يېڭىلىنىپ تۇرغان تارقىتىش ۋاسىتىلىرى

ئورنى Wikipedia

قەدىمكى فرانسىيىنىڭ خاۋاس ئاگېنتلىقى1835 - يىلى پوچتا كەپتىرى ئارقىلىق ئاخبارات تارقىتىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ تۇردى. 20 - ئەسىرگە كەلگەندە، بولۇپمۇ خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئۇتۇقلۇق ھالدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىشى ئاخبارات تارقىتىشقا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى. ھازىر مۇخبىرلارنىڭ بەزىلىرى تېلېماشىنكا ئىشلىتىدىغان بولدى، ئۇنىڭدا خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق خەۋەر، ماقالىنى تەھرىر بۆلۈمىگە تېز، بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدىغان بولغاچقا، ئاگېنتلىقلار، گېزىتلەر، رادىئو ئىستانسىلىرى ئاخباراتنى دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىغا تېز تارقىتالايدىغان بولدى. 1981 - يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رېگاننىڭ قەستكە ئۇچرىغانلىقى20 مىنۇتتىن كېيىنلا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز تېز سۈرئەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغانىدى.

كومپيۇتېر ئومۇملاشقاندىن كېيىن، «ئېلېكترونلۇق تەھرىر بۆلۈمى» قۇرۇلغىلى تۇردى. تەھرىرلىك خىزمىتى پۈتۈنلەي تېرمىناللىق كۆرسەتكۈچتىن پايدىلىنىپ ئىشلىنىدىغان، ماقالىلەرنى ئېكراندا خالىغانچە تۈزەتكىلى، ساقلىغىلى ھەم مىكرو پىليونكىغا ئېلىۋېلىپ ئارخىپ ماتېرىيالى قىلغىلى بولىدىغان بولدى. زامانىۋى تەھرىرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەممىسىدە مىكرو سىستېما بولۇپ، گېزىتنى كىچىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلغىلى، ئالاھىدە ئوقۇغۇچىنىڭ ياردىمىدە ئوقۇغىلى بولىدىغان بولدى.

ئامېرىكىنىڭ «كولومبىيە تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى» 1981 - يىلى «ئېلېكترونلۇق گېزىت» چىقىرىشقا باشلىدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆيىدە كومپيۇتېر مەركىزىگە ئۇلانغان كومپيۇتېر تېرمىنالى قاچىلانغان بولسىلا، ئۇنىڭ كومپيۇتېرى خىلمۇخىل گېزىتلەرنىڭ مەزمۇنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئوقۇرمەن تاللاپ كۆرىدۇ. «ئېلېكترونلۇق گېزىت» كە ئوخشىشىپ كېتىدىغان «تېلېۋىزىيە گېزىتى» مۇ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدە بارلىققا كەلدى. 1988 - يىلى مەملىكىتىمىزدىكى بېيجىڭ پويىز ۋوگزالىنىڭ سەيناسىدا چوڭ ئېكرانلىق ئېلېكترونلۇق خەۋەر كۆرسەتكۈچ پەيدا بولدى، ئۇنىڭ ئېكرانىدىن شۇ كۈنلۈك مۇھىم خەلقئارا ۋە مەملىكەت خەۋەرلىرى چىقىپ تۇرىدۇ، بۇمۇ «ئېلېكترونلۇق گېزىت» نىڭ بىر خىلى