يۈسۈپ قەرەداۋىي

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى يۈسۈپ قەرزاۋىي)
يۈسۈپ قەرەداۋىي
تۇغۇلغان ۋاقتى1926 - يىل 9 - سىنتەبىر
يۇرتىمىسىر
ھازىرقى ئورنىقاتار
مىللىتىئەرەب
مائارىپ سەۋىيىسىدوكتور
تور بەتhttps://www.al-qaradawi.net


دوكتور يۈسۈف ئابدۇللاھ قەرەداۋىي (ئەرەبچە:يوسف عبد الله القرضاوي. 1926 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى توغۇلغان): مۇسۇلمان ئالىم، دۇنيا مۇسۇلمانلار ئالىملار بىرلىكى (الاتحاد العالمي لعلماء المسلمين) نىڭ سابىق رەئىسى.

ھاياتى[تەھرىرلەش]

مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىييە ۋىلايىتى ئەلمەھەللە ئەلكۇبرا شەھرى سەفۋەت تۇراب يېزىسىدا يوقسۇل مۇسۇلمان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. شەيخ يۈسۈف قەرەداۋىي ئىككى يېشىدا ئاتىسىز يېتىم قېلىپ تاغىسىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولغان. ئون ياشقا تولمايلا، تەجۋىد بىلىملىرىنى پۇختا ئۆگەنگەن ھالدا، «قۇرئان كەرىم»نى يادقا ئېلىپ بولغان. ئائىلىسى ئۇنىڭ ياغاچچى بولۇشىنى ئىستىگەن بولسىمۇ ئۇ تانتاغا بېرىپ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىرىگە كىرىپ، تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى مىسىر بويىچە ئىككىنچىلىك بىلەن پۈتتۈرگەنگە قەدەر، ئەلاچىلىقنى قولدىن بەرمەي ئوقۇغان.

كېيىن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاساسىي دىنىي پەنلەر فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1952 – 1953 - ئوقۇش يىلى فاكۇلتېتنى بىرىنچىلىك بىلەن پۈتتۈرگەن. 1954 - يىلى ئەرەب تىلى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىجازەتنامىسىنى ئالغان. 1958 - يىلى ئالىي ئەرەب تىلى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى دىپلومىغا؛ 1960 - يىلى ئاساسىي دىنىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىس بىلىملىرى بۆلۈمىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا؛ 1973 - يىلى مەزكۇر فاكۇلتېتتا «زاكات ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى تەسىرى» تېمىلىق دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى بىلەن بىرىنچى دەرىجە باھالىنىپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

1977 - يىلى قاتار ئۇنىۋېرستېتى «ئىسلام شەرىئىتى ۋە ئىسلام تەتقىقاتى فاكۇلتېتى»دا تەسىس قىلىش ۋە رەھبەرلىك قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان ۋە فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ سايلانغان ۋە 1990 - يىلىغىچە داۋام قىلغان. ئۇ يەنە قاتار ئۇنىۋېرسىتېتى ھەدىس ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مۇدىرى بولغان.

1997 - يىلى مارتتا غەرب ئەللىرىدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ دىنىي ھاياتىغا دائىر پەتۋالارنى بېرىش ئۈچۈن «ياۋرۇپا پەتۋا ۋە تەتقىقات مەجلىسى»نى قۇرغان.

دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي 1991 - يىلى ئىسلام ئىقتىسادىي تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇكاپاتىغا؛ 1993 - يىلى ئىسلام تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن «پادىشاھ فايسال خەلقئارالىق مۇكاپاتى»غا؛ 1996 - يىلى مالايسىيا خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى تەرىپىدىن «ئالاھىدە ئىلمىي تۆھپە مۇكاپاتى»غا نائىل بولغان ۋە 1997 - يىلى ئىسلام فىقھى بويىچە بىرۇنېي سۇلتانى ھەسەن بەلقىيە تەرىپىدىن تەقدىرلەنگەن.

دوكتور يۈسۈف قەرەداۋىي تەشەببۇس قىلىپ 2004 - يىلى دۇنيادا تونۇلغان ئۆلىمالار بىلەن بىرلىكتە بىرەر دۆلەتكە تەۋە بولمىغان «دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى»نى قۇرغان ۋە مەزكۇر بىرلىكنىڭ 2018 - يىلىغىچە رەئىسى بولغان.

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

«ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» (الحلال والحرام في الإسلام) ئالىمنىڭ ئەڭ مەشھۇر كىتابلىرىدىن بىرى بولۇپ، 1960 - يىلى نەشردىن چىققاندىن بېرى ئەرەب - ئىسلام ئالىمىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تارقالغان، نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئالىملارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.

ھەتتا بۈيۈك ئۇستاز مۇستافا زەرقا: «ھەربىر مۇسۇلمان ئائىلىنىڭ بۇ كىتابقا ئىگە بولۇشى ۋاجىپ» دېگەن.

ئۇستاز مۇھەممەد مۇبارەك: «بۇ ئۆز بابىدىكى ئەڭ ئېسىل كىتاب» دېگەن.

ئۇستاز ئەلى تەنتاۋىي بۇ كىتابنى مەككە مۇكەررەمەدىكى پېداگوگىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرسلىك قىلغان.

تونۇلغان مۇھەددىس ناسىرۇددىن ئالبانىي بۇ كىتابنىڭ ھەدىسلىرىنى باھالاپ چىقىشقا ئەھمىيەت بەرگەن.

كىتاب يەنە پاكىستاندا ئىلمىي تەتقىقات ئوبيېكتى سۈپىتىدە ئېتىبارغا ئېرىشكەن ۋە پەنجاب، كاراچى قاتارلىق جايلاردىكى ئىسلام تەتقىقات ئاكادېمىيىلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن بۇ كىتاب ھەققىدە تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيىلىرى يېزىلغان.

بۇ كىتاب قاھىرە، بېيرۇت، كۇۋەيت، ئالجىرىيە، ماراكەش ۋە ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردىكى نەشرىياتلار تەرىپىدىن ئەرەب تىلىدا قىرىق نەچچە قېتىم نەشر قىلىنغان، شۇنداقلا ئىنگلىزچە، گېرمانچە، ئوردۇچە، پارسچە، تۈركچە، مالايچە، ھىندونېزچە، ئىسپانچە، خىتايچە ۋە جۈملىدىن ئۇيغۇچە قاتارلىق نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان ۋە قىلىنماقتا.