يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ماكىئاۋېللى ۋە توماس مور

ئورنى Wikipedia

مۇتەللىپ ئىقبال

ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئويغىنىشتىن باشلىنىش نوقتا بولغان بولسىمۇ، كىيىنكى ۋاقىتلاردا ھەرخىل سىياسىي  چۈشەنچىلەر مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە، جەمئىيەت ئاساسەن دىنىي چۈشەنچىلەر نوقتىسىدىن ئىزاھلىناتتى. بۇ سەۋەپتىن، كىشىلەر جەمئىيەت ھەققىدە ئارتۇقچە ئويلىنىپ يۈرمەيتتى. چۈنكى، چىركاۋ ۋە پوپلار نېمە دىسە، شۇ توغرا ئىدى ۋە دىنىي بايانلارغا چىقىلغىلى بولمايتتى. ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، چىركاۋلارنىڭ جەمئىيەتنى چۈشەندۈرۈشى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاشقا باشلىغان ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە، دىنى جەمئىيەت جەمئىيەتنى ئىلاھ تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بارلىق سۈپىتىدە تونۇيتتى ۋە كىشىلەرگە تونۇتاتتى. كىشىلەرمۇ جەمئىيەتنىڭ دىنىي نوقتىدىن ئىزاھلىنىشىغا كۆنگەن ئىدى. شۇڭلاشقا، نورغۇن كىشىگە نىسپەتەن، جەمئىيەت ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرلگەن مەۋجۇتلۇق ئەمەس ئىدى. جەمئىيەت بۇرۇندىن تارتىپ بار ئىدى ۋە ئىلاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان ئىدى. ئىنسانلار پەقەت بار بولغان جەمئىيەتتە ئىبادەت قىلىپ ياشايتتى.

جەمئىيەتنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن تەبىئىي شەكىللەندۈرۈلگەنلىك قارىشى، كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت ھەققىدە ئارتۇقچە ئويلىنىشقا يول قويمايتتى. لېكىن، 16-ئەسىرگە كەلگەن ۋاقىتتا، جەمئىيەت ھەققىدىكى دىنىي چۈشەنچىلەرگە قارشى چىقىدىغان پىكىرلەر بارلىققا كىلىشكە باشلىغان ئىدى.

ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتىدە ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئەسەر ماكىئاۋېللى(Machiavelli)[2]نىڭ ”ھۆكۈمدارلار دەستورى“[3](The Prince) ناملىق ئەسىرى ئىدى. ماكىئاۋېللىنىڭ بۇ ئەسىرى 1513-يىلى تاماملايدۇ ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى پادىشاھ لورېنزو مېدىسى (Medici Lorenzo de’)غا سوۋغا قىلىنىدۇ. ماكىئاۋېللى بۇ ئەسىرى ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۆزى خالىغانچە تۈزەشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ.

باشتا دەپ ئۆتۈلگىنىدەك، ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە، جەمئىيەتنى ئىنسانلار ئۆزگەرتەلمەيدۇ، دەپ قارىلاتتى. يەنە بىرى، ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىدە جەمئىيەتتە ئەخلاقى پىرىنسىپلارنى تەكىتلەش مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. ماكىئاۋېللى يۇقىرىقىدەك دۆلەت ۋە جەمئىيەت چۈشەنچىسىگە قارشى چىقىدۇ. ئۇ جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ تەڭرى ۋە ئەخلاققا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولماستىن، قوغدىلىشى كىرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. چۈنكى، ماكىئاۋېللى بۇ ئەسىرىنى يازغان مەزگىلدە ئىتالىيە شەھەرلىرىدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق ئېغىر ئىدى.[4]

ماكىئاۋېللى جەمئىيەتنىڭ ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا پادىشاھلىق تۈزۈمنى ھىمايە قىلغان. ماكىئاۋېللىنىڭ ”ھۆكۈمدارلىق دەستۇرى“ ناملىق ئەسىرى ماھىيەت جەھەتتىن، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ”قۇتادغۇبىلىك“ ناملىق ئەسىرىگە ئوخشايدۇ.

ھەر ئىككى ئەسەر يېزىلىپ بولغاندىن كىيىن پادىشاھقا تەقدىم قىلىنىلىدۇ؛

ھەر ئىككى ئەسەردە جەمئىيەتنىڭ تەرتىپىنى تۈزەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؛

ھەر ئىككى ئەسەردە پادىشاھلىق تۈزۈم ھىمايە قىلىنىدۇ؛

ھەر ئىككى ئەسەر جەمئىيەتنى ۋە دۆلەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قۇيىلىدۇ؛

ھەر ئىككى ئەسەر ھۆكۈمرانلىقنىڭ سىياسىي پەلسەپىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ؛

ھەر ئىككى ئەسەر جەمئىيەتتە سىياسىي قالايمىقانچىلىقلار يۈز بىرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە يېزىلغان؛

”ھۆكۈمدارلىق دەستۇرى“ يات دۆلەتلەرنى قانداق بويسۇندۇرۇش، قانداق كونترول قىلىش، سىياسەتنى قانداق يۈرگۈزۈش، قانداق ھۆكۈمدار بولۇش قاتارلىق سىتىراتىگىيەلىك مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىدۇ.

”قۇتادغۇبىلىك“ جەمئىيەت، ئىنسان، دىن ۋە مەدەنىيەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چوڭ دائىرىدىن تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۇ دۇنيا بىلەن بۇ دۇنيا؛ ھۆكۈمران بىلەن بويسۇنغۇچى؛ جەمئىيەت بىلەن ئىنسان ئارىسىدا تەمپۇڭلۇق قۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقەت ئىزدەيدۇ.

”ھۆكۈمدارلىق دەستۇرى“ ۋە ”قۇتادغۇبىلىك“، ئوخشاشلا، جەمئىيەتنى ئىنسان تەرىپىدىن ئۆزگەرتىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جەمئىيەتنى پەقەت ھۆكۈمرانلىق ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ؛

”قۇتادغۇبىلىك“ 11-ئەسىر شارائىتىدا يېزىلغان. ماكىئاۋېللىنىڭ ”ھۆكۈمدارلار دەستورى“ 16-ئەسىرنىڭ بېشىدا يېزىلغان؛

ماكىئاۋېللىنىڭ ئەسىرى جەمئىيەتكە تارقالغاندىن كىيىن، ھۆكۈمدار تەھتىد ھېساپلاپ ماكىئاۋېللىنى قىيىن-قىستاققا ئالغان.

”قۇتادغۇبىلىك“ ماكىئاۋېللىنىڭ ”ھۆكۈمدارلار دەستورى“ دەك داڭلىق بولۇپ بۇلالمىغان.[5]

ماكىئاۋېللىنىڭ ”ھۆكۈمدارلار دەستورى“ ناملىق ئەسىرىدىن باشقا يەنە، توماس مورنىڭ ”قۇياش دۆلىتى“( Utopia)[6] ناملىق ئەسىرى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتىدىكى جەمئىيەت ۋە دۆلەت ھەققىدە ئۆزگىچە پىكىر ئويغاتقان ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

ماكىئاۋېللى ۋاستىگە [7]مەركەزلەشكەن بولۇپ،  توماس مورنىڭ ئىرىشىش مۇمكىن بولمايدىغان خىيالىي جەمئىيەت چۈشەنچىسىگە قارىغاندا، ۋاستىنى ئىنىق تونۇغان ئىدى. ماكىئاۋېللى ئەسىرىدە ھاكىممۇتلەقلىق خاھىش بولسىمۇ، ئو ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ مۇھىم گۇمانىزىمچى ئىدى. ئو جەمئىيەتنىڭ دەھرىي[8] ھۆكۈمدار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىشىنى ۋە گۇمانىزىملىق ئىدىيە بىلەن قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئو يەنە زامانىۋى جومھۇىيەت ئىدىيەسىنى ئىجاد قىلغۇچى، پۇخرالىق چۈشەنچىسىگە ئىشەنگۈچى، ھاكىمىيەتنىڭ دۆلەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پۇخرالار ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى ئىدى.[9]ماكىئاۋېللى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيەلەرنىڭ بەزىسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ”قۇتادغۇبىلىك“ ناملىق ئەسىرىدىن تېپىلىدۇ، ئەلۋەتتە.

ئۇتوپىيەچى توماس مور(Thomas More) 1516-يىلى ”قۇياش دۆلىتى“ ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق مارتىن لۇتېر[10] قاتارلىقلارنىڭ پروتېستان دىنى ئىسلاھاتىغا قارشى چىققان ئىدى. توماس مور خىرىستىيان دىنىنى جەمئىيەتتىن ئايرىشقا قارشى ئىدى. ”قۇياش دۆلىتى“ ياۋرۇپا تارىخىدا ئارىستوتېلنىڭ ”جومھۇرىيەت“ ناملىق ئەسىرىدىن كىيىنكى ئەڭ مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىناتتى. ئارىستوتېل ”جومھۇرىيەت“[11] ناملىق ئەسىرى بىلەن دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ قانداق بۇلىشى ھەققىدە پەلسەپىۋى مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن ئىدى. ياۋرۇپا تارىخىدا ئارىستوتىلدىن كىيىن، ماكىئاۋېللى ۋە توماس مور زامانىغىچە، جەمئىيەتنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە تەسەۋۋۇر قىلىدىغان ئەسەرلەر مەيدانغا كەلمىگەن ئىدى.

توماس مورنىڭ ”قوياش دۆلىتى“ يىڭى بىر خىل جەمئىيەت ۋە دۆلەت تەسەۋۋۇرى ئىدى. توماس مور ”قۇياش دۆلىتى“ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئادەملەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. توماس مورنىڭ ئەسىرىدە، جەمئىيەت ئورگانىك شەكىلدە يۈرۈشكەن ئىجتىمائىي بىرلىك ئىدى. شۇنىسى مۇھىمكى، توماس مور جەمئىيەتنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن قايتا يارىتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق، دىننى جەمئىيەتنىڭ مەركىزى نوقتىسىدىن چىقىرىپ تاشلىمىغان ئىدى. ئارىستوتېلنىڭ ”جومھۇرىيەت“ ناملىق كىتابى بىلەن توماس مورنىڭ ”قوياش دۆلىتى“ بار بولغان جەمئىيەتكە قارىتا تەنقىد ئىدى.[12]

ئەگەر ”قۇتادغۇبىلىك“نى توماس مورنىڭ ئوتۇپىيە ناملىق ئەسىرىگە سېلىشتۇرساق، توماس مورنىڭ ئەسىرىنىڭ فانتازىيەلىك رومان ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇنداق بولغاندا، تۇماس مورنىڭ ئەسىرى ئوتۇپىيە نوقتىسىدا ئەمەس، بەلكى فانتازىيەلىك رومان نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىشقا تىگىشلىك. تۇماس مورنىڭ ”قۇياش دۆلىتى“ ناملىق ئەسىرى كۈچلۈك بولغان فانتازىيە بىلەن تولغان بولۇپ، ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىن بولمىغان بىر جەمئىيەت چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قۇيغان ئىدى.

توماس مورنىڭ ئەسىرى دىئالوگ شەكلىدە باشلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى جەمئىيەتتىكى ئۇرۇش، قالايمىقانچىلىق… قاتارلىقلار تەسۋىرلىنىدۇ. ئەسەردىكى باش قەھرىمان راپېل(Raphael) پادىشاھقا جەمئىيەتنى تۈزەش ھەققىدە تەكلىپ سۇنىدۇ، ئەمما پادىشاھ رەت قىلىدۇ.

ئاندىن كىيىن باش قەھرىماننىڭ ئۇتوپىيە-ئارال دۆلىتى(قۇياش دۆلىتى) ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ئارال دۆلىتى باشقا قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، 54شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەربىر شەھەر تۆت پارچىغا ئايرىلغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ پايتەختى بۇلىدۇ. ھەربىر شەھەر 6000مىڭدىن ئائىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 30ئائىلە بىر بىرلىك قىلىنغان بولۇپ، بۇ 30ئائىلىنىڭ شۇلار ئىچىدىن چىققان باشقۇرغۇچىسى بۇلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، ھەربىر شەھەردىكى 200 باشقۇرغۇچى بۇلىدۇ ۋە بۇلار ئۆزىنىڭ شاھزادىسىنى سايلاپ چىقىدۇ.  ئەگەر، بەزى شەھەرلەردە نوپۇس ئازلاپ قالسا، باشقا شەھەرلەردىكى كىشىلەر كۆچۈرۈلۈپ كىلىنىدۇ. ئەگەر نۇپۇس زىيادە كۆپىيىپ كەتسە، كىشىلەر باشقا يەرلەرگە كۆچۈرىلىدۇ.

بۇ ئارال دۆلىتىدە شەخسىي مۆلۈك بولمايدۇ. ھەممە نەرسە كوللىكتىپ ئىگىدارچىلىقىدا بۇلىدۇ. كىشىلەر ئىھتىياجى چۈشكەن نەرسىنى ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن ئالالايدۇ. ئۆيلەرنىڭ قۇلپىسى بولمايدۇ. بۇ دۆلەتتە يېزا ئىگىلىكى ئاساس قىلىنىدۇ. ئەر-ئايال ھەممەيلەن يېزىلاردا ئىككى يىل مەجبۇرى يېزا ئىگىلىك ئەمگىكى بىلەن شوغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەربىر پۇقرا چۇقۇم مەلۇم بىر ھۈنەرنى ئىگىلىگەن بۇلۇشى شەرت. كىشىلەر كۈندە ئالتە سائەت ئىشلەيدۇ، ئورتاق تاماق يەيدۇ.

كىشىلەر ئورتاق بولغان مائارىپىنى قوبۇل قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئىلىمىي ئەمگەك بىلەن شوغۇللانغۇچىلاردىن تاللىنىدۇ. (مەسىلەن ھۆكۈمەت خادىمى ۋە پوپلار) . بۇ دۆلەتتە پوپلارنىڭ توي قىلىشى ۋە ئاجرىشىشىغا يول قۇيىلىدۇ. تويدىن بۇرۇن جىنىسىي مۇناسىۋەت چەكلىنىدۇ. داۋالىنىش ھەقسىز بۇلىدۇ. بۇ دۆلەتتە كەزمەكچى بولسا، دۆلەت ئىچى پاسپورت ئىشلىتىلىدۇ.

شۇنىسى قىزىقارلىقكى، بۇ دۆلەتتە قۇل مەۋجۇت. بۇ قۇللار يا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر بۇلىدۇ ياكى باشقا دۆلەتتىن ئېلىپ كىلىنگەن بۇلىدۇ. ھەربىر ئائىلىدە ئىككى قۇل بولغان بۇلىدۇ. بۇ قۇللار تازىلىق ئىشلىرىنى قىلىدۇ. بۇ قۇللار ياخشىلانغاندا، ئازاد قىلىنىدۇ. گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەر قۇل قىلىنىدۇ.

بۇ دۆلەت ياكى ئارال كۆپ خىل دىنغا كەڭ قۇرساقلىق قىلغان بولۇپ، ئاي، قۇياش، ئۈسۈملۈكلەرگە چوقۇنۇش يول قۇيىلىدۇ. بۇ دۆلەتتە گەرچە دىنغا ئىشەنمەسلىك يول قۇيۇلسىمۇ، ئەمما دىنغا ئىشەنمەيدىغانلار تازا قارشى ئېلىنمايدۇ. دىنغا ئىشەنمەيدىغانلارغا پوپلار نەسىھەت قىلىدۇ. بۇ دۆلەتتە ئەر-ئايال مۇناسىۋېتى ئىنىق بەلگىلەنگەن. ئەر ۋە ئاياللار ئايدا بىر قېتىم ئۆزىنىڭ گۇناھىنى تونۇيدۇ.

بۇ دۆلەت چېلىشىش قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرىنى چەكلىگەن بۇلۇپ، تىنچلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ. سىرتتىن باشقىلار ھۇجۇم قىلىپ كەلسە ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىدۇ.

بۇ دۆلەت بايلىقىنى پەقەت باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالماشتۇرىشىدىلا ئىشلىتىدۇ.

تۇماس مورنىڭ ئوتپىيەسىدە تەسۋىرلەنگەن جەمئىيەتتە قانۇن بولمايدۇ، چۈنكى كىشىلەر تۇلىمۇ تەرتىپلىك ۋە ئاڭلىق ئىش قىلىدۇ …

توماس مورنىڭ ”ئۇتوپىيە“سىگە سېلىشتۇرغاندا، ”قۇتادغۇبىلىك“ ھەقىقەتەن ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان، ئىنسانلارنىڭ كۆرىشى ئارقىلىق يىتىش مۇمكىن بولغان رىئال جەمئىيەت ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ”قۇتادغۇبىلىك“ يۇقىرىسى پادىشاھتىن تارتىپ تۆۋىنى مالايلارغىچە قانداق يۈرۈش، قانداق كىيىنىش، قانداق سۆزلەش …. قاتارلىق بىر قاتار ئىجتمائىي تەرتىپ ئەندىزىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قىسقىسى، ”قۇتادغۇبىلىك“تە،  مۇكەممەل بىر دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسى، ئىقتىسادىي چۈشەنچىسى، دىنىي ئىدىيەسى، سىياسىي ئەندىزىسى، مەدەنىيەت كۆز-قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

بىز، بۈگۈنكى كۈندە، ”قۇتادغۇبىلىك“نى ئىلمىي شەرھلەش ئەمەس، بەلكى ”ئىلمىي سۆكۈش“ ئىشىنى داۋام قىلىۋاتىمىز. بىزدە، مەلۇم بىر زىيالىي ”قۇتادغۇبىلىك“تە دىنىي چۈشەنچىلەر مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن، يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئالاھىزەل يەتتە يۈز يىل كىيىن توغۇلغان كارل ماركسنىڭ دىنىي چۈشەنچىلىرى بىلەن بۇ ئەسەرگە مۇئامىلە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. يەنە بەزىلەر بۇ ئەسەرنىڭ پەقەت شىئىرى ئەسەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا پەلسەپە ۋە سىياسىي چۈشەنچىلەردىن يىراق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. ئەكىسچە، غەرپتە يېزىلغان بەزى ئەسەرلەرنى ”گۆھەر“ سۈپىتىدە سورۇنلاردا سۆزلەپ يۈرۈيدۇ. يەنە بەزىلەر، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۈگۈن ياشىغان بولسا، ئۆزلىرىگە تەڭ كىلەلمەيدىغانلىقىنى پەش قىلىپ، ئۆزىنى ”ئالىم“ كۆرسەتمەكچى بۇلىدۇ. جۈملىدىن، بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز ئۆزىمىزدە بارنى ”بۈيۈك ئەقىل“ىمىز بىلەن سېسىتىش ۋە ئوخشاش ئىلمىي قاراشلارنى نەچچە ئون يىلدىن بىرى تەكرارلاش بولدى. ”قۇتادغۇبىلىك“نى باشقا ئەسەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ تەپسىلىي تەتقىق قىلمىدۇق.

قىسقىسى، بىز ئۆزىمىزدە بار بولغان نەرسىلەرنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشنى ئۆگىنىشىمىز كىرەك. سېلىشتۇرغا ۋاقىتتا، باشقىلارنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆزىمىزدىكى ئەسەرلەرنى باھالىماستىن، ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچىمىمىز بىلەن باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاشنىمۇ ئۆگىنىشىمىز كىرەك. بۇنداق بولغاندا، باشقىلاردىن ئۆزىمىزگە كىرەكلىك نەرسىلەرنى تىزلا ئالغىلى، ئۆزىمىز ھەقىقىدىكى توغرىلىقلاردا چىڭ تۇرغىلى بۇلىدۇ. قاچانكى باشقىلارنىڭ پىرىنسىپلىرى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆلچىسەك، ئۇ ھالدا ئۆزىمىزگە گۇمان قىلىش باشلىنىدۇ. ئۆزىمىزگە گۇمان قىلغان ئىكەنمىز، ئۆزىمىزگە ئىشەنمەيمىز. ئۆزىمىزگە ئىشەنمىگەن ئىكەنمىز، نەتىجىسىز قالىمىز. ئاقىۋەتتە، قىممىتى ۋە ھۆرمىتى يوق، ھاۋادا لەيلەپ يۈرۈيدىغان كىشىلەردىن بولۇپ قالىمىز.

[1]  بۇ يازمىدا، بۇ ئۈچ كىشىنى سېلىشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بولسىمۇ، سىستىمىلىق تەتقىقات تاماملانمىدى. بالدۇر ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت بۇ ھەقتە كىچىككىنە پىكىر ئويغىنىشى قوزغاش. ماقالىنىڭ تولۇق نۇسخىسى كىيىنچە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.

[2] ماكىئاۋېللى  ئىتالىيەلىك دىپلومات ۋە سىياسىي نەزەرىيەچى

[3]  كىتابنىڭ ئەسلى ئىسمى ”شاھزادە“ بولۇپ، بۇ كىتاپ ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان.

[4] Gerard Delanty, Formations of European Modernity, 2013, p.120

[5]  بۇ ئىككى ئەسەرنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇش بۇ يازمىنىڭ مەقسىتى ئەمەس. ئەگەر بىز قۇتادغۇبىلىك ھەققىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارساق نورغۇن ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشىمىز مۇمكىن. ”قۇتادغۇبىلىك“تىكى پەلسەپىۋى ئىدىيەلەر ھەققىدە ئەكبەر ئەمەتنىڭ ماقالىلىرىنى تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ.

[6] بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى ئىسمى ئۇتوپىيە بولۇپ، قۇياش دۆلىتى دىگەن نام بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ.

[7]  ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىشىكى ئوسۇل.

[8] دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىلغان

[9] Gerard Delanty, Formations of European Modernity, 2013, p.121

[10]  مارتىن لۇتېر گىرمانىيەلىك پوپ ۋە ئىلاھشۇناس بولۇپ، پروتېستان ئىسلاھاتىنىڭ بايراقدارىدىن بىرى سانىلىدۇ. ئو رىم كاتولىكلىرىنىڭ ئىنجىلنى ئوقۇتۇش ئوسۇللىرىغا قارشى چىقىدۇ. ئو يەنە كىشىلەر گۇناھىنىڭ پۇل بىلەن يويۇشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىدەك چۈشەنچىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن، دىنىي جەمئىيەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى.

[11] غايىۋى جەمئىيەت، دىگەن نام بىلەن تەرجىمە قىلىنغان.

[12] Gerard Delanty, Formations of European Modernity, 2013, p.120

مەنبە: مۇتەللىپ ئىقبال جەمىئىيەتشۇناسلىق بىلوگى http://mutellipiqbal.com/?p=238

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى