يېڭىئېرىق يېزىسى (يېڭىشەھەر ناھىيىسى)

ئورنى Wikipedia
يېڭىئېرىق يېزىسى

英艾力克乡.Yengierik town

يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
ناھىيە يېڭىشەھەر ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 18 دانە
نوپۇس 20.5 مىڭ
يەر مەيدانى 106 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

يېڭىئېرىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 26 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇنىڭغا 18 مەمۇرىي كەنت، 116 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 4055 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 20532 ئادەم.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

يېڭىئېرىق يېزىسى بويىچە 18 مەمۇرىي كەنت بار بۇلۇپ، بۇلار : يىلقىچىھويلا كەنتى، ئەچكۈچى كەنتى، داڭگالچى كەنتى، قۇملۇق كەنتى، غازلا كەنتى، چارىباغ كەنتى، يۇقارقى يېڭىئېرىق كەنتى، لوكتوما كەنتى، ئويقاپ كەنتى، شەھەرباغ كەنتى، ئۇزۇنساقال كەنتى، تۆۋەنكى ھويلا كەنتى، ئاراتوما كەنتى، باخشىلا كەنتى، ئاغۇت كەنتى، زۇلالا كەنتى، تۆۋەنكى يېڭىئېرىق كەنتى، خاملا كەنتى قاتارلىقلار.

ئىقتىسادى[تەھرىرلەش]

پۈتۈن يېزا ئىقتىسادى ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكنى ئاساس قىلدىغان بۇلۇپ، ئاشلىق، كېۋەز، مېۋىلىك باغ، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى (پارنىك) قاتارلىق بەش چوڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرى دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەم ئەۋزەللىكى شەكىللەندۈرۈپ. يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئاشلىق، كېۋەز، مېۋىلىك باغ، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى (پارنىك) چىقىدىغان ئاساسلىق رايون.

مائارىپى[تەھرىرلەش]

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]