يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كېسەللىكلەر ھەققىدىكى قاراشلىرى

ئورنى Wikipedia

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كېسەللىكلەر ھەققىدىكى قاراشلىرى



سۇلايمان يۇنۇس

«قۇتادغۇبىلىك» گەرچە مەخسۇس تېببىي ئىلىم ساھەسىگە بېغىشلانغان داستان بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا مەزكۇر داستاننىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆز زامانىغا قەدەر جۇغلانغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ بىر قاتار مۇھىم پەلسەپىۋى - نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى، يەنى ئوت، سۇ، ھاۋا ۋە تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەبىئەتنى شەكىللەندۈرگۈچى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەم بىر - بىرىگە قارىمۇقارشى ئىكەنلىكى، ھەم بىر - بىرىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ تەسىرى ئىنسان بەدىنىدە تۆت خىل كەيپىيات  -  مىزاجلارنى پەيدا قىلىدىغانلىقى، بۇ ئالاھىدىلىكلەر يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۆت تادۇ (تەبىئەتتىكى تۆت چوڭ ماددا)نى دەۋر قىلىش ئاساسىدا شەكىللىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ قايسى مىزاجقا مەنسۇپ بولۇشى، تۆت چوڭ ماددىدىن قايسىسىنىڭ غالىب ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، ئادەم بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىش ياسىشىدىن جىگەردە بىر خىل مۇرەككەپ سۇيۇقلۇق پەيدا بولىدىغانلىقى، ئۇ خىلىت دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلىرى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەللىكنى داۋالاش، دورا تەييارلاش، دورا بۇيرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش نەزەرىيىۋى ئاساسلار، پرىنسىپ - قائىدىلەر ۋە ئەمەلىي داۋالاش چارە - تەدبىر شەكىللىرى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

1. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدىكى

فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلىرى، ئىنسانىيەت ئالىمىدە تېۋىپلارنىڭ
تۇتقان ئورنى ۋە ئوينايدىغان رولىنىڭ مۇھىملىقى 

توغرىسىدىكى قارىشى


ئادەم تۇغۇلىدۇ ۋە ئۆلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ داستانىدا بۇ مۇقەررەرلىك ئالاھىدە قەيت قىلىنغاندىن باشقا، كىشىلەرنىڭ تىرىكلىك جەريانىدا تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىغانلىقى، تېۋىپلارنىڭ كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغانلىقى، ئۇلارسىز ھاياتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن:

4356.ئۇلاردىن بىرىسى تېۋىپلار ئېرۇر،

پۈتۈن دەرد - كېسەلگە داۋالار قىلۇر.

4357.يەنە بەك كېرەكلىك ساڭا بۇ كىشى، ئوڭشالماس ئۇنىڭسىز تىرىكلىك ئىشى.

4358.تىرىك بولسا ئادەم ئۇ كېسەل بولۇر، تېۋىپلار كېسەلگە داۋالار قىلۇر.

4360.ئۇلارنى سەن ياخشى كۆرۈپ تۇت يېقىن، ئۇلاردۇر كېرەكلىك، كۆزەت سەن ھەقىن.


ئالىم بۇ مىسرالىرى ئارقىلىق كېسەللىكلەرنى تېۋىپلارنىڭ داۋالىيالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا تېۋىپلارنىڭ رولىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ چاغدىكى تېۋىپلار ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئىلمى سەۋىيىسىنىڭ كېسەللىكلەرنى دورا بىلەن داۋالاشتىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېتەلەيدىغان دەرىجىدە ئۆسكەن ھەم تەرەققىي قىلغانلىقىدىنمۇ بېشارەت بېرىدۇ. كېسەلنى دورا بىلەن داۋالاشتىن سۆز ئاچساق، ئۇ ئالدى بىلەن تېۋىپلارنىڭ كېسەلنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، كېسەلگە دورا تەييارلىشى ۋە دورا بۇيرۇشىدەك بىرقاتار جەريانلار كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئۇنىڭدا دورىنىڭ شىپالىق ئۈنۈمى تېخىمۇ مۇھىم. بۇلار تېببىي ئىلىم ساھەسىدە نىسبەتەن يۇقىرى سەۋىيىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم. ئەينى دەۋردە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسەۋۋۇپچىلىق، روھانىيلىق ئەۋج ئالغان بولۇپ، سوپىزم كۈچىيىۋاتقان، داخانلىقمۇ مۇئەييەن ئورۇن ئىگىلىگەنىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتىكى ئاجىزلىقى، ئىقتىدارسىزلىقى ئاللىقاچان مەلۇم بولۇپ قالغانىدى. ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئەھۋالنى ماھىرلىق بىلەن كۆزىتىپ، ئۇنى تونۇپ يەتكەن. ئەمما ئۇنى جامائەتچىلىككە بىۋاسىتە كۆرسىتىش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى تېببىي ئىلىمنى ئۇلۇغلاش، تېۋىپلارنىڭ ئورنى ۋە رولىغا ئىلىمگە خاس خالىس مەيداندا تۇرۇپ ئادىل باھا بېرىش يولى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگەن. ئەينى چاغدىكى ئىمادىددىن قەشقەرى تەرىپىدىن يېزىلغان «شەرھى ئەلقانۇن» دېگەن كىتاب قاراخانىيلار تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ ساقلىقنى ساقلاش دەستۇرى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى يۇقىرىقى سۆزىمىزنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ①

2. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوزۇقلىنىش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش 

توغرىسىدىكى قارىشى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ

ئوزۇقلىنىش توغرىسىدىكى قاراشلىرى


يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ داستانىدا ئوزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ سالامەتلىك بىلەن ناھايىتى زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا مۇۋاپىق ۋە مەلۇم ئۆلچەم ھەم تەرتىپ بويىچە ئوزۇقلىنىشنىڭ لازىملىقىنى، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەندە، ئادەمدە كېسەللىك پەيدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىپ:

2892.نېمە دەر بىلىملىك ھېكىم، دىققەت ئەت، تاماقنى ئاستا يە، گېلىڭنى كۆزەت.

2893.گېلىڭنى كۆزەتسەڭ بېشىڭ ساقلىنار، يېسەڭ ئاشنى ئاز - ئاز، ئېغىزغا تېتار.

2894.تولا كۆردۈم ئەرنى زايە قىلدى باش، گېلىڭنى كۆزەتمەي ھارام كەتتى ياش.

4613.غىزانى يە ئۆلچەپ، يېمە تولا كۆپ، ئاقىل بىر ئەزىز سۆز ئېيتتى بوڭا خوپ:

4614.تولا يېگۈچىنىڭ ئېشى سىڭمىغاي، ھەزىم بولمىسا ئاش ھەريان ئاغرىغاي.

4621.مىزاجقا ياققاننى بىلىپ يېگۈلۈك، مىزاجقا ياقمىسا، ئۇنى قويغۇلۇق.

4642.نە ياخشى دېمىش، كۆر، تېۋىپ - ئەمچىلەر، يېسە ئاشنى ئاز ئەر ئىسەن - ساق كۈلەر.


دەپ يازسا، سەئدى شىرازىمۇ كىشىلەرنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ئوزۇقلىنىشىنىڭمۇ، ئاچ يۈرۈشىنىڭمۇ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈم گىردابىغا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىپ مۇنداق يازىدۇ:

ئەگەر بىر ئەئزاگە ئاغرىق بولسا يار، ئۆزگە ئەئزالەردە قالمايدۇ قەرار.

كەم يېيىش تەبىئەت بولسا، ئىنسانگە ئاغىرلىق يۈز بەرسە يەڭگىل كۆچىدۇ.

كەڭلىكىدە تەننى پەرۋەرىش قىلسە، تارلىقىدە ئۆمرىنىڭ شامى ئۆچىدۇ.

كۆپ يېمە، چىقمەسۇن تاشىپ بوغزىڭدىن، ئاز يېمە، چىقمەسۇن جانىڭ ئاغزىڭدىن. ②


جالالىددىن رۇمى يۇقىرىقى قاراشلارنى قوللاپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «پەرھىز»دىن ئىبارەت بىر خىل داۋالاش شەكلىنىڭمۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

ئىللەتدىن شۇ كويغا چۈشكەندە يۈرەك،

چۇنكى يېگەن ئىدى تۈنۇ كۈن يېمەك.

داۋالار ئاساسى سانىلۇر پەرھىز، پەرھىز قىل جان كۈچىن كۆرگىن ئۇشە كىز.

پەرھىزدۇر دارىيۇ دەۋا سەرۋەرى، قىچىشىش ئاشار، قوتىر كۈچەيگەنسېرى.

پەرھىزدۇر دارىيۇ دەرمانلار باشى، ھەزىم دارى - يېڭى ئىللەت يولداشى ③.

ئەمىر خۇسرەۋ دىھلەۋىمۇ يۇقىرىقى قاراشلارغا قوشۇلغان ھالدا، ھەددىدىن ئارتۇق تائام يېيىشنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كېلىپ مۇنداق يازىدۇ:

لەۋزىگە ياقىملى تەنلەرگە جاندۇر، كۆپ يېسەڭ، قارىنغا بىراق زىياندۇر.

دەۋادەن نەف تاپماس ئىللەتكە ئەسىر، ھەتتا دەردى قىلدى تەبىبگە تەئسىر ④.

كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كېسەللىكنىڭ ئاساسلىقى يېمەك - ئىچمەكنى ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىش، ئۆلچەمسىز، تەرتىپسىز ئوزۇقلىنىشتىن پەيدا بولىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈم گىردابىغا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى يۇقىرىقى بايانلاردىن بىزگە مەلۇم بولىدۇ. «ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى»دىمۇ يېمەك - ئىچمەكنىڭ ئادەمنىڭ ساقلىق ۋە كېسەللىك ھالىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ھەربىر ئادەم يېمەك - ئىچمەكنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا، مىزاجىغا يارىشا يېيىشنىڭ لازىملىقى، يېمەك - ئىچمەك، ئىچىملىكلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىشنىڭ زىيانلىق بولغىنىغا ئوخشاش، ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ يۈرۈشنىڭمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. قىسقىسى، «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىمۇ ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىمۇ كىشى ساغلام بەدەن بولاي دېسە، يېمەك -ئىچمەكنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش كېرەككى، بۇنىڭغا سەل قارىسا، ھاياتىنىڭ ئۆلۈمنىڭ بوسۇغىسىغا قاراپ ماڭىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۇ قاراشنىڭ ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدا قوللىنىۋاتقان ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، يۈرەك كېسەللىكلىرى، قان تومۇر قېتىشىش كېسەللىكلىرى، دىئابىت كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە يېمەك - ئىچمەكتە پەرھىز بۇيرۇش ۋە تاماقنىڭ تۈرى، مىقدارىنىمۇ مۇۋاپىق تۈردە تەڭشەش ئۇسۇللىرى بىلەن ئوخشاشلىقى بار. دېمەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى ئوزۇقلىنىش ھەققىدىكى بايانلار ئىلىم - پەن راۋاج تاپقان مىڭ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاشلا قىممىتىنى يوقاتمىغان ئىلمىي يەكۈن سۈپىتىدە ئىسپاتلىنىپ تۇرماقتا.

3. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە

يۇقۇملىنىش يوللىرى توغرىسىدىكى قارىشى


«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ مۇئەللىپى كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش ۋە يۇقۇملىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغاندا، كېسەللىكنىڭ ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى ئېنىق قەيت قىلىدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت بولۇپ، ئۇنى پۈتكۈل تىببىي ئىلىم ئەھلىلىرى بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىمۇ ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان «كېسەل كىرەر گېلىڭدىن، بېشىڭ كېتەر تىلىڭدىن» دېگەن ماقالمۇ كېسەللىكنىڭ ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى ئىنتايىن يىغىنچاق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. جۇڭگوچە داۋالاشتىمۇ كېسەللىكنىڭ ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقى «病从口入» (كېسەللىك ئېغىزدىن كىرىدۇ) دەپ كۆرسىتىلىدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا بۇ قاراش ناھايىتى مەزمۇنلۇق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلگەن:

632.شېشىپ قىلغان ئىشلار ھامان خام قالۇر،

چالا پىشقان ئاشتىن كېسەللىك كېلۇر.

2895.كېسەل دەردى ئەرگە گېلىدىن كىرۇر، ئۇنىڭ دورىسى ھەم ئېغىزدىن بولۇر.


يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ بېيتلىرىدە ئالدىراپ قىلىنغان ئىشنىڭ چالا بولۇپ قالىدىغانلىقى بىلەن تاماقنى خام يېگەندە كېسەل پەيدا بولىدىغانلىقىنى سېلىشتۇرما شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېسەللىكنىڭ ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى، مىجەزگە قاراپ غىزالىنىش كېسەلنى داۋالاشنىڭ بىر تۈرلۈك داۋاسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. مەشھۇر تېۋىپ ئىبن سىنامۇ ئۆزىنىڭ تېببىي كىتابلىرىدا كېسەللىكنىڭ ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقى، بولۇپمۇ تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئېغىزدىن كىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارغا باب كېلىدۇ.

4. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ مۇھىت ۋە تازىلىق

بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قارىشى


يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل بۇ دېداكتىك داستانىدا ئىنسانلار سالامەتلىكىنىڭ يېمەك - ئىچمەك تازىلىقى، مۇھىت تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ ۋە بۇنىڭغا ھەرقاچان، ھەر يەردە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئالىم ئۆز داستانىدا مىليونلىغان ئىنسانلار قاتارىدا تۇرۇپ، پاك ۋە گۈزەل مۇھىتنى يارىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، بۇنداق پاكىز ۋە گۈزەل مۇھىت كۆرۈنۈشتىلا چىرايلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتى ۋە سالامەتلىكى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئالىمنىڭ مۇھىت، تەبىئەت ھەققىدىكى مىسرالىرىنى تەبىئەت تەسىرى دەپ چۈشەنگەندىن كۆرە، گۈزەل مۇھىت يارىتىشقا بولغان ئىنتىلىشتىن بېشارەت دەپ چۈشەنگەن تۈزۈك. بىز ئالىمنىڭ تەبىئەت كۆرۈنۈشىنى ناھايىتى پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن ئوبرازلىق، جانلىق ئىپادىلىگەن تۆۋەندىكى مىسرالىرىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:

69. دالا، تاغ، قىر، ئويمان تۈشەندى يېپىپ،

بېزەندى ۋادىلار يېشىل، ھال كېيىپ.

70. تۈمەن رەڭ چېچەكلەر ئېچىلدى كۈلۈپ، ئىپار، كافۇر ھىدىغا دۇنيا تولۇپ.

71. ئەسىپ تاڭ شامالى قەلەمپۇر پۇراق، ئىپار بۇيىغا تولدى دۇنيا بىراق.

96. گۈزەل مەنزىرە، يەردە گۈل خىلمۇخىل، دالا، تاغ، ئىدىر، قىر يۈزى كۆك، يېشىل.

97. بىرى خۇش ھىدى بىرلە قۇللۇق قىلار، بىرى كۆرك يۈزىلە ئىشىكنى ئاچار.

98. بىرى قول سۇنۇپ ئاڭا ئىسرىق تۇتار، ئىپار بىرلە بىرى جاھان تويغۇزار.


يۇقىرىقى مىسرالاردىن ئالىمنىڭ ساپ ھاۋا، پاكىز ۋە گۈزەل مۇھىتقا نەقەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. گېزى كەلگەچ، ئىسرىق ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتەيلى. ئۇيغۇرلار قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا ئىسرىق سېلىش ۋە باشقا خۇشپۇراقلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇلغانغان ھاۋانى تازىلاپ ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىپ مىكروبلارنى يوقىتىشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، سالامەتلىك سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتىلىپ تۇرغان. مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدىكى ئىسرىق تۇتۇپ تۇرغان بۇددىستلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى شۇنىڭ جۈملىسىگە كىرىدۇ. ئىبادەتخانىلاردا كۈجە كۆيدۈرۈش، شام يېقىش، ئىسرىق سېلىش ئىشلىرى ئالدى بىلەن ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئەينى چاغلاردا ئىبادەتخانىلارغا كېلىپ ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولاتتى. ئادەم كۆپ يىغىلىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇنداق ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىمۇ تەبىئىي ھالدا ئېغىر بولاتتى. ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان بۇنداق سورۇنلارنىڭ ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىغا پەقەت ئەنە شۇنداق ھەم مىكروبسىزلاندۇرىدىغان، ھەم خۇشپۇراق چاچىدىغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىقلا كاپالەتلىك قىلغىلى بولاتتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن جاڭ بى دېگەن كىشى يازغان «پەرداز بۇيۇملىرى» دېگەن كىتابتا:«جۇشەندىنىڭ بەشىنچى يىلى كۈنمىڭغا ئون بەش قۇتا ئەتىر ئېلىپ كېلىنگەن. قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئاچقاندا تارالغان خۇش پۇراق ئۇزاققىچە كەتمىگەن. بۇنداق ئەتىر غەربىي يۇرتتا تېرىلىدىغان قىزىل گۈلدىن ياسالغان. ئۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ ئەتىر ياساش تېخنىكىسى يۇقىرى ئىكەن» دەپ يېزىلغان ⑤. بۇ قىسقىغىنە خاتىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىنلا مۇھىتنى ياخشىلاش، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر خىل چارە - ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى»دىمۇ يېمەك - ئىچمەك تازىلىقى، مۇھىت تازىلىقى ۋە شەخسىي تازىلىققا ھەر دائىم ئەھمىيەت بېرىشنىڭ لازىملىقى تەكىتلىنىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە ساپ ھاۋا ھايات ئۈچۈن قانچە پايدىلىق ۋە زۆرۈر بولسا، بۇلغانغان ھاۋامۇ ھايات ئۈچۈن شۇنچە زىيانلىق ۋە خەتەرلىك بولىدىغانلىقى، ھەر خىل تازىلىققا ئوبدان ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقى، ھەتتا تازىلىقنى تەن - سالامەتلىكنىڭ بىرىنچى شەرتى دەپ قاراش كېرەكلىكى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا بۇ نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ئۇلار ھويلا - ئاراملارغا دەل - دەرەخ تىكىپ، گۈل -گىياھلار ئۆستۈرۈپ، مۇھىتنى پاكىز ۋە گۈزەل قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان. ھېيت - ئايەملەر يېقىنلاشقاندا ئەر - ئايال، قېرى - ياشلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ھەرىكەتلىنىپ تازىلىققا كىرىشىپ كېتىدۇ. بۇ،بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمگەكنى، تازىلىقنى شەرەپ دەپ بىلىپ، ئۇنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشكە، شۇنداقلا ھەر خىل تازىلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئۆز نۆۋىتىدە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

5. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دورىگەرلىككە دائىر بەزى بايانلىرى

«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا دورىگەرلىك ئىلمىگە دائىر ناھايىتى مۇھىم بايانلار بار. بۇ بايانلار ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭلا باشلانغان دورىگەرلىك ئىلمىنىڭمۇ مۇستەقىل بىر ئىلىم سۈپىتىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى، قەدىمكى زاماندا ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن تېۋىپلارنىڭ كېسەلنى تەكشۈرۈش، دىئاگنوز قويۇش، دورا بۇيرۇش ۋە دورا تەييارلاشتەك بىر يۈرۈش داۋالاش سىستېمىسىغا ئىگە بولغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. ئالايلۇق:

1057.تېۋىپلار يىغىلىپ تۇتۇشتى تومۇر، دېيىشتى ئۇلار: بۇ كېسەل نېمىدۇر؟

1058.بىرى دېدى: قانى تۇتۇلمىش بۇنىڭ، ئېلىپ قان، تومۇرىن ئاچايلى ئۇنىڭ.

1059.بىرى دېدى: سۈرگە ئىچۈرمەك كېرەك، ئىچى قاتقان، ئەمدى بوشاتماق كېرەك.

1060.بىرى شەربەت ئەتتى ۋە قوشتى جۇلاب، ياساپ بەردى بىرىسى كېرەكلىك شاراب.

1064.تەرياك بەر ۋە مەيلى قات شەلىسە، قوشۇپ ماترىدوس يا سۈرگە ئىچۈرسە.


بۇ يەردە ئالىم ئۆزى ياراتقان ئاتولدىدىن ئىبارەت بىر پېرسۇناژنىڭ ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ يېتىپ قالغاندا، تېۋىپلارنىڭ كېلىپ، ئۇنىڭ نېمە كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى ئېنىقلاپ، ئۇنى كېسەلدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل دورىلارنى تەييارلىغانلىقىدەك بىر جىددىي مەنزىرىنى ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق ئىپادىلىگەن. بۇ بايانلاردىن بىز يەنە ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ داۋالاش شەكلى - چارىسىنىڭ جىقلىقى، دورا تۈرلىرىنىڭمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە بارلىقىنى بىلىپ يېتىمىز. قەدىمكى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە «پۈتۈن دورا - ئوت» لارنى ساقلايدىغان مەخسۇس «ئىدىشچى»لار بولۇپ، «ئىدىشچى»دە يېيىشكە، يالاشقا (شوراشقا) ۋە ئىچىشكە بولىدىغان نۇرغۇن دورىلارنىڭ تەل ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇنى بىز مۇنۇ مىسرالاردىن بىلىپ يېتىمىز:

2887. پۈتۈن دارا - ئوتنى ئىدىشچى تۇتار، جەۋارىش، يا مەئجۇن، يا سۈرگە قاتار.

2888.ئۇنىڭدا تېپىلسۇن تولا دورىلار، يېيىشكە، يالاشقا، ئىچىشكە تەييار.

2889.قۇرۇق - ھۆل يېمىش يا ئىچىملىك شاراب، ئۇنىڭدىن ئالار بول گېلىڭغا قاراپ.


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىمۇ شەربەت دورىلار، مەسىلەن، شەربىتى بىنەپشە قاتارلىق نەچچە ئون شەربەت؛ جۇلابلار - جۇلابى سەۋدا قاتارلىق ئون نەچچە خىل جۇلاب؛ شارابلار - شارابى رەيھان قاتارلىق ئون نەچچە خىل شاراب؛ تەرياقلار - تەرياقى نەزلە قاتارلىق نەچچە خىل تەرياق؛ جەۋارىس كۇمۇنى قاتارلىق نەچچە ئون خىل جەۋارىس؛ مەئجۇنى ئازاراقى قاتارلىق ئون نەچچە خىل مەئجۇن؛ سۈرگە قاتارىغا كىرىدىغان ھەر خىل مۇسھىل ۋە ئىخراجلار، يالاشقا ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل لوئۇقلار (يالانچۇق دورا) قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. ئالىم بۇلاردىن باشقا، يەنە ئىپار، ئەنبەر، زەپەر، كافۇر قاتارلىق خۇش پۇراقلىق دورىلارنى ھەمدە ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت، مەرۋايىت قاتارلىق مېتال ۋە مىنېرال ماددىلارنىمۇ، دورىلىق قۇش، ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ گۆش - سۆڭەكلىرىنىمۇ دورا قىلىپ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. قىسقىسى، قەدىمكى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ھەزىم قىلدۇرغۇچى، قۇۋۋەتلىگۈچى ياكى ئاجىزلاتقۇچى، زەھەر قايتۇرغۇچى، يەيدىغان، ئىچىدىغان، چاپلايدىغان، يالايدىغان دورىلار ۋە باشقا ھەر خىل شەكىلدىكى نۇرغۇنلىغان دورىلار ئىشلىتىلگەن. بۇ دورىلارنىڭ بەزىلىرى بىر خىل بۇيۇمدىن تەييارلانسا، بەزىلىرى بىرقانچە خىل دورىلارنىڭ بىرىكمىسى بىلەن تەييارلىنىدۇ. بۇنداق مۇرەككەپ دورىلارنى تەييارلاش، كېرەكلىك دورىلارنى بەلگىلىك نىسبەت بويىچە ئۆزئارا قوشۇپ كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئالدىن مۆلچەرلەنگەن دەرىجىگە يەتكۈزۈش بىلەن تاماملىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ ناھايىتى يۇقىرى تېببىي ئىلىم سەۋىيىسىنىڭ ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇرەككەپ خىمىيىلىك بىرىكتۈرۈشلەر تېخىمۇ شۇنداق. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن، ئىلىم - پەن، سانائەت ۋە تېخنىكا تەرەققىي تاپمىغان قەدىمكى زاماندا تۈرلۈك - تۈمەن دورىلارنى تەييارلاش تەبىئىيكى بەكمۇ قىيىنغا توختايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەييارلانغان دورىلارمۇ قولدا ۋە ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا تەييارلىناتتى. جەمئىيەت تەرەققىياتى مانا شۇنداق ئەھۋالدا كېتىپ بارغان شارائىتتا ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ۋە دورىگەرلىرى ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىش، نۇرغۇن قېتىم ئەمەلىي سىناق قىلىش ئارقىلىق تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە شىپالىق بولىدىغان ھەر خىل شەكىلدىكى دورىلارنى تەييارلاپ چىقىپ، باخشىلار، داخانلار، رەمباللار، پېرىخۇنلار ۋە ئەپسۇنچىلار بىلەن تېببىي داۋالاش - دورىگەرلىكتە ئۇزاقلارغىچە رىقابەتلىشىپ، ئاخىر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېببىي - دورىگەرلىك ئىلمىنىڭ ئاساسىنى سېلىپ چىقتى. بىز «قۇتادغۇبىلىك»تىكى تېبابەتكە دائىر كۆز قاراشلاردىن ئىلھام ئېلىپ، ۋەتەن مەدەنىيەت خەزىنىسىدە خۇددى ئوتقاشتەك چاقناپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر تېببىي - دورىگەرلىك ئىلمىي سەمەرىلىرىنى قەدىرلىشىمىز، تىرىشىپ ئېچىشىمىز ۋە ئۇنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىشىمىز لازىم.

ئىزاھلار: ①③ ئىبراھىم مۇتىئى:«ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا يېڭى كىرگەن دەۋردىكى ئىسلام مەدرىسلىرى»، «بۇلاق»، ئومۇمىي 28 - سان. ② «ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى»، 7 - بەت. ④⑤⑥ «نەۋائى دەۋرىنىڭ تېبابىتى»، 1991- يىلى، تاشكەنت نەشرى. ⑦ «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1993 - يىلى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى سانى (5 - بەت). ⑧ «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 3 - سانى.