يەل كىندىك

ئورنى Wikipedia

يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كىندىكى ياخشى بوغۇلماسلىق، ئېمىۋاتقان بالىلارنىڭ كۈچىنىپ كۆپ يىغلىشى نەتىجىسىدە، كىندىك ئاستىدىكى سېرىق ئەتنىڭ يىرتىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچە يىغلىغان ۋاقىتلاردا، بەزىدە يىغلىمىغاندىمۇ كىندىكى چوڭلىرى تۇخۇمدەك، كىچىكلىرى چىلاندەك چوڭلۇقتا پۇلتىيىپ چىقىۋېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

غەرب تېبابىتى نامى :يەل كىندىك

ئاساسلىق ئالامىتى :كىندىكى پۇلتىيىپ چىقىۋېلىش

كېسەللىك سەۋەبى :يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كىندىكى ياخشى بوغۇلماسلىق

تەۋە بۆلۈم :تۇغۇت بۆلۈمى

يۇقۇملىنىشى :يۇقمايدۇ

ئىنگلىزچە نامى :prolapse of cord

كېسەللىك ھەققىدە[تەھرىرلەش]

يەل كىندىكسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كىندىكى ياخشى بوغۇلماسلىق، ئېمىۋاتقان بالىلارنىڭ كۈچىنىپ كۆپ يىغلىشى تەسىرىدە كىندىك ئاستىدىكى سېرىقئەتنىڭ يىرتىلىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: كۆپىنچە يىغلىغان ۋاقىتلاردا، بەزىدە يىغلىمىغاندىمۇ كىندىكى چوڭلىرى تۇخۇمدەك، كىچىكلىرى چىلاندەك چوڭلۇقتا پۇلتىيىپ چىقىۋېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

يەلدىن بولغىنىدا بالا يىغلىغاندا ۋە ئانىسى يەللىك تاماقلارنى يېگەندە كىندىك چىقىۋالىدۇ، باشقا ۋاقىتتا نورمالدەك تۇرىدۇ. تۇغما كىندىك چىقۇقى بولغاندا بالا تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ كىندىكى ئۇدۇلىدا سىرتقا پۇلتىيىپ چىققان بىر گۆش خالتا كۆرۈلىدۇ، سىرتقى تېرىسى پارقىراق ۋە نېپىز بولۇپ، ئىچىدىكى ئەزالارنى كۆرگىلىمۇ بولىدۇ.

   بەزىدە جىگەر، ئاشقازان قاتارلىقلاردا ھەتتا خالتا ئىچىگە كىرىپ قالىدىغانلىرىمۇ ئۇچرايدۇ. كۆپ ھاللاردا خالتا قانچىلىك چوڭلۇقتا بولسا، قورساق ئىچىدە شۇنچىلىك ھەجىمىدە كەمتۈكلۈك كۆرۈلىدۇ.

  بالا تۇغۇلۇپ كۆپ ھاللاردا 12 سائەتكىچە پۇلتىيىپ چىققان خالتا پەردىسىنىڭ يۈزى سىلىق، نەم، سۈزۈك ۋە پارقىراپ تۇرىدىغان بولىدۇ. كېيىن پارقىراقلىقى يوقۇلۇپ سىرتى قۇرغاقلىشىپ يىرىكلىشىدۇ، بەزىدە ئوڭايلا يېرىلىپ كېتىدۇ. ئىچكى ئەزالار سىرتقا پۇلتىيىپ چىقىپ، كېسەل بالا ھوشسىزلىنىش بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالىمۇ ئۇچرايدۇ. بەزى كىندىكى پۇلتىيىپ چىققان بالىلاردا مەقئەت پۈتەيلىكى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۇغما غەيرىلىكلەر قوشۇمچە كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • كېسەللىك ھەققىدە
  • داۋالاش ئۇسۇلى
  • 1-رېتسېپ
  • 2-رېتسېپ
  • 3-رېتسېپ
  • يەككە دورا بىلەن داۋالاش
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

داۋالاش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

1-رېتسېپ[تەھرىرلەش]

تەركىبى: جۇۋىنە، سەبرە، يىلان تۇخۇمى 10 گىرامدىن، تۇخۇم بىر دانە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: تۇخۇمدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىمات تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: ئۈچ كۈندە بىر قېتىم، كىندىك ئۈستىگە چېپىپ تېڭىلىدۇ.

2-رېتسېپ[تەھرىرلەش]

يەل كىندىكتەركىبى: مەستىكى رۇمى، ئەنزىرۇت، كۇندۇر، جويۇز، ئاقاقىيا، زەمچە، سەبرە سۇقۇترى، جۇۋىنە، زىرە 10 گىرامدىن، بېلىق يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بېلىق يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ زىمات تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: ئۈچ كۈندە بىر قېتىم كىندىك ئۈستىگە چېپىپ تېڭىلىدۇ.

3-رېتسېپ[تەھرىرلەش]

تەركىبى: ئانار گۈلى، ئاقاقىيا، قارىغاي يوپۇرمىقى، جويۇز، كۇندۇر، ئەنزىرۇت، مەستىكى رۇمى، مۇرمەككى، پىرسىياۋشان، زەمچ، رۇسۇت، ئارچا مېۋىسى، سەبرە سۇقۇترى 10 گىرامدىن، بېلىق يېغى 20 گىرام.

يەككە دورا بىلەن داۋالاش[تەھرىرلەش]

1-رېتسېپ

10 گىرام جۇۋىنەنى ئۇپىدەك يۇمشاق سوقۇپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن خېمىر قىلىپ، كىندىك ئۈستىگە تېڭىپ بېرىلسە، بالىلاردىكى يەل كىندىك ۋە كىندىك چىقۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

2-رېتسېپ

مۇرمەككى، كۇندۇر، ھەببۇلئاس، سەبرى ۋە ئاقاقىيا قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن ئۈچ گىرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سۇقۇپ، ئۈچ دانە تۇخۇم سېرىقىدا يۇغۇرۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، كىندىك ئۈستىگە سىرتتىن چېپىپ بېرىلسە، ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ، قورۇيدۇ، يەل كىندىك ۋە كىندىك چىقۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3-رېتسېپ

يەل كىندىكشومشىدىن 30 گىرام، ئارپىبەدىياندىن 15 گىرام ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامنى تۇزلۇق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، يەل ھەيدەپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.

4-رېتسېپ

يەر مەرىزىننىڭ قۇرتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سىركە، بېلىق يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم سىرتتىن چېپىپ بېرىلسە، كىچىك بالىلارنىڭ كىندىك چىقۇقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5-رېتسېپ

رۇم بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى ۋە زەنجىۋىلدىن 10 گىرامدىن، قارا پارپىدىن 30 گىرام، خەشخاشتىن تۆت گىرام ئېلىپ، سوقۇپ چاي ئورنىدا ئىچىشكە بېرىلسە، يەل ھەيدەيدۇ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئاسان سىڭىدىغان، قۇۋۋەتلىك تاماقلار بېرىلىدۇ. يەللىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.