يېلۈ جىگۇ
يېلۈ جىگۇ (خەنچە: 耶律质古\Yelü Zhigu؛ ؟—؟) قىتان (لياۋ سۇلالىسى) خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى ۋە لياۋ تەيزۇ يېلۇ ئاباۋجى\يوللىغ ئامباغاي بىلەن ئۇيغۇر ئەسىللىق خانىش شۇلۈ پىڭنىڭ قىزى ئىدى.
«لياۋ تارىخى»غا ئاساسلانغاندا، يېلۇ جىگۇ نۇرانە قەدىردان خانىش (淳钦皇后) شۇلۈ پىڭ يۇلتۇزنىڭ ئۆز ئىنىسى شياۋ شىلۇ (萧室鲁) بىلەن توي قىلغان. ئەمما، ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى مانجۇ ئەسىللىق قىتان، جۈرجىت ۋە مانجۇ تىلى مۇتەخەسسىسى ئۇلھىنجۇن (烏拉熙春) قاتارلىق چاغداش ئالىملارنىڭ دەلىللىشىچە، شياۋ شىلۇ يېلۈ سالانىڭ سىڭلىسى (لياۋ تەيزۇنىڭ ھاممىسى، شۇلۈ خانىشنىڭ ئانىسى) بىلەن بۇرۇنقى ئېرى بالى ئۇرۇقىدىن (拔里氏) شيېلى لاڭجۈن (諧里郎君) ئوغلى بولۇپ، شياۋ دىلۇنىڭ ئىنىسى ئىدى. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئايالى لياۋ تەيزۇنىڭ قىزى جىگۇ مەلىكە ئەمەس، بەلكى لياۋ تەيزۇنىڭ سىڭلىسى يۈلۇدۇگۇ (余盧睹姑\يۇلتۇز خانىم؟) ئىدى.[1]
يېلۇ جىگۇ مەلىكە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىدا ئۇماي ئانا (奥姑) دەپ ئاتالغان. قىتانلار ئۆز ۋاقتىدا شامان دىنىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە، توي مۇراسىمى مەزگىلىدە، ئاياللار ئىچىدىن ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىنى تاللاپ «ئۇماي» قىلىپ ئولتۇرۇغۇزۇلاتتى ۋە ئولتۇغان كىشى «ئۇماي ئانا» دەپ ئاتالدى. ئۇماي ئانا قام\شامانغا باراۋەر ئىدى. ئەمما جىلۇ مەلىكە 20 ياش ئەتراپىدا، تېخى رەسمىي مەلىكە ئۇتۇغاتى بېرىلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن.
2003 - يىلى بايقالغان تۇرجىشەن قەبرىسى (吐尔基山墓) يېلۇ جىگۇنىڭ قەبرىسى دەپ گۇمان قىلىنغان. لېكىن DNA تەكشۈرۈشى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قەبرىگە قويۇلغۇچى 30 ياشتىن ئاشقان، بوي ئېگىزلىكى 1.59 مېتىر كېلىدىغان قىتان (شىمالىي ئاسىيا موڭغۇلوئىد تىپىدىكى) ئايال بولۇپ، تارىخىي قەيتلەردىكى يېلۈ جىگۇ (غەربىي دىيار ئۇيغۇر قېنى ئارىلاشقان) نىڭ ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدىكەن.
مەنبەلەر
[تەھرىر]«لياۋ سۇلالىسى تارىخى. مەلىكىلەر جەدۋىلى»
- ↑ ۋىكىپېدىيە 蕭室魯 (خەنچە) ماددىسى، 2025-04-13 كۈنى مۇقىمدالدى.