بىلمەيمەن، مەرھۇم ۋاكىف پاشا ئۆزىنىڭ شىۋىسىدا ساپ تۈركچە يېزىش ئارزۇسى بىلەن بۇ ئۇلۇغ خىيالنىڭ ئارقىسىدىن چېپىىپ باققانمىدۇ؟ شۇنىسى روشەنكى، كىينكى چاغلاردا ئىستانبۇلدا «تۈرك مىللىتى» يارىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مەجلىسلەر سىياسىيلىقتىن بەكرەك ئىلمىي سورۇنغا ئايلاندى.

بۇ مەجلىسلەرنىڭ شەكىللىنىشدە تۈرك ياشلىرىنىڭ ئوسمانلى- گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە، گېرمان تىلىغا، بولۇپمۇ گېرمانلارنىڭ تارىخ ۋە تىل- يېزىق ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ مەجلىسلەردە فرانسۇزلارنى تەقلىد قىلىدىغان قىزىققان ياشلار بولغىنىدەك، يەڭگىل، ھىېسسي، ئەدەبىي ۋە سىياسىي تېمىلاردىن بەكرەك تەمكىنلىك ۋە سەۋرچانلىق بىلەن قىلىنغان تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ساغلام  ئىلمىي دەلىللەرمۇ مەۋجۇت.

شەمسەتتىن سامى، « تۈركچە شىئېرلار»نىڭ مۇھتىرەم مۇئەللىپى نەجىپ ئاسىم، ۋەلەد چەلەبى، ھەسەن تاھسىن قاتارلىقلار بۇ مەجلىسلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزالىرى بولۇپ، ئىكدام مەلۇم مەزگىلگىچىلىك بۇ پىكىرنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان ئىدى. بۈگۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەلىماتقا ئىجابىي پوزىتىسيەدە بولماسلىقى تۈپەيلى بولسا كېرەك، ئىشلار تېخمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن.

ئوسمانلى مەملىكەتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىن باشقا يەرلىرىدە بۇ پىكىرنىڭ قوللىغۇچىلىرى بارمۇ-يوقمۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن. لېكىن، تۈركلۈك سىياسىتىمۇ خۇددى ئىسلام سىياسىتىگە ئوخشاش ئومۇمىيلىق تۈسىگە ئىگە بولۇپ، ئوسمانلى چېگرالىرى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن زېمىننىڭ تۈركلەر ياشايدىغان باشقا قىرلىرىغىمۇ نەزەر سېلىش كىرەك.

تۈركلەر ئەڭ كۆپ ياشايدىغان روسىيەدە تۈركلەرنىڭ بىرلىشىش پىكرىنى تولىمۇ غۇۋا دەپ قارايمەن. يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن «ئىدىل ئەدەبىياتى» مۇسۇلمانلىقتىن زىيادە تۈركلۈككە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەگەر توسالغۇلار بولمىغان بولسا بۇ پىكىرنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق مۇھىت ئوسمانلى مەملىكەتلىرىدىن بەكرەك تۈركلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان تۈركىستان بىلەن يايېك ۋە ئىدىل ھاۋزىلارى بولاتتى.

كافكاسيا تۈركلىرى ئارسىدىمۇ بۇ پىكىرلەر مەۋجۇت بولسا كىرەك. ئەزەربەيجانغا كافكاسنىڭ پىكىرى تەسىر كۆرستىپلا قالماي، شىمالىي ئىران تۈركلىرىنىڭمۇ «تۈرك بىرلىكى» تەرەپتارلىقىنىڭ قايسى نىسبەتتە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىرقنى ئاساس قىلىدىغان سىياسىي مىللەت يارىتىش پىكىرى تېخى يىڭى بولۇپ ناھايىتى ئاز تارقالغان.



2

ئەمدى بىز بۇ ئۈچ تۈرلۈك سىياسەتنىڭ قايسىسىنىڭ پايدىلىق ۋە تەتبىقلاشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى.

پايدىلىق دېدۇق، لېكىن كىمگە ۋە نېمىگە پايدىلىق؟

دەسلەپتە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان يول ۋە يوللارنى بايان قىلىش، ئاندىن بۇ يول ۋە يوللارنى چەكلىك كىشلەر توپىغا تەتبىقلاشنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش، ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ يولدىن بىر ياكى بىرقانچىسىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يول ياكى يوللار بىلەن ئوخششىپ كىتىدىغانلىقىنى شەرھىيلەش كېرەك. لېكىن، بۇلار مېنىڭچە ھازىر مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى يۇقارقى شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي يول ياكى يوللارنى ئىنسانلار تېخى ئىدراك قىلىپ بولالمىدى.

ئەگەر بىز يۇقارقى تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلماي تۇرۇپ بەزى يوللارنى ئوسمانلىلار، ئىسلام دۇنياسى ياكى تۈركلەرگە تەتبىقلاپ، بۇنداق قىلىشىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنساق تەرتىپتىكى يېتەرسىزلىك تۈپەيلىدىن نۇرغۇن خاتالىقلار كېلىپ چىقىدۇ. گەرچە كۆپ ساندىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىشلاردا بۇ خىل خاتالىققا يول قويۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاساسسىز بولغانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىمەن.

مەسلىگە ئازراق چېگرا بېكىتىۋالايلى. ئۇنى مۇئەييەن ئىنسان توپىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ تۇرايلى. شۇنداقتىمۇ ئوخشاشلا ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك بىر سوئالغا دۇچ كىلىمىز، مۇئەييەن بىر جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟  بۇ سوئالغا جاۋاپ بەرمەي تۇرۇپ پالانىچى سىياسىي يول ياكى يوللارنى پالانچى جەمئىيەتكە پايدىلىق دېگىلى بولمايدۇ.

مەلۇم بىر جەمئىيەت مەنپەئەتىنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بېكىتىش بىر سىياسىي مەسىلە، يەنە كىلىپ تېمىسى ۋە ئۇسلۇبى تېخى ئېنىق ئايدىڭلاشمىغان سىياسىي مەسىلىلەر ئىچىدىكى  مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. سىياسەت ئىلمىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە يەشمە (دېدۇكسىيە) بىلەن يىغما (ئىندۇكسىيە) نىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش ۋە ئىختىلاپلار ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ.

بىرىنجى خىل قاراشتىكىلەر سىياسىي قائىدىلەر پۈتۈنلەي ئېدىئالدىن ئىبارەت، بۇ قائىدىلەر خۇددى ماتېماتىكىچىلارنىڭ ئاكسىئومىغا ئوخشاش ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، ئاندىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قائىدىلەرنى مىمارلار ئېنژىنېرلىق قائىدىلىرىنى تەتبىقلىغانغا ئوخشاش، جەمئىيەتكە تەتبىقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.  ئىككىنجى خىل قاراشتىكىلەر جەمئىيەتلەر ئۆزى رىئايە قىلىدىغان قائىدىلەر بىلەن بىللە ياشايدۇ ۋە ئۇ قائىدىلەرنى كېڭەيتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. بۇ جەھەتتىن، ئۇلار ئامال بار ۋاسىتە ۋە مۇھىتقا سەل قارىماسلىقى، ئاساسسىز ۋە بولمىغۇر نىيەتلەردە بولماسلىقى، ھەقىقىي ھادىسە ۋە ئەمەلىيەتتىن تارىخ ۋە ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشقا، مۇھىت، ۋەزىيەت، تەسەۋۋر ۋە ھېرىسمەنلىكلەرنى نەزەردىن ساقت قىلماسلىققا تىرىشىشى كېرەك ، دەپ قارايدۇ.

سىياسەت ئىلمىنىڭ ئۇسلۇبىدا بولغان بۇنداق ئىختىلاپلار ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ ساندىكى مەسىلىلەرگە قارىتا ئېنىق ھەل قىلىش لايىھەسى تېپىشغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. گەرچە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى نۇرغۇن تېمىلارنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتى يەنىلا تېخى ئېنىق بېكىتىلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. بۇ قارارسىزلىق بىلەن بىرلىكتە ھەر جەمئىيەت ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. تىلغا ئېلىنغان ئىجتىمائىي مەسىلە ئەمەلىيەتتە ھەر زامان، ھەممە يەردە ھەل بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش جەريانىدا مەنپەئەت دەپ چاپقان نەرسە دەل ھاياتلىقتۇر. ھاياتلىق ئىزچىل كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولغاچقا، ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كۈچ قۇۋۋەتنى شەرت قىلىدۇ. بۇ ھەربىر جەمئىيەت كۈچلىنىش ئارقىلىق مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن، جەمئىيەتلەر ئارىسىدا خۇددى كائىناتتىكى بارلىق ئېلېمېنېتلار ئارىسىدا بولغانغا ئوخشاش ئۈزلۈكسىز كۈرەش مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىزمۇ بۇ قانۇنىيەتنى قوبۇل قىلىشىمىز كىرەك. ھەر جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۇنىڭ مەۋجۇدىيىتىدە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار كۈچلۈك.

لېكىن بىز قايسى جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كىرەك؟ بۇ سوئالغا مەنتىقىلىق جاۋاپ بەرگىلى بولمايدۇ. بىز تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پايدا-مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىزيۇ نېمشىقا

سېلاۋلار ۋە ئورتودوكۇسلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغۇدەكمىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى كۆپىنچە ئەھۋالدا يەنە بىرىنىڭ زىيان تارتىشى بەدىلىگە قولغا كېلىدىغان تۇرسا، قايسى مەنتىقىلىق سەۋەپكە تايىنىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىرقىسمىنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىشىنى توغرا دېيەلەيمىز؟

بۇ سوئالغا  پەقەت بىزنىڭ تەبىئىي خاھىشلىرىمىز، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەقلىمىز تېخى تەھلىل قىلىپ بولالمىغان ۋە قىممىتىنى ھېس قىپ بولالمىغان تۇيغۇلىرىمىز جاۋاپ بىرەلىشى مۇمكىن. مەن بىر ئوسمانلى ۋە بىر تۈرك، شۇڭلاشقا ئوسمانلى دۆلىتى، ئىسلامىيەت ۋە بارلىق تۈركلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلسام دەيمەن. لېكىن بۇ ئۈچ جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى، جۈملىدىن سىياسىي، دىنىي  ۋە ئىرققا باغلىق بولغان بۇ ئۈچ خىل جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتلىرى ئوخشاش بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ يەنى، بىر ئادەمنىڭ كۈچىيىشى باشقىلارنىڭمۇ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولالارمۇ؟!

ئوسمان ئېمپىرىيەسىنىڭ مەنپەئەتى بارلىق مۇسۇلمانلار ۋە تۈركلەرنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىت ئەمەس، بەلكى ئوسمانلىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە تۈركلەر ئوسمانلىنىڭ كۈچلىنىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچلىنىدۇ ۋە بىر تايانچ كۈچكە ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئىسلامنىڭ مەنپەئەتى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە تامامەن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، چۈنكى ئىسلامنىڭ كۈچىيىشى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئوسمانلىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشىنى، بۇ سەۋەپتىن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ھازىرقى كونترولىدىكى بىر بۆلۈك كۈچنىڭ قولدىن كېتىشىنى شەرت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، تۈركلۈكنىڭ مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمان دېگەندەك دىنىي ئىختىلاپلار تۈپەيلى بۆلۈنۈشىنى ۋە ئاجىزلىشىىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

تۈركلۈكنىڭ مەنپەئەتىگە كەلسەك، بۇمۇ ئوخشاشلا يا ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ياكى ئىسلامنىڭ مەنپەئەتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئىسلام دۇنياسىنى تۈرك ۋە تۈرك بولمىغانلار دەپ ئىككىگە بۆلۈپ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئوسمانلى پۇقرالىرى ئارىسىغىمۇ نىفاق سوقۇپ دۆلىتى-ئالىيەنىڭ  زەئىپلەشتۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەر ئۈچ جەمىئيەتكە تەۋە كىشىلەر ئوسمان ئېمپېرىيەسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. ھالبۇكى، ئوسمان ئېمپېرىيەسىنىڭ مەنپەئەتى ۋە قۇدرەت تېپىشى ھازىرغا قەدەر بىز مۇنازىرە قىلىۋاتقان ئۈچ خىل سىياسەتنىڭ قايسىسىنى تەتبىقلىغان؟ بۇلارنىڭ قايسىسىنى ئوسمانلى مەملىكەتلىرىدە تەتبىقىلىغىلى بولىدۇ؟


3

ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش ئوسمانلى مەملىكەتلىرىنى ھازىرقى ھالىتىدە قوغداپ قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئوسمانلى دۆلىتى مەۋجۇت كۈچى بىلەن ھازىرقى جۇغراپىيەلىك ئورنىنى مۇداپئە قىلالاۋاتامدۇ؟  ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش پىكىرى روياپقا چىققان تەقدىردە، ھەر خىل دىنلارغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن ئەركىنلىك ۋە قانۇنىي بارەۋەرلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان شالغۇت بىر مىللەت بارلىققا كېلىدۇ ۋە بۇ مىللەت بىر دۆلەت (ئوسمانلى دۆلىتى)، بىر مىللەت (ئوسمانلى مىللىتى) پىكىرى بىلەن بىرلىشىپ دىنىي ۋە مىللىي زىددىيەتلەردىن كېلىپ چىققان توقۇنۇش ۋە ئىختىلاپلار تۈگەيدۇ.

بۇ جەرياندا رۇم ۋە ئەرمەنيىلەرگە ئوخشاش تۈرك ۋە ئەرەپلەرمۇ ئېرىپ كىتىدۇ.

ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان ئوسمانلى تۈركلىرى ۋەتىنى ۋە مىللىتىنىڭ نامىنى بىرىنچى رەھبىرى ئوسماننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ، ئەجداتلىرىنىڭ ھىممىتى بىلەن قۇرۇلغان بۇ ئېمپىرىيەنىڭ تېخىمۇ بەك بۆلۈنۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىغانلىقىدىن ئىبارەت مەنىۋى پايدىسى بىلەنلا بولدى قىلىدۇ. بەلكى ئۇزۇن ئۆتمەي ئوسمانلى نامىدىنمۇ ئۇزاق قالىدۇ. كۆپ قىسمى سابىق مەھكۇم مىللەتلەردىن (مۇسۇلمان ۋە غەيرىلىرى)تەشكىل تاپقان بۇ ئەركىن دۆلەتتە كۆپ سانلىقنىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن مەھكۇملۇقنى ئەسلىتىدىغان ئوسمانلى دېگەن بۇ ناممۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

شۇنداق بولسىمۇ، ئوسمانلى تۈركلىرى ئۇزۇندىن بىرى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن يېقىن كەلگۈسىدىمۇ دۆلەتتىكى ماددىي نوپۇزىنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، بۇ خىل يالقاۋلىق خۇسۇسىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلاردا ئەكىس ئېتىشى باشقا تەبىئىي ئەھۋاللاردا بولغانغا ئوخشاش ناھايتى قىسقا بولىدۇ.

ئوسمانلى مىللىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولغان مۇسۇلمانلارغا كەلسەك، بۇلار  كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بولغاچقا دۆلەتنىڭ مەمۇرى ئورگانلىرىدا ئاساسلىق كۈچ ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېىتىدىغاندەك، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ئىسلامىي ئېلېمېنېتلار بۇ شالغۇت توپلۇلۇقلاردا ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىششى كېرەكتەك قىلسىمۇ، بۇ پايدىلارنى ئويلىشىش بىلەن بىرگە، ئوسمانلى مىللىتىدە دىنىي ئىختىلاپلارنىڭ يوقىمىغان؛ ھەقىقىي باراۋەرلىك ئوتتۇرىغا چىقمىغان؛ ھەرخىل ئېلېمېنېتلار تېخى رەسمىي ئېرىپ بولالمىغان، دەپ ئويلايمىز.

            ئوسمانلى مىللىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشدا ئۇنىڭ تەركىۋىگە كىرىدىغان تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئاشماسلىقى ئوسمان ئېمپېرىيەسىنى زەئىپلىشىپ كېتىدۇ دېگەنلىك بولمايدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ ئەسلى مەسىلىمىز دۆلەتنىڭ قۇدرىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ كۈچ جەزمەن زورىيىدۇ.

شۈبھىسىزكى، بىرلىككە كەلگەن، مۇنتىزىم، يېغىنچاق بىر ئىپادە بىلەن دېگەندە «لاگىر» شەكىللەندۈرگەن بىر مىللەتنىڭ ئاھالىسى توختاۋىسىز تالاش-تارتىش ۋە توقۇنۇش ئىچىدىكى ئانارخىست بىر دۆلەتتىن كۈچلۈك. لېكىن ئەسلى مۇھىم مەسىلە، ھازىرغىچىلىك ئۆز-ئارا تالاش-تارتىش ۋە جەڭگە- جىدەللەر بىلەن ئۆتۈپ كېلىۋاتقان ھەرخىل دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن بىرلىشىپ، قوشولۇپ ئۆتەلىشى مۇمكىنمۇ؟

يۇقارقىلاردىن كۆرۈۋلىشقا بولىدۇكى، بۇ باپتىكى مۇلاھىزىلىرىمىز نەتىجىسىز ئاياغلاشتى. بۇنىڭدىن كىيىن غەلبىلىك بولۇپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلەرنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراش سەۋەپلىرىگە تەپسىلى قاراپ چىقايلى:

            1. بۇنداق قوشۇلۇش ۋە ئۇيۇشۇشنى مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ ئەڭ بەك ئوسمانلى تۈركلىرى خالىمايتتى. چۈنكى بۇ قوشۇلۇش ئۇلارنىڭ 600 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئادەتلىنىپ كەلگەن نورمال كۈندىلىك ھاياتى باراۋەرلىك پرىنسىپىلىرى بىلەن كونترول ئاستىغا ئېلىناتتى. بۇنىڭ ئەڭ روشەن نەتىجىلىرىدىن بىرى، ھۆكۈمەت بۇ چاغقىچە ئوسمانلى تۈركلىرىدىن قوبۇل قىلىدىغان مەمۇرلۇق ۋە ئەسكەرلىككە ئوخشاش ئورۇنلارغا باشقا مىللەتلەرنىمۇ قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. يەنى، ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ بىرقىسمى جاپاسى ئاز، ئاقسۆڭەك مىللەتلەرنى ئېلىشىنى ئاساس قىلىدىغان ۋە شەرەپلىك دەپ قارىلىدىغان بۇ خىزمەت ئورۇنلىرىنى بوشىتىپ ئىلگىرى شوغۇللىنىىپ باقمىغان، ھەتتا كۆزگە ئىلمايدىغان سانائەت ۋە تىجارەت يولىغا مىڭىشقا مەجبۇر بولۇپ قالاتتى.

2. ئىسلامچىلىق بۇنى خالىمايىتتى. مۇرتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ماددىي ۋە ئىنسانىي نۇقتىئنەزەردىن مۇھىم ئورۇندا قويىدىغان بۇ كۈچلۈك دىن، مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي باراۋەر ئىمتىيازغا ئېرىشىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ ھەمدە باشتىن-ئاخىر زىممىلەرنى ئىككىنچى قاتلام دەپ قارايتتى. ئەركىنلىككە كەلسەك، گەرچە ئىسلام دىنى ھەممە جەھەتتە باشقا دىنلارنىڭ ئەڭ ھۆررىيەپەرۋەرى بولسىمۇ، لېكىن دىن ئۈستۈنلۈك جەھەتتىن ئىنسانلاردىن يۇقۇرى تۇرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئۇ مۇتلەق ھەقىقەتلەردىن باشقا قاراشلارنى توغرا يولغا زىت دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە ۋىجداننىڭمۇ ئۈزۈل-كىسىل ئەركىن بولۇپ كىتىشىنى قوبۇل قىلالمايىتتى.

3. غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالارمۇ بۇنى خالىمايتتى. ھەممىسنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتلار نەتىجىسدە ئاشكارا بولغان پارلاق كەچمىشى، مۇستەقىل دۆلەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى بار ئىدى. مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ تۈركلەر بۇ مۇستەقىل دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىپ ھۆكۈمەتلەرنى چۆكتۈرۈپ تاشلىغانىدى. ئۇلارنىڭ ئىددىئا قىلىشىچە، ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئادالەت ئەمەس زۇلۇم، باراۋەرلىك ئەمەس ھاقارەت، راھەت ئەمەس ئازاپ ئېلىپ كەلگەنىدى. مال-دۇنياسى، ھەتتا ئىززەت نومۇسىمۇ ئاياغ ئاستى قىلىنغانىدى.

19. ئەسىر بىر تەرەپتىن بۇلارغا ئۆتمۈش، تارىخ، ھەق-ھۇقۇق ۋە مىللىتىنى تونۇتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنى، ئوسمانلى دۆلىتىنى ئاجىزلاشتۇردى. ھەتتا ئوخشاش قىسمەتتىكى بەزى دوسىتلىرى بويۇنتۇرۇقتىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈردى.

بۇ كۈچسىز ھۆكۈمدارلار(ئوسمانلى ھۆكۈمدارلىرى) مەجبۇرى ۋە تەرددۇت ئىلكىدە باشتىن–ئاخىرى پۇقرالىرىغا (غەيرى مۇسۇلمان) دوستلۇق قولىنى ئۇزاتتى. ھاكىمىيەتنى تەقسىملەش ۋە قانۇنىي جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. ئىنسانىي تۇيغۇلىرى ھۆكۈمدارلاردىن بەكرەك سەزگۈر ۋە كۈچتۈڭگۈر بۇ مەھكۇملار (ئوسمانلىدىكى غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالار ئۆزلىرىنى شۇنداق ئاتاشقان) ئۆزلىرىگە ئۇزىتىلغان قولنىڭ سەمىمىي ۋە سادىق ئىكەنلىكىنى سېزىپ تۇرسىمۇ، بۇ يېڭى سىياسىي مۇساپىدە ئوسمانلى دۆلىتىدىن مەنپەئەت ئۈندۈرۈش قەستىدە يۈرگەن بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ بېسىملىرىنىمۇ نەزەردىن ساقت قىلمىدى.

ھەتتا بەزىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئوسمانلى مىللىتىنىڭ شەكللىنشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. لېكىن ئۇلارمۇ ئەقىل-ئىدراكىدىن بەكرەك ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىغا جۆر بولۇشاتتى. ھېچقايسىسى ئۆتمۈشتىكى ئىستىقلاللىرىنىڭ جاللىتىغا ئوخشايدىغان بىر قەۋم بىلەن بىللە، ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئېرىپ يېڭى بىر مىللەت ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشكە ھەرگىزمۇ رازى ئەمەس ئىدى.

4. ئوسمانلىلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولغان روسىيە بىلەن ئۇنىڭ چاكىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ھېساپلىنىدىغان كىچىك بالقان ھۆكۈمەتلىرى خالىمايتتى. چۈنكى، روسىيە بوغۇزلارغا، ئانادولۇ ۋە ئىراققا، ئىستانبۇل ۋە بالقانلارغا، بەيتۇلمۇقەددەس تۇپراقلىرىغا ئىگە بولۇش ئارقىلىق سىياسىي، ئىقتىسادىي، مىللىي ۋە دىنىي غەرەزلىرىگە يىتىشنىڭ كويىدا ئىدى. روسىيە دېڭىز بوغۇزىنى قولغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق دېڭىز ئارمىيەسىنى قارا دېڭىزغا ئوخشاش چوڭ بىر پورت بىلەن تەمىن ئېتەتتى. ھەمدە ئەڭ مۇھىم سودا لىنىيەلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان ئاق دېڭىزدا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارالايىتتى، ئاندىن خالىغان چاغدا ئۇ مۇستەھكەم پىستىرمىدىن ھالقىپ دەۋرىمىزنىڭ ھىندى كارۋانلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولمىش ئىنگىلىزلارنىڭ سودا ۋە ئۇرۇش پاراخۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ھوسۇللۇق مۇستەملىكە يولىنى كېسىپ تاشلايتتى. قىسقىسى، ئۇزۇندىن تارتىپ كۆز تىكىپ كېلىۋاتقان ھىندىستاننىڭ غەرب تەرىپىدىكى مۇھاسىرىسىنى كۈچەيتەتتى. ئانادولۇغا ئىگە بولۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ مۇنبەت ۋە بەرىكەتلىك قىتئەسىنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالاتتى. ئىراققىچە ئۇزىراپ پۈتۈن غەربىي ئاسيانى ئىشغال قىلغاندەك ھىندىستاننىڭ غەربىي قوۋۇقلىرىغا قەدەر يېتىپ باراتتى. بەلكى، روسىيە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ۋە شۇ ۋەجىدىن ئىسلامىيەتنىڭ مۇقەددەس تۇپراقلىرىغا ئالاقىدار تىركىشىشلىرىمۇ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن مەۋجۇت تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلىشى مۇمكىن ئىدى. خۇلاسە كالام، بوغۇزلار ۋە ئوسمانلى ئاسياسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق روسىيە غايەت زور سىياسي ۋە ئىقتىسادىي غەلبىلەرگە ئېرىشەتتى.

بالقانلارنى كەڭ ئېمپېرىيە زېمىنغا قوشۇۋىلىپ شىمالىي ۋە جەنۇبىي سېلاۋلارنى بىرلەشتۈرەتتى. شۇنداق قىلىپ ئاياسوفىياغا كىرسىت بەلگىسى قادايتتى ۋە بۇيەرنى ئورتودوكۇسلۇقنىڭ ئەنئەنىۋى بۆشۈكى، يەنى روسلارنىڭ دىنىي مەنبەسى قىلىپ جاكارلايتتى. كامامە مەسجىتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈپ، خىرىستىيانلىقنىڭ مەنبەسىنى ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىن باشلاپ ھېسابلايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرەتتى. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەددىدىن زىيادە دىندار، تەقۋادار پۇقرالىرىنى، ئۇلار ئارزۇ قىلغان ئەمەللەرنى، يەنى دىن ۋە روھىي جەھەتتىكى ئەمەللىرىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرەتتى. بۇ مەقسەتلەرنىڭ ئوڭاي ئەمەلگە ئېشىشى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئوسمانلى پۇقرالىرىنىڭ دائىم نىفاق ئىچىدە بولۇشى ۋە جەڭگە- جىدەل قىلىپ تۇرۇشىغا باغلىق ئىدى. شۇڭلاشقا، روسىيە ئوسمانلى مىللىتىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە ھەرگىزمۇ رازى ئەمەس ئىدى.

ئەينى چاغدا يېڭىدىن سىياسىي مۇستەقىللىقكە ئېرىشكەن سېرىپ ۋە يۇنان دۆلەتلىرى تۈركلەرنىڭ بويۇنتۇرقىدا قالغان مىللەتداشلىرىنى كۆپەيتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوسمانلى پۇقرالىرىنىڭ بۆلۈنۈشى، ئىختىلاپلىشىشى كىرەك ئىدى. بۇ دۆلەتلەرمۇ مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلاتتى.

5. ياۋروپالىقلارنىڭ بىر قىسمى بۇنى خالىمايتتى. چۈنكى، ياۋروپادا جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىۋاتقان بەزى كىشلەر تېخىچە ئىسلام ۋە خىرىستىيانلىق زىددىيىتىدىن،  ئەھلىسەلىپ ئۇرۇش ئەنئەنىلىرىدىن ئۈزۈل-كىسىل قوۇتۇلۇپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ناسارالارنى ئىسلام ھاكىمىيتىدىن قۇتقۇزۇش، كېرىسىتنى، ھەتتا كېرىسىتنىڭ كىچىك بىر پارچىسىنىمۇ ھىلال ئاستىدا تەرك ئەتمەسلىك، ناسارالاردىن باشقىلارنى دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئارزۇسىدا ئىدى. بەزىلىرى ماتېرىيالىستىك نۇقتىئنەزەردىن مۇھاكىمە قىلىپ، تەرەققىيپەرۋەر ياۋروپا مىللەتلىرىنى ياۋايى، زالىم، ئۇرۇش قىلىشىتن باشقا بىرەر ماھارىتى بولمىغان تۇرانلىقلارنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتقۇزۇش ۋە بۇ ئاسىيالىقلارنى ئاسىيا سەھرالىرىغا قوغلىۋىتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما، بۇ ئىككى پىكىر دائىم بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ قالاتتى، قايسىسىنىڭ قايسىسدىن كىلىپ چىققانلىقىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مۇرەككەپ ئىدى.

           دېمەككى، ئوسمانلى مىللىتىنى ئوسمانلى مەملىكەتلىرىدىكى بارلىق قەۋملەرنىڭ ئارزۇسىنىڭ تەتۈرىسىچە، تاشقىي توسالغۇلارنى ئويلاشماستىن، ئوسمانلى ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىدىكى بىرقانچە كىشى، بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى (بولۇپمۇ ئۈچىنچى ناپالىيۇننىڭ فرانسىيەسنى) ئۈلگە قىلىپ بەرپا قىلاتتى. بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ ناھايىتى مۇشەققەتلىك ئىدى. ئىش بېشىدىكى زاتلار ئاساسەن داھىيلار بولغاچقا، بۇ قىيىنچىلىقلارغا كۆكرەك كىرىپ چىقىش ئېھتىمالى يوق دېيەرلىك دېيىشكە بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

شۇنىڭدىن تاتىپ تىلغا ئېلىنغان توسالغۇلار ھېچ ئازلىمىدى. ئەكسىچە كۆپەيدى، چوڭايدى. ئابدۇلھەمىتنىڭ ئىسلامىي سىياسىتى مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئۇلغايتىۋەتتى. مۇسۇلمان بولمىغان پۇقرالارغا قارشى كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسىي قائىدىلەر كۈچەيتىلدى. مۇسۇلمان بولمىغان يەنە بىر قىسىم خەلق مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىپ باشقىلارنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتتى.  روسىيەنىڭ كۈچ-قۇدىرىتى ۋە شان- شۆھرىتىنىڭ كۈنسىرى ئېشىشى ئوسمانلى دۆلىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. سېرپ، يۇنان، يەھۇدىي، كاراداغ ۋە بۇلغار قاتارلىق مىللەتلەر ئىسيان كۆتۈردى. ياۋروپالىقلار تۈركلەرگە تېخىمۇ بەك سەلبىي نەزەر بىلەن قاراشقا باشلىدى. ئوسمانلى مىللىتى سىياسىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچسى بولغان فرانسىيە، پارىژ ئەھدىنامىسدىكى مەرتلىكىنى بۇزۇپ روسىيەنىڭ چاپارمەنلىكىنى قىلدى. خۇلاسە شۇكى، مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بۇ سىياسەتكە پۈتۈنلەي قارشى بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالدى. شۇڭلاشقا زاماننىڭ شەرت-شارائىتلىرى تۈپەيلى ئەمدى ئوسمانلى مىللىتى بەرپا قىلىمەن دەپ يۈرۈش بىھۇدە ئۆزىنى ھاردۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەمدى بىز «ئىسلام بىرلىكى» سىياسىتىنىڭ ئوسمان ئېمپېرىيەسى ئۈچۈن پايدىلىق ياكى ئەمەسلىكىنى، تەتبىقلىغىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى:

يۇقىرىدا ئىما قىلىپ ئۆتۈلگىنىدەك، بۇ سىياسەتنى قوللانغان ئەھۋالدا، ئوسمانلى خەلقى ئوتتۇرىسىدا دىنىي قارشىلىق ۋە دۈشمەنلىك ئۇلغىيىپ كىتەتتى. شۇنىڭ بىلەن غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالار ۋە ئۇلار ئولتۇراقلاشقان زېمىننىڭ بىر قىسمى قولدىن كىتەتتى، نەتىجىدە ئوسمان ئېمپېرىيەسى ئاجىزلايىتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركلەر ئارىسدا مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەر دېگەن پەرق پەيدا بولاتتى. ئىرقىي قىرىنداشلىق دىنىي زىددىيەت تۈپەيلى بۇزۇلاتتى.

لېكىن، بۇ كەمچىلىكلەر مەۋجۇت بولسىمۇ ئوسمانلى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارىي قىسمىدا مۇسۇلمانلار ۋە ئۇنىڭ بىر قىسمى بولغان تۈركلەر ناھايتى كۈچلۈك بىر رېشتە بىلەن مۇستەھكەم بىرلىك ھاسىل قىلالايدۇ. ئوخشىمىغان مىللەت ۋە دىنلاردىن يارىتىلىدىغان «ئوسمانلى مىللىتى» گە سىلىشتۇرغاندا «ئىسلام بىرلىكى» بەكرەك مۇستەھكەم  بولىدۇ. گەرچە بۇ سەۋەپتىن دۆلەت مال- مۈلۈك، ئۆرپ-ئادەت، زېمىن جەھەتتە بىرئاز چىكىنگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما كۈچلۈك بىر توپلۇلۇق، يەنى كۈچلۈك بىر ئىسلامىي توپلۇلۇق بەرپا قىلاتتى.

تېخىمۇ مۇھىمى، دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كۈنسىرى كۈچلىنىپ ئىتتىپاقلىشىشى، ئانگلو-ساكسون، نېمىس، سېلاۋ، لاتېن، بەلكى سىرىق تەنلىكلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كىلىدىغان چوڭ كۈچلەر ئوتتۇرىسدا مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان، ئىدىيەۋى يىتەكچىسى دىن بولغان بىر كۈچنىڭ ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن تەييارلىناتتى.  شۈبىھسىزكى، بۇ «يۈكسەك ئەمەل»گە ئۇلاشقىچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت كىتشى ئېنىق.

  دەسلىپىدە پەقەت ھازىرقى مەنىۋى مۇناسىۋەتلەر كۈچلەندۈرۈلۈپ، كەلگۈسىدىكى توپلۇلۇقنىڭ مەۋھۇم بىر لاھىيەسى تەييارلىناتتى. بۇ جەرياندا ئەسلى غايە تەدرىجىي ئاشكارا بولاتتى. ئىجابىي، ئېنىق ۋە يېڭىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ئۇلۇغ، سۈرلۈك مەنىۋى كىملىكلەر بىلەن سالاھىيەتلىنەلەيدىغان ئاسىيانىڭ چوڭ بىر قىسمى ۋە ئافرىقانىڭ يېرىمدىن كۆپراقىنى تەشكىل قىلىدىغان مەنىۋى بىر شەخس (كىملىك) ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلەتتى.

لىكىن، بۇ سىياسەتنى ئوسمانلى دۆلىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولارمۇ؟

ئىسلام دىنى سىياسەت ۋە جەمىئيەت ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بىرىدىغان دىنلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىدىن بىرى«دىن ۋە مىللەت بىردۇر» دېگەن شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىتى ۋە مىللىي تۇيغۇلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. تىل، كەچمىش ۋە سەزگۈرەشتىلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇۋىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

«ئىسلام كۈچلۈك بىر تۈگمەندۇركى، ھەرخىل مىللەتلەرنى ۋە ئوخشىمىغان دىنلارغا ئىتىقاد قىلدىغان كىشىلەرنى  دىنى بىر، مىللىتى بىر، ئوخشاش ئىمتىيازغا ئىگە، بىر- بىرسىدىن پەقەتلا پەرقى بولمىغان مۇسۇلمان قىلىپ تارتىپ چىقىرىدۇ....»

ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا قۇدرەتلىك ۋە مۇقىم بىر سىياسىي تەشكىل بار ئىدى؛ ئاساسىي قانۇنى قۇرئان كەرىم، رەسمىي تىلى ئەرەبچە ئىدى. سەرخىل بىر يولباشچىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە  مۇقەددەس بىر مەدەنىيەت مەركىزى بار ئىدى . لېكىن باشقا دىنلارنىڭ تارىخىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئىسلام دىنىدىمۇ مەلۇم باسقۇچلارغىچىلىك ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئىرقىي مەسىلىلەر ۋە ھەرتۈرلۈك ھادىسىلەر تۈپەيلى دىنىي بىرلىك مەلۇم دەرىجىدە بۇزۇلدى. ھىجرەتتىن بىر ئەسىر كىيىن بولسا كىرەك، ئەرەپ ۋە ئەجەم مىللەتلىرى زىددىيىتى، ئۇمەۋىيە ۋە ھاشىمىيە خاندانلىقلىرىنىڭ بىر بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىشى تەرزىدە زاھىر بولدى ۋە ئىسلام بىرلىكىگە ساقايماس يارا ئاچتى. بۇ يارا كەڭ كۆلەملىك سۈنئى ۋە شىئە توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىر مەزگىلدىن كىيىن ئەرەب ۋە ئەجەملەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا تۈرك، بەربەر دېگەندەك باشقا ئېلېمېنېتلارمۇ (مىللەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ-ت) قوشۇلۇپ تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى.

بۇلار (ئەجەم ۋە ئەرەپلەر) ئىسلام دىنىنىڭ باراۋەرلىك، بىرلىك پرىنسىپلىرى ۋە ئىجرادىكى قاتتىقلىقىغا قارىماي، مىللىي تۇيغۇلىرىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى قىسمەن بولسىمۇ ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامىي پىكىر ۋە ئىسلامىي سىياسەت تېخىمۇ بەك بۇزۇلدى. شەرقتە غەربتىكىگە ئوخشاش تەۋافى مۈلۈك(بەگلىكلەر ئىدارە قىلىدىغان سىياسى تۈزۈلمە) بارلىققا كەلدى. ئىسلام خەلىپىلىكى مۇسۇلمانلار ئۈستىدىكى مەنىۋى رھبەرلىكىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ساقلاپ قالالىغان بولسىمۇ، ئىسلام دۆلەتلىرى ھەر تەرەپكە تارالغان كىچىك-كىچىك ۋە قسىقا ئۆمۈرلۈك ئەمىرلىك، سەلتەنەت، شاھلىق ۋە پادىشاھلىقلارغا بۆلۈنۈپ پارچىلىنىپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسلام خەلىپىسى ئىككى ھەتتا ئۈچكە كۆپەيدى. رەسمىي تىل ۋە دىنمۇ بىرلىكىنى يوقاتتى. ئەجەم تىللىرىمۇ ئەرەب تىلىغا ئوخشاس نوپۇز ئىددىئاسى قىلدى.

شۇنداق بىر ۋاقىتلار كەلدىكى، ئىسلامىي نۇپۇز ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىدى. ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ بىرقىسمى قولدىن كىتە، كىتە چوڭ بىر قىسمى، ئۈچتە بىرىنىڭ كۆپرەكى خىرىستىيان دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتۈپ ئىسلامىيەتنىڭ بىرلىكىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىدى. ئىسلامىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە پۈتۈنلەي يوقىتىش مەقسەت قىلىنىپ يوقىتىلىپ بولالمىغان قەۋمىي، مىللىي تەئەسسۇپلۇق يېقىنقى مەزگىللەردە غەرب پىكىرلىرىنىڭ تەسىرىدە ناھايىتى ئاز بولسىمۇ باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.

كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان مۇشۇنچىۋالا ۋەقەلەر يۈز بىرىپ تۇرسىمۇ، ئىسلام دىنى يەنىلا ناھايىتى قۇدرەتلىك ئىدى. چۈنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىگە دىنىغا نىسبەتەن قىلچىلىك شۈبھە ياكى تېخىمۇ مۇھىمى ئىمانسىزلىق كىرمىگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئاساسەن كۆپىنچە ئىخلاسمەنلەر دىن ئۈچۈن ھەرقانداق پىداكارلىقتىن باش تارتمايدىغان دەرىجىدە ئىتائەتچان، دىنىي تۇيغۇلىرى كۈچلۈك كىشىلەر ئىدى.

بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى قانۇنلىرى ئىسلام شەرىئىتىدىن پەرقلىق بولۇش بىلەن بىرگە، ئاساسى يەنىلا ئىسلام شەرىئىتىدەك كۆرسىتىلىدۇ. ئەرەپ تىلى تېخىچە بىردىنبىر دىنىي تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ، ھەتتاكى نۇرغۇن جايلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي تىلىمۇ ئەرەپچە. ئىسلامىي مەدرىسەلەردە ئاز بىرقىسىم مۇسۇلمانلارنى ھېساپقا قاتمىغاندا، تېخىچە بىرخىل پىروگىرام بىلەن بىرخىل تىلدا (ئەرەپ تىلىدا) ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشتۇرۇلىۋاتىدۇ. خۇلاسە كالام، ئىسلام مەدەنىيىتى ئاۋۋالقىغا ئوخشاشلا داۋام قىلىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.

بۈگۈنمۇ مۇسۇلمانلار مەن تۈرك ياكى مەن ئىرانلىق دېيىشتىن بۇرۇن «ئەلھەمدۇلىللاھ مەن مۇسۇلمان» دەيدۇ. ھېلىھەم ئسىلام دۇنياسىنىڭ چوڭ بىر بۆلىكى ئوسمانلى تۈركلىرى خاقانىنى ئىسلام خەلىپىسى، دەپ ئېتراپ قىلىدۇ. ھازىرمۇ بارلىق مۇسۇلمانلار كۈندە بەش ۋاقىت قىبلىگە يۈز كەلدۈرىدۇ ۋە كەبەتۇللاھقا يۈزىنى سۈرتۈپ ھاجەرى ئەسۋەدنى سۆيۈش ئۈچۈن تولۇپ تاشقان ھاياجان ۋە تەلپۈنۈش ئىچىدە دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىن تۈرلۈك-تۈمەن مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ ھەرەمگە قاراپ چاپىدۇ. ئىككىلەنمەستىن يەنە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىسلام يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك بىر دىندۇر. شۇڭلاشقا، «ئىسلام بىرلىكى» سىياسىتىنى تەتبىقلاشتا دۇچ كىلىدىغان ئىچكى توسالغۇلارنى يېڭىش ئانچە تەسكە توختىمايدۇ. لىكىن، تاشقىي توسالغۇلار ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ. ھەقىقەتەن بىرتەرەپتىن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك خىرىستىيان دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، يەنە بىر تەرەپتىن بىر ئىككىسىدىن باشقا بارلىق خىرىستىيان دۆلەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرى بار.

ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن بولسىمۇ چېگرالىرى سىرتىدىكى بىر سىياسىي مەركەزگە بويسۇنۇشىنى، كەلگۈسىدە مۇھىم غەلبىلەرگە ئېرىشىش ئىھتىماللىقى بولغان بىر پىكىرگە خىزمەت قىلىشىنى، مەنپەئەتلىرىگە زىت دەپ قارايدىغان بولغاچقا بۇنداق بىر بىرلىكنىڭ قۇرۇلۇشىغا ھەردائىم توسالغۇلۇق قىلىش ئىستىكىدە بولىدۇ. نۇپۇزى ۋە سىياسىي كۈچىگە تايىنىپ بۇ ئىستەكلىرىنى ئىجرا قىلالىشىمۇ تەسكە توختىمايدۇ. شۇڭلاشقا، زامانىمىزنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئىسلام دۆلىتى بولغان ئوسمانلى دۆلىتىنىڭمۇ رەسمىي شەكىلدە «ئىسلام بىرلىكى» سىياستىنى تەتبىقلىشىغا ناھايېتى ئوڭۇشلۇق ھالدا پۇتلىكاشاڭلارنى پەيدا قىلىدۇ.

«تۈركلەرنىڭ بىرلىكى» سىياسىتىدە قولغا كىلىدىغان ئۇتۇقلارغا كەلسەك، ئوسمانلى مەملىكەتلىرىدىكى تۈركلەر ھەم دىنىي، ھەم ئىرقىي مۇناسىۋىتى سەۋەپلىك بىر-بىرىگە بەكلا يېقىن. دىنىي جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى سەۋەبىدىن تېخىمۇ بەك يېقىنلىشىدۇ ۋە بىرلىشىدۇ. شۇنداقلا، تۈرك بولمىسىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تۈركلەشكەن باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر تۈركلۈكنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە توپلۇمغا ھېچ سىڭىشمىگەن، مىللىي ئېڭى ۋە ۋىجدان تۇيغۇلىرى ئۆلۈك خەلقلەر تۈركلەشتۈرۈلىدۇ.

لېكىن ئەڭ چوڭ پايدا تىللىرى، ئىرقلىرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، ھەتتا كۆپىنچىسىنىڭ دىنلىرى بىر بولغان، شۇنداقلا ئاسىيا قىتئەسىنڭ چوڭ بىر قىسمى بىلەن ياۋروپا قىتئەسىنىڭ شەرقىگە تارالغان تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشى ئىدى.  ئوسمانلى تۈركلىرى باشقا چوڭ مىللەتلەر  ئارىسدا مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدىغان كەڭ كۆلەملىك بىر سىياسىي مىللەتنىڭ بەرپا قىلىنىشغا خىزمەت قىلالايىتتى ۋە بۇ توپلۇلۇقتا ئوسمانلى دۆلىتى تۈرك توپلۇلۇقلىرى ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ تەرەققى قىلغان ۋە ئەڭ زامانىۋىلاشقانلىقى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايىتتى. يېقىن تارىختا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر كىشىنى «كەلگۈسىدە مەيدانغا كېلىدىغان ئاق ۋە سېرىقلارنىڭ دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا بىر تۈركلۈك دۇنياسى ۋۇجۇتقا كىلىپ، ئوتتۇرىدىكى بۇ دۇنيادا ئوسمانلى دۆلىتى ھازىرقى ياپۇنىيەنىڭ سېرىقلار دۇنياسىدا ئۈستىگە ئالىدىغان ۋەزىپسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ»، دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قوياتتى.

بۇ پايدىلارغا پاراللېل ھالدا ئوسمانلى مەملىكەتلىرىدە ياشايدىغان تۈركلەردىن باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ۋە تۈركلىشىش ئىھتىمالى بولمىغان قەۋملەرنىڭ ئوسمانلى دۆلىتىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كىتىش ۋە ئىسلامىيەت تۈرك ۋە تۈرك ئەمەس دەپ ئايرىلىپ ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ تۈرك ئەمەس مۇسۇلمانلار بىلەن رەسمىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ (سىياسى ئىگىدارچىلىق كۆزدە تۇتىلىدۇ-ت) ئۈزۈلىشىگە سەۋەپ بولىدىغان سەلبى تەرەپلىرىمۇ بار. تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ تەتبىقلىنىش جەريانىدىكى ئىچكى توسالغۇلار ئىسلام سىياسىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ. گەرچە غەربنىڭ تەسىرىدىن تۈركلەر ئارىسىغا مىللەت پىكىرلىرى ئېقىپ كېرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، يۇقاردا ئىيتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، بۇ ھادىسە تېخى بەكلا يېڭى. تۈركلۈك پىكىرى تۈرك ئەدەبىياتى ۋە تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈش تەسەۋۋۇرى تېخى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئوخشايدۇ. ئىسلامىيەتتىكى ئۇ مۇنتىزىم تەشكىلىي قۇرۇلمىدىن، ئۇ پىداكىرانە ھايات ۋە قايناق ھېسسىياتتىن، قىسقىسى مۇستەھكەم بىرلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ماددىلاردىن ۋە تەييارلىيالايدىغان خام خۇرۇچلاردىن ھېچبىرى تېخى تۈركلۈكتە مەۋجۇت ئەمەس. بۈگۈن تۈركلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆتمۈشىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۇنتۇشقان ھالدا ياشاۋاتىدۇ.

لېكىن شۇ ئۇنتۇلماسلىقى كىرەككى، نۆۋەتتە بىرلىشىش ئېھتىماللىقى بولغان تۈركلەرنىڭ كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان. بۇ جەھەتتىن ئىسلام دىنى بۈيۈك تۈرك مىللىتىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىدە مۇھىم بىر ئامىل بولالىشى مۇمكىن. مىللەتكە ئېنىقلىما بىرىۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى ھېلىھەم دىننى بىر ئامىل دەپ قارايدۇ. ئىسلام تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشىدە بۇ خىزمەتنى ئورۇندىيالىشى ئۈچۈن يېقىندا خىرىستىيان دىنىدا قوبۇل قىلىنغانغا ئوخشاش، مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى قوبۇل قىلالايدىغان تەرزدە ئۆزگىرىشى كىرەك. بۇنداق بىر ئۆزگىرىش مەجبۇرىيدۇر. تارىختىن بېرى يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئومۇمەن ئىرقنى ئاساس قىلغان. دىنلار دىنىي سەزگۈرلۈكلىرى تۈپەيلى بارا-بارا سىياسىي ئەھمىيىتىنى، سىياسىي كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئىجتىمائىيلىشىشتىن بەكرەك خۇسۇسىيلىشىپ كىتىدۇ. جەمئىيەتتە ۋىجدان ئەركىنلىكى دىنىي بىرلىكلەرنىڭ ئورنىغا دەسسەيدۇ. دىنلار جەمىئىيەت تەرتىۋىنى ساقلاش ۋەزىپىسدىن ۋاز كېچىپ مەنىۋى رەھبەرلىك ۋە مۇرشىدلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىسلام دىنى پەقەتلا ياراتقۇچى(ئاللاھ) بىلەن يارىتىلغۇچى(بەندىلەر) ئارىسدىكى كۆۋرۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەپتىن دىنلار پەقەت ئىرقلار بىلەن بىرلىشىپ ئىرقلارغا ياردەمچى ھەتتا خىزمەتچى بولغاندىلا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

تاشقىي توسالغۇلار ئىسلامىي سىياسەت دۇچ كىلىدىغان توسالغۇلارغا سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر ئاجىز بولىدۇ. چۈنكى، خىرىستىيان دۆلەتلەر ئىچىدىن پەقەت بىرسىنىڭ، يەنى روسىيەنىڭلا مۇسۇلمان تۈرك پۇقرالىرى بار. بۇ ۋەجىدىن مەنپەئەتلىرى سەۋەپلىك تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان كۈچ پەقەتلا روسىيە بولىدۇ. باشقا ناسارا دۆلەتلىرىگە كەلسەك، بۇ سىياسەت روسىيەنىڭ زىينىغا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن تۈرك بىرلىكىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلارمۇ چىقىپ قىلىشى مۇمكىن.

بۇ مۇلاھىزىلەردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش ئوسمانلى دۆلىتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان تەقدىردىمۇ تەتبىقلىغىلى بولمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ياكى تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشىگە دائىر سىياسەتلەردىمۇ ئوسمانلى دۆلىتىگە تەڭ دەرىجىدە پايدا ۋە زىيان بار. تەتبىقلىنىش جەريانىدا كۆرىلىدىغان قولايلىق ۋە قىيىنچىلىقلارنىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.

بۇنداق شارائىتتا قايسى سىياسەتنى يولغا قويۇش كىرەك؟ «تۈرك» گېزىتىنىڭ ئىسمىنى ئىشىتكىنىمدە، نىھايەت مېنى ھەمىشە بىئارام قىلىدىغان شۇ سوئالغا جاۋاپ تاپالايدىغان بولدۇم، دەپ ئۈمىد ئىلكىدە گېزىتنىڭ ئىسمىگە ئۇزۇن-ئۇزۇن قاراپ سوئالىمنىڭ جاۋابى «تۈركلۈك سىياسىتى» بولىدىكەن، دەپ پەرەز قىلغانىدىم.

لېكىن ئايان بولدىكى، «ھوقۇقى ھىمايە قىلىنىدىغان، زېھىنلىرى پاكلىنىدىغان، پىكىرلىرى سۆيۈندۈرۈلىدىغان «تۈرك» مەن ئويلىغاندەك ھېلىھەم خانبالىقتىن كاراداغقا، تېمۇر يېرىم ئارىلىدىن نىگىرلار يۇرتىغا قەدەر ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقانىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى قاپلىغان ئۇلۇغ ئىرققا مەنسۇپ بىر«تۈرك» بولماستىن، بەلكى ئوسمانلى دۆلىتى پۇقراسى بىر غەربىي تۈرك ئىكەن. «تۈرك» پەقەت ئۇلارنى كۆرىدۇ، ئۇلارنى تونۇيدۇ. ھەمدە مىلادى 4-ئەسىردىن بىرى ۋە فرانسۇز مەنبەلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنى بىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بىر دۆلەتتە ياشايدىغان، ئۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بولغان مۇسۇلمان، غەيرى مۇسۇلمانلارنىلا ئەجنەبىي مىللەتلەرگە قارشى  ئۇلارنىڭلا «ھوقۇقىنى ھىمايە قىلشىنى» خالايدۇ. «تۈرك» ئۈچۈن تۈركلۈكنىڭ ھەربىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي كەچمىشى پەقەتلا خۇداۋەندىگارلاردىن، ڧاتىھلەردىن، سەلىملەردىن، ئىبنى كاماللاردىن، نەڧىلەردىن، باكېلەردىن، ئەۋلىيا چەلەبىلەردىن، كاماللاردىن ئىبارەت. تۈركلەرنىڭ كەچمىىشى ئوغۇز، چىڭگىز، ئۇلۇغبەگ، ڧارابى، ئىبنى سىنا، تەڧتازانى ۋە نەۋائىيلەرگە قەدەر يېتىپ بارالمايدۇ.

ئاندا-ساندا ئىسلامىيەت، خىلاڧەت سىياسىتىگىمۇ يېقىنلاشقاندەك قىلىدۇيۇ، بىرلىشىدىغان تۈركلەرنىڭ دېگۈدەك ھەممىسى مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبىدىن، مۇھىم جەريانلارغا ئىشتىراك قىلغان ئىسلام ۋە تۈرك سىياسەتلىرىنىڭ ھەرئىككىلىسنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىمەكچى بولدۇق دەپ قارايدۇ. لېكىن، بۇ پىكىرىمۇ ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. چىڭ تۇرۇپمۇ كەتمەيدۇ.

قىسقىسى، ئۇزۇندىن بىرى زېھنىمنى قاماللاپ، ئۆز-ئۆزۈمنى قانائەتلەندۈرىدىغان بىر جاۋاپ تاپالمىغان سوئال يەنە ئالدىمدا قادىلىپ جاۋاپ كۈتمەكتە. مۇسۇلمانلىق ۋە تۈركلۈك سىياسەتلىرىدىن قايسىسى ئوسمانلى دۆلىتى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق  ۋە تەتبىقلىغىلى بولىدۇ؟

روسىيە زويا يېزىسى

1904-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى












جاۋابىمىز[1]

ئەلى كامال


تۇنجى سانىمىزنىڭ مۇقەددىمىسىدە ناھايىتى تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن بولساقمۇ، بىزدىن يەنە  گېزىتىمىزنىڭ ئاساسىي نىشانى ھەققىدە ئىزاھات بېرىش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ. گېزىتىمىزنىڭ ئالدىنقى سانلىرىدا «ئۈچ خىل سىياسەت» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇزۇن بىر ماقالىدىكى تۈرك بىرلىكى، ئىسلام بىرلىكى ۋە ئوسمانلى مىللىتى دەپ نام بېرىلگەن ئوخشىمىغان ئۈچ خىل سىياسىي پوزىتسىيە ئىچىدىن قايسىسىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى چۈشىنەلمىدۇق، دېىيىشىۋاتىدۇ.

باشقا تېمىغا ئۆتۈشتىن ئىلگىرى بۇ چۈشىنىلمەسلىككە جاۋابەن شۇنداق دەيمىزكى، بىزگە نىسبەتەن تۈركنى ئىسلامدىن، ئىسلامنى تۈركتىن، تۈرك ۋە ئىسلامنى ئوسمانلىلىقتىن، ئوسمانلىلىقنى تۈركتىن، ئىسلامدىن ئايرىيمەن دېيىش بىرنى ئۈچ قىلىمەن دېگەنلىك. بۇلارنى خىيال قىلىپ باقساقمۇ، پىكىرىمىزگە ئايلانمايدۇ.

بۇلارنى قەغەز يۈزىدە ئايرىش، ئاندىن چارىسىز تارىخنى، ئىشنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بىچارىلەرنىڭ ئېغىزى، تىلى ياكى بۇ يۈزەكىي پىكىرلەرگە ئاساسەن دەۋرمۇ-دەۋر، سىنىپمۇ-سىنىپ خالىغانچە بۆلۈپ بىر دەۋرنى ئىسلام بىرلىكىگە، يەنى بىر دەۋرنى ئوسمانلى مىللىتىگە، ئەڭ ئاخىرقىسىنى تۈرك بىرلىكىگە ئايرىش ناھايىتى ئاسان. چۈنكى بۇلار ئىلمىي مۇنازىرە ۋە ئەدەبىي ماھارەتلەردىن ئىبارەت. ئەمما«تۈرك» گېزىتى دۇرۇس ھەرىكەتلىرىنى بۇ يولغا پىدا قىلالمايدۇ. تۈرك گېزىتى ھەقىقەتچىل، ئەمەلىيەتچىل يول تۇتىدۇ. شۇ ھەقىقەتكە ھەممىمىز ئىشىنىشىمىز كىرەككى، پادىشاھلىرىمىز، ھۆكۈمەت ئەرباپلىرىمىز، ھەتتا ئۆلىما ۋە شەيىخلىرىمىز ئىچىدىن تۈركنى ئىسلامدىن، بولۇپمۇ ئىسلامنى تۈرۈكتىن، تۈرك ۋە ئىسلامنى ئوسمانلىلىقتىن بەكرەك سۆيىدىغانلار، ئۈستۈن كۆرىدىغانلار بولدى، ئەلۋەتتە بولدى. چۈنكى، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بەزىلىرىمىز دىندار، بەزىلىرىمىز ئەركىن پىكىرلىك بولىمىز. بۇ گەپ-سۆز، ئىش-ھەركەتلىرىمىزدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ پادىشاھلىرىمىز، ۋەزىرلىرىمىز ۋە مۇتەپەككۇرلىرىمىز ئىچىدىن ھېچكىم ئۆتمۈشتە ياكى يېقىن تارىخىمزدا ئىسلام بىرلىكى، ئوسمانلى مىللىتى، تۈرك بىرلىكى قۇرىمىز دەپ ئۆزىنى ئۇپراتمىدى. سۇلتان مەھمۇت ۋە رەشىد پاشادىن تاكى ئەلى، فۇئات ۋە مىتھات پاشالارغىچە چوڭلىرىمىزدىن ھېچبىرى بۇلغار[2]، سېبىر[3]، ئەرمەنى[4]، ئۇلاھى[5]، مارۈنى[6] ۋە كەلدانى قاتارلىق مىللەتلەرنى ئوسمانلى مىللىتى ئىچىدە ئېرىتىۋىتىمىز، دېگەن خيالدا بولمىدى.  چۈنكى ھەممىسى شۇنى ئېنىق بىلەتتى: فرانسىيە ئىنقىلابىدىن كىيىن ياۋروپادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ئويغىنىشقا، ئۆتمۈشىدىن كەلگۈسىگە قاراپ يۈزلىنىشكە، مەۋجۇتلۇقىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتىشكە ۋە ئارزۇلاشقا باشلىغان بۇ مىللەتلەرنى ئوسمانلى مىللىي بىرلىكى يارىتىمىز دەپ ئاسمىلاتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئوچۇقىنى دېگەندە ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق بولاتتى. كىشىنىڭ ئەقلىگىمۇ سىغمايىتتى. ئوسمانلىنىڭ ھاكىمىيەت ئەندىزىسىنى ياۋروپانىڭ يېڭى پىكىرلىرىگە ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، دەۋر سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پايدىلىنىپ بۇ قەۋملەرنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمرانلىقىمىز ئاستىدا تۇتۇشقا تىرىشىش نورمال ۋە مۇۋاپىق ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى. تېخىمۇ توغرىسى شۇنداق بولۇشى ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەر سەرپ قىلىندى. مەسىلىنىڭ ماھىيىتى مۇشۇنداق ئاددى ۋە ئوچۇق تۇرسا، خەلقلەرنىڭ دىن ۋە مىللەت زىددىيەتلىرىنى ئويلاشماستىن يالغۇز بىر مىللەتنى ئاساس قىلىپ، باشقا مىللەتلەرنى قوشۇۋىلىش ۋە ئوخشىتىۋىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى ئامېرىكا خەلقىگە ئوخشاش ئورتاق بىر ۋەتەن ئېڭى بىلەن بىرلىككە كەلگەن يېڭى بىر مىللەت، ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش خىيالىغا غەرق بولۇش ئوچۇقىنى دېگەندە بىزگە غەلىتىراق تۇيۇلىدۇ. بۇ پىكىرنى بىرەر پادىشاھ ياكى بىرەر ۋەزىرنىڭ پىكىرى دېيىش ئاسان. ئەمما بۇنى تارىخىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاش ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدۇ. بىر تىل، بىر غايە، بىر مەقسەت بىلەن بارلىققا كەلگەن ئامېرىكا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ئوسمانلى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى ئارىسدا قايسى دەۋردە، قايسى جەھەتتىن بولسۇن ئوخشاشلىق بار دەپ پەرەز قىلىش تارىخىي پاكىتلارنى ۋە رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرەلمەيدىغان تەسەۋۋۇرلاردۇر. تارىخنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، مۇرەككەپلەشتۈرۈپ مەجبۇرىي دەلىل كۆرسىتىمەن دېيىش ئىلمىيلىككە زىت. مەسىلەن، پەرەز قىلىپ باقايلى، فرانسيەدە 3-ناپالىيۇن ھەقىقەتەن بىر مىللەت تەرەپتارى ئىدى.

ئىتالىيان ۋە نېمىس مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ھەتتاكى، فرانسىيەنىڭ مەنپەئىتىگە زىت ۋاستىلەرنىمۇ ئىشلەتتى. نېمىس ۋە ئىتالىيان مىللەتلىرى شەكىللىنىپلا تۇنجى ھۇجۇمدا فرانسۇزلارغا قارشى سەپتە تۇردى. قانداق بولۇشىدىن قەتئينەزەر، ئۇ ھۆكۈمدارنىڭ ئىنقىلاپ پەلسەپىسىدىن تۇغۇلغان مىللەت پىكىرى ھەم باشلنىش ھەمدە ئاخىرلىشىش بولۇپ قالدى. ناۋادا 3-ناپالىئۇن ئوسمانلى سىياسىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ پەرەز قىلىساق، ئۇمۇ دۆلىتىمىزنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كىتىشى بىلەن ۋە ئازدۇر-كۆپتۇر ھاكىمىيىتىمىز ئاستىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ، ئەڭ بېشىدا بۇلغارلارنىڭ، مۇئەييەن دەرىجىدە سېرىپ ۋە رۇملارنىڭ ئۈزۈل-كىسىل مۇستەقىل بولۇشى بىلەن مۇمكىن بولاتتى. ھەتتا، مەلۇم جەھەتتىن شۇنداقمۇ بولدى. 1858-يىلىدىكى بىر مەجلىستە فرانسىيە بەزى مەملىكەتلەرنىڭ ئوسمانلى ئىگىدارچىلىقىدىن چىقىشى ئۈچۈن ئەڭ بەك كۈچىدى. ئەھۋال سېربىستان ئۈچۈنمۇ شۇنداق. ئۇ ۋاقىتتا فرانسۇزلارغا قالغان بولسا تاكى سۈرىيەنىڭ مارۇنىلىرىدىن بۇلغارلار ۋە ئەرمەنىيلەرگىچە تەبىئىي بىر مىللەت قالدۇرمايتتى. مۇستەقىللىقكە ئېرشىتۈرەتتى. بۇ رېئاللىقلارنى نەزەرگە ئالماستىن ئوسمانلى مىللىتى پىكىرى ئەلى[7] ۋە فۇئات پاشالار[8] دەۋرىدە بەكرەك كۈن تەرتىپتە بولدى. فرانسۇز قائىدىسسىكى ئۈممەتنىڭ (كۆپ سانلىقنىڭ) رايىغا ئاساسەن مىللەت تەشكىل قىلىشىنىڭ تىپىك ۋەكىلى 3-ناپالىيۇنمۇ بۇ غەربپەرەس پاشالارغا يانتاياق بولۇپ بېرەتتى. دېمەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخقا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش بىلەن روياپقا چىقاتتى. تارىخ تارىختۇر، لېكىن بىز تارىخقا ئەقلىمىز بىلەن، ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمز كېرەك. ئاڭلىماققا يىقىملىق تۇيۇلىدىغان تارىخىي ۋەقەلەرگە دەلىل كەلتۈرۈشتە، تارىخىي ئەرباپلارنى ۋە ۋەقەلەرنى شاھىت قىلىش ئۇ شاھانە ئىلىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولماسمۇ؟

ئوسمانلى مىللىتى تېمىسى بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئىسلام بىرلىكىگە كەلسەك، بۇمۇ ئەمەليەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر تەسەۋۋۇر بولۇپ، ھىچقاچان ئەمەلگە ئېشىپ باقمىدى. ھەتتا تەشەببۇس قىلىشقىمۇ لايىق كۆرۈلمىدى. شۇڭلاشقا بۇ پىكىرمۇ رېئاللىققا ماس كەلمەيدىغان، ئەقىلگە سىغمايدىغان قۇرۇق خىياللار قاتارىدىن دەپ قارايمەن. ئىسلامىي بىرلىك قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن فرانسىيە، ئەنگلىيە، روسىيەگە ئوخشاش تەۋەلىكىدە مۇسۇلمان پۇقرالىرى بولغان دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرالىغۇدەك كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولۇشىمىز كىرەك. ھەتتا، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش خىرىستىيانلارغا قارشى غەلىبە قىلالىشىمىز لازىم. ھالبۇكى، بىز غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىش بىرياقتا تۇرسۇن، مۇداپىئە قىلىش ۋە قوغدىنىش ئۈچۈن چارە ئىزدەۋاتىمىز، ئىزدەپمۇ تاپالمايۋاتىمىز. رۇمەلىدىكى[9] مۇسۇلمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىشقا كۈچىمىز يەتمەيۋاتسا، ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرىمىز دېسەك ئۇخلىماي چۈش كۆرىمەن دىگەنلىك بولىدۇ. سۇلتانلىرىمىزدىن، ۋەزىرلىرىمىزدىن ۋە ئەدىپلىرىمىزدىن بۇ خام خىيالنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان بىرەسى بولغانمۇ؟ ئۇچرىمايدۇ. ھەقىقەتەن ماقالىنىڭ ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، بۇ شەخىسلەرنىڭ ئىچىدە رۇسسۇ(Rousseau)[10] نىڭ تەرجىمانىمۇ بارمىش. بۇ شەخىس بەلكى بىچارە سەيىد ئەپەندى بولسا كىرەك! لىكىن ئەمىلەنى[11] تەرجىمە قىلغان زىيا پاشا چىقىپ قالمىغاي ئىلاھىم!...

سەيىد ئەپەندى رۇسسۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلدى. باشقا ئاندا-ساندا ماقالىلەرنى يازدى. لېكىن قايسى پىكىر ۋە قايسى ھەرىكەت بىلەن ئىسلام بىرلىكى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇنى چۈشىنەلمىدۇق. زىيا پاشانىڭمۇ ھۆررىيەتتىن-خاراپچىلىققا قەدەر بۇنداق بىر پىكىرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇچراتمىدۇق. بىر بۇلغار بىلەن، بىر رۇم بىلەن بىر تۈركنى شالغۇتلاشتۇرۇپ فرانسۇز، گېرمان، ئىتالىيان مىللىتىگە ئوخشاش بىر مىللەت تەشكىل قىلىش پىكىرى ئويلىشىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ. بۇنداق قىلىش رېئاللىقا زىت. شۇنىڭدەك نۆۋەتتە ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش پىكىرى تەنتەنلىك، لېكىن قۇرۇق بىر خىيالدىن ئىبارەت.

           بىر خيالنى باشقا ئۇنۋانلارنىڭ ئورنىغا خەلىپە ئۇنۋانىنى ئالماشتۇرۇش بىلەن، دىنغا ھەددىدىن زىيادە ھۆرمەت قىلىش، ئەھمىيەت بېرىشكە ئوخشاش تەبىئىي ئەھۋاللارنى تۇتقا قىلىپ ئۇ پادىشاھقا، بۇ ۋەزىرگە، نىھايەت شۇ پىرقىغا باغلاش توغرىمىدۇ؟ بۇ ئەرباپلارغا قىلىدىغان ئىش چىقمىغاندەك مۇشۇنداق قۇرۇق خىياللارغا بىھۇدە ۋاقىت زايە قىلىپ يۈرەمدىغاندۇ؟ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان ھەقىقىي دەلىل قېنى؟ بۇ يولدا بىر كۆرەش باشلاندىمۇ؟ بۇنىڭغا دائىر بىر كۆرەش ۋەسىقسى نەشىر قىلىنپتىمۇ؟ بىرەر تەشەببۇس كۆرۈلۈپتىمۇ؟ مەكتەپلەردە دىنىي دەرىسلىكلەرنى كۆپەيتىش، شام-مەككە تۆمۈر يولى ياساش پىلانى بىلەن ئۇنداق چوڭ بىر تەسەۋۋۇرنىڭ ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بولۇشى مۇمكىن؟ روسىيە دۆلىتى پۈتۈن سېلاۋلارنى، گېرمانىيە دۆلىتى پۈتۈن گېرمانلارنى تېزىملىكىگە ئېلىپ گېرمان، سېلاۋلارنى ئاساس قىلغان ئومۇمىي بىرلىك قۇرۇپ چىقىشقا ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ. بۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن. چۈنكى، تەتبىقلاش شارائىتى بار. پۈتۈن سېلاۋلارنىڭ، گېرمانلارنىڭ ئوتتۇرسىدا مەزھەبىي يىقىنلىقتىن باشقا ئىرقىي، پىكىرىي يېقىنلىق، ۋەتەن، ئىقلىم يېقىنلىقى، ئەڭ مۇھىمى تىل بىرلىكىگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر مەۋجۇت. ھالبۇكى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى دىندىن باشقا بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان باشقا بىرەر ئامىل بارمۇ؟ گېرمانلار ئومۇميۈزلۈك ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدا، سېلاۋلارمۇ ئاساسەن ياۋروپانىڭ شەرقىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان. شۇڭلاشقا ئۇلار بىر ھاكىمىيەت، بىر ئىدارە سىستېمىسى، بىر بىرلىك ئاستىدا ئۇيۇشالايدۇ. لىكىن، ئىسلامنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى قويۇپ تۇرايلى، مۇسۇلمانلارنىڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىشىدىكى چېچىلاڭغۇلۇقلىقى، ھەرتەرەپكە يېيىلغان ھالەتتە بولۇشى بۇنداق بىر ئۈمىدكە ئوچۇق توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئىسلام بىرلىكى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، دەپ قارىغىنىمىزدەك تۈرك بىرلىكى قۇرۇش پىكرىدىنمۇ بىرە ئەمەلىيەتچانلىق كۆرمىدۇق. نېمىنى، كىمنى بىرلەشتۈرىمىز؟ تارىخ بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن. جۇغراپىيەلىك تارقىلىشىمىزغا ئىبرەت بىلەن بىر نەزەر سېلىپ بېقىلسۇن! مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۈرك بىرلىكى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دۇنيانى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش، ھېچ بولمىغاندا كۈچتۈڭگۈر روسىيەنىڭ گەۋدىسىدىن قانچىلىك يوناش كېرەك؟ ئويلاپ بېقىلسۇن!

تاتارلار ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان تۈركلەر ياشايدىغان قىرىمنى قوغداپ قالالمىدۇق. مۇشۇنداق تۇرۇغلۇق ئەمدى پۈتۈن ئاسيا تۈركلىرىنى بىرلەشتۈرىمىز دەپ يۈرەمدۇق؟ بۇ خىيالنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دەپ تۈرك بولمىغان ۋەتەنداشلىرىمىزنى پىدا قىلىۋېتەمدۇق؟ بۇ ئاجايىپ پىكىرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلار كىملەر؟  ش. سامى ئەپەندىنىڭ تېگى ئالبان بولغانلىقى ئۈچۈن تىل، پىكىر، ھەرىكەت قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسدە پەقەت ئوسمانلىلىق كىملىكى بىلەن تۈركلۈكنى ئىدراك ئېتەلەيدۇ. تۈركلەرنىڭ بىرلىكى دېگەندەك غەلىتە پىكىرلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ، قوبۇل قىلالمايدۇ. خۇلاسە شۇكى، مەيلى قانچىلىك كاتتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئوسمانلى مىللىتى، ئىسلام بىرلىكى، تۈرك بىرلىكى دېگەنگە ئوخشاش پىكىرلەرنى خىزمىتىمىزنىڭ نىشانى دەپ بەلگىلىيەلمەيمىز. بۇ يوللارغا كۆپلەپ كۈچ سەرپ قىلالمايمىز. چۈنكى قىلغان ئەمگىكىمىزنىڭ مەملىكىتىمىز ئۈچۈن، ۋەتەنداشلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا قىلغان ئەمگىكىمىزنىڭ مىۋىسىنى كۆرۈشنى ۋە كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىمىز. يۇقارقى تەپسىلاتلاردىن كىيىن، ئەمدى مەسلىكىمىز، پىكىرىمىز، مەقسىتىمىز نېمە؟ دېگەن سوئاللارغا يەنە بىر قېتىم قىسقىچە ۋە ئوچۇق بىر شەكىلدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتۈشنى توغرا كۆردۇق:

بۈگۈنگىچىلىك دېدۇق، دەۋاتىمىز، يەنە دېمەكچىمىزكى، «تۈرك» پارلاق كەچمىش ۋە گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتكە ئىگە مەۋجۇت بىر قەۋم. 605 يىللىق بىر دۆلەتنىڭ، بىر سەلتەنەتنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىگىسى. بۈگۈنمۇ بەزى ۋەزىيەتلەر تۈپەيلى زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ دىشۋارچىلىق ئىچىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ ماددى ۋە مەنىۋى كۈچىنى نامايەن قىلىشتىن ۋە ئىسپاتلاشتىن يالتىيىپ قالغىنى يوق. ھەرقانداق بىر جەڭ مەيدانىدا پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، زۆرۈر تېپىلسا، پۇرسىتى كەلگەندە ياۋروپانىڭ فاكۇلتېتلىرىدا دۇنياۋى بىلىملەردىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرالايدۇ.

ھەقىقەتەن ھۆكۈمەت، جەمىئىيەت ئېتىبارى بىلەن زاۋاللىققا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ ناچار ۋەزىيەتنىڭ سەۋەپچىسى قەۋم ئەمەس ئېقلىم، تەبىئەت ئەمەس زېمىن ۋە زاماندۇر. بۇ توسالغۇ ۋە بالايى-ئاپەتلەر بولمىغان بولسا، تۈركلەر بۇ ئىجتىمائىي چۆكۈشكە دۇچ كەلمىگەن بولاتتى. بۇلار بىلەن زەئىپلىشىۋاتقان ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، بولغىنى بولدى. ئەمدى ئۇ پارلاق كېلەچەك ئۈچۈن، بۇ نۇقسانلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق بىر يۈكسىلىش ئىچىدە   كېرىسىتلىق ئەسەبىيەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىمىزنى دۇنياغا كۆرسىتىپ قويۇشىمىز كېرەك. ئۆتمۈشىمىزگە، تەبىئىي ئەخلاق-پەزىلەتلىرىمىزگە ۋە كۈچىمىزگە تايىنىپ مەۋجۇتلىقىمىزنى، ئىستىقلالىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىشنى، بۇ پارلاق قۇياشنىڭ نىمەتلىرى ئاستىدا باشقا قەۋملەرگە ئوخشاش كۈچلىنىشنى ۋە تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يۈزەكى ئادالەت شۇنچىلىك بازار تاپقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. ئەھۋال بۇنداق تۇرسا، چوڭ بىر قەۋمنىڭ يوق بولۇپ كىتىشگە قايسى ئادالەت قايىل بولىسۇن؟. ئاپتور پەقەت كىچىك نۇقسانلىرىمىزغا ئېسىلىۋالماسلىقى، ئازراق ئىنساپلىق بولۇپ مۇكەممەل تەرەپلرىمىزگىمۇ نەزەر سېلىشى، تەتقىق قىلىشى كېرەك. شەرقتە 50-60 يىل ئىچىدە تىلدا، ئەدەبىياتتا ھەتتا ئومۇميۈزلۈك ئىلىم-مەرىپەتتە تۈركلەرگە ئوخشاش كامالەت تاپقان يەنە بىر قەۋم بارمۇ؟ 2-مەھمۇت دەۋرىدە تۈركچە قانداق ئىدى؟ 2-ئابدۇلھەمىت دەۋرىدە تۈركچە قانداق بولدى؟ ئۇ چاغدا تۈركلەر نېمىنى بىلەتتى. بۈگۈن تۈركلەر باشقا شەرق مىللەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا نېمىلەرنى بىلىدۇ؟ بۇ نەتىجىلەر قانچىلىك توسالغۇلارنى ئاتلاپ قولغا كەلتۈرۈلدى؟ ئۇزاقلارنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتورۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق.

قانۇنىي ۋەكىل، مۇھەررىر قاتارلىق بىر گۇرۇپپا ياش ياۋروپادا تەربىيەلىنىپ بىرقانچە يىلدىن كىيىن، بىر قانچە يىل ئىلگىرى بۇ يەرگە كەلدۇق. بىر مەزگىل ھەر بىرىمىز بىر مەسلەكتە ئۆزىمىزنى پىشۇردۇق. پىكىرىمىزنى، پوزىتسىيەمىزنى، ئەھۋالىمىزنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان بەزى ئىنساپلىق ياۋروپالىقلار جېنىدا «تۈرك قەۋمى ھەقىقەتەن باشقا شەرق قەۋملىرىدىن ئىلغار ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك، بىر ياۋروپالىقتىن ھېچ قىلىشمايدۇ. بۇ جەھەتتىن شەرقتە تۇغۇلغان ياۋروپالىقلار، دەپ  قىياس قىلىشقا بولىدۇ» دەيدۇ. مەقسىتىمىزنى، قەدىر-قىممىتىمىزنى بىلمەيدىغانلار يەنىلا ئۆز ئىچىمىزدە. چۈنكى شەخس ئىتىبارى بىلەن يېتىلگەن بولساقمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن، ئومۇمىي ساپا نۇقتىئىينەزىرىدىن تېخىچە ئىلىمسىز ھېسابلىنىمىز. ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئارىمىزدىن يىرگىنىشلىك نىفاقلار يوقىمىدى. پەرەز قىلىپ باقايلى، شۇنچە ساپ نىيەت بىلەن، شۇنچە سەمىمىيەت بىلەن نەشىر قىلىنغان «تۈرك» گېزىتىگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قۇسۇر ئىزدەپ يۈرۈيمىز. شۇنداق مۇناپىق بولۇپ كەتتۇقكى، ئۇ قەدەر تەپرىقچىلىققا  تەشنامىزكى...

پەقەت بىز غەيرەت ۋە شىجائەت بىلەن تىك تۇرساق، بولۇپمۇ ھەر بىرىمىز ئۆز مەسلىكىمىزدە كەسپىي ئەخلاقىمىزنى كۆرسىتىشكە تېرىشساقلا ھەرگىز ئۇ يامان نىيەتلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەيمىز، ئاخىرىدا غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. غايىمىز نىمە؟ دۇنيانىڭ قەيەرىدە بولساق بولايلى بىر ياخشى ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈش، مىسىردا بىر ياخشى ئورۇنغا ئىگە بولۇش، رۇملار، ئىتالىيانلار، ھەتتا ئىنگىلىزلار، فرانسۇزلارغا ئوخشاش ياخشى ئورنىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت. نېمىشقا بۇنداق بولمىغۇدەك؟ يارىتلىشىمىزدا بار بولغان ۋە كىيىن يىتىلدۈرگەن ئەخلاق-پەزىلەتلىرىمىز تۇرۇغلۇق بىز ئۇلاردىن تۆۋەن تۇرامدىكەنمىز؟ ياخشى تەھسىل كۆرگەندىن كىيىن ھەرقانداق بىر ئىشنى ھېچ بولمىغاندا ئۇلارچىلىك قىلالمامدۇق؟  كۆز ئالدىمىزدا شۇنداق ئىشلار باركى، ئوخشاش سەۋىيەدىكى بىر تۈرك باشقا قەۋىملەردىن بەكرەك بۇ ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.

بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئومۇمىي ئىسلاھاتى ئۇ جەمىئيەت ئەزالىرىنىڭ شەخىس سۈپىتىدە تەرەققى قىلىشىغا، پىشىپ يېتىلىشىگە باغلىق. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تۈركلەر قاچانىكى شەخىس سۈپىتىدە يېتىلىپ كۈچلەنسە، ماددىي، مەنىۋىي، پىكرىي ۋە ئىلمىي جەھەتلەردە تەرەققى قىلسا ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە قۇدرەت تاپسا، بۇ يىگانە تۈرك دۆلىتىمۇ تەدرىجى ھالدا بۇ تەرەققىياتلارنىڭ مېۋىسنى كۆرۈشكە، ھوسۇلىنى يىغىشقا باشلايدۇ. ئەكسىچە، بىز ۋاقىت ۋە ئىقتىدارلىرىمزىنى بۇ ئۇلۇغۋار غايىگە سەرپ قىلىشنىڭ ئورنىغا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىمىزدىن، ھۆكۈمىىتمىزدىن ئاغرىنىپ، شىكايەت قىلىپ يۈرسەك، بىلگەننى بىلدۈرۈش كىرەك دەپ كەينىدىن گەپ قىلىشتىن باشقا ئشىقا تەمشەلمىسەك، ئىچىشقان يەرگە تۇز سېپىشكە ئۇرۇنساق، نەتىجە بۇ چاغقىچە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ. يەنى، نۇر ئەمەس زۇلمەت كۈچىيىدۇ.

           ئەي ئۇلۇغ تۈرك!...

ۋەزىيەتتىن زىرىكتىڭ، مەملىكىتىڭ كۆزۈڭگە سىغمىدى، مەملىكىتىڭنى تەرك ئەتتىڭ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!  نىيىتىڭ توغرا بولسا ماڭ، كەت. مىسىرغا، ئامېرىكاغا، ئەنگلىيەگە، فرانسىيەگە، نەگە كەتسەڭ كەت. ئەمما بارغان ھەر يېرىڭدە بىر مەسلەك، بىر پەزىلەت، بىر ئىلىم ئىگىسى بولۇشقا تىرىشقىن. ماددىي ۋە مەنىۋىي كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولغىن. پىكرىي، جىسمانى جەھەتتىن تەرەققى قىلغىن. بىر كۈنلەر كېلىپ مەملىكىتىڭ سەندىن پايدىلىنالىسۇن. ھەممىمىز مۇشۇنداق قىلالىساق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوسمانلى خەلقلىرى پەيدىنپەي قانچىلىك پارلاق بىر نىزام ۋە ئىنتىزام ئىچىدە چاقنايدىغانلىقىنى كۆرىمىز.  مانا بۇ گېزىتىمىزنىڭ غايىسى. تۈركلەرگە بەخىت-سائادەت يولى كۆرسىتىش، مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىدا پاكىز ھايات مۇجادىلىسىگە باشلامچىلىق قىلىش، ھاياتلىقنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىرىمزىنى چۈشەندۈرۈش، بۈگۈنگىچىكىلىك دۇچار بولغان يوقسۇللۇق ۋە ئىشسىزلىقتىن، پاسىقلىق ۋە نىفاقتىن ھالىمىزنى، كىلەچىكىمىزنى مۇھاپىزت قېلىپ ساقلاپ قېلىش. بۇنداق قىلىشىمىز ئىچىمىزدىكى ھەرقايسى تەرەپلەردىن، شەخىسلەردىن قۇسۇر تىپىش زىللىتىدىن، ئۇ پايدىسىز، ھەتتاكى زىيانلىق ئىشلاردىن پەرقلىقتۇر. ئەگەر ئىشلار ئويلىغىنىمىزدەك بولسا، دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ئارزۇ قىلغىنىمىزدەك تەرەققىي قىلسا، خەلقمۇ، ھۆكۈمەتمۇ تەبىئىيلا تەرەققىي قىلىدۇ. بىرسى بولماي تۇرۇپ يەنە بىرسى ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ. بىر خەلقنىڭ ناچارلىقى شەخىسلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسكىلىكىدىندۇر.

            يۇقارقى ئىزاھاتلاردىن كىيىن، ئوسمانلى مىللىتى، ئىسلام بىرلىكى، تۈركلەرنىڭ بىرلىكى دېگەندەك مەۋھۇم  ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىشنىڭ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەسلىكى ئايدىڭلاشقاندۇ؟ بىز تۈركلەرنىڭ شەخىس سۈپىتىدە ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغانلار قاتارىدىن ھېساپلىنىمىز. بۇ نىمەتكە ئومۇمىي خەلق بىر ئېرىشسۇن، تۈركلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدىغان بولسۇن، مىللەت خاراكتېرلىك يوقىلىپ كېتىش تەھدىدىن بىر قۇتۇلسۇن، ئىقبالغا قاراپ يۈزلەنسۇن، ئاندىن ئوسمانلى مىللىتى بىرلىكى بولامدۇ، ئىسلام بىرلىكى بولامدۇ ياكى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى بولامدۇ قايسىسى پايدىلىق بولسا شۇنى ئويلاشسۇن. كۆز-قاراشلىرىمىزنىڭ مەنبەسى، باشلىنىش نۇقتىسى دۇرۇس، ئوچۇق ۋە ئاددىي نىيەتلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئوسمانلى مىللىتىنىڭ بىرلىكى بولامدۇ، ئىسلام بىرلىكى بولامدۇ ياكى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى بولامدۇ، قايسىسىسنى خالىساڭ شۇنى تاللا. ئەمما بۇ ئۇلۇغۋار پىكىرلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن دەسلىپىدە كەل، بىز بىلەن بىللە خىزمەت قىل. تۈركلەر مەيلى دۆلەت ئىچىدە مەيلى دۆلەت سىرتىدا بولسۇن، ھەرقانداق شارائىتتا ئىلغار سەۋىيەدە نامايەن بولسۇن؛ مۇشۇنداق قىلالايدىغانلىقىنى دوست ۋە دۈشمەنلەرگە كۆرسىتىپ قويسۇن؛ ئىلىمنىڭ ئانا كوچىسىدا، ھەتتا مىللىي ئىلىملەردە تەرەققىي قىلسۇن. مىللىي تىللىرىنى تېخىمۇ بەك ئىسلاھ قىلسۇن، تېخمۇ بەك گۈللەندۇرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى تېخمۇ جۇلالاندۇرسۇن؛ ھېكايىلىرىمىزنى، تارىخلىرىمىزنى، ئەسەرلىرىمزنى تەرجىمە قىلىپ غەربلىكلەرنىڭ ئوقۇشىغا سۇنسۇن؛ مەدەنىي دۇنيا بىزنى ياۋروپا قوۋمىگە ئوخشاش ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدا ئېتراپ قىلسۇن.

مۇشۇنداق قىلالىساق كەلگۈسىنىڭ پارلاق يولىنى تاپقان بولىمىز. بىز پۈتۈن بۇ تەرەققىيات ۋە يېڭىلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمىز. بۇ ئۇلۇغ غايە-نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى، ئەڭ توغرا شەكىلدە ئىلگىرىلەيمىز. بۇ ئۇلۇغ يولنى پۈتۈنلەي زېھىنمىزگە قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ھەربىرىمىز ئۆز كەسپىمىزدە، تىبابەتتە، قانۇندا، تىجارەتتە، دېھقانچىلىقتا ۋە سودا-سېتىقتا ياشىغان مەملىكەتلىرىمىزدە تەڭتۇشلىرىمىزدىن ئۈستۈن تۇرۇش ئۈچۈن ترىشچانلىق كۆرسىتمىز. مۇشۇنىڭ بىلەن بىرگە دادىل ۋە قانۇنىي يۇسۇندا ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ۋە مىللىي ئىستىقبالنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز، داۋاملىق تىرىشىشىشىز كېرەك. بۇ قېتىم بۇ مۇپەسسەل بايانلارغا لاتىن شائېرلىرىدىن بىرىنىڭ مۇنۇ ئاددىي، ئەمما ھىكمەتلىك سۆزى بىلەن چىكىت قويىمىز: «تىرىشايلى...»

1904- يىلى 26- ماي




بىر مەكتۇپ

ئەھمەد فەرىت

«ئۈچ خىل سىياسەت»ناملىق ماقالە ۋە «جاۋابىمىز» ماۋزۇلۇق ئوبزورغا يېزىلغان مەكتۇپ

ھۆرمەتلىك مۇھەررىر

«تۈرك» گېزىتىنىڭ بىر قانچە سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىنى ئوقۇدۇم.

ئاپتۇر ماقالىسىدە بەزى كەسكىن ھۆكۈم خاراكتېرلىك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئەمما، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا گۇمانىي نۇقتىئنەزەر بىلەن ھەرتۈرلۈك ھۆكۈمدىن ئۆزىنى تارتىپ ماقالىسىنى سوئال ئىشارىتى بىلەن تۈگىتىدۇ. شۇنداقلا، ئۈچ خىل سىياسەتتىن قايسىسىنى تاللاش كېرەك دىگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى«تۈرك» گېزىتى ۋە ئوقۇرمەنلەردىن كۈتىدۇ.

كەمىنە تەبىئىيىتىمدىكى گۇمانخۇرلۇق بولماسلىقىم ۋە تۈركلەرنىڭ بۈگۈنگىچە تولىمۇ ئاز ئىشلەتكەن ۋە چارچىمىغان مېڭىسىنىڭ مۇشۇنداق سۆھبەت ۋە ئىلمىي مۇنازىلەر ئارقىلىق چىنىقىشقا، تەرەققىي قىلىشقا پىشىپ يېتىلىشكە ئېھتىياجى بار دەپ ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىگە قارىتا بىر جاۋاپ تەييارلىغانىدىم. جاۋابنى ئېلان قىلدۇراي دەپ تۇرغېنىمدا گېزىت تەھرىرات تەرىپىدىن ئەدەبىي ۋە تەنقىدىي تەرزدە يېزىلغان ئەسەردىن بىرسى ئېلان قىلىندى. مەن «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىنى تەتقىق قىلىشقا ۋە مۇنازىرە قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن جاۋاپ يازغانىدىم. «تۈرك» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «جاۋابىمىز» «ئۈچ خىل سىياسەت» دېگەن ماقالىنىڭ خىيال ۋە تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ. بۇ ئىددىئالار كۆز قارشىمغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. پەقەت جاۋابىمنى ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولدى. چۈنكى «تۈرك» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «جاۋابىمىز» تىلىدىكى قوپاللىقى بىلەن ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنى، بولۇپمۇ بەزى تارىخ ۋە ئىجتىمائىي پەنچىلەرنى قايىل قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال بۇ«جاۋابىمىز»نى رەت قىلىش پوزىتىسيەمنى، ئاندىن «ئۈچ خىل سياسەت» كە قارىتا تەييارلىغان جاۋابىمنى يېزىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. بۇ ئۇزۇن «رەت» ۋە «جاۋابىم» «تۈرك» گېزىتىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يەر ئالالىسا ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلىمەن. 

«جاۋابىمىز»نىڭ ھۆرمەتلىك مۇھەررىرى سەل مۇرەككەپ، تەرتىپسىز يازغان ماقالىسىدە تۆۋەندىكى ئاساسى نۇقتىئىنەزەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان:

o       پادىشاھلىرىمىز، ۋەزىرلىرىمىز ۋە مۇتەپەككۇرلىرىمىز ئىچىدىن ھېچكىم ئۆتمۈشتە ياكى يېقىن تارىخىمزدا ئىسلام بىرلىكى، ئوسمانلى مىللىتى، تۈركلەرنىڭ بىرلىكى قۇرىمىز دەپ ئۆزىنى ئۇپراتمىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەتبىقلاش مۇمكىن بولمايدىغان غايىۋىي تەسەۋۋۇر ۋە ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىيالدىن ئىبارەت. خىيالغا سىغمايدىغان ئىش، ئۇخلىماي چۈش كۆرۈشتۇر. ئۈچ خىل سىياسەتنىڭ ئاپتورى بۇ سىياسىي پىكىرلەرنى چۆكۈك تارىخقا ئاساسلىنىپ بىرقانچىگە بۆلۈپ، ئىسلاھ قىلىپ، ھادىسنىڭ ماھىيىتىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ ئوتتۇرغا چىقارغان. 

o      تارىخ تارىختۇر، لېكىن بىز تارىخقا ئەقلىمىز بىلەن، ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمز كېرەك. ئاڭلىماققا يىقىملىق تۇيۇلىدىغان تارىخىي ۋەقەلەرگە دەلىل كەلتۈرۈشتە، تارىخىي ئەرباپلارنى ۋە ۋەقەلەرنى شاھىت قىلىش ئۇ شاھانە ئىلىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق.

o       بىزگە نىسبەتەن تۈركنى ئىسلامدىن، ئىسلامنى تۈركتىن، تۈرك ۋە ئىسلامنى ئوسمانلىلىقتىن، ئوسمانلىلىقنى تۈركتىن، ئىسلامدىن ئايرىيمەن دېيىش بىرنى ئۈچ قىلىمەن دېگەنلىك.

o      بىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىشلارغا بەكرەك ئىجابىي پوزىتىسيە تۇتىمىز.

o       بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشى ئۇ توپنى مەيدانغا كەلتۈرگەن شەخىسلەرنىڭ ياخشىلىنىشغا، تەرەققى قىلىشىغا باغلىق.  بىز تۈركلەرنىڭ شەخىس سۈپىتىدە ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغانلار قاتارىدىن ھېساپلىنىمىز.

o      تۈركلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدىغان بولسۇن، مىللەت خاراكتېرلىك يوقىلىپ كىتىش تەھدىدىن بىر قۇتۇلسۇن، ئىقبالغا قاراپ يۈزلەنسۇن، ئاندىن ئوسمانلى مىللىتى بىرلىكى بولامدۇ، ئىسلام بىرلىكى بولامدۇ ياكى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى بولامدۇ قايسىسى پايدىلىق بولسا شۇنى ئويلاشسۇن.  پۈتۈن بۇ پىكىرلەرنىڭ مەنبەسى، باشلىنىش نۇقتىسى دۇرۇس، ئوچۇق، ئاددى نىيەتلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئوسمانلى مىللىتى بىرلىكى بولامدۇ، ئىسلام بىرلىكى بولامدۇ ياكى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى بولامدۇ، قايسىسىسنى خالىساڭ شۇنى تاللا. ئەمما بۇ ئۇلۇغۋار پىكىرلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن دەسلىپىدە كەل، بىز بىلەن بىللە خىزمەت قىل.

o       بۇ قېتىم بۇ مۇپەسسەل بايانلارغا لاتىن شائېرلىرىدىن بىرىنىڭ مۇنۇ ئاددى ئەمما ھېكمەتلىك سۆزى بىلەن چىكىت قويىمىز: تىرىشايلى...

مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، بىر قاتار تارىختىن، جەمئىيەتشۇناسلىقتىن ئېغىز ئاچقان، بىرقاتار ۋەقە-ھادىسىلەرنى نەقىل كەلتۈرگەن بۇ ئۆگۈتلەر پايدىسىز بولۇپلا قالماي، «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى ۋە ئۇسلۇبىغا قىلىنغان ئېتىرازلارمۇ جايىدا بولمىغان. ماقالىنىڭ ئاپتورى (ئۈچ خىل سىياسەت) سىياسىي مەۋقەدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ نەزەزىيە ۋە مەنتىقىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇنىڭ تارىختىن دەلىل كەلتۈرۈش ئۇسلۇبى ۋە تەھلىللىرىنى پۈتۈنلەي ئورۇنلۇق دېيىشكە بولىدۇ.

«پادىشاھلىرىمىز، ۋەزىرلىرىمىز ۋە مۇتەپەككۇرلىرىىمىز ئىچىدىن ھىچكىم ئۆتمۈشتە ياكى يېقىن تارىخىمزدا ئىسلام بىرلىكى، ئوسمانلى مىللىتى، تۈركلەرنىڭ بىرلىكى قۇرىمىز دەپ ئۆزىنى ئۇپراتمىدى» دېگەنلىك كىيىنكى ئەسرنىڭ سەرخىل ۋەزىرلىرىنى سىياسەتسىزلىك ۋە ئىقتىدارسىزلىق بىلەن قارلىغانلىق بولىدۇ.

شۇنداق، تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتى كەلگۈسىدە چوڭ بىر كۈچ ھاسىل قىلىدۇ، ئەمما بۇ پىكىر تېخى بەكلا يېڭى بولۇپ سۈت ئۇيقۇدىكى بوۋاققا ئوخشايدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوسمانلى سىياسىتىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى يوق دېيەرلىك بولغاچقا، سىياسىيۇنلىرىمىز ئۇنىڭغا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمىدى. «ئۈچ خىل سىياسەت» نىڭ ئاپتورىمۇ بۇنىڭغا باشقا مەۋجۇدىيەت ئەندىزىسى، باشقا شەكىلدە مەيدانغا چىقىش يولى تەۋسىيە قىلمىغان.  ئەمما ئىسلامىي سىياسەت، بولۇپمۇ ئوسمانلى سىياسىتىنى بۇنداق چۈشەندۈرمىگەن. ئىسلامىي سىياسەتتە بۈگۈنكى پادىشاھنىڭ (سۇلتان 2-ئابدۇلھەمىت) سىياسىتىنى ئاساسى تېما قىلغان، ئەمما ئوسمانلى سىياسىتىدە بارلىق سىياسىيەتچىلىرىمىزنىڭ سىياسىي پائالىيىتى نىشان قىلىنغان.

سۈرىيە، مىسىر، ھىجاز، يەمەننى پەتىھ قىلغان چوڭ سەلىمنىڭ، بۇ تۇنجى ئوسمانلى خەلىپىسىنىڭ سىياسىتىنى ئوسمانلى تارىخچىلىرىنىڭ بەزىلىرى پۈتۈنلەي توغرا دەپ قاراپ ئىسلام بىرلىكى سىياسىتى دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ھەتتا بۇ قاراشقا ئاساسلىنىپ، ئوغلى سۇلايمان قانۇنىينىڭ ئوسمانلى سىياسىتىنى غەربكە تەقلىد قىلىشىنى، دادىسىنىڭ ئىزىدىن تېيىپ خاتا قىلدى دەپ قاراپ  تەنقىد قىلىدۇ. بىز بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ يېقىن تارىخىمىزدا ئىسلام بىرلىكى تەبىرىنى، ياۋروپالىقلار باشقىلارغا قىياسەن بىزگە تەشۋىق قىلغان دېگەن گۇمانىي نەزەر بىلەن ئۇزۇن ئۆتمۈشنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ كىيىنكى سىياسەتكە، نۆۋەتتىكى سۇلتاننىڭ سىياسىتىگە دىققەت بىلەن قىسقىچە قاراپ چىقىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.

ئىسمى زىكىر قىلىنغان سۇلتان، ئۆزى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان نام بىلەن«مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى» ئەلچىلەرنى، ھۆكۈمدارلارنى، ۋەكىللەرنى، مۇخلىسلىرىنى،  ئىمكانىيەت دائىرىسدە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى، پۈتۈن دۇنياغا تارالغان مۇسۇلمانلارنى خەلىپىلىك ماقامى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقۇزۇشقا، ئۇلارنى ئوسمانلىلىققا يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئوسمانلى تۇپراقلىرىغا ئايىغى تەگكەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. ئىسلام دۇنياسىنىڭ بەخىت-سائادىتىنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. ھىجازنى مۇداپىئە قىلىشنى ئانادولۇنى مۇداپىئە قىلىشتىن مۇھىم دەپ بىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ ئىلىمسىز، ساددا مۇسۇلمانلارنىڭ سەبى تۇيغۇلىرىنى پەپىلەيدىغان خىزمەتلەرنى  خۇشاللىق بىلەن بىجا كەلتۈرىدۇ.  ئىبادەتنىڭ زاھىرى قىسمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەملىكەتنىڭ دىنىي تەئەسسۇپلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەرقايسى شەھەر-ئايماقلارغا موللىلارنى ئەۋەتىشكە، مەكتەپلەردىكى دەرىسلىك پىروگراممىلىرىغا دىنىي دەرىسلەرنى كۆپەيتىشكە قەتئىي سەل قارىمايدۇ.

بىز نۆۋەتتىكى سىياسەتنىڭ نۇقسانلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق شەرتى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلامىي سىياسەتنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى دەپ قارايمىز. بىلەلمەيمىز، بۈگۈن بىر ئوسمانلى پادىشاھى بۇ خۇسۇستا نىمىلەرگە تەشەببۇس قىلالىشى مۇمكىن؟

مانا... «جاۋابىمىز» نىڭ ئاپتورى چۈشىنىشنى خالىمىغان نۇقتا دەل مۇشۇ ئاخىرقى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلانغان. ئەيتاۋۇر ئاپتور بۇنى چۈشىنىشنى خالىمىغانمۇ «رۇمەلىدىكى مۇسۇلمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىشقا كۈچىمىز يەتمەيۋاتسا، ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرىمىز دېسەك ئۇخلىماي چۈش كۆرىمەن دېگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۈرك بىرلىكى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دۇنيانى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش، ھىچ بولمىغاندا  كۈچتۈڭكۈر  روسىيەنىڭ گەۋدىسىدىن قانچىلىك يوناش كىرەك؟ ئويلاپ بىقىلسۇن!» دەپتۇ.

ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مەيلى ئىسلام بىرلىكى، مەيلى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى بولسۇن، بۈگۈن ئۇ بىر سىياسى غايە ۋە توغرا بىر نىشان. ھەرئىككسىنى ئېتراپ قىلىپ كۆزەتسىڭىز تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ھېچبىرى يۈز بەرمەيدۇ.  بۇ تەسەۋۋۇر بىر ئىدېيەۋى كۈچ، ھەرگىزمۇ ئۇخلىماي چۈش كۆرۈش ئەمەس. سىز شەخىس سۈپىتىدە تەرەققى قىلىپ، تاكامۇللىشىش ئويىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز. بۈگۈن ئىسلام ياكى تۈرك سىياسىتىنى تەتبىقلاش دېگەنلىك بۇ ھەرىكەتنى، بۇ نىشاننى، تەرەققىي قىلىش ۋە تاكامۇللىشىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ئۇ شەخىسلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈشكە تىرىشىش دېگەنلىكتۇر.

ئوسمانلىلار باشقىلارنى قىلىچى بىلەن قايىل قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ. مۇسۇلمانلار ياكى تۈركلەر روھىدىكى مەنىۋىي كۈچ ئارقىلىق بىرلىشىشكە تەييار.  ھەرقايسى دۆلەت ۋە  جەمئىيەتلەر سىياسىتىدە ئەسكىرىي كۈچى ۋە باشقا قورال كۈچلىرىنى داملاپ كۆككە كۆتۈرمەسلىكى كىرەك. بۇ ماددىي كۈچلەرنى پىكرىي كۈچ بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. شۇنى ئىتراپ قىلىشىمىز كىرەككى، قىلىچ ۋە  كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ ئىلھام مەنبەسىمۇ ئاڭدۇر (پىكىردۇر).

ئوسمانلى مىللىتى بەرپا قىلىش سىياسىتىگە كەلسەك،  مىللىي ھاياتىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىدارىي سىستېمىمىزدا تەڭشەش ئېلىپ بىرىشقا تەشەببۇس قىلىنغاندىن بۇيان ئاساسەن دېگۈدەك پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرىمىز مۇشۇ يولغا سەرپ قىلىندى. ياخشى ئىسلاھات دەپ بۇنى دەيمىز. بەزىلەر بۇنى ئىتىبارسىزلاشتۇرسىمۇ، مەرھۇم ئابدۇلمەجىدخاننىڭ[12]، رەشىد، ئەلى، ڧۇئات ۋە مىتھات پاشالارنىڭ تۇتقان يولى مۇشۇ ئىدى. بىر«ئوسمانلى مىللىتى» بەرپا قىلىش ئارزۇسىدىن ئىبارەت ئىدى.

ۋەكىللىك قىلىش سىياسىي تىلدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان مىللەتنىڭ باشقا مىللەتتىن بولغان پۇقرالارنى دىن، تىل، ئەخلاق ۋە ۋىجدان جەھەتتىن ئۆزى بىلەن بىردەك ھالەتكە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پوزىتىسيە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەقدىردە ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى مىللەتلەر تامامەن ئوخشاش مىللىي تۇيغۇغا ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىغا ئىگە بولىدۇ. لېكىن بۇ ۋەكىللىك قىلىش ھەر خىل ۋەكىللەر تارمىقىغا بىرلا ۋاقىتتا ماس كېلىشى مۇمكىن ئەمەس . مەسىلەن، ئىلگىرى ئەڭ ئۈنۈملۈك دەپ قارىلىدىغان دىننىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىگە قەۋملار ئارىسىدا نەزەردىن ساقت قىلىندى، تەتبىقلىنىشى مۇۋاپىق كۆرۈلمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، تىل بىرلىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەبىئىي ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئىلغار قەۋملەر ئارىسىدا ئەدەبىيات بىرلىكى دىنىي بىرلىكنىڭ ئورنىنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا، ئوخشىمىغان مىللەتتىن پۇقرالىرى بولغان ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى مەملىكەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەلىك پۇقرالارغا، بولۇپمۇ دىنغا مايىل كىشلەرنىڭ قېشىغا دەۋەتچى، مۇدەررىس ۋە مۇئەللىملەرنى ئەۋەتىدۇ. بۇ ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ئارىسىغا ھۆكۈمران مىللەتتىن بولغان كىشىلەرنى كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ئۇلارنى تەسىرسىزلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. مەھكۇم مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە گۈللىنىشگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇنداقلا ئىمكانىيىتى يېتىىدىغان بارلىق ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ مائارىپ ساھەسىدە ھاكىم مىللەتنىڭ تىلىنى ئورتاق تىل ھالىتىگە ئېلىپ كىلىشكە ئۇرۇنىدۇ. ھاكىم مىللەت ئەگەر بۇ بېسىملارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بىرەر مىللەتكە يولۇقۇپ قالسا، بۇ مىللەتنى چەتئەلگە چىقىپ كىتىشكە تەشۋىق قىلىشتىن باشقا چارىسى قالمايدۇ. بۇمۇ مۇمكىن بولماي قالسا، ھۆكۈمران مىللەت شۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشى كىرەككى، ئۇ مەھكۇم مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىشقا، بەلكىدە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشۋاتقان مىللەتتۇر.

ئوسمان ئىمپىرېيەسىنىڭ دەۋرىمىزگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر ئەسىرلىك ھاياتى مانا مۇشۇ مۇجادىلىدىن ئىبارەت. ئوسمانلى ھۆكۈمىتى تانزىماتتىن بىرى بۇ ۋەكىللىك قىلىش ۋاستىلىرىنى ئىمكانى يەتكەن دەرىجىدە تەتبىقلاشقا تىرىشىپ باقتى.

دىنىي جەھەتتىن ۋەكىللىك قىلىش بىر دىنىي ئەمىر بولۇپ، ئىسلام تەلەپ قىلغان ئىشلار قاتارىدىن سانىلىدۇ. ھىچبىر ئىسلام ھۆكۈمىتىنى بۇ پرىنسىپلارسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئانادولۇ بىر ياقتا تۇرسۇن، گىرىت، بوسنىيە، ئالبانىيە، بۇلغارىستان، يېغپ ئېيىتقاندا پۈتۈن رۇمەلى مۇسۇلمانلىرى ھېچقاچان ئوسمانلى مىللىتى يارىتىشقا ئۇرۇنمىدى دەپ قارالغان پادىشاھ ۋە ۋەزىرلىرىمىزنىڭ بۇ ۋەكىللىك قىلىش تەرزىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ بىرقىسمى مەسىلەن، ئانادولۇنىڭ شەرقى نۆۋەتتە دىنىي جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈشكە ناھايىتى مۇۋاپىق جاي بولغاچقا، دىندار موللىلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ بۇ جايلارغا  ئەۋەتىلىۋاتىدۇ.

تانزىمات ئوتتورا چاغ ئادەتلىرىنىڭ تەرىك ئېتىلىشى دېگەنلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دەۋىرنىڭ ۋەكىلى تېخىمۇ ئەستايىدىل، تېخىمۇ مەدەنىي  شەكىلدە زاھىر بولغان. تانزىمات دەۋرىدە (ھاكىم مىللەت) ئەڭ دەسلەپ قانۇنىي، ئىدارىي جەھەتتىن باشقا مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىشقا ئۇرۇنغان. تانزىماتتىن ئىلگىرى ئوسمانلى دۆلىتى گېرىژدانلىرى  پۈتۈنلەي باراۋەر  ۋە  بىر- بىرىگە ئارىلىشىپ كىتىگلىك  ئەمەس ئىدى. ھەر ئىرق، ھەر دىن ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلىناتتى. خۇسۇسىي بىر پىرقە، بىر مىللەت، ھۆكۈمەت ئىچىدە ئايرىم بىر ھۆكۈمەتكە ئوخشايتتى.

ئىسلاھات دەۋرىدىكى سىياسەتچىلەر چوڭ ئىستىلانىڭ باراۋەرلىك  قائىدىسنى، ئۇ مەدەنىيەت قورغىنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە بۇ ئايرىمچىلىقنى بۇزۇشقا، ئوسمانلى پۇقرالىرىنى ئىدارىي جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. 1856-يىلى ھاتتى ھۇمايۇندا( پادىشاھ ئۆز قولى بىلەن يازغان ئەمىر-پەرمان)  تىلغا ئېلىنغان«مائارىپ ۋە زاماننىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىپ ئىسلاھات» نىڭ مەزمۇنى «پاترىكلەرنىڭ سىياسىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پوپلارنىڭ مائاشىنى توختىتىش، ئەدلىيە ئىشلىرىنى ئوسمانلىنىڭ يېڭى مەھكىمىلىرىگە ھاۋالە قىلىش، خىرىستىيانلارنىڭ مەكتەپلىرىنى، چىركاۋلىرىنى نازارەت ئاستىدا تۇتۇش» دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ دېگەنلىك  ئوخشىمىغان مىللەتلەرنى مىللىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن داۋاملىق باستۇرۇش ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇش دېگەنلىك ئىدى. ئوسمانلى دۆلىتى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى قىسمىلىرىغا، بولۇپمۇ غەيرى مۇسۇلمان خەلق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارغا مۇھاجىر يۆتكەش سىياسىتىگىمۇ سەل قارىمىغان ئىدى. ئاخىرقى قېتىملىق روس ئۇرۇشىدىن بۇرۇن روسىيە ۋە كاڧكازيادىن كەلگەن مۇھاجىرلارنى كۈنىمزدىكى بۇلغارىستانغا ئورۇنلاشتۇرغانىدى. كۈنىمزدىكى گىرىت مۇھاجىرلىرى ئىزمىر ئەتراپىغان، بوسنىيەلىكلەرنىڭ بىرقىسمى رۇمەلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا ئوسمانلى دۆلىتى مائارىپ ساھەسى ۋە تىل مەسىلىسىگە ئالاھىدە زېھىن سەرپ قىلدى. 1865- يىلىدىكى ھاتتى ھۇمايۇندا ئۇ چاغقىچىلىك ئىجازەت ئېلىنماستىن بىۋاستە رىمۇنت قىلىنسا ۋە سېلىنسا بولىدىغان خىرىستىيان مەكتەپ ۋە چىركاۋلىرىنىڭ رىمۇنت قىلىنىشى ۋە يېڭىدىن سېلىنىشى ئۈچۈن رەسمىي ئىجازەت ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى ۋە ئوقۇتقۇچى تاللاش ئىشلىرىنى ھۆكۈمەت نازارەت ئاستىغا ئالدى. 1869-يىلىدىكى مائارىپ نىزامنامىسىدا ئالى مائارىپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرىسلىكىنى ھەممە مىللەت تۈركچە ئوقۇيدۇ دەپ بەلگىلەندى. ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى ۋە دەرسىلىك كىتاپلارنى تاللاش خىزمىتىنى مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تاتىپ پۈتۈن غەيرى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەكتەپلىرىدە تۈركچە ئىشلىتىش مەجبۇرى قىلىندى.

بۇنىڭغا ئالاقىدار ماتىرىياللارنى تولۇق رەتلەپ بولالمىدىم. ئەمما، مەن يۇقارقىلار ئارقىلىق ئوسمانلى سىياسىتىنى تەتبىقلاش بۇرۇنمۇ ئويلىشىلغان دېمەكچى. پادىشاھلىرىمىز، ۋەزىرلىرىمىز ئوسمانلى مىللىتى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇلارنى نەزەرگە ئالغاندا ئۇلارنى قابىلىيەتسىز دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ چاغدا ئوسمانلى سىياسىتىنى پۈتۈنلەي تەتبىقىلىغلى بولغان بولسا بۈگۈن نەتىجە  باشقىچە بولغان بولاتتى.

ئەلى پاشانىڭ پەرمانىغا ئوخشاش مىتھات پاشا دەۋرىدە تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇندىمۇ مۇشۇ ئۈمىد بىلەن ئوسمانلى خەلقلىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە ۋە  چاڭلاشتۇرۇشقا، مۇشۇلاردىن بىر ئوسمانلى مىللىتى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشكە، بۇ مىللەتكە تۈركچىنى ئورتاق تىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئىنتىلىش بار ئىدى.

ئاساسى قانۇننىڭ 8-ماددىسى: ئوسمانلى تۇپراقلىرىدا ياشايدىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى قايسى مىللەت، قايسى دىنغا مەنسۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىستىسناسىز ئوسمانلى دەپ ئاتىلىدۇ.

18- ماددىسى: ئوسمانلى پۇقرالىرىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئىشقا ئىلىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ رەسمىي تىلى بولغان تۈركچىىنى بىلىش شەرتى قوشۇلدى.

16- ماددا: بارلىق مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ. ئوسمانلى  مائارىپى بىر بىرلىك ۋە بىر ئىنتىزام شەكلىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ۋاستىلارغا مۇراجىئەت قىلىدۇ، دەپ يىزىلغان.

«جاۋابىمىز» نىڭ ھۆرمەتلىك ئاپتورىنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلەرنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئېنىقراق بىرەر سىياسى تىل يوق.

بۇنىڭدىن سىرت «جاۋابىمىز» نىڭ ئاپتورى تىلسىز، زۇۋانسىز بىچارە تارىخقا ئىچ ئاغرىتىپ «ئۈچ خىل سىياسەت» تە تىلغا ئېلىنغان تارىخىي بىر ۋەقەگە ئىتىراز بىلدۈرىدۇ. ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇپ بىلەن «ناپوليۇن تۈرك مىللىتى پىكىرىنىڭ قوللىغۇچىسى ئەمەس، بەلكى تۈركلۈكنى پارچىلاشقا تىرىشقان كىشى» دەيدۇ.

شۇنداق!...

ھەقىقەتەن ناپولىيۇن ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا پارچىلىنىپ نەچچىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن تۈركىيەنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشتى. روسىيەنىڭ قارشىسىدا يالغۇز قالغان بۇ مىللەتنى كۈچلەندۈرۈشكە، بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. روسىيەگە قارشى سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتىنىڭ شۇ پىتى ساقلىنىپ قېلىشىغا، تۈرك مىللەتچىلىك سىياسىتىنىڭ كۈچلىنشىگە ۋە باشقا مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىغا كۈچ چىقاردى. بۇلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن فرانسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى بىر مەمۇرنىڭ مەلۇم بىر ئەسىرىدىن قىسقىچە نەقىل كەلتۈرىمەن. ياۋروپالىقلار شەرقنى بىلمەيدۇ. لىكىن فرانسۇزلار ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى «جاۋابىمىز» نىڭ ئاپتورىدىن بەكرەك چۈشىنىدۇ.

« فرانسىيە ھۆكۈمىتى شەرقنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش سىياسىتىگە سەل قاراۋاتقاندەك بىر گۇمانىي قاراش تۇغدۇرىدۇ. لېكىن بەزى تاسادىپى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ھەردائىم «ھاتتى ھۇمايۇن» دا ئوتتۇرغا قويۇلغان پەرمان ۋە چاڭلىشىش پىكرىگە سادىق بولىدۇ.»

3-ناپولىيۇننىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ دېگىنىدەك، فرانسىيە ئوسمانلىدىكى ھەرخىل مىللەتلەر ئارىسىدا پەرق كېلىپ چىقشىنى قوللايدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. قىلغان ياردەملىرىدىمۇ مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلمايتتى. ئىككىلى خەلقنىڭ بەخىت-سائادىتى ماددىي ۋە سىياسىي باراۋەرلىك ئاساسىنىڭ پەيدىنپەي سەمىمىي شەكىلدە تەتبىقلىنىشىنى شەرت قىلاتتى. ھەرئىككى خەلق ھوقۇق ۋە مەنپەئەتتە باراۋەر نىسىۋىگە ئىگە بولۇشى كېرەك ئىدى.

خۇلاسە شۇكى، تۈيلەرىس سارىيى[13] چاڭلاشتۇرۇش ۋە مىللەتلەرنى ئېرىتىۋىتىش غەرزىدە ئىدى. تۈركىيەدە بۆلۈنۈشنى يوقىتىپ بىرلىكنى روياپقا چىقىرىشنى،  ئۆزئارا قۇتۇپلىشىش ئەۋج ئالغان چەت رايونلارغا ھاكىم مىللەتلەرنى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى.

«تارىخ تارىختۇر، لېكىن بىز تارىخقا ئەقلىمىز بىلەن، ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمز كېرەك. ئاڭلىماققا يىقىملىق تۇيۇلىدىغان تارىخىي ۋەقەلەرگە دەلىل كەلتۈرۈشتە، تارىخى ئەرباپلارنى ۋە ۋەقەلەرنى شاھىت قىلىش ئۇ شاھانە ئىلىمگە بىر مەرتىۋە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولماسمۇ؟»

«جاۋابىمىز»نىڭ ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاقماس ئش. ئۇ «ئۈچ خل سىياسەت» تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن «ھەرىكەت جەدىۋىلى» كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ھەتتا پىكىرلەرنى پەقەتلا كىتاپتا كۆرسەم دەپ ئويلايدۇ. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەككى، تارىخ پەقەت ماقالىلەرنىڭ تېكسىتىدىن، ئەسلىمىلەردىن، ئۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي توقۇنۇشلاردىن چىقىرىلمايدۇ. بۇلارنىڭ بولۇشى ئەۋزەل، ئەمما بۇلار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ كىچىك ھادىسەلەردىن ئىشىنىڭ ماھىيىتىنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ. «جاۋابىمىز» نىڭ ئاپتورى بۇلارنى تەتقىق ۋە تەنقىد قىلىدۇ، باپ ۋە پاراگىرافلارغا ئايرىيدۇ.

يۇقارقى قاراشلىرىمىز شۇنى ئەكس ئەتتۈرىدۇكى، «ئۈچ خىل سىياسەت» نىڭ ئاپتورى بۇ سىياسىي پىكىرلەرنى خىيالىغا تايىنىپ ئويدۇرۇپ چىقارمىغان. ئاپتور ماقالىسدە بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئۈچ خىل سىياسەت پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇلار بىر غايە ۋە ھەقىقىي نىشان بولۇپ تەتبىقلاشقا بولىدۇ. ھەتتا، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىككىسى مىللىي تارىخىمىزنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلىرىدە تەتبىقلانغان. مۇشۇنداق تۇرۇغلۇق «جاۋابىمىز» ئاپتورىنىڭ لەتىپىگە ئوخشايدىغان سەپسەتە بىلەن «تۈركنى ئىسلامدىن، ئىسلامنى تۈركتىن، تۈرك ۋە ئىسلامنى ئوسمانلىلىقتىن، ئوسمانلىلىقنى تۈركتىن، ئىسلامدىن ئايرىشتىن، بىرنى ئۈچ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، ئۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان بالىلارنىڭ، قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەرنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن  كۆزلىرىنى چىڭ يۇمىۋېلىشىغا ئوخشىماسمۇ؟» ئۇنىڭ «ھەقىقەتچىل، ئەمەلىيەتچىل» پوزىتسىيە تەبىرى بۈيۈك بىر ئېمپىرىيەنى، بىر ئىجتىمائىي توپنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

شۇنداق، «بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ ئومۇمىي ئىسلاھاتى ئۇ جەمىئيەتنىڭ ئەزالىرىنىڭ شەخىس سۈپىتىدە تەرەققى قىلىشىغا، پىشىپ يېتىلىشىگە باغلىق». بۈگۈنكى ئىجتىمائىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى بەلكى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەككى، ئوسمانلىلىق شەخىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، ىىر مەنىۋىي كىملىكنىمۇ كۆرسىتىدۇ. شەخىسلەرگە تەۋسىيە قىلىنغان خىزمەت نىشانى مەنىۋىي كىملىككە كەلگەن چاغدا مۇجمەللىشىپ، ئەسلى مەنىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

«تۈركلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدىغان بولسۇن، مىللەت خاراكتېرلىك يوقىلىپ كىتىش تەھدىدىن بىر قۇتۇلسۇن» دېيىش ئۈچۈن دەسلەپتە ئۇ توپنىڭ، ئۇ مەنىۋىي كىملىكنىڭ نىشانىنى، سىياسىي نىشانىنى، ھەرىكەت لىنيەسىنى بېكىتىش لازىم. شەخىسلەرنىڭ يېتىلىشى، تەرەققىي قىلىشى بىلەن بەنت بولۇپ كىتىپ، دۆلەت كېمىسىنى يۆنىلىشسىز، ھەرىكەتنى نىشانسىز تاشلاپ قويساقمۇ بولىدۇ، دەيدىغان ئىش بولسا ئۇ باشقا گەپ. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە بىراز سەزگۈر ۋە ئەستايىدىلراق بولۇپ «ئۈچ خىل سىياسەت»نى رەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، قىزىقىدىغانلارغا بۇ ئۈچ يولدىن بىرىنى تاللىشىغا ئىمكان يارىتىش كىرەك.

«ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورىنىڭ سۇئالىمۇ مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدى. مۇرەككەپ كۆز قاراشلارنى، مۇجمەل ئىجتىمائىي ھاياتنى ئاددى قائىدىلەرگە قىياس قىلىش بۈگۈنكى ئىلمىي مەنتىقىگە ماس كەلمەيدۇ. گېزىتنىڭ مۇھەررىرىگە ئوخشاش سىياسىي بىر جەمىئيەتنىڭ يىتەكچىلىرى جەمئىيەت پەلسەپىسىنى مۇشۇنداق ئاددى تەھلىل قىلسا، سىياسەتكە مۇشۇنداق نىشانسىز مۇئامىلە قىلسا توغرا بولامدىغاندۇ؟ بىلمەيمەن...

«ئۈچ خىل سىياسەت»نىڭ ئاپتورى بىزدىن تېخىچە جاۋاپ كۈتۈۋاتىدۇ. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئىسلام بىرلىكى، تۈرك بىرلىكى ۋە ئوسمانلىلىقتىن قايسىسىنى تاللىساق ئەڭ پايدىلىق؟

ماقالىنىڭ ئاپتورى ئوسمانلىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ پايدىلىق ۋە تەتبىقلاش مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قارىغان ئۈچ خىل سىياسەتنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر سىياسەتنى، يەنى «ئوسمانلى مىللىتى» سىياسىتىنى تەتبىقلاشقا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قالغان ئىككى خىل سىياسەتنى يەنى، ئىسلام بىرلىكى ۋە تۈرك بىرلىكى سىياسىتىگە نىسبەتەن بىرنەچچە ئىچكىي ۋە تاشقىي توسالغۇلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان پايدا ۋە زىياننىڭ نىسبىتى ئوخشاش دېگەن خۇلاسىگە كېلىدۇ.

پېقىر ئاپتۇرنىڭ بۇ قارىشىنى دېگەندەك توغرا بولغان، دەپ قارىمايمەن. يۇقاردا زىكىر قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ماقالىنىڭ ئاپتورى مەنتىقىلىق پىكىر قىلىشقا بولغان ئەستايىدىللىقى تۈپەيلى بۇ سەۋەنلىكنى سادىر قىلغان. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئىسلام بىرلىكى سىياسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان، كەلگۈسى غۇۋا (كۈچى ئاجىز)، ئەمما نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن تەتبىقلاشقا بولىدىغان ۋە پايدىلىق بىر سىياسەت. تۈرك بىرلىكى سىياسىتىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق، تېخىمۇ نەتىجىلىك بولىدۇ، لېكىن نۆۋەتتە ئۇ سىياسەت مەۋجۇت ئەمەس، مەۋجۇت بولمىغان بىر نەرسىدىن پايدىلانغىلى بولمايدۇ. ئوسمانلى مىللىتى سىياسىتى دەل بۇلارنىڭ ئەكسىچە، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئانچە مەنپەئەتلىك بولۇپ كەتمىسىمۇ، نۆۋەتتە ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەتبىقلاش ئەڭ قولاي ۋە پايدىلىق سىياسەتتۇر.

نۆۋەتتە بىز مۇنازىۋە قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يېرىمى ساۋاتلىق بولۇپ بولغان مىللەتلەر دېيىشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى، پىكرىي ۋە مەنىۋىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ جانلىق قىسىملىرىنى دىن كونترول قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۈگۈن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دىنىي سىياسەتنى تەتبىقلاش ھەرقانداق بىر سىياسەتتىن ئۈنۈملۈكرەك بولىدۇ. بۈگۈن ئسىلام بىرلىكى پىكىرى ۋە ھەرىكىتىنى ناھايىتى ھاياجان ۋە لەززەت ئىچىدە تەسەۋۋۇر قىلىدىغان نۇرغۇن ئىلغار مۇسۇلمانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئىسلام بىرلىكى سىياسىتىنى تەتبىقلاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا ناھايىتى مۇۋاپىق پەيىتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويساق خاتا بولماس. شۇ نۇقتىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشىمىز كىرەككى، ئىسلام بىرلىكىنى روياپقا چىقىرىشقا بولىدۇ دېمەيۋاتىمىز، بەلكى ھەرگىز مۇمكىن بولمايدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمىز. دىمىسىمۇ غايىۋىي بىر ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش مۇمكىنمۇ؟

ماقالە ئاپتورى ئوتتۇرىغا قويغان بىرقاتار توسالغۇلار بۇ سىياسەتنى نۆۋەتتە تەدبىقلاشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرغىنىدەك، سىياسىي ئىشلاردا مىللەت پىكرىنىڭ دىنىي ئىتىقاتتىن ئۈستۈن تۇرۇشى كەلگۈسىدە دىنىي سىياسەتنىڭ پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقت قىلىنشىنى شەرت قىلىدۇ. لېكىن بۇنداق دېگەنلىك ئوسمانلى ھۆكۈمىتى ئوسمانلىنىڭ سىياسىي مەۋجۇتلۇقىنى قوللىمايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلانماسلىقى كىرەك دېگەنلىك بولمايدۇ. ھەتتا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋىي بىرلىكىنى ھەرخىل ۋاستىلار ئارقىلىق كۈچلەندۈرۈشتىن تېخىمۇ بەك پايدا ئالغىلى بولۇشىمۇ مۇمكىن. مۇشۇ سەۋەپلەردىن ئوسمانلى دۆلىتى ئىسلام سىياسىتىگە، ئىسلام بىرلىكى سىياسىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى كىرەك.

تۈرك بىرلىكى سىياسىتىنىڭ كەلگۈسىدە ئىسلامىي سىياسەتتىنمۇ بەكرەك ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.  بىر-بىرىگە چېتىشلىق تۈركلەر 35 مىليۇنلۇق بۈيۈك بىر قەۋىمنى تەشكىل قىلىدۇ (1904-يىلىدىكى تۈركلەرنىڭ ئومۇمى نۇپۇسىنى دېمەكچى-ت). روسىيە زېمىنىنىڭ چوڭلىقىغا نىسبەتەن، روسىيەنىڭ سىياسى ئەرباپلىرىدىن تاتىپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئاجىزلىقلىرى نەزەرگە ئېلىنغاندا، يىراق كەلگۈسىدە بۈيۈك بىر تۈرك دۆلىتى مەيدانغا كېلىدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش پەقەت بىر خىيالدىنلا ئىبارەت ئەمەس.

ھازىرقى ئۇسلۇپ بىلەن دەۋرىمىز مەدەنىيىتى ۋە ئېھتىياجى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان «ئىنسانىيەت» دەۋرىگە قاراپ ئىلگىرىلەش داۋاملىشىۋەرسە، بەلكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق بىر تۈرك ئېمپىرىيەسى مەيدانغان كىلەر. بۇ سىياسەتنىڭ ئاساسىنى، روھىنى تەشكىل قىلىدىغان مەنىۋىي رىشتىلەر -خاتالاشمىسام- زەرەتلىنىش زەنجىرلىرى تېخى ئۇلىنىپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈن بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ھىچبىر ئىشىنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ. پەقەتلا تەتقىق قىلىش ۋە تەھقىقلاش دائىرىسگە داخىل قىلىنغان بۇ سىياسەتلەر ئوسمانلي دۆلىتىنى نىشان قىلىۋالسا بولمايدۇ. چۈنكى  بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھىچبىر پايدىغا ئىرىشكىلىمۇ بولمايدۇ.

ئوسمانلى سىياسىتى دۆلىتى ئالىييەنىڭ بۈگۈنگىچە ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتبىقلاپ كەلگەن سىياسىتى بولۇپ، مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئۈچ خىل سىياسەت ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى ۋە تەتبىقلىنىشى ئەڭ ئاسىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باشقا ئىككى خىل سىياسەت ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۆرىشىدە بىرەر ياردەمچى، بىرەر مۇئاۋىن بولالايدۇ، خالاس. ئوسمانلى سىياسىتى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۇبۇلغىسى، ئەڭ كۈچلۈك قوغدىنىش قورالى ۋە ئەڭ توغرا نىشانىدۇر. «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورىنى بۇ خۇسۇستا خاتا ھۆكۈم چىقىرىشقا تۈرتكەن ئامىل ئاپتورنىڭ ھەقىقەتتىن، ماددىي رىئاللىقتىن بەك مەنتىق ۋە پەلسەپىگە ئەھمىيەت بېرىشىدۇر. مەنتىق ھۆكۈملەرنى كەسكىن ۋە خاتىمە خاراكتېرلىك بېرىدۇ. ئەمما رېئاللىق، ئىجتىمائىي ھايات كۆپىنچە ھاللاردا بۇ ھۆكۈملەرگە قارشى چىقىدۇ.

ئەلۋەتتە، «ئۈچ خىل سىياسەت» ئاپتورىنىڭ ئوتتۇرغا قويغانلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق. ئوسمانلى مەملىكەتلىرىنى نۆۋەتتىكى چېگرالىرى بىلەن مۇداپىئە قىلىش، بۇ چېگرالار ئىچىدىكى ئاھالىلەرنى پۈتۈنلەي ئوسمانلىلاشتۇرۇش، تۈركلەشتۈرۈش ( چۈنكى ئوسمانلى تەبىرى كىيىنكى چاغلاردا تۈرك ھاكىمىيتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن يېڭى بىر مەنا بىلەن قوبۇل قىلىنغان ئىسىم بولۇپ، ئاساسىي تۈرك ئىدى. ئاھالىلەرگە تۈركلەرنىڭ ۋەكىللىك قىلىشى تەلەپ قىلىناتتى) ئەقىلگە سىغمايدىغان خىيالدىن ئىبارەتتۇر. ئەمما سىياسەت ھەرىكەتتۇر، ھاياتتۇر. شۇڭلاشقا سىياسەتتە قەتئىيلىك، مۇكەممەللىك، تاكامۇللۇق شەرت قىلىنسا بولمايدۇ. تۈركىيە نۆۋەتتىكى چېگرالىرىنى مۇداپىئە قىلالمايدۇ، باشقا خەلقلەرنى تۈركلەشتۈرەلمەيدۇ دەپ پەرەز قىلايلى: بۇ يەردىكى زىيان نېمە؟ زىيان نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھازىر شۇنداق كۈچلۈك بىر مىللەت تۇرمامدۇ؟ ئوسمانلى مىللىتى، مانا بۇ جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ تۇرۇپ مۇداپىئە قىلىدىغان چېگرا، مانا بۇ ئوسمانلى مەملىكەتلىرى ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە. بىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئوسمانلى مىللىتى سىياسىتىنى تەتبىقلاش ھەققىدە باش قاتۇرىمىز. بۇ سىياسەتتە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولالىغان يەرلەر بىزگە مەنسۇپ بولار، مۇۋەپپىقىيەتلىك بولالمىغان يەرلەر قولدىن كىتەر. تەقدىر-قىسمەت ياكى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى مۇشۇنداق ئىكەن دەمىز. مەغلۇپ بولۇشىمىز مۇقەررەر بولغان ئىشلاردىن باشقا ھىچقانداق بىر ئىشتا مەغلۇپ بولمايمىز. ئەمما مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ قالساق پەقەت مۇشۇ سىياسەت ئارقىلىقلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمىز.

مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مېنىڭ پىكىرىم، دۆلىتىمىزنىڭ بىرىنچى نىشانى تانزىماتنىڭ، ھاتتى ھۇمايۇننىڭ مەقسەت مۇددىئاسى، مەرھۇم سۇلتان ئابدۇلھەمىتنىڭ، رەشىت، ئەلى، فۇئات ۋە مىتھات پاشالارنىڭ غايىسى بولغان ئوسمانلى سىياسىتىنى تەتبىقلاشنى داۋاملاشتۇرۇش بولۇشى كىرەك. بۇ سىياسەت مىللىي مەۋجۇتلۇقىمزنى قوغداپ قالىدىغان سىياسەتتۇر. ئسىلام دۇنياسى شۇتاپتا كۈنسىرى ئويغىنىۋاتىدۇ، كۈچلىنىۋاتىدۇ. خىلاپەت ۋاستىسى بىلەن بۇ كۈچنى ھۆكۈمىتىمىزگە، ئىجتىمائىي توپىمىزغا بىر تايانچ بازىسى قىلىشقا تىرىشساق، ھۆكۈمەتنىڭ يادرۇسىنى زەئىپلەتمەي، ئىسلام بىرلىكى شۇئارى ئاستىدا ماھىرلىق بىلەن ئسىلام دۇنياسىنى ئوسمانلى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرساق خاتا بولمايدۇ. ئەكىسچە ناھايىتى پايدىلىق بىر ئۇسۇل ھېساپلىنىدۇ. تۈرك بىرلىكى سىياسىتى بۈگۈن مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما ئوسمانلى سىياسىتى مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنى مۇھاپىزەت قىلسا، بەلكى كەلگۈسىدە ئسىلام بىرلىكى سىياسىتى كۈچىنى يوقاتقاندا بىزگە بىر تايانچ بولۇپ قالار.

سىياسى ئىشلاردا پۇرسەتتىن پايدىلىنىشتىنمۇ بەكرەك توغرا، بەكرەك پايدىلىق بىرە ئۇسۇل بارمىدۇر؟ بۇنى بىلمەيمەن.

1904- يىلى ئىيۇن،  مىسىر


[1] تۈرك گېزىتى مۇخبىرى ئەلى كامالنىڭ «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىگە  يازغان جاۋابى

[2] بۈگۈنكى بۇلغارىستانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ

[3] سىبىرىيەدىكى بىر يەرنىڭ ئىسىمى شۇنداقلا ئۇيەردىكى ياشايدىغان تۈركى مىللەنلەرنى نامى

[4] ئەرمەنىىستان ۋە باشقا جايلاردا ياشايدىغان ئەرمەنلەر

[5] بالقان يىرىم ئارىلىدا ياشايدىغان ئاز سانلىق  مىللەتhttps://www.abttf.org/html/index.php?link=detay&id=25&arsiv=1&typ=1

[6] مارۇنىلا: مارۇنى ئەسلىدە بىر زاھىت خرىستىيان پوپىنىڭ ئىسىمى بولۇپ تارىخى مىلادى5-ئەسىردىن باشلىنىدۇ. مارۇنىنىڭ يولىنى تۇتقان مارۇنىلار ئورتادوكۇس مەزھىپىگە تەۋە خىرىستىينلار بولۇپ ھەزرىتى ئىيسانى پەرۋەردىگار بىلەن ئوخشاش دەپ ئىتىقات قىلىدۇ. نۆۋەتتە مارۇنىلارنىڭ سانى بىر يىرىم مىليۇن ئەتراپىدا بولۇپ لىۋىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرىق دۆلەتلىرىدە ياشايدۇ. مارۇنىلانىڭ تەسىرى ھازىرمۇ ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ 1985-يىلى مارۇنى چىركاۋى  پۈتۈن شەرىقنىڭ پاترىكى_پوپى دىگەن ئۇنۋانغا ئىرىشكەن. تەپسىلاتىنى بۇ ئۇلانمىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. https://islamansiklopedisi.org.tr/maruniler

[7] ئەلى پاشانىڭ ئەسلى ئىسىمى مەھمەت ئەمىن ئەلى پاشا بولۇپ 1815-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلۇپ 1871-يىلى ۋاپات بولغان. ئوسمانلېنىڭ سۇلتانلىرىدىن ئابدۇلمەجىد ۋە ئابدۇلئەزىزنىڭ پادىشاھلىق مەزگىللىىردە 5 قىتىم باش ۋەزىلىك 7 قىتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. تانزىمات يەنى ئىسلاھات دەۋرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر شەخىسلىرىدن بىر دەپ قارىلىدۇ.

[8] ڧۇئات پاشا 1835-يىلى تۇغۇلۇپ1931- يىلى ۋاپات بولغان. سىياسىيۇن . ئوسمالې دۆلتىنىڭ كىيىنكى دەۋىرلىرىدە 1900- يىللاردا ئوسمانلې پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇخالىپ كۈچلەرنىڭ بىرى بولغان.

[9]1-ئوسمانلې ئىمپىرېيەسىنىڭ جەنۇبى شەرقى ياۋرۇپادىكى تۇپراقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2- ئوسمانلېنىڭ بالقانلاردا قۇرغان ۋىلايىتىنىڭ ئىسمى. 3- رۇمەلى ۋىلايىتى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تۇپراقلار بۈگۈنكى بۇلغارىستان، جەنۇبى سېربىستان، ماكېدونىيا، بوسنا-ھەركەس، كاراداغ، ئارناۋۇتلۇك ۋە مەركىزى گېرىتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.1864- يىلىدىن تارتىپ بۇ تۇپراقلار ئوسمانلېنىڭ قولىدىن كىتىشكە باشلىغان.

[10] شىۋىتسارىيەلىك پەيلاسۇپ ۋە مۇتەپپەكۇر بولۇپ 18-ئەسىر ئويغىنىش چىغىنىڭ مۇھىم ئىسىملىرىدىن بىرى

[11] Jean-Jacques Rousseau  ئىنسان تەڭسىزلىكنىڭ مەنبەسى، ئىجتىمائىي كېلىشىم قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى

[12] ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ32- پادىشاھى 1876- يىلى تەخىتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ئاسى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان-ت

[13] ئەينى چاغدىكى فرانسىيە ھۆكۈمەت بىناسى


ئەسكەرتىش: بۇ كىتاپچە بۇرۇن ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى تو بېتىدە بۆلۈم-بۆلۈم يوللانغان. يۇقىرىدا كىتاپچىنىڭ قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلگەندىن كىيىنكى قىسمى تولۇق يوللاندى.