يېڭىئاۋات يېزىسى (خوتەن ناھىيىسى)

ئورنى Wikipedia
يېڭىئاۋات يېزىسى

英阿瓦提乡. Yëngi’awat town

خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە خوتەن ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 15 دانە
نوپۇس 24 مىڭ
يەر مەيدانى 2,404 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

يېڭىئاۋات يېزىسى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، خوتەن شەھىرىگە 28 كىلومېتىر كېلىدۇ، غەربىي قىسمى قاراقاش دەرياسىدىن باشلىنىپ، شەرقىي شىمالدا تەكلىماكان قۇملۇقى، شەرقىي بىلەن يېڭىئېرىق يېزىسى تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي بىلەن خانئېرىق يېزىسى تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى سېغىزكۆل يېزىسى بىلەن قوشنا. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 17 كىلومېتىر، مەمۇرىي رايون كۆلىمى تەخمىنەن 88.91 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا قارىمىقىدا 15 مەمۇرىي كەنت، 92 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 21621 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %8 نى ئىگەلەيدۇ. يېزىدا يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى، جياڭ باغ كەنتى، يېزا ئورگانلىرىدىن 74، يەتتە پونكىت بار بۇلۇپ، سەككىز ئورۇندىكى كادىرلار 96 ئادەم. يېزا تەۋەسىدە 15 پارتىيە ياچېيكىسى، 505 نەپەر پارتىيە ئەزالىرى، 107 نەپەر كەنت كادىرلىرى، 129 نەپەر «ئۈچ پېشقەدەم» لەر بار.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

بۇ يېزىغا تەۋە 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، جاھانباغ كەنتى، تۈگمەنبېشى كەنتى، ئويالئېرىق كەنتى، باش چاغلىغ كەنتى، چاغلىغى كەنتى، تۇرۇز كەنتى، ئوتتۇرا ئېرىق كەنت، پاچاق كەنتى، ئازنىمېچىت كەنتى، غەجەك كەنتى، ئوتۇن كەنتى، خەتچى كەنتى، گاۋاش كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، قارادۆڭ كەنتى قاتارلىقلار بار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇب تەرىپىدە سەككىز كەنتنىڭ ياڭاقلىرى كەسپلەشكەن ۋە بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان، شىمال تەرىپىدە يەتتە كەنتنىڭ چىلان كەسپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىلەنگەن. يەنە بۇ يېزىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان قول سانائىتى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ تەرەققىيات ئىستىقبالى ناھايىتى كەڭ. بۇ يېزىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن ياڭاق، چىلان، ئۈزۈم، قېتىق، دوپپا، ئىلمە توقۇلما بۇيۇم ۋە ھەر خىل تۆمۈر سەنئەت بۇيۇملىرى بار.

مائارىپى[تەھرىرلەش]

ئىقتىسادى==

باشقىلار[تەھرىرلەش]