Jump to content

يەككە ۋىجدان سادادا، بەغەرەز كوللېكتىپ سامادا

ئورنى Wikipedia

يەككە ۋىجدان سادادا، بەغەرەز كوللېكتىپ سامادا

ۋىجدانى ساغلام كىشىلەرنىڭ دەردى ھەر دائىم ۋىجدانى پېتىقدىلىپ كەتكەنلەرنىڭ دەردىنى ئوڭايسىزلىققا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. مىللەت ئاچارچىلىققا مەھكۇم قىلىنىۋاتقان، شەكلى ئۆزگەرگەن قىيناپ ئۆلتۈرۈشلەر داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇ مەزگىللەردىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سۈكۈتنى بۇزۇپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقانلارنىڭ يەنىلا يۈرىكى ۋەتەن دەپ ھەقىقىي سوقىدىغانلار ئىكەنلىكىنى،  ۋەتەندىكى ھەر ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بولۇش كويىدا يۈرۈۋاتقان، ئۆز چامىدا ئويغاق ۋىجدانىنىڭ تۈرتكىسىدە زۇلۇمنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى، ھەر تۈرلۈك راھەت ھاياتقا پېتىپ ياشاش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ ئەسلا يولىدىن شاشماي كېلىۋاتقانلار ئىكەنلىكى تۇتۇملىرىدىن، پوزىتسىيەلىرىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. خەلقئاراغا زۇلۇمنى ئاڭلىتىش بىلەن توختىماستىن، زۇلۇمنىڭ خاراكتېرىنى ۋە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ھالدا ئىكەنلىكىنى ئۆز قېرىنداشلىرىغا، ئۆزى بىلەن تىلداش بولغان خەلقىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئاتىقى تەشكىلات، بىرلىك، فېدېراتسىيە ئاتلىق سىياسىي تون كىيىۋالغان توپلارنىڭ نە تۇتۇمى، نە باياناتى، نە نامايىشى ھەققىدە سادا يوق. ئەكسىچە يەككە ۋىجدان ئەھلىنىڭ سەھىپىسىدە زۇلۇمنىڭ خاراكتېرىنى ئاڭلىتىدىغان تەشۋىقلەر يامرايدۇ، ئاتىقى تەبلىغچىدىن ئۆلىماغا، ئۆلىمادىن دەۋاچى، تەشكىلاتچى دېگەنلەردىن ئېشىپ «فېدېراتسىيە»غىچە ئۆزگىرىپ قارلىق چوققىدىن دوملىتىۋېتىلگەن قار توپىدەك يومىلانغانسېرى يوغىناپ ئىشتىنىغا پاتماي كېتىۋاتقان تىپلارنىڭ تەشۋىقىدە ناخشا - ئۇسۇل پائالىيىتى قاينايدۇ.  سىياسىي ھەرىكەتلەر گويا پەسىللىك، ئايلىق مەلۇم كۈن ۋە مۇناسىۋەتلەرگە مۇقۇمدىلىۋەتكەندەك، شۇ ئاينىڭ شۇ كۈنلىرىدىكى چېسلاغا ئۇدۇللىنىپ تۈگمەندەك ئايلىنىشتىن باشقىغا قىمىرلىۋالماسلىققا ئەھدە ئىچىشكەندەك بىر ۋەزىيەت كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. مۇستەملىكىچى قانخورلار نۆۋەتتىكىدەك مىللەتنى ئەتەي جان تالىشىپ ياشاشقا، ئىسيانغا زورلىتىپ تۇرۇپ ئارقىدىن قىرىشقا چارە كۆرۈۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردىمۇكالېندارنىڭ سان – سىپىرلىرىدەك كۆزگە چېلىقىۋاتقان تەشكىلاتلار توپى، گۇرۇھ ۋە فېدېراتسىيەلەر قارمىقىدىكى ئەزا توپلاردىن بىرەرسىدىمۇ يەككە ئۇرۇنۇش چاغلىق سادا چىقمايۋاتقانلىقىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بۇ نەيرەڭلىرىنى پاش قىلىدىغان، تەشكىلىي قۇرۇلمىسى مۇشۇ تۈردىكى ئىشلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىرەرمۇ تەشكىلات يوقتەك، خۇددى كېلىشىۋالغاندەك سۈكۈتكە تەڭكەش قىلىۋېلىشلارنىڭ ھېكمىتى نېمىدە؟ مائاش بېرىپ ئادەم خىزمەتكە سالالىغۇدەك ئىمكانى بارلارنىڭ ئاددىي يەككە ۋىجدان ئەھلىچىلىك جانلىق تەشۋىقات شەكلىدىكى بىرەر پائالىيەتلىرى بولسىمۇ شۇنچە كۈن ئۆتۈپمۇ نېمىشقا كۆرۈنۈپ بولالمايدۇ؟ ئەجەبا بۇنچىلىك ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان نامايىش، ھە دېگەندە خەلققە دىيەسلىتىلىپ كېلىۋاتقان «ئىنسان ھەقلىرى جىنايەتلىرى»گە دائىر «ئىش» قىلىۋاتقانلار نېمىگە كېلىشىۋالغاندەك سۈكۈتتە؟ نېمە ئۈچۈن ئاچ قويۇپ قىيناش سىياسەتلىرىگە قارشى جانلىق تەشۋىقات بولسىمۇ قانات يېيىش ئورنىغا زېھىن بۇرايدىغان، دىققەتنى قايدۇرىدىغان «خىتاي مېلىنى سېتىشنى ئەيىبلەش»كە ئوخشاش تەشۋىقلەر گۇپپاڭچىلارنىڭ قولىدا تەشۋىق قىلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ؟ مۇشۇنداق كۈنلەردە ئاۋۋال زۇلۇمنى توختىتىش، ئاندىن مۇستەقىللىقنىڭ گېپىنى قىلىشنى داۋراڭ سېلىپ يۈرگەن داۋراڭچىلارنىڭ زۇۋانى نە سەۋەبتىن تۈزۈكرەك چىقمايدۇ؟ شەخس سۈپىتىدە قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسان قىلىپىدىن چىققان زۇلۇملارنى كۆرۈپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقانلارچىلىك ھەرىكەت، قىمىرلاشنى كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەجەبا قىشتا كۆمۈرنى قىسىۋېلىپ، يازدا ئاشلىقنى قىسىۋېلىپ قىيناپ ئۆلتۈرۈش، خەلقنى ئىسيانغا ياكى ئاچلىقتىن قىينىلىپ ئۆلۈشكە زورلاشتەك بۇ قەبىھ جىنايەتلەر پاش قىلىنىش ئورنىغا دىققەت بۇرايدىغان تېمىلارنىڭ، ۋەتەندىكى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتسىز ئىچى قۇرۇق يىغىنلار، ئۇچرىشىشلارنىڭ تەشۋىق ئوبيېكتى بولۇشلىرى، خەلقئارا تەھلىللەرنى تۆكۈش، كۈن - تەرتىپتە نۆۋەتتىكى ئاچ قويۇپ قىيناش سىياسەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىشقا يارايدىغان خەۋەرلەرنى بولۇشىغا قىزىتىشلارنىڭ زۆرۈرىيىتى نېمە؟ ياكى بۇ بەزى تەڭكەشچى لەپەرداش تەشكىلاتلارنىڭ قىلىۋاتقىنىدەك، نامايىش قىلىدىغان كۈنلەرنىڭ چېسلاسى ئۇدۇل كېلىشىگە ياكى بولمىسا قانداقتۇر تۆت تام ئارىسىدىن سىرتقا تارقىمايدىغان ئاتالمىش دۇنياۋى يېپىق ئاخبارات ئېلان قىلىنىشلار تەكرارلىنىدىغان كۈنلەرگە ساقلاپ قويۇلىۋاتقانلىقتىنمۇ؟! ياكى بۇ كۆنۈككەن بويىچە زۇلۇم ئەۋجىگە يېتىپ بولغاندا، قىرىلىدىغانلار قىرىلىپ، ئۆلىدىغانلار ئۆلۈپ بولغاندا، بولغۇلۇقلار ئىستاتىستىكىغا ئايلىنىپ بولغاندا ئاندىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى ساقلاۋاتقانلىقتىنمۇ؟! نېمە ئۈچۈن يەككە سەھىپىلەردە زۇلۇم ئاڭلىتىلىدۇ، تەشكىلات، فېدېراتسىيەگە ئوخشاش ئېتى يوغان ۋىۋىسكا ئاستىدىكىلەرنىڭ سىياسىي تەشۋىق سۇپىلىرىدا، تەشكىلات نامىدىكى سەھىپىلىرىدە لام – جىم دېمەسلىك ھۆكۈم سۈرىدۇ؟ ئەكسىچە يانداش سەھىپىلىرىدە ئۇسۇل - ناخشا پائالىيەتلىرى ياڭرايدۇ؟ ياكى بۇمۇ ئىستاتىستىكا چىقىرىلىشىنى ساقلاپ تۇرغانلار بىلەن دىققەت بۇراپ زېھىن مەشغۇل قىلغۇچى تېمىلارنى بازارغا سېلىۋاتقانلار بىلەن ئارتىسلارچە رول ئېلىشنىڭ، تەڭكەشچىلىكنىڭ بىر پارچىسىمۇ؟

سوئاللار رېئاللىقنى سورىدى، ھەقىقەتنى چىللىدى. بىراق، نېمىنى قانداق چۈشىنىش، سوئاللارنى ئورتاق سوراپ جاۋاب ئىزدەش ياكى سورىقىنى قىلىش يەنىلا ئويغاق ۋىجدان ئەھلىگە ھاۋالە!!!

-بۇرھان مۇھەممەد

2022-08-23


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى