يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ھالقىلىق كۈنلىرىدە...
يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ھالقىلىق كۈنلىرىدە...
تۈركىيە ۋە سۇرىيە خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە يەر يۈزىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈۋەتكەن بۇ چوڭ تىپتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى بۈگۈن بەشىنچى كۈنىدە تۇرۇپتۇ. تالاپەت ئېغىر، ۋاقىت قىس، ھاۋا سوغۇق. ياردەم ۋە قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقلىرى، ھەر تەرەپلىمە ئۇرۇنۇشلار ئۈزۈلمەيۋاتقان بولۇشىغا قارىماي ياردەم ۋە قۇتقۇزۇش ئىمكانىيەتلىرى يەنىلا چەكلىك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇ تاپتا خارابە ئاستىدا قالغان خەلق خەتەرلىك سىناقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. قۇتقۇزۇش ئۇرۇنۇشلىرى قانچە ئاكتىپ ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ھەر سائىتىگە ئۆلۈم - يېتىم خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ، جىددىي ساندا ئېشىۋاتقان يارىدارلار سانىمۇ كۆپىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. دۇنيا مىقياسىدا ياردەم سەپەرۋەرلىكى بولۇۋاتقان بۇ پەيتلەردە مۇساپىرلىق ۋە مۇھاجەرەتلىك ھاياتنى ياشاۋاتقان، مەجبۇرىي سۈرگۈن ھاياتنى ياشاش قىسمىتىگە مۇپتىلا بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارمۇ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئېلىشنى قولدىن بەرمىدى. بولۇپمۇ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىدە ئەمەلىي رول ئويناۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ياردەم خىزمەتلىرىنى بېسىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە كۆرسەتكەن ئاۋانگارتچە پىداكارلىقلىرى، ھەر تەرەپلىمە ياردەم سەپەرۋەرلىكلىرى قوزغاپ ئاكتىپ قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تەقدىرلەشكە، قوللاپ - قۇۋۋەتلەشكە تېگىشلىك كاتتا تىرىشچانلىقتۇر. ئاللاھ بۇ ئېغىر كۈنلەردە قېرىنداشلىقنى يەتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان، يەر يۈزىنىڭ ياردەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق خەلقى بولۇشىغا قارىماي، جىددىي پەيتلەردە خىزمەتكە يەڭ تۇرۇپ ماددىي ياردەم ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان قەۋمداش ۋە قېرىنداشلىرىغا يار - يۆلەك بولۇۋاتقان بارچە ئاۋانگارتلىرىمىزغا ئاللاھ ئەجىر ئەزىم ئاتا قىلسۇن! شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تالاپەت ئاستىدا ھەر سېكۇنت ۋە مىنۇتلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىنىش ئۈمىدى بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان، تىرىك تۇرۇپ بەرزەخ ھاياتىنىڭ ئوخشىشىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بارچە ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا ئاللاھ سەۋر - تاقەت ئاتا قىلسۇن! ئۇچرىغان تالاپەتلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن! شۇنداقلا ئاپەتتە ھاياتىدىن ئايرىلغان بارچە ۋاپات ئەھلىنى ئاللاھ ئۆز رەھمىتىگە ئالسۇن، ئۇلارنى مەغپىرىتىگە نائىل قىلسۇن! ئائىلىلىرىگە، يېقىنلىرىغا سەبىر ئاتا قىلسۇن!
ئاپەت كۈنىنىڭ بەشىنچى كۈنىدىن ھالقىغان ۋاقىتلار خارابە ئۈستىدىكىلەر ئۈچۈن ئەڭ داۋالغۇشلۇق، خارابە ئاستىدا نەپەس ئېلىۋاتقانلار ئۈچۈن ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىتلار ئىكەنلىكى بىر ئەمەلىيەت. ساقلار ئۈچۈن ئۆتكەن ھەربىر مىنۇت بىلەن خارابە ئاستىدا بەشىنچى كۈننى قۇرۇق نەپەس بىلەنلا ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنىڭ ھەربىر دەقىقىسى پەرقلىق بولىدىغانلىقىمۇ بىر رېئاللىق. شۇڭا بۇ ۋاقىتلار ھەربىرىمىزنىڭ ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئاخىرىقى ئۇرۇنۇشلىرىنى بولسىمۇ ئاداققىچە قولدىن بەرمەسلىك ۋاقتى. شۇنداقلا رايوندا دىن، ئىرق ۋە مىللەت پەرقى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىنسانلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان بارچە ئاۋانگارتلارغا ئاللاھتىن غەيرەت - شىجائەت تىلەش، جۈملىدىن خارابە ئاستىدىكىلەرنىڭ ئامان - ئېسەن قۇتقۇزۇۋېلىنىشى ئۈچۈن دۇئا - تىلەكلەرنى ئۈزۈپ قويماسلىق ۋاقتىدۇر.
شۇنىمۇ ئەسلىتىشكە بولىدۇكى، ئەمەلىي مەيداندا بولالمىغان، ئەمما بولۇش ئىستىكىدە بولغان نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ بۇ ھالقىلىق پەيتتە قىلالايدىغان مۇھىم مەسئۇلىيەتلىرىنىڭ بىرى ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ خەتەردىن پاتراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ماددىي ياردەمدىن تاشقىرى كوللېكتىپ ياكى يەككە ھالدا بولسۇن، دۇئا - تىلاۋەتنى ئۈزۈپ قويماسلىقىدۇر. جامائەتلىك قىلىنىدىغان ئىبادەتلەردىمۇ ئاشۇ قىيىن ئۆتكەلدە تۇرۇۋاتقان خەلقنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلىشى، ئاللاھتىن مەدەت ۋە غەيرەت تىلەپ دۇئا - تەكبىردە بولۇشى مۇھىمدۇر. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ماددىي ۋە ئەمەلىي ياردەمگە روھ ۋە مەدەت ئېلىپ كەلگۈچى مەنىۋى ياردەم جۈملىسىدىندۇر.
ئاللاھ تۈركىيە ۋە سۇرىيە خەلقىگە ئاسانلىق بەرسۇن! ئۈستىدىكى كۈلپەتلەرنى دەپئى قىلىۋەتسۇن، ھەمدە مۇسىبەتنىڭ ئورنىنى لايىق رەۋىشتە تولدۇرۇۋېلىشقا نېسىپ قىلسۇن! شۇنىڭدەك بۇ مۇسىبەتتىن دەرس چىقىرىش ۋە دەرس ئېلىشنى ھەر بىر دۇنيا مىقياسىدىكى ۋىجدان ئەھلىلىرىگە، جۈملىدىن خەلقىمىزگە ئىبرەت-ساۋاق جۈملىسىدىن قىلىشنى نېسىپ قىلىپ بەرسۇن!
-بۇرھان مۇھەممەد
2023-02-10
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى