يېيىق يېزىسى

ئورنى Wikipedia
يېيىق يېزىسى

叶尔克乡.Yëyiq town

نىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە نىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 6 دانە
نوپۇس 4 مىڭ
يەر مەيدانى 33،400 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت نىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

يېيىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىيە ناھىيىسى گە قاراشلىق يېزا بۇلۇپ، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبىدىكى 48 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقىي سالغوزەك يېزىسى بىلەن قوشنا، غەرب تەرىپى كېرىيە ناھىيەسى، جەنۇب تەرىپى قارا قۇرۇم تېغى، شىمال تەرىپى نىيە بازىرى، نىيە يېزىسى، رۇكىيا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ.

بايلىقى[تەھرىرلەش]

يېيىق يېزىسى ئاساسلىقى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن چىغ، يۈسۈن، قامراق، گىرلەن، شىنجاڭ قارىغىيى، روبوروۋىسكى سىلوسى، پىرزىۋالىسكى چاكاندىسى، مالەن ئوتى قاتارلىق 50 خىلدىن ئارتۇق. ئاساسلىق ياۋايى ھايۋانلاردىن جەرەن، تاغ ئۆچكىسى، تۈلكە، سۇغۇ، ئارقار، ياۋا توشقان، قوتاز، ياۋا ئات، بۆرە، تاغ ئىتى، ئوت-چۆپ يىلپىزى، ياۋا كەپتەر، ئۇلار، بۈركۈت، قاتارلىقلار. ئاساسلىق مىنېراللاردىن ئالتۇن، كۆمۈر، مىس، تۆمۈر، ھاك، ھاك تېشى، تاش تۇز، سۈرمە قاتارلىقلار بار.

باشقىلار[تەھرىرلەش]

يېيىق يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، ئۈچ باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانى 109 ئادەم، ئوقۇغۇچىلار سانى 724 نەپەر. ئامبولاتورىيە بىر، شىپاخانا 2، كارىۋات 15. يېزىدا رادىئو ئۇزېلى، مەدەنىيەت پونكىتى، كۇتۇپـخانا، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىشخانىسى (رادىئو-تېلېۋىزىيە ھەممە كەنتلەرگە يەتكۈزۈلگەن).