Jump to content

يېڭىدىن بىر ئېقىن يارىتىش كېرەك

ئورنى Wikipedia

يېڭىدىن بىر ئېقىن يارىتىش كېرەك

دەۋر 20 - ئەسىرنىڭ دەۋرى. ئەمما بىز يەنىلا 15 - 16 - ئەسىرلەرنىڭ پالاكەتلىرى بىلەن ئۆتۈپ كەتتۇق. بۈگۈنكى كۈندە بىزدىن باشقا دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەرنىڭ ھالى ياخشى، خەلقلىرى ئاڭلىق، ساۋاتلىق، مەدەنىيەت سەۋىيەسىمۇ ئۈستۈن. پەن مائارىپى تەرەققىياتىمۇ ئالدىدا. ھۈنەر - سانائىتىمۇ يۇقىرى. ئىقتىسادىي بايلىقىمۇ بەك كۆپ. ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا، ئۇلارغا ئوڭاي. ئۇلار قىيىنچىلىق تارتمايدۇ. ئۇچاي دېسە ئايرۇپىلانى تەييار. يۈرەي دېسە ئاپتوبوسى، تىرامۋايى، ئات ھارىۋىلىرى بار. ئۈزەي دېسە پاراخوتى، كىېمىسى بار. كىيەي دېسە ئېسىل، يارىشىملىق كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىدۇ. قىسقارتىپ ئېيتقاندا، ئۇلار رەفاھ (باياشات) ۋە بەخىتلىك ياشاپ يۈرۈۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟

شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ھەممىدىن بەك ئىلىمنى، مائارىپنى سۆيۈپ كەلدى. مۇتەئەسسىپلىكتىن، خوراپاتلىقتىن نېرى تۇردى. ھەر ئىشتا جاسارەت كۆرسەتتى. سەئيى ئىجتىھاد قىلدى. يالقاۋلىق (ھورۇنلۇق) قىلمىدى. ھەر ئىشنى ئۆز تەرتىپى بىلەن ئېلىپ بېرىشتى. ئەجەبا، بىز شۇلارنى قىلالىدۇقمۇ؟ ئەلۋەتتە قىلدۇق، دېيەلمەيمىز.

دۇرۇست گەپ قىلىدىغان بولساق، بىز بۇ ئىشلارنىڭ ئەكسى بويىچە ئىش قىلىپ كەلدۇق. بىز دائىم: باشقىلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھالىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى، دېگەننى تەكىتلەپ كەلدۇق.

خوش، بىز باشقىلار قىلغاننى قىلمىغان ئىكەنمىز، ئەمدى نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ مۇشۇ پېتى كېتىۋېرەمدۇق، ياكى كۆزىمىزنى ئېچىپ بار پۇرسەتتىن پايدىلىنىمىزمۇ؟ بۇنى چوقۇم ئويلىشىشىمىز كېرەك. ھازىرقى زاماندا خەلقىمىزنىڭ 80 پىرسەنتى ساۋاتسىز. بۇنداق ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ بەك ئېچىنىشلىق. غەيرىلەر (باشقىلار) ئالدىدىمۇ بەك ئۇياتلىق بىر ئەھۋال.

ئىلىمنىڭ پايدىسى، جاھالەتنىڭ زىيىنى ھەققىدە بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭمۇ ئورنى يوق. چۈنكى، بۇ سۆزنى ھەربىر ئادەمزات تۇغۇلۇشىدىن تارتىپ ئاڭلاپ كەلمەكتە.

بىز تېخى مۇشۇ يېقىنقى 10 - 20 يىل ما بەينىدە بىر ئاز ئويغىنىپ، ئۆز ھالىمىزنى بىر ئاز يېڭىلاشقا باشلىدۇق. شۇندىن بېرى يۇرتىمىزنىڭ ھالىنى بىلگەن بەزى مۇنەۋۋەرلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ ئاڭ - پىكرىنى ئېچىش، ئۇلارنى ئاقارتىش ئۈچۈن ئازتولا ھەرىكەتلەنگەن بولدى. بەزى يەرلەردە، ئۇسۇلى جەدىد بويىچە مەكتەپلەرنى قۇرۇپ خەلقلەرنى ئوقۇش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىشكە دەۋەت قىلىشتى. لېكىن نادان خەلقلەر نادان موللىلارنىڭ سۆزىگە ئالدىنىپ ئۇلارنى تاقىۋېىتشتى.

شىڭ شىسەي دەۋرىدە مەكتەپ، مائارىپىمىز ئازتولا تەرەققى قىلدى. بۇ ۋاقىتلاردا ساۋادىسز چوڭلار ئۈچۈن كەچلىك كۇرۇسلارمۇ ئېچىلىشقا باشلىغان ئىدى. لېكىن ئۇ چاغدىكى ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى يۇرتىمىزغا ئۇيغۇن كېلىدىغان رەۋىشتە بولمىدى. خەلقىمىزمۇ ماسلىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى. كېينكى ۋاقىتلاردا، بۇلارمۇ يوق بولدى. بەزىبىر ئۆزگىرىشلەر بولدى، خالاس!

ئەمدىلىكتە بىز بەزى مۇھىم بىر پۇرسەتلەر قولغان كەلگەن بىر زامانغا يېتىپ كەلدۇق. بۇ پۇرسەت بىزگە بەكلا قىممەت چۈشتى، ئەرزانغا توختىمىدى. مۇشۇ پۇرسەتنىمۇ قولدىن چىقىرىپ قويساق، ئۇ چاغدا ھالىمىزغا ۋاي، دېسەك بولىدۇ.

مانا ھازىر يۇرتىمىزنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئۆز قولىمىزغا ئۆتكەن بىر ئەھۋالدىمىز. رەئىسىمىز، رەھبەرلىرىمىز ئۆزىمىزدىن. ھەممە ئىشلىرىمىز مىللىي روھ بىلەن كېتىپ بارماقتا. بىز مۇشۇ مۇھىم دەۋردە خەلق مائارىپىنى يۇقىرىلىتىش ئۈچۈن يېڭىدىن بىر ئېقىن يارىتىشىمىز كېرەك. يەنى، ساۋاتسىز خەلقىمىز ئۈچۈن مىللەت دەرسخانلىرى (ساۋات چىقىرىش كۇرۇسلىرى) تەشكىللەپ، ئۇلارنى ساۋاتلىق قىلىشقا ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. بىز ئەمدى بۇ توغرىدا كەڭ مىقياستا (كۆلەمدە) تەشۋىقات ئېلىپ بارىمىز. بارچە مۇنەۋۋەرلىرىمىزنىڭمۇ بۇ ئىشقا ئوبدان كۈچ چىقىرىشى مىللىي بۇرچتۇر. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە بىز مۇشۇ ئىشقا تۇتۇش قىلايلى! ھازىر قىش پەسلى يېتىپ كەلدى. كۈن قىسقىراپ، تۈن ئۇزىراشقا باشلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈندۈزى ئىش - ئوقەت قىلغانلار ئاخشاملىرى بىكار. دېمەك، ئۇلارنىڭ بىكار ۋاقىتلىرىنى ساۋات چىقىرىشقا سەرپ قىلدۇرۇش كېرەك.

ھازىرقى مىللەت دەرسخانىلىرى (ساۋات چىقىرىش كۇرسلىرى) غا قارىتا مائارىپ نازارىتىنىڭ ۋە باشقا خەلق ئاقارتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئالاھىدە پىلانلىرى بولسا كېرەك. بۇ بەك ئەھمىيەتلىك ئىش. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتكە جىددىي تۇتۇش قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى كۈتۈلمەكتە. ئۇلار بۇ ھەرىكىتىنى يۇرتىمىزنىڭ ھەربىر چوڭ شەھەرلىرىدىن  تارتىپ تاكى يېزا - قىشلاقنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا قەدەر قانات يايدۇرۇشلىرى لازىم. ساۋاتسىزلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئوبدان چارىلەرنى، ياخشى ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى، مىللەت دەرسخانىلىرىنىڭ تەييارلىنىشى ئۈچۈن كۆپ مىقداردا پۇل ئاجىرىتىلىشى، مەكتەپ ۋە سىنىپنىڭ خىراجەتلىرىنىڭ تەمىنلىنىشى زۆرۈر.

بۇنىڭدىن تاشقىرى ھەرقايسى مائارىپپەرۋەر، ھىممەتلىك كىشىلىرىمىزمۇ بۇ يولدا پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىشى لازىم. ھېچ بولمىغاندا، بايلىرىمىز ئىقتىسادىي ياردەملىرىنى ئايىمىسۇن، ساۋاتسىز خەلقىمىزمۇ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئۆزىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشقا جاسارەت قىلسۇن! بۇرۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتەلمىگەن بولسا، ئەمدى كۆرسەتسۇن!

ياش ۋاقىتلىرىمىزدا ئوقۇماپتىكەنمىز، ئەمدى ئوقۇپ نەگىمۇ بارامىز، مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتسەك بولدى، دېگەنگە ئوخشاش خاتا ئىدىيەنى تاشلاپ، كۈندە بىر - ئىككى سائەت بولسىمۇ، ۋاقتىمىزنى ساۋات چىقىرىشقا قارىتايلى! بىزمۇ ھەم بۇ ئىشنىڭ مۇۋۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز.

مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 98 - سان، 1947 - يىل، 3 - نويابىر.

ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد