يېڭى قاراقۇرۇم (شەھەر)
كۆرۈنۈش
يېڭى قاراقۇرۇم موڭغۇلىيەنىڭ پىلانلاۋاتقان يېڭى بىر بالىق بولۇپ، پىلان بۇيىنچە ھازىرقى باشبالىق ئۇلانباتۇردىن يېڭى قاراقۇرۇم بالىققا كۆچۈرۈلىدۇ. موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى ئاللىبۇرۇن پىلان ۋە لايىھەلەرنى تەسقىلىغان بولۇپ، پىلان بۇيىنچە ئورخۇن ۋادىسىدىكى كونا خانبالىق قاراقۇرۇم (ھۇن، كۆكتۈرۈك، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاغانلىقلارنىڭ خانبالىقى بولغان) بالىقنى چۆگلەپ يېڭىدىن بىر زامانىۋى ۋە سانائەتلەشكەن باشبالىق قۇرۇپ چىقماقچى بولغان. يېڭى قاراقۇرۇم بالىقى كونا باشبالىقنىڭ مۇھىتى بۇلغىنىشى، ھەدىدىن زىيادە نوپۇس بولۇش، قىستا-قىستاڭچىلىق قاتارلىق مەسىللەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە، موڭغۇل ئۇلۇسىنىڭ تارىخ بالىقنى تەكىتلەشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيىتى بار.