يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى ب دت باياننامىسى

ئورنى Wikipedia

يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى بدت باياننامىسى

2007-يىلى 13-سېنتەبىر، ئومۇمىي كېڭەشنىڭ 61/295 نومۇرلۇق قارارى بىلەن ماقۇللانغان.

                             بۇ خەلقئارالىق ھۆججەتكە جۇڭگو ھوكىمىتىمۇ قول قويغان. 

(ئەسكەتىش: تۆۋەندىكى ھۆججەت ھەم دىپلوماتىيە ۋە قانۇنىي تىلدا يېزىلغان بولغاچقا، تەرجىمە جەريانىدا ھەم جۈملە قۇرۇلمىسىنىڭ ئەينەنلىكىگە ۋە تەرجىمىنىڭ توغۇرلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كەلدى. بىرئاز ۋاقتىم بولغاندا قالغان بۆلۈملىرىنىمۇ تەرجىمە قېلىپ ئېلان قىلارمەن. دوستلار ئەپۇ قىلغاي)


ب دت ئومۇمىي كەڭەشى،



بدت نىزامنامىسىنىڭ روھى ۋە ئەزا دەۋلەتلەرنىڭ مەزكۇر نىزامنامىنىڭ بەلگۇلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قېلىش توغرىسىدىكى جاۋابكارلىقىغا ئىشەنچ قىلغان ئاساستا؛


يەرلىك خەلقلەرنىڭ باشقا بارلىق خەلقلەر بىلەن تەڭ بارابەرلىكىنى جەزملەشتۈرۈش بىلەن تەڭ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەرقلىق دەپ قاراش ۋە دەل باشقىلاردىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەت قېلىنىش ئەھۋالىنى ئېتىراپ قەلغان ئاساستا؛


بارلىق خەلقلەرنىڭ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى(چىچىلىزاتىئون) ۋە ئىلغارلىقىدىن شەكىللەنگەن(چۇلتۇرە) ئومۇمىي بايلىقىقا تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت مىراسىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى جەزمىلەشتۇرگەن ھالدا؛

يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مىللىي، ئەرقىي كېلىپ چىقىشى، دەنىي ئېتىقادى، ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىنى چىقىش قەلغان ھالدا بىراۋنى ۋە ياكى باشقالارنى بىراۋدىن ۋە ياكى باشقىلاردىن ئۈستۈن كورۇدىغان، ئۈستۈن كۆرۈشكە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان سىياسەت ۋە بەلگۇلىمەرنى بىر تۇتاش ھالدا ئەرقچىلىق، ئىلمىي جەھەتتىن تۈپتىن خاتا، قانۇنىي جەھەتتىن ئىناۋەتسىز، ئەخلاقىي جەھەتتىن ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئادالەتسىز دەپ ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن؛

يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھېچقانداق ئايرىمىچىلىققا دۇچ كەلمەستىن ئۆزلىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى ئىجرا قېلىش جەريانىدا ئەركىن ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۇرۇشگەن ئاساستا؛


يەرلىك مىللەتلەرنىڭ، مۇستەملىكە قېلىنىش، يەرلىرىدىن ھەم مال مۈلۈكلىرىدىن، تەرىتورىيەلىرىدىن ۋە شۇ جايدىكى بايلىقلىرىدىن مۇسادىرە قېلىنىش ، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي ئېھتىياجىغا ۋە مەنپەئەتلىرىگە قاراپ تەرەققىي قېلىش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىنىش نەتىجىسىدە تارىخىي بىر ناھاقچىلىقنىڭ زۇلۇمىغا دۇچار بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ؛

يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىميائى قۇرۇلمىلىرىنى بەرپا قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، مەنىۋى ئەنئەنىسى، تارىخى ۋە پەلسەپىسىنى، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەررىتورىيەسى، تۇپرىقى ۋە تەبىئىي بايلىقىغا ئىگە بولۇشىدەك ئەنئەنىۋى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قېلىش ۋە ئۇنى تەرغىب قېلىشنىڭ ناھايىتى جىددىي ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ؛


يەرلىك خەلقلەرنىڭ دۆلەتلەر بىلەن ئاللىقاچان پۈتۈشكەن توختامنامىلەر، ئاڭلاشمىلىرى ۋە باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ھۆرمەت قېلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان جىددىي ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ؛ �s

يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش، قايسى جايدا يۈز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر بارلىق بېسىم ۋە ئايرىمچىلىقلارنى تەلتۆكۈس ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇرۇنقىدىن ئەۋزەل شەكىلدە تەشكىللىنىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ؛

تەرەققىيات غايىسى ئاستىدا يەرلىك خەلقلەرنى كونترول قېلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەم يەرلىك خەلققە ھەمدە ئۇلار ئىگە بولغان تۇپراق، تېررىتورىيە ۋە بايلىقلىرىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ھالدا بۇ خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىلىرى، مەدەنىيەتلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ ئىمكانسىزلىشىدىغانلىقىنى تونۇغان ئاساستا؛

يەرلىك خەلقلەرنىڭ بىلىمى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قېلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئادىل تەرەققىيات ھەمدە مۇھىت مەسىلىرىنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە؛


يەرلىك خەلقلەرنىڭ زېمىنى ۋە تەررىتورىيەلىرىنى ھەربىيسىز ۋە قورالسىز رايونغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە تىنچلىق، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىميائى تەرەققىياتقا ھەم ئىلگىرىلەشكە، دۇنيادىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى ئوز-ئارا دوستلۇق ۋە چۇشۇنۇشنى ئىلگىرىس سۈرۈشكە بولغان رولىنى ئۇرغىلىغان ئاساستا؛

بولۇپمۇ يەرلىك خەلق ئائىلىلىرى ۋە جامائەتلىرىنىڭ، ئوز پەرزەنتلىرىنىڭ يەتىشتۇرۇلىشى، تەربىيىلىنىشى ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىقى قاتارلىقلار مەسىلىلەردە زىممىسىگە ئالغان مەسۇلىيەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ھەق-ھوقوقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن تەڭ؛


يەرلىك خەلقلەر ۋە دەۋلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن توختامنامىلار، ئاڭلاشمىلار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ بەزى ھاللاردا خەلقئارا كۆڭۈل بۆلگەن، قىزىققان، مەسئۇلىيەت دەپ قارىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى؛


ۋە شۇنداقلا مەزكۇر توختامنامىلار، ئاڭلاشمىلار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن دەۋلەتنىڭ ئورتاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قېلىپ؛ �

بدت نىزامنامىسى (ئۇن چارتەر)،


ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھوقوقلار خەلقئارا ئەھدىنامىسى (ئىنتەرناتىئونال چوۋەنانت ئون ئەچونومىچ، سوچىئال ئاند چۇلتۇرال رىغتس)،

ئاممىۋى ۋە سىياسىي ھوقوقلار خەلقئارا ئەھدىنامىسى ( ئىنتەرناتىئونال چوۋەنانت ئون چىۋىل ئاند پولىتىچال رىغتس)


ۋىينا (ۋىئەننا) ھەرىكەتكە ئۆتۈش پروگراممىسى ۋە ئەھدىنامىسى (ۋىئەننا دەچلاراتىئون ئاند پروگراممە ئوف ئاچتىئون) قاتارلىق ئاساسلىق خەلقئارا ھۆججەتلەرنىڭ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى ئەركىن ھالدا بەلگۇلەش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتىنى ئەركىن ھالدا يولغا قويۇشنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا بارلىق خەلقلەرنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۇلەش ھوقوقىنىڭ ھەلقىلغۇچ خاراكتېرىدە مۇھىم ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ؛

مەزكۇر باياناتنىڭ، ھېچ بىر خەلقئارالىق قانۇن ھىمايىسى ئاستىدىمۇ ھېچقانداق بىر خەلقنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۇلەش ھوقۇقىنى ئىنكار قېلىش ئۈچۈن قوللىنىلالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئاساستا؛

مەزكۇر باياناتتىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قېلىش پرىنسىپىنىڭ، ئادالەت، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقوققا ھۆرمەت قېلىش، ئەسلا ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق ۋە ئالىيجانابلىق بولۇشنى چىقىش قېلىش ئاساسىدا دۆلەتلەر بىلەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىناق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۇچلەندۇرىدىغانلىقىغا ئىشەڭەن ھالدا؛

يەرلىك خەلقلەر بىلەن كېڭەشكەن ۋە ھامكارلاشقان ئاساستا، بارلىق دەۋلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق ئورگانلار، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقوققا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى يەرلىك خەلقلەر ئۈچۈن ئىجرا قېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ؛

يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقوقىنى قوغداشتا ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە بدتنىڭ ناھايىتى مۇھىم ۋە ئۇزلىكسىز رول ئوينايدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ؛

مەزكۇر باياناتنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقوقى ۋە ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش ھەمدە بدت سىستېمىسى ئىچىدە بۇ توغرىلىق ھىزمەتلەرنى يەنمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم باسقۇچ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ؛

ھەر بىر يەرلىك خەلق ئەزاسىنىڭ ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھېچقانداق ئايرىمىچىلىققا دۇچار بولماستىن خەلقئارا قانۇنلاردا ئېتىراپ قېلىنغان بارلىق كىشىلىك ھوقوقلاردىن، بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ساغلام تەرەققىياتى ۋە خەلق بولۇپ بىر پۈتۈن ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان كوللېكتىپ ھوقوقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئېتىراپ قېلىش ئاساسىدا؛

يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇرۇشلۇق رايونى ۋە دەۋلىتى، شۇنداقلا يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ دەۋلەتتىن دەۋلەتكە، رايوندىن رايونغا قاراپ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ھەر خىل تارىھىي ۋە مەدەنىي ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنىڭ دىققەتكە ئېلىنىش لازىملىقىنى ھېس قىلغان ئاساستا؛

تۆۋەندە تولۇق شەرھىيلەڭەن “يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى بدت باياننامىسىنى” ئوز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ھۆرمەت روھىي ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئورتاق ئۆلچەم سۈپىتىدە جاكارلايدۇكى:

ماددا 1 يەرلىك خەلقلەر شەخسى ياكى كوللېكتىپ ھالدا بدت نىزامنامىسىدە ئېتىراپ قېلىنغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئەركىنلىكلەردىن، كىشىلىك ھوقۇق ئومومي باياننامىسىدىن ۋە خەلقئارالىق قانۇنلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشقا، ھوقوقلۇق.

ماددا 2

يەرلىك خەلقلەر ۋە كىشىلەر باشقا خەلقلەر ۋە كىشىلەرگە ئوخشاھ ئەركىن ۋە بارابەر بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك كېلىپ چىقىشى ۋە مىللىي كىملىكىدەك ئالاھىيدىلىكلەر ئاساسىدىكى ھەق ھوقۇقلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، ھېچ قانداق بىر شەكىلدىكى ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىماسلىققا تولۇق ھوقوقلۇق.

ماددا 3

يەرلىك خەلقلەر ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۇلەشكە ھوقوقلۇق. بۇ ھوقوققا بىنائەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئەركىن ھالدا بېكىتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتلىرىنى ئەركىن بەلگۇلەشكە ھوقوقلۇق.

ماددا 4 .

يەرلىك خەلقلەر ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۇلەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكىي ۋە يەرلىك مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قېلىش، ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە فۇنكىتسىيەلىرىنى بېكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونومىيە ۋە ياكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قېلىش يوللىرىنى تاللىيالايدۇ.  
 

ماددا 5

يەرلىك مىللەتلەر ئۆزىگە خاس بولغان سىياسىي، قانۇنىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ئورگانلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كۈچەيتىشكە، قاتنىشىش ھوقۇقى تامامەن ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان شەرت ئاستىدا، ئەگەر ماقۇل دەپ قارالسا تەۋەلىكىدىكى دەۋلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىغا ئارللىشىشقا ھوقوقلۇق. ماددا 6 ھەر بىر يەرلىك خەلقنىڭ ۋەتەنداشلىق(پۇقرالىق) ھوقۇقى بار.

ماددا 7 1. ھەر بىر يەرلىك پۇقرانىڭ ياشاش، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك بىھەتەرلىك ھوقۇقى بار. 2. باشقىلاردىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك خەلقلەر ئەركىنلىك، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە كوللېكتىپ بولۇپ ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە ۋە ھېچ بىر شەكىلدىكى قىرغىنچىلىققا، زوراۋانلىققا، مەجبۇرىي ھالدا بالىلىرىنىڭ بىر يەردىن بىر يەرگە يوتكىۋىتىلىشىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

ماددا 8 1. يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسلەر ھېچ بىر شەكىلدىكى ئاسسىمىلاتسىيەگە ئۇچرىماسلىق ۋە ئۆزلىرىگە تەۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا يول قويماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە. 2. دۆلەتلەر تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشى ۋە يېتەرلىك ئاپپاراتلارنى بەرپا قېلىشى زۆرۈر:

(ئا) ئۇلارنى، ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم خەلق بولۇشتەك بىر پۈتۈنلۈكىدىن ئايرىيدىغان، شۇ ئۇنۇمنى پەيدا قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ مەدەنىي ۋە مىللىي مىراسلىرىدىن ئايرىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان بارلىق ھەرىكەتلەر،

(ب) ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تەۋە يەرلىرىدىن، تەررىتورىيەلىرىدىن ۋە بايلىقىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان ھەر قانداق قىلمىشلار، (چ) ئۇلارنىڭ ھەق ھوقوقلىرىغا چىقىلىشنى مەقسەت قىلغان ياكى شۇنداق ئۇنۇم كەلتۈرىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي نوپۇش كۆچۈرۈش قىلمىشلىرى، (د) ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە بىر پۇتۇنلەشتۇرۇش (ئىنتەگراتىئون)،

(ئە) ئەرقىي ۋە مىللىي ئايرىمىچىلىقنى چىقىش قىلغان ۋە يەرلىك خەلقنى نىشان قىلغان ھەر قانداق شەكىلدىكى تەشۋىقاتلار،

ماددا 9 يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسىلەر، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ياكى تەۋەلىكتىكى دەۋلەتنىڭ ئەن-ئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ جامائىتىگە ۋە ياكى تۇرۇشلۇق دەۋلەتكە تەئەللۇق بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا ھېچقانداق شەكىلدىكى ئايرىمىچىلىق سىياسىتى قوللۇنۇلماسلىقى شەرت. ماددا 10 يەرلىك خەقلەر ئۆزلىرىنىڭ زېمىنى ۋە تەررىتورىيەسىدىن ھېچ بىر شەكىلدە مەجبۇرىي يوتكىۋىتىلمەسلىكى شەرت. تولۇق چۈشەندۈرۈش ئاساسىدىكى ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىختىيارلىقى بولماي تۇرۇپ، زۆرۈر بولغان ئاڭلاشمىلار ئىمزالانماستىن، كېرەكلىك تۆلەملەر تولەنمەستىن ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۇلارغا كېيىنچە قايتىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىلماستىن تۇرۇپ، ھېچ قانداق بىر شەكىلدە ئۇلارنىڭ باشقا جايلارغا ماكانلاشتۇرۇلىشى يۈز بەرمەسلىكى كېرەك. ماددا 11 1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە تەۋە مەدەنىي ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىجرا قېلىش ۋە گۈللەندۈرۈشكە ھوقوقلۇق. بۇ دېگەنلىك ئۆزلىرىگە تەۋە ئۆتمۈشتىكى، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى تارىخى يالدامالىرىنى، ئارخىلوگىيەلىك ئاسارە ئەتىقىلىرىنى، سەنئەت ئەسەرلىرىنى، ھەر ھىل مۇراسىملىرىنى، تېخنىكىلىق ئىلغارلىقلىرىنى، كۆرۈنۈشلۈك(ۋىسۇئال) ۋە ئىجرا قېلىنىدىغان(پەرفورمىڭ) ئەدەبىي سەنئەت لىرىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.

2. دەۋلەت چوقۇم، ئۇلارنىڭ ئىھتىيارلىقىسىز، رازىلىقىسىز ۋە قانۇنغا ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىگە خىلاپ ھالدا يەرلىك مىللەتلەردىن تارتىۋېلىنغان مەدەنىي، تەتقىقات خاراكتېرلىك، دىنىي ۋە مەنىۋى قىممىتىدىكى مال مۇلكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، ياسايدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ھەر خىل مىخاينىزىملارنى بەرپا قېلىشى كېرەك. ماددە 12 1. يەرلىك مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى ۋە دىنىي ئادەتلىرىنى، ئۆرپ ئادەتلىرىنى ۋە ھەر خىلدىكى مۇراسىملىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش، ئىجرا قېلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇگۇتۇشكە؛ ئۆزلىرىگە ئائىت بولغان مەدەنىي ۋە دىنىي ماكانلارنى ساقلاپ قېلىش ۋە قوغداشقا، بۇ ماكانلارغا باشقىلارنىڭ ئارلىشىشىسىز كىرىپ چىقىشقا؛ ئۆزلىرىنىڭ مۇراسىم خاراكتېرلىك ئەنئەنىلىرىنى ئىجرا قېلىش ۋە كونترول قېلىشقا؛ ئۆلگەن جەسەتلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تولۇق ھوقوقلۇق.

2. دەۋلەت چوقۇم يەرلىك مىللەتلەرگە ئائىت بولغان مۇراسىم ماددىلىرىنىڭ ۋە ئۆلگەن جەسەتلەرنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىنىشى ۋە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ رۇقسىتىنى ئېلىشى ھەمدە ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ۋۇجۇدقا چىقارغان ئۈنۈملۈك ۋاستىلارنى ئىشقا سېلىپ پۈتۈن جەريانلارنىڭ ئادىل، ئاشكارا ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قېلىشى كېرەك.

ماددا 13 1. يەرلىك مىللەتلەر ئۆزلىرىگە ئائىت بولغان تارىخ، تىل، ئەغىزاكى ئەنئەنەلەر، پەلسەپىلەر، يازما سىستېمىسى (يېزىق) ۋە ئەدەبىيات مىراسلىرىنى جانلاندۇرۇش، ئىشلىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە، ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى جامائەتچىلىك ئىچىدە ساقلاش ۋە جامائەت ئورۇنلىرىغە، جايلارغا ۋە شەخسلەرگە بېرىشكە ھوقوقلۇق.

2. دەۋلەت چوقۇم بۇ ھەق ھوقوقلارنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ پۈتۈن بۇ سىياسىي، قانۇنىي ۋە مەمۇرىي جەريانلارنى چۇشۇنىشىگە ۋە چۇشەڭەنلىكىگە كاپالەتلىك قېلىش ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا تەرجىمان ۋە باشقا ۋاستىلارنى قوللىنىش ھەققىدە يېتەرلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى شەرت.

ماددا14 1. يەرلىك مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى مەدەنىي سىستېمىسىغا ماسلاشقان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ تىلىدىكى ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قېلىش ۋە كونترول قېلىشقا ھوقوقلۇق. 2. يەرلىك شەخسلەر، بولۇپمۇ بالىلار ھېچ قانداق ئايرىمچىلىقتىن خالى ھالدا پۈتۈن سەۋىيىدىكى ۋە شەكىلدىكى دەۋلەت مائارىپىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا ھوقوقلۇق. 3. دەۋلەت چوقۇم، يەرلىك خەلقلەر بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا، يەرلىك خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ چەت ياقا يەرلەردە ياشايدىغان بالىلارنىڭ ئوز تىلىدا ۋە ئوز مەدەنىيەت موھىتىدا مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشى ئۈچۈن بارلىق چارە تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.


ماددا 15 1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى، مەدىنىيتىنىڭ كوپخىللىق بولۇشىنى، ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى، مەدەنىيەتلىرىنى، تارىخىنى ۋە ئارزۇ ئارمانلىرىنى قوغداشقا ھوقوقلۇق بولۇپ، يۇقىرىقىلار يەرلىك خەلقلەرنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ھەم ئاممىۋى ئورۇنلىرىدە گەۋدىلىنىشى كېرەك.