يېڭىباغ يېزىسى

ئورنى Wikipedia
يېڭىباغ يېزىسى

英巴格乡.Yëngibagh town

كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە كېرىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 12 دانە
نوپۇس 9 مىڭ
يەر مەيدانى 4,333.8 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

يېڭىباغ يېزىسى كېرىيە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ،كېرىيە ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 11.77 كىلومېتر كېلىدۇ. جەنۇبتا مۇغاللا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي تەرىپى ئويتاغ يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە دېھقانچىلىق مەيدانى بار. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 82 كىلومېتر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 53.5 كىلومېتىر، كۆلىمى 4333.8 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر شەكلى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1361.5 مېتىر كېلىدۇ.

كىلىماتى[تەھرىرلەش]

يېڭىباغ يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقى نىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان، مۆتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتقا كىرىدۇ، يىل بويى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 458 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى℃24.3-، 7-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃41.2. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 205 ~ 210 كۈن. ئادەتتە شامال كۈچى 5 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 بالغا يېتىدۇ. تۇپراقنىڭ شورلىشىشى بىر قەدەر ئېغىر، جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ئىنتايىن ناچار.

بايلىقى[تەھرىرلەش]

  • 1. سۇ بايلىقى بىرقەدەر مول، سۇ دائىرىسىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، بىر يەر ئاستى سۈيى بار، چوڭ تىپتىكى سۇ ئامبىرى بار، سۇ ئامبىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش كىلومېتىر كېلىدۇ.
  • 2. يېڭىباغ يېزىسىدا سۇ بايلىقى بىر قەدەر مول بولغانلىقتىن، كەڭ كۆلەمدە تەبىئىي قومۇش كۆلى مەۋجۇت، بۇ يېڭىباغ يېزىسىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن.
  • 3. يېڭىباغ يېزىسىنىڭ ئارىلىقى قۇملۇققا يېقىن، شۇڭا قۇم بارخانلىقىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، يۇلغۇن، توشقانزەدىكى قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر بار.
  • 4. پايدىلىنىشقا بولىدىغان بوز يەر ئېچىش كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئومۇمىي ئىقتىسادىي زور.